شېئىرىيەت غېمى
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
شېئىرىمنىڭ ھەسرەتلىرى بار،
ھەم رەنجىشى تەرسا زاماندىن.
شائىرلارغا تۈگىمەس سۇئال بار،
شىكايىتى ياخشى ياماندىن.
كۆكتىن تامغان بولساق كۆك ئىدۇق،
يەردىن ئۈنگەن بولساق يەر ئىدۇق.
مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخ،
مانا بۈگۈن ئېيتىڭ نىمە بولدۇق؟!...
شەكىل يۈتتى مەنالار ئازدى،
ئۆزىن بىلمەي ئۆزگېنى قازدى.
يازدى يازدى شېئىردىن بەزدى،
ئۆزگىلەرنى تەڭداشسىز سەزدى.
بىرسى دېدى؛-شېئىر ھېچ نىمە؟
نە چۈشەنمەك ئوقۇساڭ بولدى!
بىرسى دېدى؛-ئەقىل بىھاجەت،
ئوي بولسىلا توقۇساڭ بولدى.
بىلىمى يوق شائىر ئاتالدى،
گاھ ئىلھامنى شەيتانىدىن ئالدى.
گاھ ھاراقتىن، نەشە، قىماردىن
كىتابسىزدىن كۆپ نەپلەر ئالدى.
تەرىتى يوق قازى سانالدى.
ھېچكىم بىلمەس «سۈر»لەرنى يازدى.
بۇزغان مەرگەن، ئازغان باھادىر،
ھەق سۆزلىگەن ئىغىزلار تالدى.
شېئىر نىمە؟ تەبىرى يوقمىش،
ئارۇز ياتنىڭ، بارمىقى كۇپمىش.
باش قاپىيە مۇدىدىن قالغان،
پەش، چېكىتلەر بىھاجەت، كۆپمىش.
پەرەڭ بۇنداق يازمايدۇ دېسە،
رۇس ئۆمرىدە ئازمايدۇ دېسە.
گېرك تۈزگەن قەدىم پەتىۋا،
زامانەمدە ئاقمايدۇ دېسە.
سۈرىيەنى دوراپ بىر مەھەل،
چىن ئىلىدە تاپقاندا زاۋال.
ئۆزبەكلەرگە قىلدۇق كۆپ ئۇۋال،
مەتبۇئاتلار قىلىندى قامال.
ئېيتىڭ شائىر شۇنداق بولامدۇ؟
بارنى ئۇنتۇپ يوقنى يازامدۇ؟
بۇ تىل ياردىن باشقىغا كەلمەس،
ياكى شائىر كۈندە ئازامدۇ؟
ئىشەك كەبى ھاڭراپ بىرمەھەل،
مادىسىنى قوغلاپ يۈرەمدۇ؟
ئەل يۇرت ھايات-مامات كويىدا،
شائىر شۇنداق، شۇنداق بولامدۇ؟...
شائىر يىرىم پەيغەمبەر دېگەن،
ئۆز دىنىنى تىللاپ سۆكەمدۇ؟
ئەل سۆيگەننى تىللاپ، سىسىتىپ،
رەقىبلەرنى خۇدا بىلەمدۇ؟
تېخى ھېچكىم شېئىرىيەت ئۈچۈن،
بەلگىلىيەلمەس يۆنىلىشنى دەپ.
كۆز كۆرمىگەن توساقلار ئارا،
شائىر ئۆزنى ئەركىن سېزەمدۇ؟
توۋا دەيمەن بۇ كۈنلىرىمگە،
يازغىنىڭلا شېئىر بولامدۇ؟
گۇپپا گۇپپاڭ، دەي دەيلەر ئارا،
ماختالغانلار شائىر بولامدۇ؟
ھەر گۈلنىڭ بار ئۆزگە پۇرىغى،
ئۇيغۇرۇمغا ھېچكىم ئوخشىماس.
شائىر بولساڭ ياز ئۆتكۈر سىمان،
شۇنداق سەندىن ئەل يۇرت قاخشىماس.
ئۆتكۈر- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نى كۆرسىتىدۇ.
2012-يىل 10-ئاينىڭ10-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-15 01:21 PM