ئەسسالاممۇئەلەيكۇم
مىسرانىم تور بىتىدىكى بارلىق ئەزىز دوسىتلار ، ھازىرقى مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!!
تۆۋەندە مەن ئۆزئىجادىيتىمدىن بىر قانچە ئۈزۇندىلەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن .
قېنى مەرھەممەت !!!
سەپەرداشلار تەق بۇلۇپ ئولتۇرۇپتۇق رەتمۇ -رەت،
بۇلبۇل گويا شوخ سايراپ دىدارلاشتۇق تۈنجى رەت،
يېقىن بىلسەڭ دوسىتلىرىم مەندەك تەنتەك ئەركىنى،
شېئىر بىرلە سۇنۇلغان بۇ سالامنى قىلما رەت .
ئۆزۈڭنى چاغلىماي يۈرگەچكە ئاقسا
بىر كۈن يۇگۈرسەڭ،بىركۈنى ئاقسا،
نە قۇيدى ئىنسانغا بۇنچە چوڭلۇقنى،
جېنىدا پۇت ئاتماس تاغ ئاشقان ئاق سا.
بايلىقتا لىق تۇرار قۇتاندا چارۋا-قوي،
تويمىساڭ گەر ئالدا دېھقاننى داۋام قوي،
تۇقلۇقتىن بىر كۈنى ئېتىلسا قورساق،
بولدى ئەس ئالما ،سۈرە ياسىننى قوي.
بىرلا قاراپ كىشىگە بەرمىگىن باھا،
بىلمەك تەس كىملەر ناپاك،كىملەر بىباھا،
قارمامسەن بۈگۈنكى قاشتاش بازىرىغا،
سەن چۆرىگەن سەت تاشتا ئۆرلىدى باھا.
تۇنجى قېتىم مۇنبەرگە تىما يوللۇشۇم ،بەلكىم نۇرغۇن سەۋەنلىكلەر بۇلىشى مۇمكىن ،دوسىتلىرىمنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-16 05:38 PM