مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1408|ئىنكاس: 14

لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللقىغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 02:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

01.jpg

بۈگۈن ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 90يىللىق خاتىرە كۈنى، ئۆزىنىڭ 23 يىللىق قىسقا ھايات مۇساپىسىدە بىزگە ئۆلمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ، تارىخنىڭ بېتىگە ئۆچمەس ئىزلارنى سېلىپ كەتكەن بۇ پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلىنىڭ قۇتلۇق كۈنىنى  تەبرىكلەيمىز ھەمدە زۇلمەت يىللار قوينىدا مەشئەلدەك يانغان بۇ ئوت يۈرەك شائىرىمىزنى چوڭقۇر قايغۇ بىلەن ئەسكە ئالىمىز.

01.jpg


لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەرجىمالى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چۈنچى يېزىسى ساي بويى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. لۇتپۇللانىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھېزىم بولۇپ،مۇتەللىپ ئۇنىڭ بوۋىسى ئىدى. ھېزىم ئاخۇن شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن خەۋەردار،ئەرەپ،پارس تىللىرىنى بىلىدىغان ئوقۇمۇشلۇق موللا كىشى ئىدى.
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1929-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە يەتتىسۇ دېگەن يەردىكى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئۇيغۇرچە،لاتىنچە يېزىقلاردا ساۋادىنى تولۇق چىقارغان ، شۇنداقلا مۇنتىزىم مەكتەپنىڭ«رەسىم»،«قول كۆندۈرۈش» دەرسلىرىدە رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرگەن.1931-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىلىغا كۆچۈپ كىلىپ نىلقا ناھىيىسىنىڭ دۆربىلجىن مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان. ئۇ چاغلاردا نىلقىدا يېڭىچە ئوقۇش ئورۇنلىرى بولمىغاچ،لۇتپۇللا بىر موللىنىڭ قولىدا دىنىي بىلىم ئالغان.
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1932-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار مەكتىپىدە ئوقۇدى.ئۇ مەكتەپتە تاتار ئوغۇل-قىزلىرى ئوقۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر، قازاق،ئۆزبىك، قىرغىز، شىبە، خۇيزۇلارمۇ ئوقۇيتتى. مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات، ھېساب، تارىخ،ئالگېبرا، جۇغراپىيە، ۋە دىن دەرسلىرى ئۆتۈلەتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ تاتارمەكتىپىگە كىرىشى بىلەنلا ئۆگىنىش ۋە مەكتەپ پائالىيەتلىرىدە ئۆزىنىڭ چېچەنلىگى،ئۆتكۈرلىگى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ھەممىدىن ياخشى ئوقۇدى. دەرستە تونۇشتۇرۇلغان ئابدۇللا توقاي قاتارلىق تاتار شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى يادلىۋىلىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.مۇئەللىملەرمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ زېھنىگە قايىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىمكانقەدەر كەڭ بىلىمگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ياردەملىرىنى ئايىمىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1936-يىلى تاتار مەكتىپىنى تۈگىتىپ رۇس مەكتىپىگە كىردى.
لۇتپۇللامۇتەللىپ دۇچ كەلگەن پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشچان شارائىت ھەم ئۆزىنىڭ ھەممىگە قىزىقىدىغان تەبئىي تالانتى تۈپەيلىدىن، ئەينى چاغدىلا 27ھەرپلىك ئۇيغۇر يېزىقى،28ھەرپلىك ئەرەپ يېزىقى ۋە 32ھەرپلىك لاتىن يېزىقى، كېيىن بولسا تاتار، رۇستىللىرىنى ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى.
لۇتپۇللامۇتەللىپ ئائىلىسىدىكى ۋاقتىدىلا ئەدەبىيات-سەنئەت ھەۋەسكارى بولۇپ، خەلق ئېغىزئەدەبىياتىغا زور ئىشتىياق باغلىغانىدى. كېيىن ئۇ مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا تاتارۋە رۇس ئەدەبىياتىدىن چۈشەنچە ھاسىل قىلدى ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغابىرلەشتۈردى. بۇ ھال ئۇنىڭ سەۋىيە جەھەتتىن ئۆسۈشى ۋە بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى.
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1937-يىلىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلىرى «ئىلى گېزىتى»دە داۋاملىق چىقىپ تۇرغان. پىشقەدەم شائىرئەنۋەر ناسىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ناھايىتى چوڭ تەسىركۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە يۈكسىلىشىگە قىزغىن ياردەم بەرگەنىدى.
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1939-يىلى سىنتەبىردە ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى ۋەئىبراھىم مۇتئىي قاتارلىق ئۇستازلاردىن بىلىم ئالدى. 1941-يىلى سوۋىت ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ تەرجىمانى سالاھىيىتىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلاندى. 1942-يىلىنىڭ باشلىرىدىن 1943يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇشىنجاڭ گېزىتىدە «ئەدەبىيات گۈلزارى» مەخسۇس بېتى تەشكىللەپ، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئەدىب، ئىلغار زىيالىيلارنى شىنجاڭ گېزىتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇردى ۋە شىنجاڭ گېزىتىنى خەلىققە روھىي ئوزۇقبېرىدىغان ۋە ئىلغار ئىددىيىلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇردى. ئىشتىنسىرىتقى ۋاقىتلرىدا بولسا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىتولىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى.
1943-يىلى شېڭشىسەي سوۋىت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شىنجاڭ مىقياسىدا ئىلغار دېموكرتىك زاتلارنى تۇت-تۇت باشلىنىپ كەتتى. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭ مەرگىزىگە ئايلىنىپ قالغان لۇتپۇللامۇتەللىپكە ئاشكارا قول سېلىشقا ئامالسىز قالغان شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىر رەزىل پىلان ئويلاپ چىقتى. ئۇ بولسىمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنى بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدىن يوقىتىپ ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ تەسىرى يوقالغاندا ئاندىن قول سېلىش ئىدى.
1943-يىلىنىڭئاخىرىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئاقسۇغا يۆتكەپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى«ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرلىكىگە «ئۆستۈردى».لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ ئاقسۇغا ئەۋەتىلىشىنىڭ ھەقىقىي سىرىنى چۈشەندى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا ئۆزىگەيۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى چاندۇرماي ئورۇنداپ بولۇپ، ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلدى ۋە تەرتىپكە سالدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئىچىدە نۇرغۇن گومىنداڭ پايلاقچىلىرى بارلىقىنى سېزىۋالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇئاقسۇ گېزىتىدە «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىيات سەھىپىسى تەشكىللەپ، ئاقسۇدىكى ئىلغار زىيالىيلارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.
1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تېخىمۇغالجىرلىشىدۇ. بۇ مەزگىللەردە لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىلى تەرەپ بىلەن ئالاقە باغلاشقا باشلايدۇ ھەمدە ئۆز يېقىنلىرىدىن مۈنىرىدىن خۇجا قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» دېگەن بىر ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىدۇ. 1945-يىلى يازدا مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي شىنجاڭغا ھۇجۇم باشلىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرى بىلەن خەلقنى قوزغىتىپ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشقاتەييارلىق كۆرمەكچى بولغاندا بۇ خەۋەر ئىتتىپاق ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان گومىنداڭ غالچىلىرى تەرىپىدىن گومىنداڭ تەرەپكە يەتكۈزۈپ قويۇلدى. گومىنداڭ جاللاتلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرى ۋەباشقا بىر بۆلۈك بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئالدى.1945-يىلى 18-سېنتەبىر مىللىي ئارمىيە ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ھارپىسىدا گومىنداڭ جاللاتلىرى ئۇنىڭغا زەھەرلىك قولىنى سېلىپ ئىسسىق قېنىنى تۆكتى! ئۆلۈم ئالدىدا ئۇ بارمىقىنى چىشلەپ قان چىقىرىپ تۈرمە تېمىغا مۇنۇلارنى يېزىپ قويغانىدى :

بۇ كەڭ جاھان مەن ئۈچۈن بولدى دوزاخ،
ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قانخور ئەبلەخ!

ل. مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت دەۋرى

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت دەۋرى ئۇ رەسمىي ئەسەر ئېلان قىلغان 1937- يىلىدىن باشلىنىدۇ. 1937- يىلى تۇنجى ئەسىرىدىن ئۇنىڭ ۋاپاتىغىچە بولغان ۋاقىتنى ھىساپلىساق ئۇنىڭ ئارانلا 8 يىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ 8 يىل ۋەتىنىمىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان 8 يىلدۇر. شۇڭا لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاھاڭىنىڭ جاھانگېرلىككە قارشى كۈرەشنىڭ تېمىسى ۋە روھى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ كەتكەن

.


ل. مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلدى. مەۋجۇت رىئاللىقتىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى، تەقدىرى، ئارزۇ – ئارمانلىرى ياش شائىرنىڭ ئىجادىيەت سوبېكتىنىڭ يېتىلىشى ۋە تاۋلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيىتىدە مىللىي تۇرمۇش ۋە مىللەت ئىستەكلىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە چېنىقتۇرىشىنىڭ رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى تېما ۋە مەزمۇن دەل ئۆز خەلقىنىڭ رىئاللىقى ۋە كۈرەشلىرىدىن كېلىدۇ.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇب ۋە بەدىئى گۈزەللىكلىرىدىن كۆرۈۋېلىش مۈمكىنكى، كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ تەسىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنى سېترولۇق قاتلاملىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ تاتار باشلانغۇچ مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر – چېچەنلىكى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ، بولۇپمۇ تىل – ئەدەبىيات جەھەتتىكى تالانتى باشقىلارنى ھەيران الدۇرىدۇ. تاتار ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى لۇتپۇللانىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىجادىيىتىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدىكى ئەمگەك – تەبىئەتكە باغلانغان كىشىلىك قىممەت قارىشى، ئىنسان خاراكتېرىنىڭ يارقىن دېتاللىرىدىن جەمىيەتنى ھەجۋى قىلىش ئۇسلۇبى ئابدۇللا توقاي قاتارلىق تاتار ئەدىپلىرىنىڭ تەسىرىدىن كەلمىگەن دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن؟

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1936- يىلى تاتار مەكتىپىنى تۈگىتىپ رۇس گىمنازىيىسىگە ئوقۇشقا كىردى. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەكتەپلىرىگە تەقلىد قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى، لېنىن، سىتالىن ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلاتتى. خەلقارا ئېقىم مەسىلىلىرى پورۇلتارىيەت مەيدانىدا تۇرۇپ شەرھىلىنەتتى. ئەدەبىياتتا رۇس يازغۇچى، شائىرلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى، دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەر تونۇشتۇرۇلاتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ ۋاقىتتا پوشكىن، لېرمونتوۋ، ماياكوۋېسكى، چىخوۋ، گوركىي قاتارلىقلىقلارنىڭ رۇسچە يېزىلغان ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى ۋە بىۋاستە ئوقۇپ چىقتى.

بۇ مەزگىلدە لۇتپۇللا ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى رەسمىي باشلىغان بولۇپ، ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە مەرۇپ سەئىدى، خېلىل ساتتارى، ئەنۋەر ناسىرى قاتارلىقلاردىن شېئىرىيەت قانۇنىيەتلىرىنى ئۈگىنىشكە باشلىدى، بولۇپمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئەنۋەر ناسىرىنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. شۇڭا لۇتپۇللا « مېنىڭ شېئىرلىرىم ئۇنىڭ ( ئەنۋەر ناسىرى ) شېئىرلىرىغا باغلانغان قويۇق مۇھەببەت ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن » دىگەن ئىدى. بۇ يەردە يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىكى تېماتىك ئىدىيە ۋە ئۇسلۇب ۋەزنىنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشمۇ لۇتپۇللا شېئىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتىكى ۋاستىلىق بىر يولدۇر.

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ جوڭگو خەنزۇ ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىشى ئۇنىڭ گىمنازىيە دەۋرىگە سۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇ رۇس گىمنازىزىيىسىدە رۇس كىلاسسكلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە لۇشۇن، ماۋدۇن، تىئەن جيەن قاتارلىقلارنىڭ رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى، بۇ ئەسەرلىرىدىكى ئىدىيىۋىي مەزمۇن ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلى لۇتپۇللا مۇتەللىپكە زور تەسىر كۆرسەتتى. 1939- يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە كەلگەندىن كېيىن تارىخىي رىئاللىق ۋە جوڭگو ئىنقىلاۋىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ۋەزىپىسىنى چۈشىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇ چاغلاردا مەكتەپلەردە سىياسىي، ئىدىيىۋىي، نەزەرىيىۋىي خىزمەتلەرنى جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆتەيتتى. يازغۇچى ماۋدۇن، سەنئەتكار جاۋدەن قاتارلىقلار مەدەنىيەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، ئىلمىي مۇھاكىمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياپون جاھانگىرلىگىگە قارشى ئەدەبىيات – سەنئەتنى، ماركىسىزىم – لېنىنىزىملىق ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلاتتى. ئەمەلىيەت جەھەتتە كوچا تىياتىرلىرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ ئىدىيىۋىي تەربىيىلىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ لۇشۇننىڭبوينىغا شارپا ئوراپ، قولىغا كىتاپ تۇتۇپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ تۇرغان پورتىرىتىنى سىزغانلىقى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىدىكى خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە مىسال بولسا كېرەك.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىدە كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىنى كۆرۈش مۈمكىن. لېكىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ مەنە جەھەتتە ئوچۇق، كەسكىن، بەدىئىلىك جەھەتتە گۈزەل نەپىس بولغان ئۇسلۇبى شائىرنىڭ 1940- يىلىدىن كېيىنكى شېئىرلىرىدا تۇراقلىشىشقا باشلىدى. ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتنىڭ ۋەزىن ۋە ئۇسلۇبى، تېما ۋە مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلغان، ئاۋانگارت بولغان شائىر بۇ مەزگىلدىن باشلاپ شېئىرلىرىنىڭ شەكلىدە مىللىلىككە قايتىش، مەزمۇندا ئۆزلۈكنى قېزىشنى ئادا قىلدى.


ل. مۇتەللىپ شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىي گۈزەللىكلىرى

لۇتۇن دەۋرى:1937- يىلىدىن 1939 – يىلىغىچە. قىسقا- قىسقا، ئەمگەك ۋە تەبىئەتنى مەزمۇن قىلغان لىرىك شېئىرلارنى يازدى. تېماتىك ئىدىيىسى ھەقىقەتنى، دېموكىراتىيەنى ئىزدەش، ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكىنى مەدھىيىلەش، مىللەتچىلىكنى تەنقىد قىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئۇرغۇتۇپ، ياپون جاھانگېرلىككە قارشى تۇرۇش. ئۇسلۇبى: ئوچۇق – يورۇق، ئاددىي- ساددا،قىزغىن، ئويناق، تەبىئىى، راۋان. بۇ دەۋردىكى شېئىرلىرى  ئويناق، تەبىئى، راۋان، ھەم رومانتىزىملىق پۇراققا باي بولۇپ، شائىرنىڭ چاپچىپ تۇرغان ئوتلۇق، جۇشقۇن ھىسسىياتىنى تولۇق ئىپادىلىدى.  مەسىلەن: « كۆكلەم ئىشقى »، « كۈرەش ئىلھامى »، « جوڭگو »، « ئەپەندى بولماق »، « چوڭ كۈرەش قوينىدا »، « ئىشلە دىخان ئاكا ».

قاينام ئۆركىشى دەۋرى: 1939- يىلىدىن 1943- يىلىغىچە. بۇ دەۋردە قىسقا سىياسىي لىرىكىلارنى يېزىپلا قالماي، داستان، نەسىر، درامما، فېليەتون، ئەدەبىيات – سەنئەت نەزىرىيىسىگە ئائىت بىرمۇنچە ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇتقا چىقاردى. بۇ دەۋردە شائىر شېئىرلىرىغا سىياسىي كۈرەش ئېڭى تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى. ئۇنىڭ سىياسىي لىرىكىلىرى جۇشقۇن، ئېنىق ۋە كەسكىن بولۇپ، دەسلەپكى شېئىرلىرىدىكى رومانتىك ئوبرازچانلىقنىڭ ئورنىنى ئاستا- ئاستا ئوتلۇق ۋە قان – ياشلىق ئىجتىمائىي مۇھىت كارتىنىلىرى ئىگەللىدى. مەسىلەن: « قىزىل گۈلگە پۈركەنگىچە يەر – جاھان »، « جوڭگو قىزى رەيھاننىڭ مارت شامىلىغا بۇيرۇغى »،« مۇخەممەس »، « يانار تاغلار »، « ياشلىق ئۈگەن ».

ئۆزلۈك دەۋرى:بۇ 1943 – يىلى كۈزدىن 1945 – يىلى كۈزگىچە. شائىرنىڭ ۋەتەنپەرلىك تۇيغۇسى كۈچىيىش بىلەن بىرگە ئىجادىيەتتە ساددا قىزغىنلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھەقىقىي، پىشقان سەنئەتكارغا خاس تەمكىن، ئېغىر – بېسىقلىق شەكىللەندى. ئىجادىيەت ئۇسلۇبى جەھەتتە مەنە جەھەتتىن ئوچۇقلۇق، كەسكىنلىك، چوڭقۇرلۇق، بەدىئىلىك جەھەتتىن نەپىس، گۈزەللىككە قاراپ تەرەققى قىلدى. شائىرنىڭ بۇ چاغدىكى شېئىرلىرىدا لىرىك تۇيغۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، شائىر شېئىرلىردىكى لىرىك قەھرىمان دەۋرنىڭ تاشقى كۈرەش چاقىرىقلىرىغا قىزغىن ئىشتىراك قىلغۇچىدىن، دەۋر روھىنى لىرىك مەننىڭ چىن ھىسسىياتى ۋە ئېستېتىك ئىگەللىشىدىن ئىبارەت ئىجادىيەت مۇساپىسىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىدى. مەسىلەن: « يىللارغا جاۋاپ »، « تەسىراتىم »، « خىياچان تىلەك ». شېئىرلىرىدا لىرىك تۇيغۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، شائىر شېئىرلىردىكى لىرىك قەھرىمان دەۋرنىڭ تاشقى كۈرەش چاقىرىقلىرىغا قىزغىن ئىشتىراك قىلغۇچىدىن، دەۋر روھىنى لىرىك مەننىڭ چىن ھىسسىياتى ۋە ئېستېتىك ئىگەللىشىدىن ئىبارەت ئىجادىيەت مۇساپىسىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىدى. مەسىلەن: « يىللارغا جاۋاپ »، « تەسىراتىم »، « خىياچان تىلەك ».

لۇتپۇللا مۇتەللىپ قوللانغان ئىسىم ۋە تەخەللۇسلار

مۇھەممەتجان توختى


(ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە يۈرچى يېزا،يۈرچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى )

ئوت يۈرەك شائىر ،ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت تۇققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىزىپ ، كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىيەتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .
لۇتپۇللا مۇتەللىپ پەقەت 23يىل ياشاپ توققۇزيىل ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان بولسىمۇ بىراق ئۇ،‹‹مۇھەببەت ۋە نەپرەت›› ‹‹يىللارغا جاۋاب››،‹‹خىيالچان تىلەك››،‹‹ چىمەنگۈل ››،‹‹چىن مودەن››،‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ›› …قاتارلىق شېئر ،فىلىيەتون،ئوپىرا،دىرممىلىرى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن يىقىلماس ئابىدە تىكلىدى.ھەم ئىجادى ھاياتىدا لۇتۇن،ل.مۇتەللىپ،قاينام ئۆركىشى،سەنئەت خۇمارى قاتارلىق ئىسىم،تەخەللۇسلارنى ئىشىلىتىپ شۇدەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى.
ئۇنداقتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ ئىسىم ۋە تەخەللۇسلارنى نېمە زۆرۈريەت ۋە سەۋەبلەر بىلەن ئىشلەتكەن .تۆۋەندە مەن بۇ،توغرۇلۇق قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.
لۇتۇن-لۇتپۇللا مۇتەللىپ يۇرۇق دۇنيا غا كۆز ئاچقاندا،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنۇڭغا ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمى لۇتپۇللا ئىدى.ئەمما بۇئىسىم ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە‹‹لۇتۇن››دەپ قوللۇنىلدى.ئۇ،دەسلەپ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئارىسىدا،كېيىنچە مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىكلەر ئارىسىدا ۋە بارا-بارا ئۇمۇملىشىپ ساۋاقداشلىرى،تەڭتۇش ئەل-ئاغاينىلىرى ھەتتا لۇتپۇللا ئارىلىشىدىغان ئەنۋەر ناسىرى قاتارلىق زىيالىلارمۇ ئۇنى ئاتايدىغان خاس ئىسىمغا ئايىلىنىپ كەتتى.لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ بۇئىسىمنى بەزى شېئىر مىسرالىرى ئارىسىدا ئىشلەتكەن بولۇپ،بۇئىسىم ‹‹مىللەتچىلەرگەزەربە››دېگەن شېرىدا مۇنداق كەلگەن.
‹‹ئەي لۇتۇن!
ئۇيغۇر ئېلى باغىدا
ئۆزمىللىتىڭنى يارات،
باشقىلارغا قاراپ كۆزئالايت››
دەپ ئۆگەتمەكچى ماڭا
قارا كۈچ،قارانىيەت،
ئۆچلۈك سالماقچى كۆڭلۈمگە…
ياق!…مەن ئالدانمايمەن پەقەت…
بۇئىسىمنىڭمۇ لۇتپۇللانىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىغا ئوخشاش كىشىلەر قەلبىدە يادلىنىپ ئۇلارنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشى، تىيانشاننىڭ جەنۇپ، شىمالىغا كەڭرى تارقىلىشى ئۈچۈن ئەلقەم ئەختەم،مۆمىن مۇھەممىدى، تۇرسۇن ئەرشىدىن… قاتارلىق يازغۇچى شائىرلىرىمىز ، ‹‹لۇتۇن››ماۋزۇسىدىكى ئەسلىمە،ھېكايە،پوۋىست ، شېئىرلىرى بىلەن كەڭرى مەيدان ۋە ئىللىق سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بولسا.يېقىندا يەنە،ئۈرۈمچىدە،‹‹لۇتۇن خەلىق ئارا سودا چەكلىك شىركىتى›› قۇرۇلۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن‹‹لۇتۇن››ماركىلىق سائەتتىن 365نى بازارغا سالدى.بۇنىڭ بىلەن‹‹لۇتۇن››دېگەن بۇئىسىمنىڭ ماركالىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى،سىرتىغا كەڭ تارقىلىشىغا شارائىت ھازىلاپ بەردى.
ل.مۇتەللىپ-بۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادى پالىيىتىدە ئەڭ كۆپ قوللانغان ئىسىم بۇ ئەسلىدىكى ئىسىم فامىلىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،لۇتپۇللا بۇ ئىسىمنى بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ھاياتىدا قوللاندى ھەم بۇ ئىسىم بىلەن‹‹ يىللارغا جاۋاپ››،‹‹مۇھەببەت ھەم نەپرەت››قاتارلىق ئۆلمەس شېئىر داستانلىرىنى ئېلان قىلدى.
لۇتپۇللا ئەينى چاغدا ئوقىغان مەكتەپلەردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ،ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغائاتىسىنىڭ ئەمەس، چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىدىغان بولغاچقا لۇتپۇللامۇ بۇ،تەسىر تۈپەيلى ئاتىسىنىڭ ئىسمى ھېزىمنى ئەمەس چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى مۇتەللىپنى فامىلە قىلىپ قوللانغان .ھەم چەتئەللەرگە ۋە قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ مۇشۇئىسىم بىلەن تۈنۈلغان.
قاينام ئۆركىشى-بۇ لۇتپۇللامۇتەللىپ ئىجادىيەتتە پىشىپ يىتىلىۋاتقان ھەم ئىجدىمائىي پالىيەتلەردە قايناق بىر باسقۇچقا كىرگەن مەزگىلىدە قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللامۇتەللىپ بۇتەخەللۇسنى 1939-يىلدىن1945-يىلغىچە ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇلاردا ياشىغان چاغلاردا يازغان شېئىرلىرىدا ئىشلەتكەن.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن يېقىن دوسلاردىن بولۇپ1941-يىلى نويابىردا ئۇلار تەخەللۇس ئالماشتۇرغان.لۇتپۇللامۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىمگە‹‹ئۆتكۈر››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.ئۆتكۈر ئەپەندىم بولسا،لۇتپۇللا مۇتەللىپكە‹‹قاينام››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.بىراق لۇتپۇللا مۇتەللىپ‹‹قاينام››غا‹‹ئۆركىشى››نى قوشۇپ ‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى قازاقىستاندا ياشاپ ۋاپات بولغان ئەخمەتجان روزى ئۆزىنىڭ‹‹ ل.مۇتەللىپ ۋە مەن››دىگەن ئەسلىمىسىدە‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن. تەخەللۇس توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ .لۇتپۇللامۇتەللىپ روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگەتەرجىمان بولۇپ قەشقەرگە بارغاندا،قەشقەرنىڭ بىرچەت رايۇنىغا چۈشۈپتۇ شۇرايۇندا ناھايىتىمۇ تېزئاقىدىغان بىردەريابولۇپ،ئاجايىپ قايناملىرى بار ئىكەن .قاينام سۇلىرىنىڭ ئۆركەشلىرى دەرەخ بويى ئۆركەشلەپ تۇرىدىكەن.شۇ قاينامنى كۆرۈپ لۇتپۇللا ئۆزىگە‹‹قاينام ئۆركىشى››دېگەن تەخەللۇسنى قويۇپتىكەن. ( كىروران ژورنىلىنىڭ2007-يىللىق3-سانى)
گەرچە لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ‹‹قاينام ئۆركىشى››تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ،لىكىن بۇتەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقالغان. مەرھۇم يازغۇچى،مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى،ئىجادىي پالىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىئوگىرافك رومانى ‹‹قاينام ئۆركىشى›› گەلۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەخەللۇسى بولغان قاينام ئۆركىشىنى ماۋزۇقىلغان بولۇپ جەمئيەتتە بەلگۈلىك تەسىز قوزغىدى ھەم بۇ تەخەللۇسنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقىلىشىغا ھەم قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى.
سەنئەت خۇمار-بۇ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلنىڭ ئاخىرىدىن1943-يىلنىڭ باشلىرىغىچە يازغان ئەدىبىيات-سەنئەتكەدائىر بەزى ئوبزور،ماقالىلىردا قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلى روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگە تەرجىما بولۇپ جەنۇبى شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە بارىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قەشقەر سەھنىلىرىدە ئوينىلىۋاتقان، ‹‹چىمەنگۈل››دىراممىسىنى كۆرۈپ، بۇ، دىراممىنىڭ ئوينىلىش جەريانىدىكى ئارتۇقچىلىق،كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش مەقسىتىدە‹‹چىمەنگۈل سەھنىدە››ناملىق بىر مۇلاھىزە ماقالىسى يازىدۇ . بۇ،ماقالە ھەم دىرامما ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى يۇشۇرۇش مەقسىتىدە‹‹ سەنئەت خومار ››دېگەن تەخەللۇس بىلەن شۇچاغدىكى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىدۇ.كېيىن بۇ،تەكشۇرۈش ئەترىتىدىكى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، بۇ، گېزتنىڭ‹‹ ئەدەبىيات گۈلزارى››بېتىگە مەسئۇل بولىدۇ.ھەم گېزىتتە ،ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ‹‹تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى››،‹‹سەنئەتكە مۇھەببەت››…قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلىدۇ.بۇماقالىلارنىڭمۇ ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىماي‹‹سەنئەتخۇمار›› تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىدۇ.گەرچە ‹‹سەنئەت خۇمار›› دېگەن بۇ،تەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىدەك كىشىلەر ئارىسىدا ئۇمۇملىشىپ كېتەلمگەن بولسىمۇ ،لىكىن ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى،ئاشىقانە مۇھەببىتىنى چۈشۈنىشىمىز ئۈچۈن بەلگۈلۈك ئىلمىي قىممەتكە ئىگەئىكەنلىگى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ.
پايدىلانغان ماتىرياللار
1. تۇرسۇن ئەرشىدىن: ‹‹تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز››شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنەشىرياتى 1994-يىلى 10-ئايدانەشىر ى.
2.شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى:1997-يىللىق 4-سانى.

شائىرنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلىرىدىن

يىللارغا جاۋاب

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار ،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.

يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ…
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە بولىدۇ قاقشال.
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلار قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆلنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراپ باق، ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ ،ھە … بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.

كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.

مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.

قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەردەم يادىمدا.

ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا.
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
كۈرەش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا.

يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،

ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ، دەپ بېرىمىز جاۋاب.


مەنبە: ‹‹يولۇچى بىلوگى››شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982-يىل 10-ئاي، بىرىنچى نەشرى (لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى)



لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدىكى قىسقا فىلىم

[audio]

مەنبە: تېمىدىكى بارلىق مەزمۇنلار تور دۇنياسىدىن يېغىپ رەتلەندى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-16 05:36 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
arkenkaxka + 108 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11032
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 05:49:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېما. ساقلاپ قويدىم.

ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78863
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5994
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 06:45:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  لۇتپۇللا مۇتەللىپ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،مەمتېلى ئەپەندى  قاتارلىق بۇ ئۈچ بۇيۈك شائىر ۋە قەيسەر ئىنقىلاپچىلار شۇ دەۋىر كىشىلىرىگە نىسبەتەن مەن ئەڭ قايىل بولىدىغان كىشىلەر ئىدى.مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 90 يىللقىنى خاتىرلەيمەن.
مۇمكىن بولسا،لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»،«سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ» دىگەن شېئىرلىرىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار.

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15560
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7223 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 06:55:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ،بۇ قەھرىمان،ئوت يۇرەك ئوغلانىمىزنى مەڭگۇ ياد ئىتىمىز...

تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7575
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7694 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 07:00:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  شۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ياشلارنى يىتەكلىدى. لى. مۇتەللىپنى قانچەتەشۋىق قىلساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14965
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 07:16:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
82-يىلدىن كېيىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمىدىمۇ؟ ياكى بىز خەۋەرسىز قالدۇقمۇ ؟

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6418
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239354
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12476 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 07:17:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تارىخى شەخىسلەر ھەم بىزلەر        
       
لىڭشىپ تۇرغان كۇچەتنىڭ، شېخىدا تۇرماس مىۋىسى ،
ھەقىقەت ھەم ۋىجداننىڭ، مەڭگۈ سۇنماس ھەيۋىسى .
قۇملار كۆچۈپ ، تاغ كۆچۈپ، ئۆتسىمۇ گەر ئەسىرلەر ،
‹بالدۇر ئۆچكەن ئىزلارنى›، تاپار بىر كۈن نەۋرىسى .

‹ئۆتكۈر› كەتتى ئارىدىن ،لىكىن نامى ئۆچمىدى ،
ئۇيغۇر چەكتى رىيازەت ،دىيارىدىن كەچمىدى .
ئەجىر قىلساق گۈل تېرىپ ، يىلتىزى بالدۇر چانىلىپ،
‹سۇلياۋ گۈلدەك ئاتالمىش›، خۇشبۇي ھىدىنى چاچمىدى .

تەكلىماكان جەۋھىرى ، جان تەسەددۇق قىزلىدى ،
ئەجنەبىيلەر ئۆيىگە ، جەۋھەر بولۇپ تىزىلدى .
ئاتىلار غېرىپ ،ئانا بىچچارە ،بالىلار يىتىم ،
زىمىن يىغلاپ ، نالە قىلىپ ، يۈرەك ئىزىلدى .

سىيىت نوچىنى تىللىدۇق ، تارىخ بىزدىن يىراقتا ،
ئۆلۈم خېتى ھەممنى ، قويسىمۇ گەر پىراقتا .
ھەقنى كۆزلەپ ئەل ئۈچۈن ،بارلىغىنى ئاتىغانلار ،
قارغاي كەبى تىك تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى سۇلاقتا .

ئابدۇخالىق ياش ئىدى ، غۇنچە كەبى توزىدى ،
تالاي ئارزۇ –ئارمىنى ، يۇلتۇز بىلەن شۇڭغىدى .
بۇۋام قازغان قۇدۇقنى ،بالام تېخى ئىچمەستىن ،
مەينەت قوللار ياراتماي ، ئەجەپ ئاسان بۇلغىدى .

غېنى باتۇر جەڭ قىلغان ،قانلار كىچىپ تاغلاردا ،
بەزەن مەنسەپ تون كەيدى ،سەيلە قىلىپ باغلاردا .
نىسىۋىسى قالماقتا ، يىتىم –يىسىر ئاجىزنىڭ ،
ۋىجدانىنى يۇقاتقان ،تۆرگە ئامراق بايلاردا ...

قۇمۇشلۇقتا جەڭ قىلغان ، ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم ،
ئاتالغانتى ئەللەردە ‹ئۇيغۇر قىزىم › كۆز نۇرۇم .
پاك ئىپپەتنىڭ يولىدا ،قۇل بولماستىن جان بېرىپ ،
خىتاپ قىلغان  ئەۋلاتقا ، ئەلا مېنىڭ غورۇرۇم .


يېزىپ كەتكەن لۇتپۇللا ،بىزگە ئىسىل شئېىرنى ،
كۈيلەر ئىدى مىسراسى ، سەھرا – يېزا ،قىرىنى .
شۇنچە ئۇلۇغ ئەدىپنىڭ ، قەبىرىسىنى بىلمەستىن ،
ئىناقلىققا قۇم چېچىپ ، يوق قىلامدۇق ئىزىنى .

قۇرلۇرۇمدا بەزىدە ، ئەنجەنباينى ئەسلەيمەن ،
‹تەۋپىق › چىلىك بۇلالماي ئۇخلاپ يېتىپ ئەسنەيمەن .
دوئىلى بار ھاياتتا ، ئىلىم- پەندىن يىراقلاپ ،
ھەرە كەبى ياشالماي ، ‹ئادەم بولماق تەس دەيمەن › .

باقى ئەمەس بىر ئۆمۈر ، تارىختىكى كىشىلەر ،
چىرىتمىسۇن دىللارنى ، ئىشرەت ھاراق نىشىلەر .
ئەتىمىزگە ئۇل سېلىپ ، غورۇر بىلەن ياشىساق ،
ھايا بىلەن گۈل كۆرەر ،بىزنىڭ ئەنداز نەۋرىلەر .

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50634
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10887
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1693 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 07:21:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتىمدىكى ئەڭ قايىل، ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەڭ ئامراق ئۇيغۇر مەشھۇر شەخس - لۇتپۇللا مۇتەللىپ.

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1212 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 07:29:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام لۇتپۇللا ئەسلەيمەن سېنى ! !

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4860
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 07:48:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوت يۈرەك شائىرىمىزنىڭ  ياتقان  يىرىن  جەننەت  بولسۇن .
بىزگە قالدۇرغان  ئۇدۇملار  يەردە قالمىسۇن .

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش