يىـڭى ئــەزا
زىمىستان قىشتىكى شېرىن چۈشۈمگە، كىرگەنتىڭ چىرايلىق ئاق گۈلنى سۇنۇپ. تۇنجى قار ياغسىمۇ سېنى كۆرمىدىم، ۋە ياكى كېلەمسەن ئۇز باھار بولۇپ. بوز تورغاي سايرىغان چىرايلىق باھار، يادىمغا يەتكۈزگەن ئاشۇ چاغلارنى. سېغىنىش يۈرەكنى ئۆرتۈمىسۇن دەپ، ئايلانماس بولدۇممەن كونا جايلارنى. سېنىڭسىز كۈنلىرىم ئۆتكەچكە غەمدە، يالغۇزلۇق يەپ كەتتى ئارمانلىرىمنى. ئەلەملىك يۈرەككە داۋادۇر ئۇنتۇش، بۇ ھىجران قويمىغاچ دەرمانلىرىمنى. بۇ مىسكىن كۆڭلۈمنى ئۆرتەيتتى ھەسرەت، دۇنيادىن ئارماندا كېتەرمەنمۇ دەپ. كۆز سالسا كۆكتىكى يۇلتۇز چولپانغا، يارىمنىڭ يادىغا يېتەرمەنمۇ دەپ. قەدرىمگە يېتەمسەن ئەي ۋاپاسىز يار، قەلبىڭنى قىينىسا كۆڭۈل تەشۋىشى. بۇ مىسكىن كۆڭلۈمگە بەرسەڭ خاتىمە، پاكلىنار يۇرەكنىڭ ئازاپ كەچمىشى. بولدى بەس يۈرۈكۈم ئالما ئەمەسقۇ، ئېيتقىنا مەندىمۇ بار ئىدى ۋىجدان. مەن ئەمدى سەنسىزمۇ ياشىيالايمەن، ئەزسىمۇ يۈرەكنى ئاخرقى ھىجران.
پاش قىلىش
مەستانە ئـــەزا
‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››
دائىملىق ئــەزا
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 08:58 PM ئەڭ ئاخىرقى كۇبلىتى بەك ياخشى چىقىپتۇ.
natik يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 09:48 PM قانداق ياخشكەن مەزمۇنىمۇ ياكى باشقا جەھەتتنمۇ چۈشەن ...
ئادەتتىكى ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ