|
|
|
|
ھازىرقى زامان تور تەرەققىياتىنىڭ تۈرىتكىسىدە تور ئارقىلىق سودا قىلىش ،پاي ئويناش ، قەرەللىك مال سودىسى .........قاتارلىق تور دۇنياسى ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلدىغان سودىلار مەيدانغا كەلدى .
يىقىندا بىر قانچە دوستىمىز بىر مىسقال بىلۇگىغا ئىنكاس يىزىپ << قەغەز ئالتۇن >> دىگەن قانداق ئالتۇن ؟؟؟ بۇ راسىت ئالتۇن ئەمەسما ؟؟؟ دىگەندەك سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى .
مەن ۋاقىت چىقماسلىق سەۋەبى بىلەن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرەلمىگەن ئىدىم . بۈگۈن مۇشۇ تىمىنى ئاساس قىلىپ ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسىنى سۆزلەپ ئۆتەي ،
(قەغەز ئالتۇن) --- ئالتۇن بازىرىدا ئىككى تەرەپ نەق ئالتۇننى ئاساس قىلمايدىغان پەقەت ئالتۇن باھاسىنى ئاساس قىلىپ نەق ئالتۇن بازىرىنى ئاساس قىلىپ ئىلىپ بىرىلىدىغان سودا شەكلى .
قەغەز ئالتۇن سودىسىدا مەبلەغ سالغۇچى بانكىدا ئالتۇن ئامانەت سچوتى ئاچىدۇ،ئالتۇن ئامانەت سىچوتى ئارقىلىق سودا قىلىدۇ،بەزى بانكىلاردا ئالتۇن ئامانەت سىچوتى ئارقىلىق نەق ئالتۇن ئالغىلى بولىدۇ،بەزىلىرىدە سىچوت ئارقىلىق سودا قىلىنىدۇ،نەق ئالتۇن ئالغىلى بولمايدۇ.مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى بويىچە سودا قىلىپ،ئارىلىقتىن پايدا ئالىدۇ.
قەغەز ئالتۇنغا مەبلەغ سىلىش تاشقى پىرۇۋۇت سودىسىغا ئوخشايدۇ .تاشقى پىرۇۋۇت سودىسىدا ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بولىدۇ . لىكىن قەغەز ئالتۇن سودىسىدا ئۆسۈم بولمايدۇ .
قەغەز ئالتۇن سودىسى ئەمەلى بازارنى ئاساس قىلىدۇ . بازار ئاشسا ئاشىدۇ ، چۈشسە چۈشىدۇ .
قەغەز ئالتۇن - شەخىسلەرنىڭ ئالتۇنغا مەبلەغ سالىدىغان ئاساسلىق ئۇسۇلى .شۇنداقلا خەلقئارادا بىر قەدەر مودىغا ئايلانغان مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى.
مەنبە ؛ بىر مىسقال بىلۇگى www.1miskal.com
|
|
|
|
|
|