مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2962|ئىنكاس: 48

كۈلگەنلەر كۈلىۋەرمەيدۇ (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78185
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 08:29:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

mawzu222.jpg



كۈلگەنلەر كۈلىۋەرمەيدۇ.....
پەخىردىن تۇرسۇن ئوتياشى


ساڭا بەرگەن كۆڭۈلنى قايتۇرۇپ ئالماق ئەمەس مۇمكىن،

تىخى جىنىم تەسەددۇق،كۆيگىنىمنى ئەيلىدىم زىنھار.

____نىمشېھىت

يولدا كەلگۈچە توڭلاپ كەتكەچكىمىكىن،ئىشخانىغا كىرىپلا قىززىق قايناقسۇ ئىچكۈم كەپ قالدى.قىززىق قايناقسۇ پۈتۈن بەدىنىمنى ھارارەتلەندۈرۈپ،سوغۇقتىن تىترىگەن ئىڭەكلىرىمگە داۋا بولدى.مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچى ئاجايىپ بولىدىكەن،مۇھەببەت،كۆڭۈل ئارقىلىق يىلتىز تارتىپ،ۋىجدان،ئىشەنىچ ئارقىلىق ياشناپ،غايە ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدىكەن،ئاشۇ تەرەققىي قىلغان مۇكەممەل مۇھەببەتتىمۇ ئانچە مۇنچە كۆڭۈلسىزلىكلەر بار-ئەلۋەتتە.مۇھەببەت ئاجايىپ بولىدىكەن،ئۇ بىر- بىرىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىككى ياشنى كەلگۈسىدىكى مېھرىبان ئاتا-ئانىلاردىن قىلىپ قويىدىكەن،بەزىدە ئاشىق سەۋدانى بىر كۆڭۈلگە سىلىپ،يەنە بىر ئۆزىنى قىلچىمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان يەنە بىر كۆڭۈلگە بەنت قىلىۋىتىدىكەن،بۇ كۆڭۈل بەزىدە يەنە بىر كۆڭۈلگە ئاشىق بولغان ئوتلۇق يۈرەكنى ئاچچىق ئازابلارغا سەپ قويىدىكەن،يەنە بەزىدە بىر-بىرىنى سۆيۈشكەن ئىككى كۆڭۈلنى مۇشۇ مۇھەببەت مۇراد مەقسەدلىرىگە يەتكۈزمەستىن،رەھىمسىز تەقدىرگە ئويۇن قويۇپ بېرىدىكەن،ھەربىر بەندىنىڭ كەلگۈسىنى بىلگۈچى پەقەتلا اللە ئىگەمدۇر،تەقدىرگە ئامال يوق.
تاق  تاق  تاق..........
-كىرىڭ.
-پەخىردىن،ئۆمەرجان دىگەن دوستىڭىز سىزنى تالادا ساقلاۋاتىدۇ،سىزگە تېلىفون قىلسا ئېلىنماپتۇمىش.-دىدى خىزمەتدىشىم.
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!ئىت پوق يىمەستە كەۋاپسەنغۇ؟ئەتىگەندە سېغىنىپ قاپسەندە ھە،يۈر،ئىشخانىغا كىر،تالادا تۇرغىنىڭ نىمىسى؟
ئۆمەرجان مەن بىلەن 5ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئەڭ يىقىن دوستۇم،بۇ كىلشكەن يىگىت ماڭا ئوخشاش تولۇقسىز نى پۈتتۈرۈپلا تېخنىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ،ھازىر بىر سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
-ھە،ئولتىرە ئۆمەرجان ئاداش،بۈگۈن دەم ئاپسەندە؟ ئالە قايناقسۇ ئىچ.
-بولدى ئاداش،ئۇسسۇمۇدۇم.-دىدى ئۆمەرجان.ئىككىمىز ئادەتتە بىر يەرگە كەلسەك توختىماي سۆزلەيىتتۇق،توختىماي كۈلەتتۇق، ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قانمايىتتۇق.ئۇ بۈگۈن ئىنتايىن غەمكىن كۆرىنەتتى،ئۇنى يەنە ئاشۇ قىز خاپا قىلىپ قويغانمىدۇ؟ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىۋاتقىلى بىر يىل بولدى،ئۇ ئانارگۈلگە كۆيۈك.بىر يىلدىن بېرى ئۇ قىزغا قىلمىغىنى قالمىدى،لىكىن ئۆمەرجان ئانارگۈلنىڭ كۆڭۈل ئىكرانىدىن ئورۇن ئالالمىدى.ئانارگۈلنىڭ قايتا-قايتا سىلكىشىگە،ھاقارەتلىشىگە ئۇچرىدى،ئۆمەرجاندىكى گۇناھ-ئانارگۈلگە كۆيۈپ قالدى،ئانارگۈلنى ياخشى كۆرىدۇ.ياخشى كۆرگەن راستىنلا گۇناھ ئوخشايدۇ.....
ئانارگۈل بىلەن بىز ساۋاقداش،بۇ قىز بىلەن مەن پارتىداش ئىدىم،ئانارگۈلنىڭ قىپقىزىل مەڭزى،زىلۋا بەدىنى،قاپقارا چىچى ۋە قاشلىرى،يوغان كۆزى ئۇنى تىخمۇ چىرايلىق كۆرسىتەتتى.ئانارگۈل سىنمىپىزنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى،سىنىپمىزنىڭ گۈلى ئىدى،ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالغانلار كۆپ،ئۆمەرجانمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.لىكىن بۇ قىز ئۇنداق كۆرەڭلەپ كەتسە بولمايدۇ-دە.
-ئاداش مەن ئانارگۈل بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم،دىدى-ئۆمەرجان.
مەن بۇ دوستۇمنىڭ سەپرا مىجەزىگە ھېچنىمە توغرا كەلمىگەيدىغانلىقىنى بىلەتتم،ھەقىچان شۇ ئۆزىنى تۇتالماي ئۇ نازىنىننى تىللاپ قويغاندۇ؟- ھە نىمە بولۇپ؟
-ئاخشام تېلىفون قىلغان دىگىنە ئاداش،ئەمدى ماڭا تېلىفون قىلماڭ،مەن سىزگە ئۆچ ،گومۇش دارازا دىگەنتى،ئاچچىغىم كىلىپ شۇ........
-ئاداش،سەنمۇ ئاچچىغىڭغا ھاي بەر.ئەينى ۋاقىتتا ئۆسمە دىسەم مەن ئۆسىدىغان ئادەم دەپ ئىشىككە تاقاشقۇدەك ئۆسىۋالدىڭ. ئانچە- مۇنچەچاخ-چاخ قىلىپ ئۇنىڭ روھىنى كۆتۈرمەكچى بولدۇم.
-بولدى،چاخ چاخ قىلمىغىنە پەخىردىن.قاچان ئىشتىن چۈشىسەن؟ۋاقتىڭ بولسا بىرەر يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كىلەيلىمىكىن دىگەن.
-ھە كەچتە ۋاقتىم بار، بولدى ئاداش،ئانارگۈل بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىمتىھانىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى كۆزلەپ شۇنداق دىگەندۇ؟دىدىم مەن.
ئۆمەرجانغا راستىنلا ئىچىم ئاغرىيتى،بەزىدە ئۇ قىزنى ئويلىما دەپمۇ قوياتتىم،ئەمما بۇ گىپىم ئۇنىڭ قۇلىقىغا ياقمايىتتى،چۈنكى ئۆمەرجان ئانارگۈلنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدۇ.
ئىشتىن چۈشتۈم،ئۆمەرجان بىلەن چۈشتىن كىيىن تورىتخانىدا بىللە ئولتۇردۇق.ئاپئاق قار لەپىلدەپ يىغىپ،كەچ بولىشىنى كۈتىۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلارغا ئۈمىد بېغىشلايىتتى.ئاشىق-مەشۇقلار كەچتە بىللە مىڭىپ قارسەيلىسى قىلسا ،ئۆمەرجان ئىككىمىز ئانارگۈلنىڭ گىپىنى قىلاتتۇق.تۇيۇقسىز ئۆمەرجاننىڭ قولىدىكى قەغەزگە كۆزۈم چۈشتى،بۇ قەغەزدە بىر پارچە شېئىېر يىزىلغانىكەن.بۇ شېئېرنى ئۆزى يازغان ئوخشايدۇ.

سىنى سېغىنسام ئانارگۈل،

قارايمەن سۈرەتكە ھەرۋاقىت ھەر چاغ.

سەن ماڭا ئىشەنگىن جىنىم پىدادۇر،

ساڭا سۆيگۈم ئەبەدىي يىراق.

-ئانارگۈل ھازىر نىمىش قىلىۋاتقاندۇ؟يەنە شۇ ئانارگۈلنىڭ گىپى، ئانارگۈل ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەرمۇ؟ئانارگۈل مىنىڭ مىجەزىمنى ياقتۇرامۇ؟ئانارگۈل مىنى كەچۈرەمۇ؟

ئۇنىڭ مۇشۇنداق تۈگىمەس سوئاللىرىدىن كەچ بولۇپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتىمىز،مەن بۇ ئاشىق سەۋداسىنىڭ ئاشۇ تۈگىمەس سوئاللىرىغا جاۋاپ تېپىپ بېرەلمىدىم.ئاپئاق قار،ئايدىڭ كىچە،كوچا چىراغلىرىنىڭ يورۇقى ئاستىدا كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك پارقىرايىتتى.قول تۇتۇشۇپ ماڭغان بىر جۈپلەر بىزگە پات پات قاراپ قوياتتى.ئۆمەرجاننىڭ كۆڭلى يېرىم،ھازىر ئۇ ئاشۇ بىر جۈپلەردەك بىللە ماڭالمىسىمۇ ،بىر يېرىم دىدار تېلىفون قىلىۋالسا،ئانارگۈلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىۋالسا قۇش بالىلىرىدەك ۋىچىرلاپ كەتكەن بولاتتى.ئەپسۇس،ئانارگۈل ئۆمەرجاننىڭ تېلىفونىنى ئالمىدى.

قەھرىتان قىش ئۆمەرجاننىڭ ئانارگۈلگە يالۋۇرۇشى،كەچۈرۈم سورىشى بىلەن ئۆتۈپ كەتتى،ئىللىق باھار شەھىرىمىزگە بىر خىل ھۆسىن قوشاتتى،دەرەخلەر بىخ چىقارغان،ئېتىزلاردا ئاق كۆڭۈل دېھقانلارنىڭ ئەمگەك ناخشىسى ياڭرايىتتى.ئانارگۈل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.بۇ قىزنىڭ خىيالىدا ئۆمەرجان بارمۇ يوق؟ بۇ بىزگە نامەلۇم.

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

كۈنلەر سېغىنىش ،كۈتۈش،دەرد تۆكۈش بىلەن ئۆتمەكتە.مانا بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىمۇ 2 كۈن قاپتۇ.ئانارگۈل ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىغا ئۆتەلەرمۇ؟ئۆمەرجاننىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئانارگۈل ئۆزىگە ئيىقىن شەھەرلەردىكى  مەكتەپلەدە ئوقۇسا،ئانارگۈل بىلەن كۆرۈشسە،ھېيىت-بايراملاردا كەپ تۇرسا....

ھۆرمەتلىك كىتابخانلىرىم،ئانارگۈل قايسى يىراق يۇرىتتا بىلىم ئالا؟ئۆمەرجان يانمايدۇ،ئۇنىڭ دىگىنى دىگەن،ئانارگۈل مەيلى قەيەردە بولمىسۇن،ئۇنى يوقلاپ تۇرىدۇ،چۈنكى ئۇ ئانارگۈلگە ئاسىق.

باش كۈز،دېھقانلارنىڭ يىغىم ۋاقتىدا سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلاتتى.قىپقىزىل پەمىدۇر،ئاپئاق پاختىلار،ئالتۇن باشاقلار..........

ئانارگۈل بۈگۈن ئىنتايىن خۇشال،چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا خوتەن مىللىي تىبابەت مەكتىپىنىڭ چاقىرىق قەغىزى بار.ئانارگۈلنىڭ دوسىتلىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ قىزغا ئاق يول تىلىدى.

ئىش ئۆمەرجاننىڭ كۈتكىنىدەك چىقمىدى،ئۆمەرجان نىمانچە شور پىشانىدۇ؟ئۇنىڭ كۆڭلى ئانارگۈلدىن ئازراق سۇ ئىچىپ باقتىمۇ؟قايسى ئىش ئۆمەرجاننىڭ كۈتكىنىدەك چىقتى؟

ئۆمەرجان ئانارگۈلنى ئۇزاتقىلى بىكەتكە كەلدى،ياشقا تولغان كۆزلەر ئانارگۈلدىن مىنى تاشلاپ كىتەرسەنمۇ دەپ سوراۋاتقاندەك قارايىتتى. ئاپتۇبۇس قوزغالدى،ئانارگۈل، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى قاشتىشى يۇرتى خوتەنگە 4 يىللىق ئوقۇشقا ماڭدى.ئانارگۈلنىڭ ئوقۇش ھاياتى باشلاندى،ئۆمەرجاننىڭ كۈتۈش ھاياتى داۋاملاشماقتا.

دۇنيادا "كۈتۈش"تىنمۇ ئېغىر مىنۇتلار بولمىسا كېرەك،بولۇپمۇ تەشنا يۈرەك ئۆز سۆيگەن ئادىمىدىن ئايرىلغاندا مىنۇتلار كۈنلەرگە،كۈنلەر يىللارغا ئۆزگىرىدۇ،قۇياشقا قارايسەن،گويا بىر ئورۇندا قىتىپ قالغاندەك،دەل-دەرەخلەر جىمجىت سۈكۈت ئىچىدە.ئاھ-بۇ كۈنلەر نىمانچە ئۇزاق دەپ نالە قىلىسەن،كۆڭلۈڭ سۇ ئىچكۈدەك بىرەر جاۋاپ يوق،ئۆزۈڭنى ھەرخىل ئىشلارغا جوۋاپ باقىسەن،يەنىلا ئىچىڭ تىت-تىت......كىچىلىرى چاپسانراق ئۇخلاپ قالاي دەپ كۆزۈڭنى يۇمىسەن،ئۇيقۇ ساڭا يىراق......ئەتىنىڭ كەلمىكى بەسىي مۈشكۈل........يوللارغا قاراپ كۆز گۆھىرىڭ ئېقىپ تۈگەيدۇ،گويا ۋاقىت ئارقىغا ماڭغاندەك.......

مانا بۈگۈن ئۆمەرجاننىڭ ئانارگۈلنى كۆرمىگىنىگە توپتوغرا 2 ئاي بوپتۇ،ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ئانارگۈلنىڭ تېلىفون نومۇرىنى تاپقان ئۆمەرجان بۈگۈن قەۋەتلا خۇشال،تېلىفون ئېلىندى.

-ۋەي.........................

-ئانارگۈل،مەن ئۆمەرجان،قانداق ئەھۋالىڭىز؟ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ئۇ يەرگە كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ؟........

ئۆمەرجان بىلەن ئانارگۈل ئۇزاق پاراڭلاشتى،ئانارگۈلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئۆمەرجاننىڭ كۆزىدىن ياشلار تامچىلىدى،ئوغۇل بالىنىڭ كۆزىدىن ئاسانلىقچە ياش چىقمايدۇ،بۇ بەلكىم بىر يىللىق كۆيگەن يۈرەكنىڭ ئازابنى ئۇنتۇپ كىچىككىنە خۇشاللىق ئۈچۈن چىقىۋاتقان سېغىنىشلىق ياش بولسا كېرەك........

ئۆمەرجان بىلەن ئانارگۈلنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسىرى قۇيۇقلاشماقتا،ئۆمەرجان ئانارگۈلنىڭ ياتىقىدىكى 7 گۈزەل قىزلارنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى،ئۆمەرجان ئانارگۈلگە توختىماي تېلىفون قىلاتتى،ئانارگۈل ئۆمەرجان بىلەن يۈرۈپ قالارمۇ؟خۇداغا شۈكرى،شور پىشانە يىگىت كۈلىدىغان بولدى،كۈلگەندىمۇ ئىچ ئىچىدىن كۈلىدىغان بولدى.

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ئانارگۈلنىڭ بۇ يىڭى مۇھىتقا كەلگىنىگە 3 ئاي بولدى،ئۇ باشتا كەلگەندە ھەقىقەتەن ئۆز يۇرتىنى سېغىنغانىدى،ھازىر شىخو ئۇنىڭغا يىراق،يىقىن بولغان بولسىمۇ شىخوغا بېرىپ بىر كۆرىۋالسا،ئۆينىڭ ئالدىدا شىلدىرلاپ ئاققان سۇلارنى،دوسىتلىرى بىلەن بارغان راۋاقلىق باغچىلار،دوسىتلىرى بىلەن بېرىپ رەسىمگە چۈشكەن تۆمۈر يوللارنى بىر كۆرىۋالسا........

بۇ ياتاقتىكى 7 قىز قان قېرىنداشلاردەك يىقىن ئۆتمەكتە،ئۇلار تاماقنى بىللە يەيىتتى،بىللە دەرسكە چىقاتتى،بىللە كۈلەتتى ،

بىر-بىرلىرىگە دەردلىرىنى تۆكىشەتتى،بىر بىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىشاتتى.......

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە،ئانارگۈل يۇرتىنى سېغىنىش بىلەن كۈن سانىماقتا،قەھرىتان سوغۇق ئۆز كۈچىنى كۆرسەتمەكتە.ئانارگۈل،سەبىخە،ئابىدە،سانىيە بۈگۈن سىرىتتا تاماق يىدى،بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقىمىكىن،كوچىدا ئادەم جىق ئىدى.بۇ 4 قىز تاماق يەپ بولۇپ بازار ئايلاندى،ئۆيلىرىگە قايتىدىغان بىلەت ئالدى،ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سىتىۋالدى،كوچىدىكى يىگىتلەر بۇ تۆت قىزغا قاراپ بىر-بىرىگە پىچىرلىشىپ :

-ۋايۋاي،ۋايۋاي،ئەركەك چىۋىن بوپ يۈزىگە قونۇپ باقسا كىشى!

-سۈت بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ، ھەسەل بىلەن ئېغىز چايقايدىغۇ دەيمەن!

-قانداق تەلەيلىكلەر قىسار بۇ گۈللەرنى!

بۇ 4 قىز بىلەتنى ئەپ بولۇپ خۇشال ھالدا ياتاققا قايىتتى،ھازىر ھەممەيلەندە ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان بىر خۇشاللىق بار،ئۇلار ئۆگۈنلۈككە ئۆز يۇرىتلىرىغا قايتىشىدۇ،بادام يۇرتى يەكەنگە،ئالما يۇرتى گۈزەل غۇلجىغا،مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگە،مارالبىشى،ئاتۇش،شىخولارغا قايتىدۇ،ئۆز يۇرتىنىڭ بىر سىقىم تۇپرىقىنى كۆزىگە سۈرىتكىدەك بۇ 7 پەرىزات ئۆز يۇرىتلىرىغا بېرىپ ئاتا-ئانىسىنى،قېرىنداشلىرى،ئىناق دوسىتلىرى ۋە ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىرى بىلەن كۆرىشىدۇ،ئۇلارنىڭ سېغىنىش ئىچىدە كۈتىۋاتقان ھەمراھلىرى قانچىلىك تاقەتسىزلىنىۋاتقاندۇ-ھە؟ئۆمەرجان كۈتىۋاتقىلى 4 ئاي بولغان ئانارگۈل 2 كۈندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ.

ئۆمەرجان بۈگۈن ئۈرۈمچىگە يولغا چىقتى،ئۇ ئانارگۈلنى كۆرىدۇ،بۇ 2 كۈن تېزراق ئۆتسە بولاتتى،ئانارگۈلنى كۆرۈش ئىستىكى ئۆمەرجاندا بارغانسىرى كۈچەيمەكتە.بۇرۇنقى گۈزەل،ئويۇن-تاماشا بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن ئۈرۈمچى بۈگۈن ئۇنىڭغا مەنىسىز،سوغۇق تۇيۇلدى،چۈنكى ئۆمەرجاننىڭ يىنىدا ئانارگۈل يوق.ئۆمەرجان ياتاقتا يالغۇز،ئانارگۈلگە پات-پات تېلىفون قىلىپ تۇراتتى.تەتۈر ساناق سانايىتتى.10سائەت،5 سائەت،3 سائەت،2 سائەت،1 سائەت..............

يانۋار ئايلىرىنىڭ قاتتىق سوغۇق بولىدىغان كۈنلىرىدە ئىللىق قۇياش ئۆزنۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چاچماقتا،خۇددى ئانارگۈلنىڭ كىلىشىنى قۇياشمۇ بىلىدىغاندەك............

ئاپتۇبۇس بىكىتىدە تۇرغان ئۆمەرجاننىڭ چىرايىدىن كۈلكە ئۈزۈلمەيىتتى،ئانارگۈلنى كۆرۈشكە ئالدىرايىتتى،خۇددى ئىفتارغا ئالدىرىغان روزىداردەك..........

ئانارگۈل ئاپتۇبۇستىن چۈشتى،ئۆمەرجان ئانارگۈلگە كۈلۈمسىرگىنىچە سالام بەردى،مانا بۇ مەنزىرە كىتابلاردىكى رومانتىك مۇھەببەت چوچەكلىرىدن قىلشمايىتتى.سەبىخە ئىسىملىك ئۈرۈمچىلىك قىز،ئانارگۈل،ئۆمەرجان ئۈچەيلەن دۆڭكۆۋرۈك تەرەپتىكى بىر ئاشخانىدا غىزالاندى،بۈگۈنكى تاماق ئۆمەرجانغا بەكلا تېتىغان ئىدى،بۇ ئۈچ ياش ئۇزاق مۇڭداشتى.سەبىخى ئۆمەرجان ۋە ئانارگۈلگە بەخت تىلەپ خوشلاشتى.ئانارگۈل بىلەن ئۆمەرجان تۇنجى قىتىم يالغۇز قالدى،شۇ تاپتا ئۆمەرجاننىڭ شۇ تاپتا ئانارگۈلنى قۇچاقلاپ سۆيىۋالغۇسى كەلدى،ئەمما شەرمىي ھايا ئۇنىڭ بۇ خىيالىدىن غالىب كەلدى.ئۆمەرجاننىڭ 4ئاي سېغىنىشى،كۈتۈش ئىچىدە زەخمىلەنگەن يۈرىكى ئازراق ئارام تاپقاندەكمۇ بولدى.ئۆمەرجان ئانارگۈلگە تويماي تويماي قارايىتتى.ئانارگۈل خوتەنگە بېرىپ تىخمۇ چىرايلىق بوپ كىتىپسىز،كۆز تەگمىسۇن-دىدى،ئۆمەرجان.

-نەدىكىنى،سەمىرىپ كەتتىم.

-ھە بوپتۇغۇ،سەمەتىپ بوداپ ساتقۇدەكلا بوپ قاپسىز، ھا ھا ھا ......

-بوداپ ساتىدىغان قوي بولمىسام يە مەن.......

ئۇلار ئاشخانىدىن بىللە چىقتى،ئۈرۈمچىنىڭ كەڭ كوچىلىرىدا بىللە مىڭىشتى،بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قىتىم بىللە مىڭىشى ئىدى.

-ئانارگۈل!!!

-رەھىمە ھەدە.

-قانداق ئەھۋالىڭىز قىزىم،سىزنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالغىنىمنى،بۈگۈن كەلگەنما؟

-ھەئە ھەدە،ئاباي چۈشكەن تىخى.ئۆي ئىچى تىشلىقتۇ؟

-خۇداغا شۇكرى! يۈرۈڭ،ئۆيگە كىرەيلى.

-بولدى ھەدە،مەن بۈگۈن شىخوغا ماڭاي دىگەنتىم،تاماقنىمۇ ئاشخانىدا يەۋالدىم.

ئۆمەرجان ئۈرۈمچىنىڭمۇ بۇنچىلىك تار ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى،شىخودىغۇ خەق كۆرۈپ قالىدۇ دەپ چىقالمىسۇن،ئۈرۈمچىدىمۇ تۇتۇلۇپ قالدۇق........

-ئۈرۈمچىگە كىرىپ ئۆيگە كىرمەي كەتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ئەتە ئۆزۈم سىزنى يولغا سەپ قويىمەن.

ئانارگۈل ئامالسىزلىقتىن ماقۇل بولدى،ئۆمەرجان ئۆزىگە قاراپمۇ قويمىغان بۇ ئاچاشتىن قاتتىق نارازى ئىدى،چۈنكى بۇ ئاچاش ئانارگۈلنى ئەپ كەتتى،ئابايقى تەبەسسۇم غەزەپ-نەپرەتكە ئايلاندى.ئۇلار باشقا يول بىلەن ماڭسىچۇ؟  نىمە ئامال،شىىوغا قايتىش كېرەك،ئۆمەرجاننىڭمۇ ئاپىسى ئۇنى ساقلاۋاتىدۇ.

ئومەرجان شىخوغا ئىنتايىن چۈشكۈن ھالاتتە قايتىپ كەلدى،ئۇ 2 يىل ئالدىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىمۇ شىخوغا كەلسە خۇشال قايتىپ كىلەتتى،بۇ قىتىم ئۆمەرجانغا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى.ئۇ ئانارگۈلنى دەپ بارغان ئەمەسمىدى،ئانارگۈلنى ئەكىلىمەن دەپ بارغان ئەمەسمىدى،ئاخىرىدا ئۆزى يالغۇز قايتىپ كەلدى.بوپتۇ،ئانارگۈل 2 كۈندىن كىيىن شىخوغا قايتىپ كىلىدۇ.4ئاي ساقلىغان ئادەم 2 كۈن ساقلىيالايدۇ دە.ئۆمەرجاننىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئانارگۈل بىلەن يۈرۈش ،مەڭگۈلۈك جۈپتى ھالالى قىلىپ تاللاش.ئەمما ئانارگۈل ئۆمەرجاننىڭ بۇ تەلىپىگە قوشۇلالمايدۇ.سەۋەبى شۇكى،"كۆڭۈل"ئىسىملىك يوغان تۈگۈن ئانارگۈلنىڭ ئۆمەرجاببەڭ تەلىپىگە قوشۇلىشىغا قارشى.

ئانارگۈل ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتقىلى 2 كۈن بولدى،ئۇ ھەر ۋاقىت شىخوغا كىتىشكە ئالدىرايىتتى.ئانارگۈل مېھرىبان ئاتا-ئانىسىنى ،كۆيۈمچان قېرىنداشلىرىنى،يىقىن دوسلتىرىنى ھەقىقەتەن سېغىنغانىدى،بۇ سېغىننغان كىشىلەر ئىچىدە يەنىلا ئۆمەرجان يوق.

-ئانارگۈل،كىلىڭ،چاي ئىچىڭ،دىدى ئانارگۈلنىڭ كىچىك ئاپىسى.

ئانارگۈل ئەتىگەنلىك چىيىنى تۇغقانلىرى بىلەن ئىچتى.ئانارگۈل ئۇلارغا كىتىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچالمىدى،چۈنكى ئۇلار بۇ 2 كۈندىن بۇيان ئانارگۈلنى قىزغىن كۈتىۋالدى،مېھمان قىلدى،ئۇلارنىڭ ئانارگۈلنى بۇنچە ئاسان قويىۋىتىشى تەسكە توختايتى.ئۈرۈمچىلىكلەرمۇ بەك مېھماندوسىت ئىكەن،سەبىخە بۇنىڭ مىسالى،بۇ قىتىم ئۆمەرجان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئانارگۈلنى ئۆيىگە زورلىمىدى،كىتىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچماي بولمايتى،ئانارگۈلدە يۇرتىنى،ئۆيىنى كۆرۈش ئوتى لاۋۇلدىماقتا.

-رەھىمە ھەدە،مەن بۇگۈن ماڭايمىكىن،ئۆيدىكىلەرنى بەكلا سېغىندىم.

-ۋاي قىزىم،2 كۈن تۇرا تۇرماي كىتىشنىڭ گىپىنى قىلدىڭىزغۇ؟يەنە 2-3 كۈن تۇرۇڭ،باشقا تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشتۈرەيلى.

-بولدى ھەدە،ئاپاملار ئەنسىرەپ قالمىسۇن،ھىلىمۇ ئاۋارە بولدۇڭلار،كىيىنچە يەنە كىلەمەن.

-بوپتۇ،ئاپامنى سېغىندىم دەپ قالدىڭىز،بولسىغۇ يەنە 2 كۈن تۇرغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى.

-شۇ،كىلەر قىتىم كۆپرەك تۇرامەن.

-ھە راس،ئانارگۈل،ھىلىقى كۈنى سىز بىلەن بىللە تۇرغان يىگىت كىم؟

-ئۇ بىزنىڭ سىنىپتىكى غۇلجىلىق بالا،ساۋاقدىشىم.

-ھە،ئەمىسە سىز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ،مەن تاماق ئىتەي،چۈشتىن كىيىن مېڭىڭ.نىمە تاماق يىگۈڭىز بار؟

-سىلەر نىمە يىسەڭلار شۇنى يەي.


داۋامى بار........................


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-17 09:33 PM  


ئىسىل ياشا،ياشلىق ئەمەسمۇ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78185
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 08:38:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم تەۋرەتمىگىنىمگە خىلى كۈنلەر بولدى،بۇ ئەسەرنى يىقىندا يازدىم،تىخى يېزىپ بولالمىدىم،داۋامى كىيىنچە يوللىنىدۇ.

______  پەخىردىن تۇرسۇن ئوتياشى

ئىسىل ياشا،ياشلىق ئەمەسمۇ......

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6529
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 36830
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2780 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 10:10:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى باشلىنىپتۇ،داۋامىنى ئوقۇپ بىرنەرسە دەي....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 10:19:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىنى بەك ياخشى يېزىپسىز ، داۋامىنى چاققانراق يوللاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6321
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 11:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست گەپنى قىلسام داۋامى يوق ئەسەرلەرنى كۆرسەم بىشىم ئاغرىدىغان بولۇپ قالدى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86252
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 11:46:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنىڭ ئاخىرىغا بەكلا  قىزىقىۋاتىمەن .ئىككىسىنىڭ مۇھابىتى قانداق بۇلار...........ئاخىرنى تىز رەك يازسىڭىز بۇپتىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86786
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 02:05:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنىڭ ئاخىرىغا قىزىقىپ قالدىم
ساڭا بەرگەن كۆڭۈلنى قايتۇرۇپ ئالماق ئەمەس مۇمكىن،

تىخى جىنىم تەسەددۇق،كۆيگىنىمنى ئەيلىدىم زىنھار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 851
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13776
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7145 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 02:29:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە يۇرتۇمنىڭ ئىسمىنى بەكلا ئاز ئۇچرىتاتتىم، ئەجەپ بىر خىل تۇرىدىكەن دېسە ... رەھمەت داۋامىنى كۈتىمىز.

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6598
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3413 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 11:34:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمىز.

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78185
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 12:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەد يوللىغان ۋاقتى  2012-11-17 11:05 PM
راست گەپنى قىلسام داۋامى يوق ئەسەرلەرنى كۆرسەم بىشىم ئ ...

خەت باسماق بەك تەسكەن. ئۆيۈمدە كومپىيوتېر يوق. بۇ ھىكايىنىڭ ھەجىمى بەك چوڭ.تۆنۈگۈن تورخانىدا يازغان. كەچ بوپ كەتتى.ئاپام تېلىفون قىپ كىتىپ شۇڭا شۇ يەرگىچە باسالىدىم، بەلكىم بۇ ئەسەرنى ئۈچكە بۆلۈپ ئېلان قىلىشىم مۇمكىن

ئىسىل ياشا،ياشلىق ئەمەسمۇ......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش