شىرىكى باش ئاغرىقنى تۇنۇش ۋە داۋالاش
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ئالدىنقى يازمىدا باش ئاغرىقى توغرىسىدا توختۇلۇپ شىرىكى باش ئاغرىددا كىلىپ توختاپ قالغان. بۈگۈن شۇ شىرىكى باش ئاغرىق توغرىسىدا تىما يولللىماقچى، قىزىققۇچىلار تۈۋەندىكى يازمىنى كۈرۈڭلار.
باشقا ئەزالارنىڭ كىسەللىك سەۋەبىدىن بولغان باش ئاغرىقى
يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان، تال، جىگەر، ئۆت، بۆرەك، بالىياتقۇ، ئۈچەي كىسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولسا، بۇنىڭدا ئالاھىدە ئالامەتلەر بۇلىدۇ. مەسىلەن: يۈرەك كىسىلى سەۋەبىدىن بولسا باشنىڭ چۇقا تەرەپ ئاغرىيدۇ، ئاشقازان كىسىلىدىن بولسا ئالدى بىلەن ئاشقازان ساھەسىدە ئاغرىش بىلەن بىرگە باشنىڭ ئالدى پىشانە قىسمى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، تال كىسىلى سەۋەبىدىن بولسا باشنىڭ سول تەرەپ ئاغرىيدۇ، جىگەر سەۋەبىدىن بولسا، باشنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاغرىيدۇ، ئۆت سەۋەبىدىن بولسا، ئىككى چىكە ئاغرىيدۇ، ئۈچەي سەۋەبىدىن بولسا، باشنىڭ ئىككى قۇلاق ئەتراپىدا ئاغرىق بۇلىدۇ، بۆرەك سەۋەبىدىن بولسا ئارقا گەجگە تەرەپتە ئاغرىش بۇلىدۇ.
داۋالاش: ھەر قايسى ئەزالارنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا بۇلىدۇ، تۆۋەندىكى كىسەللەر بابىدىن كۈرۈلسۇن.
مىڭىدىكى قۇيۇق يەلدىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: سەپرانىڭ كۆپىيىشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى سەۋدا خىلىتىنىڭ بۇخاراتلىرى مىڭىگە ئۆرلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: ئىسسىقلىق غىزا ۋە شەربەت دورىلارنى يىگەندە بەكرەك ئاغرىيدۇ.
داۋالاش: سەپرا ھەم سەۋداخىلىتىنىڭ مۇنزىجىنى بىرىپ، مىڭىنى تازىلاش ئۈچۈن ئىسكەنجىبىن ئەفتىمۇنى بىرىش لازىم.
باش ئاغرىقى سەۋدا ھەم بەلغەمنىڭ يەللىرىنىڭ (بۇخارات) مىڭىگە ئۆرلىشىدىن بولسا.
ئالامىتى: سەۋدادىن بولسا ئېغىرلىق ھىس قىلمايدۇ، كۆز چانىقى ئاغرىش، قۇلاققا ھەر خىل غەيرى ئاۋازلارنىڭ پەيدا بۇلۇپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئەگەر بەلغەمنىڭ يەللىرى بولسا باشتا ئېغىرراق بۇلۇش بىلەن ئۆزىنىڭ قەيەردە تۇرغانلىقىنى بىلەلمەسلىكتەك ئالامەتلەر كۈرۈلىدۇ.
داۋالاش: بابۇنە يېغى، سېرىق چىچەك يېغىنى بۇرنىغا، قۇلاققا تېمىتىش لازىم، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، ئۈستىقۇددۇس شەربىتى، ھەببە ئىستەمخىقۇن، ھەببە بىنەپشىلەرنى كېسەللىك ئەھۋالغا قاراپ بىرىش كىرەك.
تامىقىغا: پاقلان، تۇخۇ گۆشلىرىگە نۇقۇت، سېرىق چىچەك، زىرە، دارىچىن سېلىپ بىرىش لازىم.
مىڭىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: مىڭە قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلاپ كىتىشىدىن بۇلىدۇ.
ئالامىتى: قۇرساق ئاچ ۋاقتىدا كۆپرەك ئادەم بار جايغا بارسا ياكى كۆپرەك گەپ سۆز قىلغان جايدا تۇرسا باش ئاغرىپ كىتىدۇ.
داۋالاش: مىڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى خېمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، ئامىلە نۇشىدارى لۇئلىۋى بىرىش. سىزىمنى دەرھال پەسەيتىش ئۈچۈن خەشخاش شەربىتى، ئوسۇڭ شەربەتلىرىنى بىرىش، تامىقىغا: تۇخۇم، كاللا –پاقالچەك بىرىش لازىم.
جىمادىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: جىنسى مۇناسىۋەتنى كۆپ ئۆتكۈزۈشتىن بەدەن قۇۋۋەتلىرى ئاجىزلاپ، باش ئاغرىشقا سەۋەپ بۇلىدۇ.
ئالامىتى: باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆزگە قاراڭغۇلۇق سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن بىرگە بەل، ئۇرۇقدان ئاغرىيدۇ.
داۋالاش: گۆش شورپىسى، تۇخۇ شورپىسى، نۇقۇت ئېشى، تۇخۇم، بادام، ياڭاق مېغىزى، شاقاقۇل مۇرابباسى، لۇبۇبى كەبىر، مەجۇنى مەسھا بىرىش لازىم.
مىڭە ئىششىقىدىن بولغان باش ئاغرىقى
بۇ مىڭە پەردىلىرىدە بۇلىدىغان ئىششىقنىڭ (سەرسام)(مىنگىت) سەۋەبىدىن بولسا قاندىن، سەپرادىن، بەلغەمدىن، سەۋدادىن بۇلۇپ قان، سەپرادىن بولسا ئىسسىتما ئاغرىق كۈچلۈك بۇلىدۇ، بەلغەمدىن بولسا يەڭگىل بۇلىدۇ، سەۋدادىن بولسا قالايمىقان سۆزلەيدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.
داۋالاش: سەرسامنىڭ بايانىدىن كۈرۈلسۇن.
دەرھال ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەببە شىپا بىرىش، مىزاج ئىتىۋارى بىلەن قاندىن بولسا ھەببە شىپاغا ئەرقى شوخلا، سەپرادىن بولسا نىلۇپەر شەربىتى، بەلغەمدىن بولسا ئەرقى بەدىيان، سەۋدادىن بولسا ئەرقى گاۋزىبان قۇشۇپ بىرىش لازىم.
قىزىتما سەۋەبىدىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: ماددىسىز ۋە ماددىلىق قىززىتمىلار سەۋەپ بۇلىدۇ، قىززىتما يانسا ئاغرىق پەسىيىدۇ.
داۋالاش: قىززىتمىنىڭ سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىش كىرەك، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقلىرىغا ئاق سەندەلنى قىزىلگۈل ئەرقىدە سۈرۈپ باشقا چېپىش كىرەك. سۇغۇقتىن بولغان قىزىتما سەۋەبىدىن بولغان باش ئاغرىقىغا سېرىق چىچەك، سىيادان 10گىرامدىن ئېلىپ سۇقۇپ، قەلەمپۇر يېغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ باشقا چېپىش كىرەك.
سەزگۈرلۈكنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىن بولغان باش ئاغرىقى
قىزىلگۈل، نىلۇپەر، يۇمساقسۈتنى پۇراش بىلەن باش ئاغرىپ كىتىدۇ، بۇ سۇغۇقتىن.
بەزىلەر ئىپار، زەپەر، ئەنبەر، سۇمبۇلنى پۇراش بىلەن باش ئاغرىپ كىتىدۇ، بۇ ئىسسقتىن بۇلىدۇ.
داۋالاش: سۇغۇقتىن بولغان بولسا سۇنبۇل، زەپەر پۇرىتىش بىلەن ئوڭشىلىپ كىتىدۇ. ئىسسقتىن بولغان بولسا نىلۇپەر، قىزىلگۈللەرنى پۇرىتىش، ئۇزۇقلۇق جەھەتتە سۇغۇقتىن بولغان بولسا كاللا پاقالچەك، تۇخۇ تۇخۇمىنى ئىستىمال قىلدۇرۇش، دورىلاردىن ماددەتۇلھايات، لۇبۇبى كەبىر بىرىش لازىم.
ئىسسقتىن بولغان بولسا خەشخاش شەربىتى، ھالۋايى بەيزى قاتارلىق سېزىمنى پەسەيىتكۈچى دورىلارنى بىرىش لازىم.
ئۇرۇلۇش، يېقىلىش سەۋەبىدىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: يۇقارقىلاردىن ئىبارەت.
ئالامىتى: ئۇرۇلۇش سەۋەبىدىن بولسا قاناش، ئىششىش، يېرىلىش ئالامەتلىرى بىلەن بىرگە باش ئاغرىيدۇ.
داۋالاش: قاناش بولسا، قان توختىتىش ئۈچۈن خۇنسىياۋشان، ھەببۇلئاس، ئانار گۈلى، گىل ئەرمىنى قاتارلىق دورىلارنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ئوبدان سۇقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ سىپىلىدۇ.
زەخمىلەنگەن بولسا-گۈل يېغى بىلەن ياغلىنىدۇ، ئىششىق بولسا بابۇنە يېغى بىلەن ياغلىنىدۇ، ئۇرۇلۇش، يېقىلىش سەۋەبىدىن باش قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن بولسا مەجۇنى بەرشىشا بىرىش لازىم.
قۇرۇت چۈشۈش سەۋەبىدىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: باشنىڭ ئالدىنقى قىسمىغا قۇرۇت چۈشۈش سەۋەپ بۇلىدۇ.
ئالامىتى: باشنىڭ ئالدى قىسمى بەكرەك ئاغرىيدۇ، بۇرنى پۇرايدۇ، ئاغرىق قۇرساق ئاچقاندا، قۇرت مىدىرلىغاندا بەك ئاغرىيدۇ.
داۋالاش: ئايارەنجى پەيقىرا، ھەببى قەنبىل بىرىش، پىياز سۈيى ئىچۈرۈش ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.
زۇكام ۋە نەزلىدىن بولغان باش ئاغرىقى
ئالامىتى: زۇكام ئىسسىقتىن بولسا قىزىتما بىلەن باش ئاغرىش بىرگە كىلىدۇ، سۇغۇقتىن بولسا قىزىتمىسىز باش ئىسىلىپ ئاغرىيدۇ، باش ئاغرىشتىن بۇرۇن جۇغ-جۇغ بۇلۇش، تىتىرەش، كۆپ چۈچكۈرۈش ، دىماغ پۈتۈپ قېلىش ئارقىلىق بۇرۇندىن كىلىدىغان سۇيۇغلۇق تامغاقتىن كىلىدىغان ئالامەتلەر كۈرۈلىدۇ.
داۋالاش: زۇكام نەزلىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا زۇكام نەزلىنىڭ ياخشىلىنىشىغا قاراپ ياخشىلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن باش ئاغرىقى توغرىسىدا دەيدىغانلىرىم تاماملاندى.
مەنبە:
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت مۇنبىرى