مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2159|ئىنكاس: 63

توينىڭ ئېغىر سېلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1507
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2012-11-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!مىسرانىمدىكى بارلىق ئەزىزلەر.خېلى كۈنلەر بوپتۇ،مۇنبەرگە تېما يوللىمىغانغا.مانا بۈگۈن قاملاشمىسىمۇ بۇ شېئىرىمنى ھەرقايسىڭلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
باشقا يۇرتلاردا قانداق بىلمەيمەن.ئەمما يۇرتۇم غۇلجىدا بىر قىسىم كىشىللىرىمىزنىڭ قىزىنى تالالىق قىلىشتا،ئوغۇل تەرەپكە سالغان قاملاشمىغان سېلىقلىرىنىڭ تۈپەيلى.يېگىتلىرىمىزنىڭ توي قىلىشقا قۇربىتى يەتمەي،تويلار بۇزۇلۇپ.بويتاق يېگىتلىرىمىز كۆپىيىپ كىتىپ بارىدۇ.مۇشۇ تەرەپنى كۆزدە تۇتۇپ،بۇ شېئىرنى يىزىپ باقتىم.قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

                                            توينىڭ ئېغىر سېلىقى

                         ئۇزۇن يىللار كۈتۈشۈپ،توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ.
                       ئەلچى باردى ئۆيىگە،داستىرخانلار كۆتۈرشۈپ.
                        قوشۇلۇپتۇ قۇدىلار،سالغان سېلىق بەك ئېغىر.
                     قايتىپ كەلدى ئەلچىلەر،قاپاقلىرىنى تۈرۈشۈپ.

                        يوغان قىلىپ يىزىپتۇ،تېزىملىكنىڭ بېشىغا.
                       ئالىمىزكەن ئالتۇننى،ئەللىك گىرام قىزىغا.
                        تېخى دەپتۇ توپاقنىڭ،سېمىزىنى ئەكەلسۇن.
                       گۆشنى ئۇبدان سالىمىز،مېھمانلارنىڭ ئېشىغا.

                     ئاڭلاپ باقسام ئۇلارنىڭ،ئابرۇيى بەك چوڭمىش.
                شەرتى كۆپرەك ئاپرىشكەن،تاتلىق-تۈرۈم،يەل-يىمىش.
                    چەكتىن بەكلا ئېشىپتۇ،قايناپ كەتتى داداممۇ.
                     ئۆرپ-ئادەت بىلمىگەن،بۇ قۇدىلار كېملەرمىش؟

                       بەك بېشىمنى قاتۇردى،توينىڭ ئېغىر سېلىقى.
                     ئۆتۈپ كەتتى بۇ جاندىن،قىز تەرەپنىڭ قېلىقى.
                       نېكاھ دىگەن سودىمۇ؟بىلەلمىدىم ھەيرانە.
                     يوقاپ كەتتى نەلەرگە؟مۇھەببەتنىڭ چېنلىقى.

                     شۇڭا بويتاق يېگىتلەر،كۆپەيدىغۇ ئەمدىلىك.
                    يا جەمئىيەت شۇنداقمۇ؟كېمدە زادى سەۋەنلىك.
                     ئاددى-ساددى بولۇشقا،يول قويمامدۇ؟كۆڭۈللەر.
                    تارازىسىدا پۇل-مالنىڭ،ئۆلچىنەمدۇ؟ئادەملىك.

2012-يىلى11-ئاينىڭ14-كۈنى(سەنشى)

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tanha8866 + 10
uzumtal + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
diyarm + 39 نادىر تىما
katran + 99 تەپەككۇرى كۈچلۈك
elijan + 333 ئىجادى تېما مۇكاپاتى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 531   باھا خاتىرىسى

مېرۇل مەرگەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 739
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ئادەملەر مۇشۇ ئىشقاكەلگەندە بەكلا ئاشۇر ۋېتىپ بارىدۇ، قاچانمۇ تۈزىلەر شۇ ئىش.

دۇنىيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57791
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3414
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غۇلجا ئەمەس شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىردا شۇنداق ... بوپمۇ ئەڭ ئېغىرى ئاتۇشنىڭ تويى ... ئاتۇشتىكى ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى ئائىلىرىمىزنىڭ تويى 60 مىڭ يۈەن بىلەن ئاياقلىشىۋاتىدۇ ... خىزمەتكە چىققان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان قىزلارنىڭ ئالدىغا باردىغان تويلۇق ھەققى 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئەمەس ( بۇنىڭدىن سىرىت خەجلىندىغان سېلىغلار ئىچىدە ئەمەس ) ... توي بىر ئائىلنىڭ ئەڭ باش قاتۇردىغان ئامىل بوپ قالدى ...

قەرىز ئېلىپ توي قىلدىغان ئائىللەر ئالاھىدە كۆپىيىپ قالدى ... مۇمكىن بوسا مۇشۇنداق ئارتۇق سېلىقلارنى تۈگەتسەك بوللاتتى .... مۇشۇنداق داۋاملاشسا نەگە بېرىپمۇ توختامىز  ... بېقىپ چوڭ قىلىش قەرزىنى ئادا قىلىڭ ھەم توينى خەققە ئادىمىيلىك قەرزى ۋە ئىقدىسادى قەرىز ۋە شۇندقلا   نۇرغۇن رويى بېسىم ئەكىلىپ بىرۋاتقان .... ئاتا - ئانىلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   keliqbuhra تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-14 04:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5694
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11322
تۆھپە نۇمۇرى: 416
توردا: 1490 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ماۋۇ تەرەپلەردە ئۇنچە ئېغىر ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1973
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1600 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي دىگەن شۇ توي قىلغانغا توي .
ھەممە نەرسىگە توي دىگەن گەپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-14 04:15 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
بەرگى + 10 بىر ھەق !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21242
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8780
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 1193 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا بىر مال باھا ئىدارىسى كونتۇرۇل قىلمىدى مۇشۇ ئىشنى ، ئىلىم سىتىمدىن پەرقى قالمىغاندىكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1257
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 812 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلساڭ بالاداقالدىڭ، توي قىلمىساڭ تالادا قالدىڭ

بىر بىسىپ ئىككى بىسىپ، كەلدىم سەنەمنىڭ قاشىگە. يولدىشىم كىپ قالمىسۇن دەپ، كىتىڭ دىدى ئاستاغىنە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86721
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2012-11-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا بىر مال باھا ئىدارىسى كونتۇرۇل قىلمىدى مۇشۇ ئىشنى ، ئىلىم سىتىمدىن پەرقى قالمىغاندىكىن...

توغرا دېدىڭىز~~مۇشۇ ئىشقا قارىتا بىرەر ئورگان تەسىس قىلىپ ئىشسىزلىق مەسىلسىنى ھەل قىلسا بولدىكەن
تېما ئىگىسىگە رەھمەت ...ياخشى يېزىپسىز ~~~

بۈگۈن قۇرۇپ قالغان گۈلنىڭ بەرگىگە ئەتىكى يېڭى ھاياتنىڭ ئۇرقى يوشۇرۇنغان...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1257
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 812 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆينىڭ باھاسى ھەممىدىن بەك ئۆرلىدى دىيىشىدۇ، لىكىن خوتۇننىڭ باھاسى ئەڭ تىز ئۆرلىدى، ئۈرۈمچىدە 50 كىلو كىلىدىغان بىر زىلۋاراق خوتۇن ئىلىشقا 500مىڭ خەجلىدى دىسەك، ئۇندا بولسا خوتۇننىڭ بىر كىلوسىنىڭ باھاسى 10 مىڭ كوي بولىدىكەن، تۇتىيا، قەقنۇس، مۈشۈك ئىيىقنىڭ گۆشىمۇ ئۇنچىلا قىممەت ئەمەستۇ ھە، 10 يىل بۇرۇن 50 مىڭ خەجلىدى دىسەكمۇ 10 يىلدا خوتۇننىڭ باھاسى بىر كىلوسى 1000 كويدىن 10 مىڭ كويغا ئۆرلەپتۇ، قوي گوش بولسا 15 كويدىن 60 كويغا ئۆرلىدى شۇ.

بىر بىسىپ ئىككى بىسىپ، كەلدىم سەنەمنىڭ قاشىگە. يولدىشىم كىپ قالمىسۇن دەپ، كىتىڭ دىدى ئاستاغىنە...

كۆپ پۇل تېپىش تۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10064
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9650
تۆھپە نۇمۇرى: 732
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2010-9-12
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قىلغان ۋاقىتتا ھەرھالدا ياخشى ئىدى ، لىكىن شۇ ۋاقىتتىمۇ مەن خېلى قاقشىغان ، ئۆرە بۇلۇپ كەتتى دەپ ، ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ يەنە ئۆسىدۇ ، شۇڭا قەرز ئېلىپ بولسىمۇ بويتاقلار تېز توي قىلىۋېلىڭلار . بولمىسا نىمىدىن قورقۇپ نىمىگە تۇتىلىپتۇ دىگەندەك ئىش بۇلىدۇ .

كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە                       http://baydadam.net/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش