مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1579|ئىنكاس: 13

باش ئاغرىقىنى تۇنۇش ۋە داۋالاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80284
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3438
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 04:10:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

19300001263502132374601976930.jpg

ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟  يېقىندىن بۇيان ياخشى نىيەتلىك بىرقىسىم قېرىنداشلىرىمىز كۈيچى ۋاي ۋاي تۇپىغا يىغىلىپ تىبابىتىمىزنىڭ نەزىرىيە ئاساس قىسمىنى سۆزلەپ تۈگىتىپ ئىچكى كىسەللىك ئىلىمنى سۆزلەشكە باشلىدى. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاش ۋە ماس قەدەمدە ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلىمنى تەكىرار قىلىش مەقسىدىدە كۈندە ئۈتۈلمەكچى بولغان دەرىسلىكنى ئالدىن تور بەتكە ۋە بىلوگىمغا چىقىرىشنى ئويلاپ قالدىم. دەرىسكە قاتنىشىشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا ھەر كۈنى كەچ سائەت 6:30 (ئۈرۈمچى ۋاختى) دا ۋاي ۋاي yy توپ نۇمۇرى 28277 نى قۇشۇپ ئۇيغۇر تىبابەت دەرىسخانىسىغا كىرسەڭلار بۇلىدۇ. بۈگۈنكى مەزمۇن  باش ئاغرىقى. قېنى تۈۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۈرۈپ باھالاپ بېقىڭ.

باش ئاغرىقى


تۇنۇش: بۇ ھەرخىل سەۋەپلەر تەسىرىدىن باش چىڭقىلىپ ئاغرىش، لوقۇلداپ ئاغرىش ياكى ئىسىلىپ ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىك بۇلۇپ سەۋەبىگە قارىتا ماددىسىز باش ئاغرىش، ماددىلىق باش ئاغرىش، يېرىم باش ئاغرىش، شىركى باش ئاغرىش قاتارلىق تۆت تۈرگە بۈلىنىدۇ. تۈۋەندە ھەرقايسى باش ئاغرىشنىڭ سەۋەبى، ئالامىتى، داۋالاش لاھىسىنى سۆزلەپ ئۈتىمىز.
1. ماددىسىز باش ئاغرىش: بۇ ھەرخىل كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىشنى كۆرسىتىدۇ. تەسىر قىلغان كەيپىياتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۈۋەندىكىدەك 2 خىل بۇلىدۇ.
ماددىسى ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىش - ھاۋا بەك ئىسسىق كۈنلىرى ئاپتاپتا ياكى ئىسسىق ئۆيدە كۆپ ئولتۇرۇش، قىززىق چاي ۋە قىززىق، ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، بەك ئىسسىق مۇنچىدا يۇيىنىش، كۆپ ئاچچىقداش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بۇلىدۇ. بۇنداق باش ئاغرىشتا باش قىززىش، ئاغرىش، باش تىرىسى ئېچىشقاندەك بىلىنىش ئالامىتى كۈرلىدۇ. بىمار كىشى سوغاق ھاۋانى خالايدۇ، ئېغىز بۇرۇنلىرى قۇرۇپ ئېچىشىدۇ. كۆپ ئۇسايدۇ. بۇنداق بىمارلارنى داۋالاشتا سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىش، ئىسسىق مۇيىتتا ئۇزۇن تۇرۇش سەۋەبىدىن بولسا سالىقىن ھاۋالىق جايغا ئېلىپ بېرىپ ئارام ئالدۇرۇش، ئىسسىق مۇنچىدا ئۇزۇن تۇرۇشتىن بولغان بولسا سوغوق سۇدا يۇيۇندۇرۇش كىرەك. دورىلاردىن ئىسكەنجىۋىل ساددە، ھەببى شىپاھ بىرىش بىلەن بىرگە چىلان، قىزىلگۈل، سەندەل، تەمىرھىندى قاتارلىقلارنى چىلاپ ئىچكۈزۈش، سەندەل بىلەن يۇمغاقسۈتنى سۇقۇپ سىركىدە يۇغۇرۇپ باش قىسىمغا قۇيۇش كىرەك.
ماددىسىز سۇغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى - سۇغۇق ئۆتۈپ كىتىش ياكى ئىسسىق ۋاقىتتا سۇغۇق تاماق كەينىدىن سۇغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش، سۇغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، ئەتىياز، كۈز پەسىللەردە كۈندۈزى ئۇخلىغاندىن پەيدا بۇلىدۇ.
داۋالاش: سەۋەبىگە قارىتا مىزاجنى تەڭشەش ئېلىپ بېرلىدۇ. مەسىلەن: سۇغۇق ئۆتۈپ كىتىشتىن بولسا نۇرمالنى ئىسسىق جايدا ھاۋالاندۇرۇش، ئىسسىق چاي، ئىسسىق تاماقلار بىلەن مىزاجنى تەڭشەش لازىم، باش قىسمىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كىرەك. دۇرىلاردىن: ئىپار، زەپەر، ئود ھىندى، ئەنبەر پۇرۇتۇش، باشنى يالپۇز، مەرزەنجۇش، سېرىق چىچەك سىۇلىرى بىلەن يۇيۇش لازىم. تامىقىغا ئىرىك قوي گۆشىنى دارچىن، زىرە، پىلپىل سېلىپ، شورپا قىلىپ بىرىلسە نۇقۇت سېلىپ تاماق تەييارلاپ بىرىلسىمۇ بۇلىدۇ. مىزاجى ھۆللۈك تەرەپتە بولسا يۇقارقى تاماق تەييارلاپ بىرىش ياكى چامغۇر، سامساق سېلىپ تاماق تەييارلاپ بىرىلسىمۇ بۇلىدۇ. ماددىسىز، ئىسسىقتىن، سۇغۇقتىن، قۇرۇغلۇقتىن بولغان باش ئاغرىقلىرىدا ئاغرىق كۈچلۈك بۇلىدۇ.  ھۆللۈكتىن بولسا ئاغرىق يەڭگىل بۇلىدۇ. شۇڭلاشقا ئىسسىقتىن بولسا ھاۋاسى سالقىن، نەم جايدا دەم ئالدۇرۇش، ئىچىشكە نىلۇپەر، يۇمغاقسۇت، ئەينالۇ بىرىش. سۇغۇقتىن بولسا ئەفتىمۇن، گاۋزىبان، ئۈستىقۇددۇس شەربەتلىرىنى بىرىش لازىم، ھەببە شىپا بىرىشمۇ ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.
2.ماددىن بولغان باش ئاغرىقى - 4 خىلىت سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگەرگەندە يەنىلا باش ئاغرىشنى پەيدا قىلالايدۇ. تۈۋەندە بۇ خىلىتلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولغان باش ئاغرىقى بىلەن تۇنۇشىمىز.
قان خىلىتىدىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: قاننىڭ بەدەندە ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بۇلىدۇ.
ئالامىتى: رەڭگى قىزىل بۇلۇش، باش ئىسىلىپ ئاغرىش، ئېغىز تەمى تاتلىق، بەدەن ئېغىر، بەدەنگە مۇدۇرچاقلارنىڭ كۆپ چىقىشى، تۇمۇرنىڭ كۈچلۈك، تىز، توم ئۇرۇشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرۈلىدۇ.
داۋالاش: سافىن تۇمۇردىن قان ئېلىش لازىم. قان ئېلىشقا بولمايدىغان ئەھۋاللار بولسا ئىككى پاقالچەككە لوڭقا قويۇش لازىم، ئىچىشكە قارا ئۈرۈك، تەمرى ھىندى، كۆك يۇمغاقسۈت، قىزىلگۈل، ئاچچىق ئانار، غۇرا سۇلىرىنى بىرىش لازىم.
سەپرا خىلىتىدىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: ياز پەسىللەردە ھاۋانىڭ ئىسسىق كۈنلىرى كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئىسسىقلىق غىزا-دورىلارنى كۆپ ئسىتىمال قىلىش، دەم ئالماي كۆپ چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ ئاچچىقلىنىشتىن بۇلىدۇ.
ئالامىتى: رەڭگى سېرىق بۇلۇش، كۆپ ئۇسساش، ئېغىز تەمى ئاچچىق بۇلۇش، بەدەن قىزىق بۇلۇش، ئۇيقۇ كەلمەسلىك، ئېغىز-بۇرۇن قۇرۇش، تىز ئاچچىقى كىلىش، سۈيدۈكى سېرىق بۇلۇش، ھۆ پەيدا بۇلۇش، ئاغرىقسىز ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش: ھاۋاسى سالقىن ھۆللۈك جايدا دەم ئالدۇرۇش، غىزاسىغا: ئارپا-قاپا ئېشى تەييارلاپ بىرىش، ئانار، ئەينالۇ، قاپاق شەربىتى، ئىسكەنجىبىن دىينارى بىرىش لازىم، ئەگەر ماددىسى كۈچلۈك بولسا سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىج- مۇسھىللىرىنى بىرىپ ماددىسى تازىلنىپ بولغاندىن كىيىن تەڭشىگۈچى، قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئامىلە نۇشىدارى، ئىسكەنجىبىن سەپەر جىلى، لۇئۇقى بادام، خېمىرى بىنەپشە قاتارلىق دورىلارنى بىرىش لازىم.
بەلغەم خىلىتىدىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: ھۆل سۇغۇقلۇق غىزالارنى، مىۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، كۆپ مۇنچىغا كىرىش، كۆپ ئۇخلاش، ھەرىكەت قىلماسلىق، چوڭ-كىچىك تاھارەتلەرنىڭ ئازلاپ كىتىشىدىن ھەمدە كۆپ ۋاقىتلاردا غەملىك، ئۈمىتسىزلىك كەيپىياتلاردا ئۆتۈش سەۋەپ بۇلىدۇ.
ئالامىتى: رەڭگى روھى ئاقىرىپ قېلىش، باشنىڭ ئېغىر بۇلۇشى، ھۇرۇنلۇق، كۆپ ئۇخلاش، ئۇنۇتقاقلىق، باشنىڭ، بەدەننىڭ سۇغۇق بۇلۇشى، ئېغىز بۇرۇندىن سۇيۇقلۇقنىڭ كۆپ كىلىشى، تۇمۇرى ئاستا، بوش، توم سۇقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بۇلىدۇ.
داۋالاش: ئالدى بىلەن مىڭە ھەم بەدەننى سۇغۇق خىلىتتىن تازىلاش ئۈچۈن بەلغەمنىڭ مۇنزىجىنى بىرىپ، كېسەللىك ماددىسى پىشقاندىن كېيىن مۇسھىل بىرىپ ماددا تازىلانغاندىن كىيىن مىزاجىنى تەڭشەش ئۈچۈن مائۇلئەسەل، مائۇلئۇسۇل شەربەتلىرىنى بىرىش، ئۇندىن كىيىن ماددەتۇلھايات، جاۋارىش دارچىن، جاۋارىش ئەنبەر قاتارلىق دورىلارنى بىرىش لازىم، تامىقىغا: نۇقۇت شورپىسى، كەپتەر، قۇچقاچ گۆشلىرى بىلەن شورپا تەييارلاپ بىرىپ. باشنى بابۇنە، قەلەمپۇر ياغلىرى بلەن ياغلاش، ئەنبەر، سۇمبۇللارنى پۇرۇتۇش لازىم.
سەۋدا خىلىتىدىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: شامال ئېغىزلىرىدا كۆپ تۇرۇش، ھەم شامالدۇرغۇچ بىلەن ھاۋالىنىش، كالا گۈشى، ئۆچكە گۈشى، غورا، قارا ئۈرۈك، كاللەك بەسەي، چەيزە قاتارلىق قۇرۇق سۇغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن باش تۇلا ئاغرىيدۇ.
ئالامىتى: باش ئىسسىماسلىق، قۇرۇق بولمىغۇر خىياللارنى قىلىش، ئۇيقۇ كەلمەسلىك، ئېغىز دىماغ قۇرۇش، تۇمۇرى تىز، ئىنچىكە، قالايمىقان سۇقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرۈلىدۇ.
داۋالاش: ئالدى بىلەن سەۋدانىڭ مۇنزىجىنى 15كۈن بىرىپ، ماددا پىشقاندىن كىيىن مۇسھىل ئۈچۈن مەتبۇخ ئەفتىمۇن بىرىپ ماددىسى تازىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ھالۋايى بەيزە، خېمىر گاۋزىبان، لۇبۇبى سەغىر، رەيھان شەربىتى بىرىش لازىم.
غىزاسىغا: نۇقۇت ئېشىغا تۇخۇ، كەكلىك گۆشلىرىنى سېلىپ بىرىش ھەم تۇخۇم سېرىقى، قايماق، شىكەر بىلەن چاي قىلىپ نان بىرىش لازىم، يېقىن دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن سەيلە-ساياھەت قىلىش لازىم.
بەلكىم بۈگۈن شۇنچىلىك سۆزلىنىشى مۇمكىن. يېرىم باش ئاغرىقى ۋە داۋالاش بۇرۇن مۇشۇ سەھىپىگە يوللانغان. شىركى باش ئاغرىش ئۈستىدە كىلەركى قېتىم توختالغان بولساق.
مەنبە: ئەلسىھەت مۇنبىرى



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 07:35:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ  مۇشۇ قەھۋە ئىچكەن ۋاختىمدا ئازراق بېشىم ئاغرىيدۇ .
مەن ئادەتتە قەھۋەگە  ، زەپە چوكا ناۋىتى قۇشۇپ ئىچىمەن   ، بېشىمنىڭ ئاغرىشى زەپەنىڭ تەسىرىمۇ ياكى باشقا ئەھۋالمۇ بۇنى بىلمىدىم .
بېشىم ئاغرىغاندا دورا ئىشلىتىپ باقمىدىم  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87014
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-11-9
ئاخىرقى: 2013-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 08:08:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كەمىنە زۇڭتۇڭ ئوبامادىن تورداشلارغا سالام!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 08:32:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوباما  ئەپەندېم  خېلې  كۆنەك ئېكەن  ھە  ۋاي بېشېمغا     چاقچاق   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13446
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8390
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3130 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 09:16:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىلىملەركەنغۇ بۇلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 09:48:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوباما يوللىغان ۋاقتى  2012-11-14 08:08 PM
باش ئاغرىقنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى يەنىلا ‹‹ۋاي بېشىم›› ئا ...

ئوباما  مۇنبەرگە يېڭى ئەزا بولۇپسىز   .  سىز   مۇشۇ مۇنبەردىكى نەپرەت شۇمۇ  ؟

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

بىز كىم؟ كىمنىڭ ئەۋلادى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6833
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 1045 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 10:06:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەزەلدىن باش ئاغىرىقىغا دورا يېمەيدىغان. ئاپام ماڭا باش ئاغىرىق دورىسىنى بەك كۆپ يېسە دايىم باش ئاغىرىيدىغان بولۇپ قالىدي، بىزنىڭ زامانىمىزدا دورا يېمەيمۇ نى نى ئەقىللىق كىشىلەر چىقاتتى دەيدىغان شۇڭلاشقىمىكىن مەن باش ئاغىرىقىغا دورا يېمەيمەن

گۈل ئۈزسەم قولۇمغا سانجىلدى تىكەن،
تىكەنسىز ئەمەسكەن ئەسلى گۈل دېگەن.
خۇدايىم ئىنسانغا چىراي بەرگەندە ،
تۈگمىدەك ئەقىلنى قۇشۇپ بەرسىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80284
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3438
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 10:41:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-11-14 07:35 PM
مېنىڭ  مۇشۇ قەھۋە ئىچكەن ۋاختىمدا ئازراق بېشىم ئاغرىيد ...

قارىغاندا قۇرۇق ئىسسىقتىن ئاغرىسا كىرەك. ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقنى داۋالاش ئۇسۇلى بۇيىچە سەۋىپ قىلىپ بېقىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80284
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3438
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 10:43:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوباما يوللىغان ۋاقتى  2012-11-14 08:08 PM
باش ئاغرىقنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى يەنىلا ‹‹ۋاي بېشىم›› ئا ...

لىكىن ئانا تىبابىتىمىزدە ۋاي بېشىم دىگەن دورا يوق. شۇڭا بىز ھۆللۈكتىن بولغان باش ئاغرىقىغا قۇرسى شىپا، قۇرۇقلىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا ھەببى بىنەپشە بىرىمىز ۋە سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش قىلىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80284
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3438
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 10:47:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bzkm يوللىغان ۋاقتى  2012-11-14 10:06 PM
مەن ئەزەلدىن باش ئاغىرىقىغا دورا يېمەيدىغان. ئاپام ماڭ ...

توغرا ماددىسىز باش ئاغرىقى بولسا دورا يىيىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.  لىكىن ماددىلىق باش ئاغرىش، شەقىقە، شىركى باش ئاغرىش كۈرۈلگەندە سەل قارالسا باشقا كىسەللىكلەرنى كۈلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. تىمىنى تەپسىلى كۆرسىڭىز  تىمىدا ماددىسىز باش ئاغرىقى ئۈچۈن دورا بۇيرۇلماي پەقەت مۇھىت ۋە كاشكاپ بۇيرۇلدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش