  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					پۇرىۋالاي ھىدىڭنى ئانا 
پۇرىۋالاي ھىدىڭنى ئانا ،  
ئايرىلماستا سەندىن يىراققا .  
ھەمراھ بولار كىملەر قەلبىمدەك ،  
مەن كەلگۈچە يالغۇزلىقىڭغا .  
 
كۆرۈشكىچە يەنە بىر نۆۋەت ،  
سەندەك كۆيەر ماڭا قايسى يات .  
كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ كېتەرمۇ ،  
يۈرەكلەردە سېغىنىش قات - قات .  
 
ئايرىلىشنى ئويلىسام سەندىن ،  
كۆزۈم قىيماي ئېزىلەر باغرىم .  
سۆيۈنگىدەك سېنى خۇش قىلسام ،  
بۇندىن ئۆزگە يوقتۇر ئارمىنىم .  
ئانامغا خەت  
تەقدىرىمنى ئويلاپ تاڭغىچە ،  
ئولتۇرامسەن ئانا خىيالچان .  
سېغىنغانسەن مېنى تولىمۇ ،  
شۇ يېگانە ئۆيدە ھەقىچان .  
 
بولدى ئۇزۇن ، يازالمىدىم خەت ،  
ئەندىشىدە ئۆتكەنمىدۇ كۈن .  
سېنىڭ بەرگەن ئاپئاق سۈتۈڭگە ،  
بېرەلمىدىم جاۋابنى پۈتۈن .  
 
پوچتىكەش كىرسە گەر مەكتەپكە ،  
ياش ئەگىيدۇ كۆزۈمدىن دەم -دەم .  
يېرىم دىدار بىر پارچە خېتىڭ ،  
بولار ئىدى يۈرەككە مەلھەم .  
ئانا  
يۈرىكىمدە تەنھا بىر ئۆزۈڭ ،  
سەن باغرىمنى ئىللىتقان قۇياش .  
ئارىمىز گەر بولسىمۇ يىراق ،  
يۈرىكىمگە يۈرىكىڭ تۇتاش .  
 
ئاق سۈتۈڭنىڭ تەمى تىلىمدا ،  
سىڭگەچكە ئۇ پۈتۈن جىسمىمگە .  
ئۈمىدىڭنى ئاقلايمەن چوقۇم ،  
تەڭ قىلمايمەن سېنى ھېچكىمگە .  
 
كۆزلىرىمدىن سېنى بىر كۈنى ،  
قايسى شامال كېتەر ئۇچۇرۇپ .  
سەنمۇ<<خوش>>دەپ قويماستىن ماڭا ،  
كېتەرسەنمۇ ھەسرەتتە قويۇپ .  
كۈلۈپ ياشا ، ئەي ئانا ھەردەم  
چىن ساداقەت قۇچاقلىرىڭدىن ،  
تۆكۈپ كەلدىڭ ماڭغان يۇلۇمغا .  
ئارمىنىڭنى تىلتۇمار قىلىپ ،  
بېرەي دەيمەن سېنىڭ قولۇڭغا .  
 
كۆزلىرىڭدە تاڭنىڭ جىلۋىسى ،  
پۈۋلەر ھەرچاغ ھايات چوغىنى .  
ئاپئاق سۈتۈڭ تومۇر-تومۇردا ،  
ئۆتتى پاكلاپ ۋىجدان غورۇرنى .  
 
سەن ياراتتىڭ دۇنيانى ، مېنى ،  
ئەسكە سالدىڭ تالاي ھېكمەتنى .  
كۆرۈپ يەتتىم سەن باسقان ئىزدىن ،  
ھەر قەدەمدە ئۇلۇغ قۇدرەتنى .  
 
شادلىقىڭنى كۆرۈپ قالاي مەن ،  
يۈرىكىڭنى ئورىمىسۇن غەم .  
مېنىڭ مەڭگۈ زۇلپىقارىم سەن ،  
كۈلۈپ ياشا ، ئەي ئانا ھەردەم . 
ئانام مېنى تۇغقان چېغىدا  
ئانام مېنى تۇغقان چېغىدا ،  
تۇغقان بەلكىم ئارمانلىرىمنى .  
باھار بېرىپ كۆكلەتسۇن دېگەن ،  
كۆمۈپ قويغان يىلتىزلىرىمنى .  
 
ئانام مېنى تۇغقان چېغىدا ،  
تاڭغان چوقۇم يۈرەككە ئوتنى .  
ئۇچۇپ بېرىپ ئەكەلسۇن دېگەن ،  
ياشاش ئۈچۈن تاغدىن بۇلۇتنى .  
 
ئانام مېنى تۇغقان چېغىدا ،  
تۇغقان بىللە ئۆلمەس ئەقىدە .  
قىزلارغىمۇ ئىنساب تىلىگەن ،  
قاراپ تۇرۇپ يۇلتۇزلۇق كۆككە . 
ئانامغا  
سەندىن يىراق كەتكەن بولساممۇ ،  
ئۇچۇم بولغان تەنھا قۇش كەبى .  
يۈرىكىمدىن چوڭقۇر سېغىنىش ،  
تۆكۈلمەكتە ئاپئاق قار كەبى .  
 
ئامانمۇ سەن قەدىردان ئانا ،  
ئىنتىزارمەن ئوتلۇق ھىدىڭغا .  
سۆيگۈم كېلەر تالاي جاپادا ،  
قاداق باسقان ئالىقىنىڭغا .  
ئەپسۇس  
يالغۇز قالغان چاغلىرىڭ تولا ،  
يېتىشەلمەي ئېتىز ئىشىغا ،  
ئۈمىدلىنىپ قارايدىغانسەن ،  
شۇنداق چاغدا مەن كەتكەن يولغا.  
 
شۇ تاپ ئانا ،  
سېنىڭ يازغان ئوتلۇق خەتلىرىڭ  
ئايلانماقتا قاناتلىرىمغا  
مەندىن كۈتكەن ئارزۇلىرىڭنى ،  
سېغىنىشىڭ سالماقتا دىلغا .  
چۈشلىرىمدە بەزى كېچىسى ،  
سەن قۇياشقا ئايلانغۇدەكسەن ،  
ئىللىتىشقا پۈتۈن قەلبىمنى ،  
ئىزدەپ ھارماي كەلگۈدەكسەن ھەم ،  
يىتىپ كەتكەن مېنىڭ بەختىمنى .  
 
ئانا ، سېنىڭ قەدەم تىۋىشىڭ ،  
تىلسىملارنىڭ ئېچىپ سىرىنى .  
گۈل كەلتۈرەر يېڭى دۇنياغا .  
سېنىڭ بىلەن تۆت پەسىل باھار ،  
قەلبىڭ ئوخشار چەكسىز دەرياغا . 
(ئېزىز نامان پەرۋازى )نىڭ << سۆيگۈ رىۋايتى >> ناملىق شېئرلار توپلىمىدىن ئېلىندى  
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |