QQ دا ھەر خىل ئىسىملارنى قويۇۋالغانلارغا بىر كەلىمە سۆز
 
                ئەكبەر جاپپار دەردى
بىر دوستۇمدىن ، QQ  دا بىر بۆلەك كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە  بىر بۆلەك  ھايۋانلارنىڭ ۋە ئېغىزغا ئالغۇسىز  سەت  ئىسىملارنى  قويۇۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ  ، ئادەم دېگەن  ھەرقانچە  بولسىمۇ ئۆزلىرىگە ئۇنداق ئىسىملارنى قويۇۋالماس ، بۇ دوستۇم سەل كۆپتۈرۈۋەتتىمۇ قانداق دېگەنلەرنى ئويلاپ، كومپىيوتېرنىڭ QQ دىكى  ئىسىم تەكشۈرۈش كۆزنىكىنى ئېچىپ،  بىر بۆلەك   ئىسىملىرىنى كۆرۈپ ، توۋا مۇشۇمۇ ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ ، بۇ ئىسىملارنى قويۇۋالغانلار ساراڭمۇ ئوڭمۇ ؟ ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگىدەك دەرىجىدە ساراڭ بولغان بولسا كومپىيوتېر ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەس ئىدى،  بىر  قىسىم  زامانداشلىرىمىزغا  نېمە بولۇۋاتقاندۇ، ئەجەپ ئۆزلىرىنىڭ  ئاتا - ئانىلىرى قويغان بىر چىرايلىق   ئىسمى تۇرسا شۇنى ياكى باشقىچە  چىرايلىق ئىسىملارنى ئىشلەتمەي بۇنداق ئېغىزغا ئالغۇسىز ئىسىملارنى قويۇۋاپتىغۇ،   دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم . 
بىز ئىنسانلار ئاڭ، تەپەككۈر ۋە باشقا جەھەتلەردە ئاشۇ ئاڭسىز ھايۋانلاردىن   پەرقلىنىپ  تۇرىدىغانلىقىمىزنى ھەممىمىز دېگۈدەك بىلىمىز، شۇڭا بىزنىڭ ياشايدىغان  مۇھىتىمىز، ئىستىمالىمىز شۇنداقلا ئىش پائالىيەتلىرىمىز ھايۋاندىن ئاسمان زېمىن پەرىقلىق ، بۇ دۇنياغا  تەپەككۈر ئىقتىدارىغا ئىگە بىر ئىنسان سىياقىدا تىرىلىپ ، قىلغان ئىشلىرىمىز ئاشۇ ئاڭسىز ھايۋاندىن پەرىقلەنمىسە، مېنىڭچە  ئۆزىمىزنى نېمە دەپ ئاتاش توغرىسىدا ئۆزلىرىمىز ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك . 
QQ دىكى  ئۆزلىرىگە ئاشۇنداق ئېغىزغا ئالغۇسىز ئىسىملارنى قويۇۋالغانلارنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى باشقىلار بىلمىگەن تەقدىردىمۇ ،  شۇ ئىسىملارنى قويۇۋالغانلار ئەلۋەتتە بىر ئىنسان،  شۇنداقلا ئۇ كومپىيوتېر ۋە ئىنتېرنېت توردىكى   QQ ئالاقىلىشىش مەشغۇلاتىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىشنى بىلىدىغان بىراق ، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشنى ، ئۇنى پەقەت ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشنى ۋاستىسى قىلىۋالغان مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا  ۋاقىتلىق ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان ، بۇ دۇنياغا نوپۇس سانىنى ئىگىلەش ئۈچۈنلا ئاپىرىدە بولغان، ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇنداق ئۆزگىلەرنى سەسكەندۈرىدىغان قىلىقلىرى بىلەن بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ  ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان چۈپرەندە ئىنسانلار، خالاس .
   مېنىڭ بۇ يازمام ئارقىلىق QQ دا ئۆزلىرىگە ئاشۇنداق ئېغىزغا ئالغۇسىز ئىسىملارنى قويۇۋالغان كىشىلەرگە مۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ : بىز بۇ دۇنيادا ئىنسان سىياقىدا تۆرەلگەن ئىكەنمىز، قىلغان قىلىقلىرىمىز ئىنسانغا خاس بولسۇن ، ئاتا -  ئانىلىرىڭلار  ئارزۇ ئارمانلاپ  قويغان چىرايلىق  ئىسىملىرىڭلارنى  ئاللا قانداقتۇر ئىسىملارغا ئالماشتۇرۇۋالساڭلار ئۆزۈڭلارغا ۋە سىلەرگە ئىسمىڭلارنى قويغان ئاتا – ئاناڭلارغا ، شۇنداقلا بىر پۈتۈن مىللەتكە يۈز كېلەلمەيسىلەر . دۆلىتىمىز قانۇنىدا پۇقرالار ئىسىم - فامىلە ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزلىرىگە ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت ئىسىملارنى قويۇۋېلىش بىر ئاڭلىق ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس . 
( ئاپتور : قەشقەر ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن )
  كېلىش مەنبەسى  :  جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى  
      
http://www.radioxj.com/n18349c24.aspx