مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6318|ئىنكاس: 53

مىكروسوفت شىركىتى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولغان ئېلخەت مۇلازىمىتىنى ي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80208
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3626
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 12:57:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىكروسوفت شىركىتى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولغان ئېلخەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى

يېقىندا مىكروسوفت شىركىتى www.outlook.com ئېلېكترونلۇق خەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. بۇ شىركەت بۇرۇنقى hotmail ۋە live.cn قاتارلىق ئېلېكترونلۇق خەت مۇلازىمىتى بىلەن خوشلاشماقچى ئىكەن. دۇنيادا داڭلىق ئېلېكترونلۇق خەت مۇلازىمەت شىركىتىدىن ئۈچى بۇلۇپ بۇلارنىڭ بىرسى hotmail يەنى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ، گوگىل شىركىتىنىڭ Gmail ۋە ياخۇ شىركىتىنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقلىرى مەشھۇر بۇلۇپ نۇرغۇن كىشىلەر مىكروسوفتنىڭ بۇ يېڭى مەھسۇلاتى Google شىركىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتى ئۈچۈن رىقابەتلىشىش دەپ قارىماقتا.بۇ يىل 6-ئايدا، Hotmail نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇستەقىل خېرىدارلىرى 324 مىليون، Yahoo نىڭ 290 مىليون، Gmail نىڭ 278 مىليون بولغان.

بۇ ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىنىڭ ئالاھىلىدىلىكلىرى :

بۇرۇنقى ئابۇنتلار تىزىملاتقان  hotmail ئادرىسىلىرى ۋە live.cn ئادرىسلىنىمۇ قوللانغىلى بۇلىدىكەن. ياكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز خالاپ outlook.com دىن قايتىدىن تىزىملىتىۋالسىمۇ بۇلىدىكەن. بۇ ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرى بولسا ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل قوللىشى بۇلىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ خەت ساندۇقىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنمە يۈزلىرى، تىزىملىكلىرى، تەڭشەكلىرىدىن تارتىپ بارلىق، خەت يېزىش، قاتارلىق بارلىق مەشغۇلاتنى ئۇيغۇرچە قوللىنالايدىكەنسىز. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى يوقلۇقىغا خاتىمە بىرىلگەن بولدى. شۇڭا پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان بۇ ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەسلىكىمىزگە ھېچقانداق باھانە قالمىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ خەت ساندۇقىنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىنى uighursoft.com ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم قاتارلىقلار مەسئۇل بۇلۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.

تۆۋەندە بۇ ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىغا قانداق كىرىش قانداق تەڭشەشنى رەسىم ئارقىلىق تۇنۇشتۇرىمىز.

بىرىنجى قەدەمدە تور كۆرگۈچىڭىزنىڭ ئادرىس ئىستونىغا www.outlook.com دەپ كىرگۈزىسىز. بەت ئېچىلغان سىز جۇڭگۇ رايۇندا بولسىڭىز خەنزۇچە ئېچىلىدۇ. بۇرۇن تىزىملاتقان ئادرىسى بولسا شۇنى تىزىملاتسىڭىزمۇ ياكى رەسىمدىكى جايدىن تىزىملاتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ئىككىنجى قەدەمدە تۈۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىسىز

ئۈچۈنجى قەدەمدە تۈۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىسىز
بۇ كۆزنەكتىن تىل تاللاش رايۇنىغا كىرىپ تىل تاللايسىز

تۆتىنجى قەدەمدە تۈۋەندىكىدە مەشغۇلات قىلىسىز
تۈۋەندىكى تىللار قاتارىدىن ئاستى تەرەپتىكى ئۇيغۇرچە دىگەن تۈرنى تاللاپ ساقلاش دىگەنىنى باسسىڭىزلا ئىكران پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھالەتكە ئۆزگىرەيدۇ.

بەشىنجى قەدمدە تۈۋەندىكىدەك قاراڭ بارلىق تۈرلەر ئۇيغۇرچە بولدىمۇ

ئاخىردا سىزنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولغان ئېلخەت ساندۇقىڭىز بولدى ، تامام
                    

ئەمدى بۇ خەت ساندۇقىدا ئۇيغۇرچە يېزىپلا قالماي، كۈرۈنۈش ھەممىسى ئۇيغۇرچە ئەمدى بۇ خەت ساندۇقىنى ئىشلىتىشكە باھانىڭىز بارمۇ؟
نىمە مىنىڭ كومپىيتېرىمدا ئۇيغۇرچە ما رەسىمدىكىدەك چىقمىدى دىدىڭىزما! ئۇنداق بولسا تۈۋەندىكىدە تەڭشەپ قويۇڭ

تور كۆرگۈچ IE9 نىڭ «Internet تاللانمىلىرى»(Internet 选项)غا كىرىڭ، ئاندىن «خەت نۇسخىسى» (字体)دېگەننى تاللاڭ.
«ھەرپ-بەلگە توپلىمى»(字符集)دىن «لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىدىغان»(以拉丁文为基础)نى تاللاڭ.
«تور بەت خەت نۇسخىسى»(网页字符集)دىن ALKATIP UI (ياكى ALKATIP)نى تاللاڭ.
«جەزملەشتۈرۈش»(确定)نى بېسىپ، چېكىنىڭ.

قوشۇمچە ئىقتىدارلار (辅助功能)دىن، فورماتى (格式化)نى تاللاڭ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 2- ۋە 3-ئەزانىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويسىڭىز بولىدۇ.


---------------------------------------------------------------------------------------

بۇ خەۋەر نۇر تورىدىن ئەينەن ئېلىندى. تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقىدىغانلار ئەسلى مەنبەگە كىرىپ كۆرگەيسىلەر.





ئۈگۈنۈش- ئۈگۈنۈش -يەنەئۈگۈنۈش..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87223
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1608
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-11-14
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 02:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك، بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەھەت ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بارلىق دوستلارغا سالام.

غەلبە تىرىشچانل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10963
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 1160 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 02:17:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاتتا خوشخەۋەركەن بۇ، بەك ياخشى بوپتۇ.
ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.

مۇھەببەت ياخشى كۆرگەنلەرگە ئەمەس، قەدىرلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50634
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6645
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1402 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 02:20:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىم ئەھەت ئاكامغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن. غەيرەت قىلىڭ، ئاكا!

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1849
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25708
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3422 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 02:21:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى ئۇچۇردىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە تەشەككۈر... خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1607
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1035 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 02:44:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
`9MTMZIT`[2X`[UYLE1CO[C.jpg
مىنىڭكىدىكى ھالەت . thumb_580__20121112065833166[1].jpg
لىكىن سىز يوللىغانغا ئوخشىمىدى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rivayat1986 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-16 02:48 PM  


thumb_580__20121112065833166[1].jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8419
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2409 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 02:57:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2012-11-16_145600.png

مەن خىلى بولدى،بۇنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ ئىشلىتىۋاتقىلى، ۋىندوۋس 8 نىمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن مانا،ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققاندا شۇن قاچىلىپ ئىشلىتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79363
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3834
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 03:04:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىزىملىتالمىدىم. تېلېفون نومۇرى دېگەن يەرگە نېمىنىلا كىرگۈزسەم خاتا دەپ تۇرىۋالدى.

ھەمىسى ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8674
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 03:07:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى مەن سىناپ كۆردۈم، كومپىيۇتېرىمدا خەتلەر نورمال كۆرۈنمىدى، كۆرسىتىلگەن بويىنچە تەڭشىسەم، ئېلخەت نورمال كۆرۈنمەيلا قالماستىن، مىسرانىمنىڭ خەت نۇسخىسىمۇ ئۆزگىرىپ كەتتى....
بىراق مۇندىن كېيىن تولۇق ئۇيغۇرچىلاشقان ئېلخەت ئىشلىتەلەيدىغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم.....

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.

ۋەتەنسىزنىڭ نىمىسى بار؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30001
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4503
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 03:18:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdul915 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-16 03:07 PM
بۇنى مەن سىناپ كۆردۈم، كومپىيۇتېرىمدا خەتلەر نورمال ك ...

ie8دىن يۇقۇرى  بولغان تور كۆرگۈنى ئىشلىتىپ ئېچىڭ،ئۇنىڭدىن تۈۋەن تور كۆرگۈلەر html5نى قوللىمايدۇ.

ۋەتىنىڭنى سۆي،مىللىتىڭىنى سۆي،بىرلىك غەلبە،بىز ئىتتىپاقلاشساقلا ئاخىرقى غەلبە بىزگە مەنسۇپ،كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ھۇررا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش