كەچكۈزدە مۇشائىرە ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار! قەدىمدىن باشلاپ ،قەلەمكەشلەر ھەر پەسىلدە ،بولۇپمۇ نۇرۇز كۈنى يېغىلىپ ،ئۇزىنىڭ تىلەكلىرىنى ئارزۇ ئارمانلىرىنى،پەسىلگە ئاتالغان لىرىكىلىرىنى مۇشائىرە قىلىپ كەلگەن،ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە خوشاللىق تاپقان ۋە قەلەملىرى تېخىمۇ تاكامۇللاشقان..... بىزمۇ قىش كەچكۈزنىڭ دەرۋازىسىنى قاتتىق مۇشلاۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتلاردا مۇشائىرە ئۆتكۈزۈپ باقايلى دەپ سىلەرنى مۇشائىرىگە تەكلىپ قىلدىم،بىلمىدىم مەيلىڭلار بارمىكىن؟ ئەمىسە باشلاپ كەتتۇق كەچكۈزدە تۆكۈلدى ئاخىرقى خازان، سوغ شامال ئۇچىتار تىنىمسىز ھەر-يان. كۆرۈنمەس تەپتى ئوت كۈزنىڭ قۇياشى، دەل -دەرەخ،گۈل غۇنچە بولدى غېرىبان. مۇشائىرە قائىدىسى-ئاخىرقى بىر مىسراسى بىلەن كىيىنكى ئادەم باشلايدۇ. قېنى ئەمىسە،ھەممىڭلار ئاۋاز قوشقايسىلەر! مەنبە:مەن
|