رۇبائىيلار
ياغاچتىن بولسىمۇ پالتېنىڭ سېپى ،
شۇ نازۇك دەرەخنى چانايدۇ بېسى .
بەزىلەر ئاشۇنداق ئۇسۇلغا چۈشەر ،
ئويلىماي چېلىنغان كىملەرنىڭ دىپى .
ناخشىچى ئاتالسا قاغا ناۋادا ،
ئۆزىچە باش بولۇر مەشرەپ-ساماغا .
گۈللەرمۇ خازاندۇر قاغا چوقۇلاپ ،
قالماسمۇ نەغمېچى بۇلبۇل بالاغا .
بولسىمۇ قولۇڭدا شاھانە مۆھۈر ،
ئىنسانچە ياشىماق تۇرمىقىڭ زۆرۈر .
ئاقساق ئات چاپتۇرۇپ ئەلنىڭ بېشىدا ،
يىقېلماي خاتىجەم ئۆتەرمۇ ئۆمۈر .
چېقارساق بۆرىنى شاھلىق تەختېگە ،
ئولتۇرار بىچارە قوينىڭ بەختېگە .
ساقىت بوپ قالارمۇ بۇلار گۇناھتىن ،
بەرسىمۇ ھەركۈنى قەسىر ۋەخپېگە .
ھايات ئۇ مىسالى ئۇزاق يول تامان ،
يۈرەركى ئۈزۈلمەس بىھېساپ كارۋان .
كارۋانغا ئەگېشىپ زەر-دۇردۇن ئېلىپ ،
رەستىگە يەتكۈزسەم قالۇر نە ئارمان .
بولسا دەيمەن مىسرالىرىم تۇزى تۇراق ،
بەرسە دەيمەن خەلقىمگە ئۇز مەزمۇن پۇراق .
مەشئەللەر ياقالمىسام خەلقىم كۆڭلىگە ،
يانسا دەيمەن ھاياتىمدىن جىنچىراق .
پۇل،ئەمەل،مەنسەپكە ھەرگىز بولما پىراق ،
ئەل قارغېشى ياغقان نىجىستىن بولغىل يىراق .
تۇرۇپ ئويلا ئەلگە لەززەت تەملەر كىرەك ،
يەڭنى تۈرگىل ،دىلغا تۇز سال تۇزتۇراق .
ئاق رەڭنى پاك،سەبىي ،بەك گۈزەل دىسەك ،
سەسكېنىپ قاچېمىز قارىنى كۆرسەك .
ئۆز ئەسلى ۋەسلىدە قارىدۇر قارا ،
ئاق لىكىن ئاسانلا قارىدۇر بىلسەك .
ئاسمان ئىگىز ،تاغلار يىراق،سۇلار .ئىقىن...
يۈرەك زەرداپ ئىرەر ئەردەم چاقماق چېقىن .
ماجالىم يوق كىزەرىمگە چەكسىز جاھان ،
يۇرت پىراقى جان ئالماققا كەلگەن يېقىن .
چاشقاننى بەك يامان ئوغرى دەپ بېلىپ ،
شاھ قېلدۇق مۈشۈكنى كۆرپىدە بېقىپ .
نانلارنى كىم ئېلىپ قاچقانلىقىنى ،
بىلدۇق بىز چۆجىدىن ئايرىلىپ قىلىپ .
قان كېچىپ جەڭ قىلىش زامانى كەتتى ،
ۋەلىكىن دەرت-ئەلەم يۈرەككە يەتتى .
بۇلبۇلغا نە ئىشىق نەغمە قىلىشقا ،
ئۆزگىلەر تىلىنى باش خاقان ئەتتى .
يۇلتۇز ئوماق،ئاي ھەم چىراق، ۋە لىكىن خانەم غىرىپ ،
دەيا كەبى كۆزياشلىرىم مەن مىسالى تەنھا قېيىق .
مۇساپىرمەن يۇرتۇم يىراق جاندىن ئۆتتى ئوتى پىراق ،
يۈرەكلىرىم شوخلا كەبى ئىزىلدىغۇ مىلىق-مىلىق.
بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى يېقىملىق قەۋەت ،
چۈنكى ئۆز تىلدا سايرايدۇ ئەبەت .
قەدىرسىز،قىممەتسىز لىكىن تۇتى قۇش ،
ئۆتكەچكە دوراپلا ئۆزگىنى پەقەت .
بۇلبۇل ئۇ قەپەستە تۇرسا سولاقلىق ،
قالمىدى زەررىچە گۈلگە ئاشىقلىق .
تۈن بويى شۈمشىيىپ ياتقىنى ياتقان ،
ئۆلۈمدىن مىڭ يامان بۇنداق ھاياتلىق .
ئىگىلدىم يارىمغا قىزىل گۈل بولۇپ ،
رەت قىلدى ۋەلىكىن قارىماي تۇرۇپ .
ئاشىقلىق دەۋرىدە قالغاچ كەينىدە ،
ئاقمىدى بەرسەممۇ يۈرەكنى يۇلۇپ.
بىر ئەلنىڭ مىراسى قالسا كۆمۈلۈپ ،
ياساركەن ئالىملار شەكىلداش قېلىپ ،
قۇشلارنى سايرىتىپ ئالارمۇ ئۈنگە ،
قالسا گەر بىر مىللەت تىلى ئۆزگىرىپ ؟
تاش كىسەك باغرىدىن كۆكلەيدۇ ياپراق ،
چۈنكى ئول ئاستېغا قامالغان تۇپراق .
تۇپراققا قوشۇلۇپ قالسا ئەخلەت گەر ،
جىمىكى دەرەخزار تۈگەيدۇ بىراق .
خىلمۇخىل بويالسا تۇخۇمنىڭ رەڭگى ،
چېقالماس ۋەلىكىن چۆجىنىڭ ئەكسى .
كىيىمدە،گىرىمدە ياسالسا سىياق ،
ھەق-ناھەق ئالدىدا كۆرىنەر ئەپتى .
قايىلمەن بال ھەرە مېھنەت بېلدۈرۈپ ،
خەلقىمگە ھەسەلدىن نېممەت كەلتۈرۈپ .
قول تىقسا پەس نىيەت ئاچكۆزلەر لىكىن ،
قويغان ھەم ھەتتاكى چېقىپ ئۆلتۈرۈپ .
ئوۋ ئىتى مېھىر ھەم ۋاپانى بېلۇر ،
شۇڭا ئول ئىگىسى گۆش تائام بېرۇر .
ۋەلىكىن ۋاپاسىز بولغاچ لالما ئىت ،
ئەخلەتلەر ئارىلاپ ئىچىرقاپ ئۆلۈر .
ھاياتلىق بېرىلگەن قەرىز مىسالى ،
ئۆسۈمگە يىزىلغان كىشى ئىنسابى .
ئىنسابسىز،مىۋىسىز بولساڭ ئاخىرەت
ھەر سائەت مېنۇتنىڭ بولۇر ھېسابى .
ئۈزۈكنى بىلمەكچۈن كۆزىگە قارا ،
شۇ نەپىس گۈللىرى يۈزىگە قارا .
ۋەلىكىن ئىنسان ئۇ ئوخشىماس دۇنيا ،
ئەڭ ئاۋال ئانا تىل سۆزىگە قارا .
قاشتېشى يۈزىدە داغ بولسا ئەگەر ،
قېممىتى ھەسسىلەپ تۆۋەنلەپ كېتەر .
ئانا تىل ئۈستىگە چۈشسە ئەگەر داغ ،
ئول مىللەت بېشىغا كېلۇر چوڭ خەتەر .
ئادەمسەن ئادەمدەك ياشاپ باق بىر رەت ،
ھاياتىڭ ئۆتمىسۇن مەنىسىز خېلۋەت .
ئۆزۈڭنىڭ ئادىمىي يولىنى تاپقىن ،
مەنىسىز ھاياتتىن ئالغىن ھەم ئىبرەت .
ئىغىزنى ئاچىسەن ئالتۇن كۈمۈشتىن ،
تەلىپىڭ باشلىنار ئۈزۈك مۇنچاقتىن .
قانداقمۇ مۇھەببەت شەرتى بولسۇن بۇ ،
پەرقىڭ يوق ئىكەنسەن ياغاچ قونچاقتىن.
ۋىجدانسىز پەسلەردىن كۈتمىگىن ۋاپا ،
ئۇ ھامان ۋاپاغا قىلىدۇ جاپا .
ۋىجدانسىز نامەردلەر ئىتتىن پەرىقسىز ،
كۆيۈنسەڭ ئاقىۋەت چېشلەيسەن ياقا .
كەلسىمۇ بېشىڭغا دەھشەتلىك قۇيۇن ،
بەرداش بەر سەن ئۇنى كۆرۈپ بىر ئويۇن .
سالماق بول ھەرگىزمۇ ساتما ۋىجداننى ،
ئەل-يۇرتنى ئەبەدىل قىسقۇزما بويۇن .
سۆيگۈ بەرگەن ئانا تىلىم ،غەمگۇزارىم ،
چىن يۈرەكتە گۈلخان بولۇپ يانغان تىلىم .
كېشەنلىسە يات قەۋملەر ئەگەر سىنى ،
يۈرەك توختاپ تومۇرۇمدا ئاقماس قېنىم .
__ ئىت نىچۈن قىزىقماس ئىنسان تىلىغا ؟
__ پەس ياشاش سېڭگەنكەن ئۇنىڭ دىلىغا .
بەزىلەر گاھىدا ئىتتەك ياشاركەن ،
سېڭگەنمۇ ئىت خۇيى ئۇنىڭ قېنىغا ؟
مەنبە:تۇزتۇراق
يازغۇچىلار تورىدىن ئىلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tuzturahk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-17 11:42 PM