ئەگەر ئۆيلىنىشنى خالىساڭ ئۈزۇڭ،
تاللىۋال خىلىنى،ئىتتىك قىل كۈزۈڭ.
تېگى ياخشى بولسۇن تۇخۇم ھەم ئۇرۇغ،
ئۇياتچان تەقۋا ئۇزى بەك ئېرىغ.
تىرىش،ئوي قىزىنى ئال،قول تەگمىگەن،
سىنىڭدىن بۈلەك ئەر يۈزىن كۆرمىگەن.
سىنىلا سۈيۈپ، باشقىنى بىلمىگەي،
يارامسىز،قىلىقسىز ئىشلار قىلمىغاي.
خۇتۇن ئالساڭ ئالغىن ئۈزۈڭدىن تۈۋەن،
ئېسىلما ئىگىزگە ئەسىر بۇلۇرسەن.
خۇتۇن ئالساڭ ئالغىن،تۈۋەن،توغرىنى،
سۈيۈنچ بىرلە ئوتكەي ھاياتىڭ كۈنى.
چىرايلىقنى دىمە، خۇيى ئۇزنى دە،
كى خۇلقى ياخشى بولسا،يۇرۇتقاي سىنى.
خۇتۇن ئالما،ئالساڭ ئوز تېڭىڭنى ئال،
ئى،ئەرلەر ئەرى سەن تەقۋادارنى ئال.
گۈزەل خۇينى ئىستە،ئاختۇرما جامال،
خۇيى ياخشى بولسا تاپار ئۇ كامال.
گۈزەللىك قىدىرغان ئايا سەن ئىنسان،
ئۇنى قوي،يۈزۈڭنى قىلما زەپىران.
دىسە كىم ئويلىنەي،ئەي ئەرلەر بېشى،
ئالار شۇ تۆت خىلدىن بىر كىشى؛
بىرى،باي خۇتۇننى ئالماقنى ئىستەر،
ئۇ بىرسى،چىرايلىق ئۈچۈن كۆز تىكەر.
يەنە بىرسى، ئىسىل نەسەپلىك تىلەر،
ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۇرار.
بىرى ،ئىستەر نەپىس،تەقۋادارىنى،
ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى.
بۇلارنىڭ ئوبدىننى مەن ئېيتاي ساڭا،
ئالۇر بولساڭ خۇتۇن،قۇلاق سال ماڭا؛
ئايا باي خۇتۇنغا ئىنتىلگۈچى جان،
ئەسىر بولما ئاڭا،ئى ئالىم ئىنسان.
ئۇ مالغا سۈيەنىپ، تىلىن ئۇزاتۇر،
ئۇنىڭ رايى سىنى ھەر كويغا سالۇر.
گۈزەلنى تىلەگەن،ئى ئەر ياخشىسى،
ئۇنى ئالساڭ ياغار ئەلنىڭ كۈلكىسى.
چىرايلىق ئايالنى پۈتۈن خەلق سۈيەر،
ئۇنى تەڭرى پەزلى ساقلىسا مەگەر.
ئەي ئەسلى بۈيۈككە ئىنتىلگۈچى سەن،
ئومرۈڭنى خار ئەتمە بۇنىڭلىق بىلەن.
ئۇرۇق –نەسلى بۇيۇكنىڭ سوزى ھەم تىلى-
ئۇزۇندۇر،بولما سەن خۇتۇننىڭ قۇلى.
ئەي تەقۋادار خۇتۇننى ئىستەر بەگزادە،
تېپىلسا ئۇ،بولغاي توت شەرىت ئىپادە.
تېپىلسا تەقۋادار ياخشى بىر چىشى،
غەنىمەت بىلىپ ئال،ئەي ياخشى كىشى.
تىلەك بايلىق ئولسا،بىرەر مال يىغىپ،
بېيىتقاي سىنى ئۇ قىزىل يۈز قىلىپ.
دۇرۇس خۇيلۇق ئولسا،گۈزەللىك كىلۇر،
خۇتۇننىڭ كۆركى ئەخلاق،بىلىملىك بۇلۇر.
ئىرىغ تەقۋا بولسا،ئۇ ئىسىل بۇلۇر،
قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇندا تېپىلۇر.
ھېكىم سەن،بىر تەقۋا خۇتۇن ئىستىگىل،
ئۇ بولسا،بۇلۇر جەم بۇ توت شەرتمۇ،بىل.
تېپىلسا ئەگەرچە بۇ ياڭلىغ چىشى،
تىرىش قىلما زايە،ئى باتۇر كىشى.
‹قۇتادغۇ بىلگ› 4503~4475
ئاستى سىزىلغان سوزلەرنىڭ مەنىسىنى ئۇقالماي قالدىم .بىلدىغانلا دەپ بەگەن بولساڭلا