|
|
|
|
شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا پەن- تېخنىكا شىركىتى بىلەن ئىران ئالفابېت پاي كونتىرول خەلقئارا گورۇھى ھەمكارلىقىدا ئىراندا تارماق شىركەت قورۇش توغرىسىدا رەسمىي توختاملاشتى. توختامدا كېلىشكەن مەزمۇن بويىچە ئىراننىڭ يېڭى يىلى يەنى (نورۇز ) كۈنى رەسمىي ئىش باشلايدىغان بولۇپ، قارلۇق شىركىتى ئومۇمىي پاينىڭ 60% نى، ئىران ئالفابېت گوروھى قالغان قىسمىنى كونتىرول قىلىدىغان بولۇپ، قارلۇق شىركىتى تېخنىكا ۋە خادىملارنى چىقىرىدىغان، ئالفابىت گورھى يەرلىك قانۇن- نېزام ۋە رەسمىيەتلەرنى ھەل قىلىدىغان بولغان.
قارلۇق شىركىتىنىڭ ئىجىرائىيە باش مۇدىرى پەخىرىدىن قارلۇق ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە ئىككى تەرەپ مىدىيا، يۇمشاق دىتال ۋە قارلۇق مائارىپى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىشىدىغان بولغان.
يېغىندا پەخىردىن قارلۇق، ئالغابېت گوروھىدىن كەلگەنلەنلەر شۇنداقلا يەنە بىر چەتئەللىك بوۋاي سۆز قىلدى. تەپسىلاتىنى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن كۆرگەيسىلەر.
پائالىيەت جەريانىدىن كۆرۈنۈشلەر.
يېغىن جەريانىدىن كۆرۈنۈشلەر
توختام ئىمزالىنىۋاتىدۇ. ئەمما مۇخبىرلارنىڭ كۆپلىكىدىن قىسلىۋاغۇدەك كامار يوق. مۇشۇنداق تارتىپ قويدۇم مانا.
ھەمكارلىقىمىز كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن دەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشىۋاتىدۇ.
رەئىس سەھنىسىدىكىلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. يېغىن زالى جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئۆتتى، ئىران تەرەپ ۋەكىلى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىدىن سۈيۈنگەنلىكىنى ئېيتتى، يەنە بىر چەتئەللىك بوۋايمۇ سىلەر ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىكەنسىلەر، خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىدىكەنسىلەر، ئىنگىلىس تېلىنىمۇ بىلىدىكەنسىلەر، پارس تىلى بىلەن ئىنگىلىس تىلى بىر- بىرىگە بەكمۇ يېقىنكەن، سىلەرگە قېيىنغا توختىمىغۇدەك دىدى. سۆزلەر مۇخبىر سۈپەت بولغىنى بىلەن ئۆزۈم مۇخبىر سالاھىيتىدە ئەمەس قاتناشقۇچى سالاھىيتىدە بولغاچ iphone دا ئولتۇرغان ئورنۇمدا تۇرۇپ ئاران تارتىۋالدىم. سۈرەت ياخشى ھە تولۇق ئەمەس، توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
مەنبە: ئۆزۈم
|
|
|
|
|
|