مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1054|ئىنكاس: 9

ئاخىرلاشمىغان لەتىپە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 04:55:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                ئاخىرلاشمىغان لەتىپە(2)

     نەسىردىن ئەپەندىنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىدىن باشلىغان بىرىنجى قېتىملىق ساياھىتى،دەريادىن ئۆتىدىغان كۆۋرۈكنىڭ كەلكۈن ئاپىتىدە بۇزۇلۇپ كىتىش سەۋەبىدىن مەلۇم مەزگىل توختاپ قېلىپ،لېنىنىڭ يىتەكچىلىگىدە دەرياغا قايتىدىن كۆۋرۈك سېلىنىپ،پويىز يولى راۋانلاشقاندىن كىيىن ئىككىنجى قېتىملىق ساياھىتى يەنە باشلاندى.
     نەسىردىن ئەپەندى بۇ قېتىمقى ساياھەتتە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئىگىز تاغلىرى ۋە گۈزەل باغلىرىنى ئايلىنىپ سىبىرىيەگە كەلگەندە ماكسىم گوركى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ،گوركىنى زىيارەت قىلماقچى بولدى.
     _گوكى ئەپەندىم،ئۆزلىرى دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلەرنى يازغان ماھارەتلىك يازغۇچى،شۇڭا
بىرەر ئەسەرلىرىنىڭ ئەمىلىيەت جەريانىنى زىيارەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن؛-دەپتۇ.
      گوركى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ مەخسەت-ئارزۇسىغا ئاساسەن سىبىرىيەنىڭ ئوتتۇرسىغا باشلاپ كىرىپ ئاجايىپ بىر ۋەقەنى كۆرسۈتىپتۇ.
        قاياندىن كەلدى بىر تەتۈر قۇيۇننىڭ پەيدا بولىشى بىلەن ھاۋانى چاڭ-توزاڭ قاپلاپ،
ھاۋا گۈلدۈرلەپ،چاقماق چېقىپ يامغۇر يېغىپ،ئالەم قاراڭغۇلۇشۇپ،زىمىن پاتقاقلىشپ،تاغلار
ئۆرۈلۈپ،دەرەخلەر يەنجىلىپ يوللار چاتقانلىشىپ كەتتى.ئىنسانلار ئۆزى دەسسەپ تۇرغان
يەرنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى.دەل شۇ چاغدا بىر موماي جامائەتكە قاراپ مۇنداق
دىدى؛_مانا ،كۆرۈپ تۇرۇپسىلەن،بىز ھازىر ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدۇق،ھەممەيلەن مۇشۇ
قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئامال قىلايلى!
        دەل شۇ چاغدا جامائەت ئارىسىدىن بىر ئوغول بالا <مەن ئامال تاپتىم>دەپ قولىنى كۆتەردى،ئۇ دەل ماكسىم گوركى نىڭ<ئىزىرگىل موماي>ناملىق ھىكايىسىدىكى دانكو ئىدى.
دانكو يۈرۈكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۋىدى،ئۇنىڭ يۈرىكى مەشئەل بولۇپ يېنىپ
ئالەمنى يورتىۋەتتى.قارىسا يىراقلاردا گۈزەل باغلار،قامەتلىك تاغلار،زۇمرەتتەك سۇلىرى ئېقىپ تۇرغان ھەيۋەتلىك دەريالار كۆرۈندى.دانكو مەشئەلنى ئىگىز كۆتۈرۈپ يىراقتا كۆرۈنگەن
بوستانلىقلارغا قاراپ يۈگەردى،قالغانلار دانكو غا ئەگىشپ ۋۇررو توۋلىشىپ يۈگەردى.
     نەسىردىن ئەپەندى ئەتراپقا قارىغىدەك بولسا ئالەم يوپ-يوروق.ماكسىم گوركى ئوڭ
قولىدا يۈرۈكىنى تۇتقان ھالدا،دانكو غا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى.نەسىردىن ئەپەندى ئوڭ قولىنى يۈرۈكىنىڭ
ئەتراپىدا بىر قانچە قېتىم ئايلاندۇرغاندىن كىيىن،ماكسىم گوركىغا قاراپ كۈلگەندەك،دانكوغا
قاراپ يىغلىغاندەك ھالەتتە كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ كەتتى.
                 مەنبە؛ ئۆزەمنىڭ تەسىراتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-16 04:59 PM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85015
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 07:50:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەتىپىمۇ ، تەسىرات ماقالىسىمۇ ؟ لەتىپە بولسا كۇلىدىغان يېرىنى ئەپ قاپ .ئەۋەتتىڭىزمۇ نىمە ؟؟؟ چاقچاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86841
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2013-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 08:43:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزى  قىزىقمايدىغان  ئىشنى  ئۈزلۈكسىز  داۋاملاشتۇرۇش   ھەقىقى  ئاچچىق  ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87148
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 09:01:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41571
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4072
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1356 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 09:12:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 11:16:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TEM^TAS يوللىغان ۋاقتى  2012-11-16 08:43 PM

..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 01:23:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازما ھەجەپ بىرخىل قىلىۋەتتى كۆڭلۈمنى

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 02:32:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كۈلىدىغان ئەمەس،ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان لەتىپىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85722
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2013-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 06:05:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسڭ بار لەتىپە ئىكەن

yamgurluk بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 04:57:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش