مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3487|ئىنكاس: 0

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىتى 1-ئومومى يىغىنى ئاخباراتى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 07:28:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   شىنخوا ئاگنتلىقى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تىلىگراممىسى.

   (2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ج ك پ 18-نلۆۋەتلىك مەركىزىي كومتىتى 1-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەن)

   ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىتى 1-ئومومى يىغىنى،11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلدى.

يىغىنغا مەركىزى كومتىت ئەزالىرىدىن 205 كىشى،تولۇقلانغان مەركىزى كومتىت ئەزالىرىدىن 171 كىشى قاتناشتى. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ ئەزالىرىمۇ يىغىنغا قاتناشتى.

   يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

    ئومۇمىي يىغىندا مەركىزى سىياسى بىيرۇسىنڭ ئەزالىرى،مەركىزى سىياسى بىيرۇسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى،مەركىزى كومتىتىنىڭ باش شۇجىلىرى سايلاپ چىقىلدى؛مەركىزى سىياسى بىيرۇسى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ نامزات قىلىپ كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزى شۇجىچۇسىنىڭ ئەزالىرى ماقۇللاندى ۋە مەركىزى ھەربىي كومتىتنىڭ ئەزالىرى قاار قىلىندى؛ 18-نۆۋەتلىك مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى بىرىنجى قىتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا سايلانغان شۇجى،مۇئاۋىن شۇجىلىرى ۋە دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنى تەستىقلاندى. تىزىملىك تۆۋەندىكىچە:

    بىرىنجى،مەركىزى سىياسى بىيرۇسىنىڭ ئەزالىرى:

   (بىيخوا سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە تىزىلدى)

    شى جىنپىڭ،ما كەي،ۋاڭ چىشەن،ۋاڭ خۇنىڭ،ليۇ يەندوڭ(ئايال)، ليۇ چىباۋ،شۈ چىلياڭ،سۈن چۈنلەن(ئايال)، سۈن جېڭسەي،لى كېچياڭ،لى جيەنگو،لى يۆەنچاۋ،ۋاڭ ياڭ،جاڭ چۈنشيەن،جاڭ گاۋلى،جاڭ دېجياڭ،ڧەن چاڭلوڭ،مېڭ جيەنجۇ،جاۋ يۆەجى،خۇ چۈنخۇا،يۈ جېڭشېڭ،لى جەنشۇ،گو جىنلوڭ،خەن جېڭ.

    ئىككىنجى،مەركىزى سىياسى بىيرۇسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى:

شى جىنپىڭ،لى كېچياڭ،جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن،ۋاڭ چىشەن،جاڭ گاۋلى.

    ئۈچىنچى،مەكىزى كومتىت باش شۇجىسى:

    شى جىپىڭ

    تۆتىنجى،مەركىزى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى:

    ليۇ يۈنشەن،جاۋ يۆەجى،لى جەنشۇ،دۇ چىڭلىن،جاۋ خوڭجۇ،ياڭ جىڭ(موڭغۇل)

    بەشىنجى،مەركىزى ھەربىي كومتىتىنىڭ رەئىسى،مۇئاۋىن رەئىسلىرى،ئەزالىرى:

    شۇجى: شى جىنپىڭ

    مۇئاۋىن شۇجىلار:فەن چاڭلوڭ،شۈ چىلياڭ

    ئەزالار:چاڭ ۋەنچۆەن،فاڭ فېڭخۇي،جاڭ ياڭ،جاۋ كېشى،جاڭ يوۋشيا،ۋۇ شېڭلى،ما شاۋتيەن،ۋېي فېڭخې،

    ئالتىنجى،مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ شۇجىسى،مۇئاۋىن شۇجىلىرى،ھدئىمىي ھەيئەت ئەزالىقىنىڭ ئەزالىرى:

    شۇجىسى:ۋاڭ چىشەن

    مۇئاۋىن شۇجىلىرى:جاۋ خوڭجۇ،خۇاڭ شۇشيەن،لى يۈفۇ،ۋۇ يۈلياڭ،دۇ جىنسەي،چيۇ شۆەچياڭ،جاڭ جۈن،جاڭ جىنەن،چېن ۋېنچىڭ،جوۋ فۇچى،جاۋ خوڭجۇ،خوۋ كەي،يۈ گۈيلىن،ياۋ زېڭكې،خۇاڭ شۇشيەن،خۇاڭ شاۋۋىي(ئايال)،سۈي شاۋپېڭ.

   ج ك پ باش شۇجىسى يولداش شى جىنپىڭ سۆز قىلدى(تولۇق تىكىستى)

    [ج ك پ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ] خانىملار ،ئەپەندىلەر دوستلار:ياخشىمۇ سىلەر! كۆپچىلىكنى ساقلىتىپ قويدۇم، ھەرقايسى مۇخپىر دوستلار بىلەن كۆرۆشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

تۆنۈگۈن،ج ك پ 18-قۇرۇلتىيى غەلبىلىك يىپىلدى. مۇشۇ كۈنلەردىن بىرى،مۇخپىر دوسلار بۇ قىتىنقى قۇرۇلتاي ئۈچۈن نۇرغۇن خەۋەرلەرنى بەردى،دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرگە «جۇڭگونىڭ ئاۋازى»نى تاراتتى. كۆپچىكىك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە كەسىپ ئىڭى بىلەن جاپالىق ئىشلىدىڭلار،مۇشۇ مۇناسىېەت بىلەن مەن قۇرۇلتاي كاتتىبات باشقارمىسىغا ۋاكالىتەن،سىلەرگە سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

    باياتتىن،بىز ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىتىنىڭ بىرىنجى نۆۋەتلىك ئومومىي يىغىنىنى ئاچتۇق،يغىندا يىڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قۇرۇلمىسى سايلىنىپ بىكىتىلدى. ئۇمۇمىي يىغىندا يەتتە نەپەر مەركىزى سىياسى بىيرۇسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى،سايلاپ چىقىلدى،مەن ج ك پ بان شۇجىلىقىغا سايلاندىم. تۆۋەندە مەن باشقا ئالتە دائىمىي ئەزالارنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى.

ئۇلار:يولداش لى كېچياڭ،يولداش يۈجېڭشېڭ،يولداش ليۇ يۈنشەن،يولداش،ۋاڭ چىشەن،يولداش جاڭ گاۋلى.

    يولداش لى كېچياڭ 17-نۆۋەتلىك مەركىزى سىياسى بىيرۇسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، باشقا يولداشلارمۇ 17-نۆۋەتلىك مەركىزى سىياسى بىيرۇسىنىڭ ئەزالىرى،كۆپچىلىكمۇ ئۇلارنى خىلى چۈشىنىسىلەر.

بۇ يەردە مەن يىڭى بىر ئەۋلات مەركىزى رەھبەرلەك قۇرۇلمىسىدىكى ئەزالارغا ۋاكالەتەن، پۈتۈن پارتىيىلىك يولداشلارنىڭ بىزگە ئىشەنچ باغلىغىنىغا سەمىمىي رەھمەت ئىيتىمەن. بىر چوقوم كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسىنى يەرسە قويمايمىز، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىمىز!

    پۈتۈن پارتىيىلىك تورداشلارنىڭ ئىشەنچىسى،ھەر مىللەت خەلق ئەممىسىنىڭ ئۆمىدى—بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى كۈچلىك رىغبەت، ھەم بىزنىڭ زىممىمىزدىكى ئىغىر ۋەزىپە.

    بۇ ئىغىر ۋەزىپە بولسا مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەت. بىزنىڭ مىللىتىمىز بىر ئۇلۇغ مىللەت . بەز مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا،جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنكار قىلغۇسىز تۆھپىلارنى قوشتى. يىقىنقى زاماندىن بۇيان،بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىغىر ئازاب-ئوقوبەتلەرنى باشتى كەچۈردى،جوڭخۇا مىللەتلىرى ئەڭ خەتەرلەى ھالغا چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنشى ئۈچۈن،سان-ساناقسىز كىشىلەر قارشىلىقلارنى كۆرسەتتى، بىراق قايتا-قايتىلاپ مەغلۇپ بولدى.

    ج ك پ قۇرۇلغاندىن كىيىن،خەلىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئالغا باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن قەيسەرلىك بىلەن كۆرەش قىلىپ، كونا قالاق كونا جوڭگونى كۈنسىرى بىيىۋاتقان،كۈچىيىۋاتقان يىڭى بىر جۇڭگو قىلىپ قۇرۇپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مىسلى كۆرۆلمىگەن دەرەجىدە نۇرلۇق ئىستىقبالغا ئىگە بولدى.

    بىزنىڭ بۇ ئىغىر ۋەزىپىمىز بولسا خەلققە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق. بىزنىڭ خەلقىمىز بىر ئۇلۇغ خەلق. ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا جوڭگۇ خەلقى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا، قەيسەرلىكىگە،ئەقلىگە تايىنىپ، ھەممە مىللەت ئىناق بىرلىكتە ياشايدىغان بىر گۈزەل ئائىلىنى قۇرۇپ چىقتى، تارىخى ۋە زامانىۋىيلىق بىلەشكەن بىر ئىلغار مەدەنىيەت بەرپا قىلدى.

    بىزنىڭ خەلقىمىز تۇرمۇشنى سۆيىدۇ، تىخىمۇ ياخشى مائارىپ بولۇشىنى، تىخىمۇ مۇقىم بوغان خىزمەت ئورنىنىڭ بولىشىنى، تىخىمۇ رازىلىنارلىق كىرىمىنىڭ بولۇشىنى،تىخىمۇ ئىشەنچىلىك ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئىرىشىشنى، تىىخمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ بولىشىنى، تىخىمۇ راھەت تۇرالغۇ شارائىتىنىڭ بوۇشىنى،تىخىمۇ گۈزەل مۇھىتىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بالىلىرىنىڭ تىخىمۇ ياخشى چوڭ بولىشىنى،ياخشى خىزمەتلارنى قىلالىشىنى،تىخىمۇ ياخشى ياشىيالىشىنى ئۆمىد قىلىدۇ. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى،دەل بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىز.

    دۇنيادىكى باھارلىق بەختنىڭ ھەممىسى جاپالىق ئەمگەكتىن كەلگەن. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز،پۈتۈن پارتىيىنى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يىتەكلەپ، ئىدىيىنى تىخىمۇ ئازات قىلىپ،ئىسلاھات ئىچىۋىتىشتە چىڭ تۇرۇپ،ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆزلۆكسىز ئازات قىلىپ ۋە تەرەققى قىلدۇرۇپ،تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش،ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى قىيىنچىللىقىنى ھەل قىلىش، مەزمۇت قەدەم بىلەن ئۇرتاق بىيىش يولىدا داۋاملىق مىڭىش.

    بۇ ئۇلۇغ ۋىزىپە—پارتىيەگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق. بىزنىڭ پارتىىمىز بولسا پۈتۈن جان-دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە. رتىيە خەلقنى يىتەكلەپ پۈتۈن كۆز تىككۈدەك ترەققىياتلارغا ئىرىشتى، بىزنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن پەخرلىنىشىمىزگە ئەلۋەتتە ھەققىمىز بار، بىراق بىز پەخىرلەنسەك بولىدۇ بىراق چوقۇم مەغرۇرلانماسلىقىمىز كىرەك، ھەرگىزمۇ بوشاڭلىق بىلەن ئۆتۆپ كەتكەن خىزلەتلىرىمى دەستەك قىلىپ ياتمايمىز.

    يىڭى ۋەزىيەت ئاستىدا،پارتىيىمىز نۇرغۇن ئىغىر سىناقلارغا دۇچ كىلىۋاتىدۇ،پارتىيە ئىچىدە نۇرغۇن جىددى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مىسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بىر قىسىن پارتىيىلىك كادىرلار ىرىسىدىكى پارىخۇرلىق، خەلقتىن ئايرىلىپ ئالاھىدە بولۇۋىلىش،شەكلۋازلىق،بيوگراتچىلىق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر، چۇقۇم زور كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا تىگىشلىك. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم سەگەك بولىشىمىز كىرەك.

    تۆمۆر تاۋلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز ئىرادىمىزنى تاۋلىشىمىزكىرەك. بىزنىڭ مەسئۇلىىتىمىز پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار بىلەن بىر يولدا مىڭىپ،پارتىيە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ،پارتىيىنى قاتتىق باشقۇرۇش نوقتىسىدى ئۆزىمىز ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەقىقى ھەل قىلىشىمىز،خىزمەت ئىستىلىمىز نى ھەقىقى توغىرلىشىمىز، ئاممىغا چوڭقۇر چۆكۆپ، پارتىيىمىزنى باشتىن –ئاخىر جۇڭگچە سوتسيالىزىم ئىشلىرى داۋامىدا كۈچلۈك رەھبەرلىك يادرۇسى قىلىشىمىز كىرەك.

    خەلق—تارخنىڭ ياراتقۇچىسى، پەقەت خەلق ئاممىسىلا ھەقىقى قەھرىمان. خەلق ئاممىسى بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىزنىڭ مەنبەسى. بىز چوڭقۇر چۈشىىمىزكى: شەخسنىڭ كۈچىنىڭ چىكى بار، بىراق بىز ھىممە بىر نىيەتتە بولۇپ،ئىرادىمىزدىن سىپىل ھاسىل قىلالىساقلا،بىز يىڭەلمەيدىغان قىيىنچىلىق يوق؛ ھىر بىر ئادەمنىڭ خىزمەت ۋاجتىنىڭ چىكى بار، بىراق جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ چىكى يوق.

مەسئۇلىيىتىمز تەيشەن تىغىدىنمۇ ئىغىر، ۋەزىپىمىز بەكمۇ مۈشكۈل. بىز چوقۇم باشتى –ئاخىر، خەلق بىلەن بىردەك بولۇپ،خەلق بىلەن جاپادىمۇ- ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىشىمىز، خەلق بىلەن ئۇرتاق كۆرەش قىلىشىمىز كىرەك، بىز چوقۇم تىخىمۇ ئىجتىھاتچانلىق بىلەن ئىشلەپ، تارخقا،خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ قايتۇرىشىمىز كىرەك.

    مۇخپىر دوستلا، جوڭگۇ دۇنيانى تىخىمۇ چۈشىنىشكە مۇھتاج،دۇنيامۇ ئەلۋەتتە جوڭخۇنى تىخمۇ چۈشىنىشكە مۇھتاج. سىلەرنىڭ بۇندىن كىيىن داۋاملىق جوڭگۇ ۋە باشقا ئەللەر ئارىسىدىكى چۈشەنچىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ تۆچپە قوشوشۇڭلارنى ئۆمىد قىلىمەن.  كوپچىلىككە رەھمەت.

مەنبە:شىنخۇا ئاگنتلىقىنىڭ باش بىتى.


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tiwep + 10 مەرەك بولسۇن
YAZR + 10 جاڭ چۈنشيەن ئۈسۈپتۇ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش