مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 256|ئىنكاس: 8

ئانار. سېنى سېغىندىم!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85981
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 03:10:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      

                                             ئانار، سېنى سېغىندىم.....
ئەسسالام قەدىرلىك ئانار.
  قانداق ئەھۋالىڭ...تېنىڭ سالامەت،خىزمىتىڭ ئوڭۇشلۇق كېتىپ بارامدۇ؟...جانانىڭ ئوماق كاۋىدىن ساڭا سېغىنىشلىق سالام!
  خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قېلىۋاتامسەن؟ ئەسلى ساڭا پوچتىدىن خەت سالماقچى بولۇپ پوچتىخانىغا بارغان ئىدىم.ئەپسۇس ،كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە زاماننىڭ كەينىدە قالغانلىق دەپ قارىلىدىغان ئۇ خىل ئالاقە ئۇسسۇلى پوچتىخانا خادىملىرىنىمۇ خىزمەت بېسىمىدىن خالاس قىلغان بولسا كېرەك ئۇلار "كونۋېرت،ماركا دىگەنلەر يوق،سېتىلمايدۇ ” دەيدۇ.ئامالسىز نا ئۈمۈد بىلەن پوچتىخانىدىن قايتىپ چىقىپ، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ساڭا سالىمىمنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
   گەپنى نەدىن باشىلىشىمنى بىلمىدىم، پەقەت سېنى ھەر بىر ياد ئەتكىنىمدە كۆزلىرىمنىڭ ئىختىيارسىز نەملدىلىدىغىنىنى بىلىمەن........
              ھەئە.ئىقرارمەن! بۇ كۈنلەردە سېنى تولىمۇ سېغىندىم!  ساڭا ھال مۇڭ بولۇپ مۇڭداشقۇم كەلدى،دەردى-ھالىنمى،ئازابلىرىمنى،سېغىنىشىمنى ساڭا ئىيتقۇم كەلدى.... شۇ ۋەجىدىن يۈروكتىكى ئارمانلىرىمنى مۇجەسسەملەپ تاققا-تۇققا بولسىمۇ  بۇ لارنى يېزىۋاتىمەن.سالام خەت يېزىشتا پەقەتلا تەجىربە يوق.مازاق قىلمىغىن ھە؟...
   سەن بىلەن يېڭى تونۇشقان.بولۇپمۇ يېڭى يۈرگەن چاغلىرىمنى ئويلىسام شېرىن خىياللار قاينىمىغا غەرق بوپ كېتىمەن . ئۇ چاغدا سەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ،مەن بولسام ئوقۇش پۈتتۈرۇش ئالدىدىكى سىتودېنت قىز ئىدىم.  ئاللاھ ئىگەمنىڭ ئىرادىسى  مېنىڭ  سەن  ئىشلىگەن شۇ مەكتەپتە پراكتىكا قىلىپ قىلىشىمىم ئىككىەيلەننىڭ ئاۋال تۇنۇشۇپ كەسىپداشلاردىن بولۇپ قېلىشىمىزغا،  ئاندىن بارا بارا يۈرەك تارلىرىمىزغا ئۆز-ئارا يىنىڭ رەخمەك ئۇرۇپ مۇھاببەتلىك كۈي ياڭرىتىشىمىزغا سەۋوب بولغانىدى....   
       ھەر  قېتىم مېنى  مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئالغىلى كەلگىنىڭدە ۋە ئەكىلپ قويغىنىڭدا،مەن بىلەن يانمۇ يان مېڭىپ قىززىق ،رومانتىك ۋە ئىلمىي تەتقىقات مۇنازىرە پاراڭلرنى قىلىپ كۆڭلۈمگە مەنۋىي خوشاللىق بەخىش ئەتكەن شۇ چاغلاردا ئۆزۈمنى خۇددى چۆچەكلەردىكى ئاق ئاتلىق ئاھزادىسىنى ئۇچراتقان كۈل قىزدەك تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلاتتىم..."توۋا! دۇنيادا مەندىنمۇ بەخىتلىك يەنە بىر قىز بارمىدۇ ھە؟!" دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگە ئاجايىپ مەستلىگىم كېپ كېتەتتى...
ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى،يەنى قەشقەردەتۇنجى قار ياغقان كۈنىدىن باشلاپ بىز بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلارغا ئايلاندۇق. "تايىر-زۆھرە"."پەرھاد-شېرن"لار ئىزىدىن مېڭىپ بىزمۇ "ئانار_كاۋىچاق"بولۇپ قالدۇق.  قارغا شۇنچە ئامراق ئىدىم،دەل شۇ تۇنجى قار ياغقان كۈنى تەنھالىق جۇۋىسىنى چۆرىۋېتىپ سەن بىلەن بىرگە ئاق قاردىن لىباس كىيدىم.مانا شۇ كۈنىدىن باشلاپ ،تا ھازىرغىچە، موشۇ دەقىقىغىچە كۆڭلۈمگە سەندىن باشقىنى راۋا كۆرمىدىم. قەلبىمدىكى كىرسىز-غۇبارسىز مۇھاببىتىم ھۆرمىتىگە_تۇنجق قاردىن باشلانغان ئەشۇ رىشتىمىز ھۆرمىتىگە ئۈشبۇ ئاپئاق بەت يۈزىگە سېغىنىشلىق ئۈنچىللىرىمنى تىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن....
     مۇھاببەت بۇسۇغىسىدىن قەدەم تاشلىغان شۇ كۈنى ئاددىيغىنە قىلىپ مۇنۇ بىر بەت يالداما قالدۇرغان ئىدىم"
            <<... بۈگۈن چۈشتىن كېيڭن قەشقەردە تۇنجى قار ياغدى...! بۇنىڭلىق نىلەن ،ئۇلۇغ ئىگەمنىڭ ھىممىتى بىلەن بەخىت يۇلتۇزۇمنى تاپتىم....!كۆىلۈپ پۈتۈن.يۈرۈكۈم توق. ئىگەم ھەم سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئۈشبۇ ئۇنتۇلغۇسىز مننۇتلىرىىڭغا رەھمەت!! قەلبىمدىكى ئۈمۈد چىراغىمسەن.سېنى مەڭڭۈ قەدىرلەيمەن.... ياراتقان ئىگەمدىن مەڭگۈلۈك بەختىمىز نى تىلەيمەن.....!!!!  خەيىر- ياخشى چۈش كۆرگىن.>
     خەت بېسىۋاتقان مۇشۇ تاپتا ئۆتكەن كۈنلەرنى ئويلاپ قەلبىمنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقىنىنى .يۈرۈگۈمنىڭ ئازابدىن ئاچچىق-ئاچچىق تولغىنىپ نالە قىلىۋاتقىنىنى ھېس قىلالىدىڭمىكىن تاڭ بىلمىدىم..........
    بۇيىلنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان يېڭى يىل كۈنى ئېسىمدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ. ئۇ كۈنى مەن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئۇتلۇق مۇھاببەتنىڭ سىموۋۇلى بولغان قىزىل ئەتىرگۈل تاپشۇرىۋالدىم.ھەئە، تۇنجى قېتىم...!!
    قايتىپ بېرىپ  ھاياجاندىن سىرداش دوسرۇم كۈندىلىك خاتىرەمگە يەنە بىر نەچچە قۇر يالداما قالدۇردۇم:
       <يېڭى يىل مۇبارەك~! ئىگەمنىڭ ھىممىتى بىلەن كۈنىرىم شۇنچىلىڭ خوشال ۋە رومانتىك ئۆتمەكتە...بەختىلك مىنۇتلىرىمنىڭ مەڭگۈلۈك  بولۇشىنى ھەرۋاقىت ياراتقۇچىمدىن تىلەيمەن.   ئۇ مېنى بەختىك قىلالايدۇ.مېنڭ كۆڭلۈمنى ئايايدۇ. ...ھاياتىمدىكى سۆيگۈ سەپىرىمنىڭ ئاخىرقى بېكتى ئۇنىڭ بىلەن تاماملانغاي....~!  ... سەن يېنىمدا بولغاچ ئۆزۈمنى بەخىت قۇچىقىدا ئەللەيلىنىۋيقان بىغۇبار بوۋاقتەك تولىمۇ خاتىرجەم ۋە غەمسىز ھېس قىلىمەن. سېنىڭ سۆيگۈڭ دۇنيا مېھرىگە قانماي مۇزلىغان قەلبىمگەئۈمۈد شامى ياندۇردى... كېيىنكى بەختىمىز ئۈچۈن ئىگەمدىن مەدەت تىلەيمەن. تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.....! 》
    مۇھاببىتىمىز زىمىستان قىشتىن  ئۇڭۇشلۇق ھالقىپ ئىللق باھارغا قەدەم تاشلىدى. بىز ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشنى باشلىۋەتتۇق.كېيىنكى بەختىمىز ئۈچۈن ئاتلاندۇق.چۈنكى مەن  بەختىمىز ئۈچۈن  ئوقۇشۇم پۈتكەندىن كېيىن مۇشۇ شەھەر دە قېپ قېلىشىم كېرەك ئىدى. سەن مېنى  قالدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن  كۆپ جاپالارنى تاتتىڭ. مەن ئۈچۈن جاپا چېكىپ خىزمىتىڭدىن سىرتقىي ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلمىي ماقالەمنى بىر قوللۇق پۈتتۈردۈڭ.مەن بولسام باشقا ساۋاقداشلار ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان چاغلاردا سەن تېىپ بەرگەن تەكرارلاش ماتىرياللىرى ۋە سەن كۆرسۈتۈپ بەرگەن ئۆگىنىش رىتسىپى بىلەن ھەر مىنۇتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىش قىلدىم.سەن يەنە ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ماڭا يىتەكچىلىق قىلدىڭ.....بىلەمسەن جېنىم شۇ چاغلاردا   ئىككىمىزنىڭ مۇھاببىتىدىن يەنە بىر قېتىم شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ كەتتىم!!
    ئىچىمدە" ئاللاھ ئگەم نىسىپ قىلىپ رىسقىمىز قوشۇلسا ،كېيىن بالىلىىرىمىز چوڭ بولغاندا ئۇلارغا سەن بىلەن بىر گە ھەمكارلىشىپ ئۆگەنگىنىمنى، ئۇلارغا دادىسىنىڭ ئاپىسىغا يىتەكچى ئوقۇتقۇچى بولغىنىنى،ئاپىسىنىڭ دادىسىنىڭ يىتەكلىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا خىزمەتكە چىقىپ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولالىغانلىقىنى  پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىمەن "دىگەنلەرنى ئويلاييتىم....
     شۇنداق قىلىپ ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا جاپالىق كۈنلەردە بللە برگە ماسلىشىپ ئىمتىھاننى كۈتىۋالدق.  شۇ چاغلاردا سەن تولىمۇ قاپا تارتقانتىڭ. بىلىمەن ،ھەممىسى مەن ئۈچۈن ئىدى...يېزىق ئىمتىھاندا  مېنى سىرتتا ئەشۇ تومۇز ئىسسقتا توپتوغرا 3 يېرىم سائەت ساقلىشڭمۇ مەن ئۈچۈن ئىدى جېنىم...!!   شۇ ئەجرىڭ - جاپالىرىڭغا خوش خەۋەر بىلەن  جاۋاپ قايتۇرالماسلىقىمدىن  تولىمۇ ئەنسىرەيتتىم!
    يېزىق ئىمتىھان نەتىنجە چىقتى. 120 نومۇر لۇق ئىمتىھاندا 114 نومۇر ئېلىپ  ۋىلايەت بويىچە بىرىنجى، ئاپتۇنۇم رايونىمىز بويىچە 2- بولغانىدىم. بۇلار نىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئاللاھ ئىگەمنىڭ ھىىممىتى. ئاندىن قالسسا سېنىڭ جان كۆيدۈرۈپ يىتەكلىشىڭ بىلەن روياپقا چىققان ئىدى.
    ئىغىزچە ئىمتىھاندىمۇ ھەم سېنىڭ ئىجتىھات بىلەن  تەر بىيلىشىڭ ئاستىدا  پۇختا تەيييارلىق قىلدۇق.  تولىمۇ ئەپسۇس. شۇنچە تارتقان جاپالىرىمىز مەندىن يېزىق نومۇرى توپتوغا     14 نومۇر تۆۋەن بىر ەيلەننىڭ بىر  تۇتام پۇلى ۋە ئەشۇ پۇل ئۈچۈن  ھەققانىيەت ۋە ئادىمىيلىك تۇيغۇسىنى يوقاتقان شۇ شەھەر دىكى  يۈز تۇرانە  ئىمتىمان "مائارىپچى" لارنىڭ نىجىس قولى بىلەن كۈلگە ئايلاندى.....  ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى غا يۇز تۇرانە ئىمتىھانىدىكى ناھەقچىلىق ئۈچۈن ئەرز-شىكايەت يېزىپ فاكىس يوللاپ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ ئېنقلاپ چىقىشىنى  ھېچ بولمىغاندا  ئاپتونۇم رايونغا بېرىپ قايتا بىر قېتقم ئادىل بىر مەيدان يۈز   تۇرانە ئىمتىھان بىرىش تەلىپىمنى قوبۇل قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىپ يوللىغان ئىلتىماسىمىز" بۇ ئويۇندا سىلەر بىر قەدەم  كېيىن قاپسىلەر.  دىگەن جاۋاب  بىلەن جىممىدە غايىپ بوپ كەتتى.    ئەگەر مەنمۇ قەشقەرلىك     بولۇپ قالغان بولسام ھە؟؟ قەشقەردە بىرەر تۇغقىنىم بولسىچۇ كاشىكى. ...ئۇنداق بولغاندا مەن مۇ بۇ شەھەرگە قىيمىغان ھالدا ئامالسىز لىقتىن  يۈك_ تاقىمنى يىغۇشتۇرۇپ كېتىپ قالماستىم....
             ئەڭ ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى،شۇ ناھەقچىلىككە چىدىيالماي،بىزنى  مۇنداق  ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان بۇ قارا دىللار نىڭ   بزنىڭ شۇنچە جاپالىق ئۆگۈنۈش مېۋىمىز نى بۇنچە رەچىمسىز لەر چە تارتىۋالغىننى ئىچىمگە سىغدۇرالماي ، كۆز ياشلىرىم يۈرۈكۈمدىن ۋولقان كەبى پارتىلاپ چىقىۋاتقان شۇ دەقىقىدە  سەنمۇ ئىزىلىپ - ئىزىلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىڭ...!!  سېنىڭمۇ يىغلاپ كەتكىنىڭنى كۆرۈپ يۈرۈكۈمنىڭ  شۇ چاغ پارە-پارە بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىغانمىدىڭ جېنىم!   
  دەل شۇ دەقىقە مەن ئۆزۈمگە" ئۇ دۇنيادا بىر، پەقەتلا بىر!، ئۇنىڭ ئۈچۈن بارچە بەدەل تۆلەشە مەن رازىمەن !" دوپ نىدا قىلدىم.
    شۇنداق قىلىپ  ساڭا  قىيالمىغان ھالدا بۇ شەھەر دىن ئايرىلدىم......
             ئانار، سەن سىز كۈنلەر  ماڭا تولىمۇ ئىغىر كەلدى. ئۇلتۇرسام   -قوپسام خىيالىم دا ئەشۇ گۈزەل ئەسلىمىللىرىمىز.... ساڭا شۇنچىلىڭ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، مانا ئەمدى سەنسىز بىر قولۇم، بىر پۇتۇم يوقتەكلا.......... سېنى قانچىلىك سېغىنىنىم نى ،شۇ تاپ كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقىنىنى بىلەمسەن...!  كۆرۈشمىگىلى 3ئايدىن ئاشتى، يۈرۈكۈم ھەر مىنۇت ئىسمىڭنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سېغىنىش بىلەن يات ئىتىدۇ...............
   بۇ قېتىم ئۇيلىمىغان يەردىن مەمۇرىلىق ئىمتىھاىدىن ئۆتۈپ قاپتىمەن.    سىلەر نىڭ يۇرتقا تىزىملاتقان ئادەم سانى بەك كۆپ بولغانلىقتىن ئۆز يۇر تۇمدىكى بىر ئورۇنغا  مەيدان كۆرۈپ باقامەن دەپ مۇنداقلا تىزىملىتىپ قويغان ئىدىم. ھەم بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مەمۇرىلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىشم بولغاچقا ئۆتۈپ قالارمەن دوپ چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.... توۋا~~  ئويلىمغان يەر دىن ئۆتۈ پ قاپتىمەن.... بۇنىڭلىق بىلەن  ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. مېنىڭ ئەسلى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. يەنە كىلىپ ئاللاھ رازىلىقى بىلەن  سېنىڭ يېنىڭدا  سېنىڭ جۈپتى ھالالىڭ بولۇپ ھەر ئىككى ئالەم  خىزمىتىڭنى قىلىش ئۈمۈدىم بار ئىدى......         
   بىلىمەن . سەن مەندىن رەنجىدىڭ.  ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئىغىز  يۈرەك سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن:
         ئانارىم. ماڭا ئىشەنگىن . ئاللاھ خالىسا مەن  چوقوم تىرىشىمەن ، يېنىڭغا قايتىپ بارىمەن.... ئاللاھ بەختىمىز نى بەرگەي!
     ئاخىرىدا دەيدىغىنىم' قىش كەپ قالدى.قىلىنراق كېيىنگىن. ھېلىقى مەن سوۋغا قىلغان پەلەينى كېيىۋالغىنە،قولۇڭ توڭۇپ قالمىسۇن...
                  نامىزىمدا سېنىڭ ئامانلىقىڭ ۋە بەختىمىز ئۈچۈن دۇئا قىپ تۇرىمەن. سەنمۇ ئۇنتۇپ قالما ھە؟....
                                        خەيىر ،ئامان بولغىن...!!
               سېنى ھەر ۋاقىت ياد ئىتىپ" ئوماق كاۋاڭ"

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40147
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3396
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2791 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2012-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 06:28:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمۇرلۇق ئىمتىھاندىن ۋاز كېچىپ باشقا ئىمتىھاننى ساقلاپ باقسىڭىزچۇ،  ھەي......خۇدايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن.

كەتكەنلەرغۇ كېلەر بىر كۈنى، كەلمەيدىكەن كەتمەنلىگەنلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3465
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9950
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 06:34:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ،،،،،
لېكىن مۇشۇ گۈلى ، ئانار ،پاشا ، رەنا ،،،دەيدىغان ، كەينىدە گۈل دىگەن
قۇشۇمچە ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىسىملارنى كۆرسەم بىرخىل بوپ قالىمەن ،،،
تېمىنى كۆرگەن ئادەم بىرسىنىڭ ئانار يېگۈسى كەپ قالغان ئوخشايدۇ \
دەپ قالىدۇ ،،،ئانارخان ،ئانارگۈل دىگەن چىرايلىق ئىسىملارمۇ
رەھمەتلىك بوپ كەتتى ھازىر ،،،،،خەنزۇلارغۇ قىسقارتىپ شۇنداق دىسۇن ،
بىز بولساقمۇ تىلىمىزدا ئۇنداق قىلمىساق بۇلاتتى ،،،،،،،،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 709
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 07:09:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  ........

كۈلۈپ ياشاڭ كۈلكە جان ئۇزۇقى ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1650
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 02:41:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85981
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 08:51:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇشۇمچە ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىسىملارنى كۆرسەم بىرخىل بوپ قالىمەن ،،،
تېمىنى كۆرگەن ئادەم بىرسىنىڭ ئانار يېگۈسى كەپ قالغان ئوخشايدۇ \
دەپ قالىدۇ ،،،ئانارخان ،ئانارگۈل دىگەن چىرايلىق ئىسىملارمۇ
رەھمەتلىك بوپ كەتتى ھازىر ،،،،،خەنزۇلارغۇ قىسقارتىپ شۇنداق دىسۇن ،
بىز بولساقمۇ تىلىمىزدا ئۇنداق قىلمىساق بۇلاتتى ،،،،،،،،،،،،،

  ئۇنداق ئەمەس، سىز تۇلۇق ،ئەستاھىدىل ئوقۇپ چىققان بولسىڭىز چۈشەنگەن بولاتتىڭىز. بىراۋ قەشقەردىن بولغاچقا ئىسىمىنىڭ ئورنىغا ئانار نى ئىشلەتكەن ئىدىم.  يەنە كىلىپ ئۇ ئوغۇل بالا تۇرسا قانداقمۇ ئانار گۈل دېگىلى بولسۇن؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86272
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-10-20
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 09:06:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
happy123 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-17 08:51 PM
قۇشۇمچە ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىسىملارنى كۆرسەم بىرخىل بوپ  ...

ۋاي توۋا سىلە تەرەپتە ئوغۇللارغىمۇ ئانار دەپ ئىسىم قۇيامدا؟

مەسخىرە قىلغىنىم ئەمەس،،لىكىن بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن،،كۈلكىلىك تۇيۇلدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85981
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 09:17:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىسىم ئەمەس. ئەمدى مۇنبەردىمۇ ئۆز ئىسمىنى ئىشلىتىپ سازايى قىلىش زۆرۈرمىدى؟؟  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85284
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 115
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-9-21
ئاخىرقى: 2012-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 07:50:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى مۇنبەرداشلار ، ئۆز-ئارا ياخشى كۈرىشىدىغانلارنىڭ باشقىلار چۈشەنمەيدىغان ،پەقەت ئۆزلىرى ئاتىىشۋالغان ئەركىلەتمە ئىسىملىرىمۇ بۇلىدىغۇ ؟ دىمىسىمۇ ئەمدى  بىر ئوغۇل بالىغا گۈل ،خان بىلەن ئىسىم قۇيۇپ يۇرسە بولماس .....

بەخىتنىڭ ئۆزى دەل شۇ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىشتۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش