قاچانمۇ ھوشۇمنى تاپارمەن
ئۇيغۇن
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا سەھرادىكى چوڭ داداملارنىڭكىگە بېرىشقا ئامراق ئىدىم، چۈنكى چوڭ دادام قوغۇن تېرىشتا بەك ئۇستا ئىدى، تاتلىقلىقىدىن تىلنى ياراتتى. چوڭ دادامنىڭ يەنە بىر قوتان مېلى بولۇپ، دائىم نەۋرە ئاكام بىلەن قوي باققىلى چىقىپ، قويلارنى يايلاققا قويۇۋېتىپ پۇخادىن چىققۇچە ئويناپ، كەچتە مالنى قايتۇرۇپ كەلسەك، تاتلىق پىشقان قوغۇن بىزنى قارشى ئالاتتى، تازا ھۇزۇرلىنىپ يەپ ئۇخلاپ قالاتتۇق.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، چوڭ دادامنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بىر ئادەم ئىككى بالىسىنى يېتىلەپ كېلىپ، قولىدىكى تاماق يەيدىغان قاچىسىنى تەڭلەپ تەلمۈرۈپ قاراپ تۇردى. چوڭ دادام:
- ھوي ئاپىسى، ناندىن بىرنى ئەپچىقىپ بېرىڭلا ما ئاداشقا - دېۋىدى، چوڭ ئانام ئاق ناندىن بىرنى ئەپچىقىپ بەردى. مەن ھەيران قېلىپ:
- چوڭ دادا، ئەجەب يوغان بىر پۈتۈن ئاق ناننى بۇنىڭغا بېرىۋەتتىڭىزغۇ؟ - دەپ سورىسام:
- بالام ساۋاب بولىدۇ، ئاخىرەتتە پايدىسى بار - دەپ جاۋاب بەردى. مەن بوش كەلمەي:
- مۇشۇنداق تىلەپ كەلگەنلەرگە ئايىماي بېرىۋەرسىڭىز ئۇلار: «بىزنى ئوبدان باقىدىكەن» دەپ باشقا تۇغقانلىرىغىمۇ خەۋەر قىلسا ئۇلار كېلىۋېرىپ ئاينىپ كەتمەمدۇ؟ - دېسەم:
- كەلسە كېلىۋەرمەمدۇ، يەر دېگەن جىق تۇرسا، ئا بىكار تۇرغان يەرنى ئېچىپ تېرىپ شۇ يەردە جېنىڭنى باق دەپ كۆرسىتىپ قويمامدۇق.
- ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن ئۇلار كېلىۋېرىپ يەرلەرنى ئىگىلەپ يەرلىنىپ، بالىلىرى چوڭ بولغاندا بىزنى بوزەك قىلىپ بىزگە كۈن بەرمىسە ئۇ چاغدا قانداق بولىدۇ؟
- خۇدايىم رىسقىڭلىنى بېرەر، ئۇنىڭغىچە مەنمۇ ئۆلۈپ قالارمەن.
مەن كۆڭلۈمدە قايىل بولمىساممۇ، ئەمما كىچىك بولغاچقا ھېچنىمە دېيەلمىدىم. شۇنداق قىلىپ ئەشۇ بىر تىلەمچى شۇ يېزىدا قوشنا - قۇلۇملارنىڭ ياردىمىدە ئۆيلۈك، يەرلىك بولۇپ قالدى. كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى، ئاكىسى، بىر نەۋرە تۇغقانلىرى، قۇلۇم - قوشنىلىرى كېلىپ ئەتراپتىكى ئېچىشقا بولىدىغانلىكى يەرلەرنى ئېچىپ تېرىپ، ئۆز كۈنىنى كۈن ئېتىشكە باشلىدى. بۇلارمۇ قىزىقكەن، ئۆينى سالىدىكەنۇ بىكار بولسىلا ياكى ئىشتىن ياناشىدا قولىغا ئىلماشقىدەكلا ئوتۇن بولسا تېرىپ كېلىپ ئۆيىنىڭ چۆرىسىگە تىزىپ دۆۋىلىۋېتىدىكەن. تىزىۋەتكەن ئوتۇننىڭ دەستىدىن ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىمۇ تەستە كۆرۈنىدىكەن. تېخىمۇ قىزىق يېرى، بالىلىرىنى ئىشقا سالماي ھال - كۈنى ياخشى بولمىسىمۇ، مەكتەپ شۇنچە يىراق بولسىمۇ مەكتەپتە ئوقۇتىدىكەن.
بىزگە ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولسىمۇ ئوقۇمايتتۇق. چۈنكى دادام مېنى مەكتەپ يېشىمغا يەتكەندە ئوقۇتماي كېرەككە كېلىدىغان ۋاقتىڭ بولدى، داداملارنىڭ قويىنى بېقىشىپ بەر، دەپ چوڭ داداملارنىڭكىگە ماڭدۇرغان ئىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن مالچى بولۇپ كەتكەن ئىدىم.
مال بېقىش جەريانىدا سۇ بويىدا ئۆسكەن يوغان قۇمۇشتىن نەي ياساپ ئۆزۈم بىلگەنچە پۈۋلەپ ئويناپ ئاخىرى نەي چېلىشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم. ئۆگەنگەندىمۇ شۇنداق مۇڭ چالىدىغان بولۇپ كەتتىم. كەنتتىكىلەر دائىم بىر يەرگە توپلىشىپ مېنىڭ چالغان نېيىمنى تىڭشايدىغان بولدى. بۇ ئىشىم ئېغىزدىن - ئېغىزغا، قۇلاقتىن - قۇلاققا تاراپ يۈرۈپ ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمەكتىكىلەرنىڭ قۇلىقىغىمۇ يېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنلىرى نەۋرە ئاكام مال بېقىۋاتقان يېرىمدىن «تېز ماڭ، ئۆيگە قايت، مالغا مەن قاراپ تۇراي، ناھىيەدىن باشلىقلار نېيىڭنى تىڭشىغىلى كەپتۇ» دېدى. مەن تەئەججۈپ ئىچىدە ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. «قىزىق ئادەملەر باركىنا، شۇنچە ئۇزاق يولنى بېسىپ ئاتايىن ناھىيەدىن نەي ئاڭلىغىلىمۇ كەلگەن بارمۇ؟» دەپ غۇدۇرىغىنىمچە ئۆيگە يېتىپ كەلدىم. قارىسام ئۈچ - تۆت باشلىق چىراي كىشىلەر ھويلىدىكى كارىۋات ئۇستىدە داستىخاندىكى نىمەتلەرگە ئېغىز تەگكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. چوڭ دادام ئۇلارنى كۈتۈش ئۈچۈن پاي - پىتەك بولۇپ كېتىپتۇ. چوڭ دادام مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ باشلىقلارغا:
- ھە...ھى..ھى.. نەي چالىدىغان نەۋرەم مۇشۇ شۇ - دەپ مېنى ئۇلارغا كۆرسەتتى.
- ھە بالام كىچىكلا تۇرىسەن، قېنى نېيىڭدىن بىر پەدە چالە، ئاڭلاپ باقايلى - دېدى باشلىقلاردىن بىرسى. (باشلىقمۇ - ئەمەسمۇ بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇ چاغلاردا مۇشۇنداق ئادەملەرنى كۆرسە باشلىق دەيدىكەندۇق).
مەن نېيىمنى قولۇمغا ئېلىپ چوڭ دادامنىڭ چىرايىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۆڭلۈمدە تازا كېلىشتۈرۈپ بىر چالايچۇ، دەپ ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئاھاڭدىن بىرنى چېلىشقا باشلىدىم. چېلىپ بولۇپ ئۇلارغا قارىسام ئۇلار ماڭا قارىغان پېتى تۇرۇپلا قاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ مەن پادىچىلىقتىن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمەكنىڭ نەي چالىدىغان سازچىسى بولۇپ قالدىم. ناھىيە تەۋەسىدە زور ئالقىشقا ئېرىشىپ: «پالانى نەي» دېگەن شەرەپلىك لەقەمگە مۇيەسسەر بولدۇم. ئەمما ساپايىمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن تېرەمگە پاتماي قالدىم. يا نوتا بىلمەيمەن، يا خەت ساۋاتىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىجەزىممۇ قوپال، تەتۈر بىر نېمە بولغاچقا، ئۆمەكتە باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىشقا باشلىدىم. خادىم قىسقارتىش شامىلى كەلگەندە مەن ئالدى بىلەن قىسقارتىۋېتىلدىم.
قانداق قىلاي، ئەمدى مال بېقىشقا رايىم يوق. كوچىدا نەي چېلىپ جاننى باققىلى بولمايدۇ، ئۇنداق قىلىشقا غۇرۇرىممۇ چىدىمايدۇ، بىر مەزگىل لاغايلاپ يۈرگەندىن كېيىن دادام: «ئوغۇل بالا بولغاندىكىن بىر قوللۇق ھۈنەر ئۆگىنىپ قوي. ياغاچچىلىقنى ئۆگىنەمسەن يە؟ يېقىندىن بويان بۇ ھۈنەر خېلى ئوبدان ئېقىۋاتىدۇ؟» دېدى تەكلىپ ئارىلاش. ماڭا بۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ياغاچچىلىقنى ئۆگەندىم. بۇ ھۈنەرمۇ بوپقالىدىكەن، بىر مەزگىل مېنى ئىزدەيدىغانلار كۆپىيىپ يېتىشەلمەي قالدىم. ئەمما بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى، ياقا يۇرتتىن ئەسۋاب خالتىسىغا سايمانلىرىنى سېلىپ كوچا دوقمۇشلىرىدا قاتتىق قەغەزگە «ياغاچچى» دەپ خەتنى يېزىپ قويۇپ ئولتۇرىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى، ئۇلار ئىشنى سىلىق، تېز ھەم ئەرزان باھادا (يەنى مەن قويغان باھانىڭ يېرىم باھاسىغا) ئىشلىگەچكە مېنى ئىزدەيدىغانلار تەدرىجىي تۈگەپ كەتتى. مەن يەنە ئىشسىز قالدىم. ئامالسىز چوڭ داداملاردىن قالغان ئەشۇ ئازغىنە بىر مەيدان يەرنى تېرىپ تىرىكچىلىك قىلماقچى بولدۇم. يەر تېرىماق شۇنچە ئاسانمىدى؟ كۈچۈڭ بولغان بىلەن پەمىڭ بولمىسا بىكاركەن. دېھقانچىلىقنىىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئېپى بولغاچقا تازا ئەپلەشتۈرەلمىدىم، ھېلى پارنىك ياساپ قىشتا سەي تېرىيدىغان، تۇرۇپ چىلان تېرىپ ئۇلاقچىلىق قىلىدىغان. ۋاي - ۋۇي... بۇ ئىشلاردىن بېشىم قېيىپلا كەتتى. يە گەپ چۈشەنمەيمەن، ئۆزۈم بىلىپ ئىشنى بىر ياققا ئېلىپ چىقالمايمەن. ئىككى ئېغىز گەپنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ئۈچ - تۆت قېتىملاپ تەكرار سورىمىسام تېخى، شۇنداق جاپالار بىلەن بىر يىللىق ھوسۇلنى پۇل قىلىپ پۇلنىڭ راھىتىنى كۆرمەي تۇرۇپ دەتتىكانغا ئىككىلا ئېتىپ ھەممىدىن قۇرۇق قالدىم. مانا ئەمدى بىلىمسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتىم. ئاخىر يەنە دادامنىڭ قېشىغا بېرىپ:
- دادا مەن ئوقۇي - دېدىم.
- ھەي... بوپتۇ ئوقۇغىن، ئىسمىڭنى يازالىغۇدەك، گېزىت ئوقۇيالىغۇدەك بولساڭ بولدى - دېدى.
مەكتەپتە ئوقۇپ ئۇقۇشقا كىرىشىپلا كەتتىم. دادام دېگەن ئىسمىڭنى يازالىغۇدەك، گېزىت ئوقۇيالىغۇدەك بولساڭ بولدى دېگەن گېپى بىر يەرلەردە قېلىپ، چوقۇم ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئوقۇش قارارىغا كەلدىم.
تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئالى مەكتەپكىمۇ كېلىۋالدىم. كۆزلىگەن نىشانىم بىر - بىرلەپ ئەمەلگە ئېشىۋاتاتتى، بۇ جايدىكى ھايات ماڭا شېرىن چۈشتەك بىلىنەتتى، بىرىنچى يىلى تامىقىغا كۆنەلمەي، ئۆينى سېغىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولساممۇ ھەر ھالدا ئوقۇشۇمنى ياخشى باشلىۋالدىم. كېيىنكى يىلىدىن باشلاپ نوچى ساۋاقداشلىرىم بىلەن دوست بولۇشۇپ پۇرسەت تاپساملا تورخانا - بەزمىخانىلاردىن چىقمايدىغان، كېچىلىرى قىزلار خىيالىمغا كىرىۋېلىپ ئۇيقۇمنى قاچۇرىدىغان، ئۆيدىن ئەۋەتكەن پۇل ھەپتە يەتمەيدىغان بولدى. ئۆزۈمنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىمنى بىلسەممۇ، ئۆز - ئۆزۈمنى تارتىپ چىقىشنى ئويلىساممۇ، جۈرئىتىم شەيتىنىمدىن ئاجىز كېلەتتى. مېنىڭ بۇ ئوقۇشنى نورمال پۈتتۈرۈشكە كۆزۈم يەتمەيتى. شۇنداق بولسىمۇ ئوقۇشۇمنى تاماملىماي بولمايتتى. پۇلۇم قالمىسا ئاغرىپ قالدىميەي، مەكتەپكە تاپشۇرىدىغان پۇل چىقىپ قالدىيەي، دېگەندەك بانالارنى تېپىپ ئۆيدىكىلەرگە پۇل سالدۇرۇپ، يەنە ئايىماي خەجلەيتتىم. ئاخىرى كۆچۈرۈپ يۈرۈپ، ئەپلەپ - سەپلەپ، تولۇقلىما ئىمتىھان بېرىپ، دېگەندەك قىلىپ يۈرۈپ دىپلومنىمۇ ئېلۋالدىم - دە، ئۆيگە قايتتىم. قولۇمدا دىپلوم بولغاندىكىن گېپىم چوڭ بولىدۇ - دە ئەلۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن مەندەك بىر ئىستۇدېنتنىڭ دۆلەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلىشى دېگەن تامامەن ھەقلىق ئىش ئىدى. ئەمما ھېچ بىر ئورۇن مېنى خىزمەتكە قوبۇل قىلايلى دېمەيتى. ھەي... بۇ پارىخور ئەمەلدارلار پارا بەرمىدى دەپ مەندەك بىر ئىستۇدېنتنىمۇ كۆزگە ئىلمايۋاتقان گەپ. نەدىنمۇ چىقتى مۇشۇ ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىدىغان تۈزۈم. ئەسلىدىنلا ياخشى ئوقۇيالمىغان بولغاچقا، ئىككى - ئۈچ قېتىم ئىمىتىھان بېرىپمۇ ئۆتەلمىدىم. يا دادام دېگەن بوشاڭمۇ يولۇمنى مېڭىپ قويمىدى. نېمە دەيدۇ دېمەمسىز:
- سەن زادى مەكتەپتە قانداق ئوقۇغان ئىدىڭ، شۇنچە قېتىم ئىمتىھان بېرىپمۇ ئۆتەلمىدىڭ. تېخى يوغان گەپ قىلىپ يولۇمنى مېڭىپ قويمىدىڭ دەيسىنا؟ ھازىر يول ماڭغانغا، پارا بەرگەنگىلا ئىش پۈتىدىغان ئىش قالماپتۇ. ئۆزۈڭمۇ سەل كۈچەپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بەرسەڭ، ئاندىن قالغان يولۇڭنى ماڭساممۇ بىر تۇرقلىق - دەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ كادىر بولىدىغان شېرىن خىيالىممۇ كۆپۈككە ئايلىنىپ، ھەدىسىلا مەيگە بېرىلىپ كېچىلىرى خۇدۇمنى بىلمىگۈدەك مەست بولۇپ ئۆيگە كېلەتتىم، ھەتتا بەزىدە كوچىلاردا يېتىپ قالاتتىم. دادام ئاچچىقىدا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگىدەك بولۇپ، ئاخىرى تىجارەت دۇكىنىدىن بىرنى ئېچىپ بەردى. شۇ دۇكاننى ئېچىپ ئولتۇرۇپ دۇكانغا ئورنىتىۋالغان كومپيۇتىر بىلەن توردا ئويۇن ئويناشقا كىرىشىپ كەتتىم. خېرىدارلار دۇكانغا كىرىپ مېنى چاقىرىپ بېقىپ، ئويۇندىن باش كۆتۈرمەي ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ: «توۋا» دەپ ياقىلىرىنى تۇتىشىپ چىقىپ كېتىشتى، مانا ئەمدى دۇكاندا سودىمۇ يوق، ئويۇنىمغا كاشىلا بولىدىغان بىزەڭ خېرىدارمۇ يوق، ئازادە ئويۇنۇمنى ئويناپ ئولتۇرۇۋېرىپتىمەن. دادام بۇ ئىشىمنى كۆرۈپ:
- ھوي كۇسپۇرۇچ. قاچانغىچە چوڭ بولمايدىغان، ھوشۇڭنى تاپمايدىغان نېمىسەن - دەپ دۇكاندىنمۇ قوغلاپ چىقاردى.
تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم، مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟ دېمىسىمۇ قاچانغىچە چوڭ بولمايمەن؟ قاچانغىچە ھوشۇمنى تاپمايمەن؟
....................