مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1030|ئىنكاس: 8

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ ھاياتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆزنى بىل ،ئۆزگىنى قوي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 742
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27422
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 12:56:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ (ۋاختىنچە يوق)



كۈچلۇك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر1985- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان<<ئىز>>نى ئېلان قىلغاندىن كپيىن،كىتابخانلارنىڭ ئارىسىداكۈچلۇك تەسىر قوزغاپ، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى- ئاخىر<<قەشقەركېچىسى>>،<<ئىز>>، <<ئۆمۈ ر مەنزىللىرى>>، <<ئويغانغان زىمىن>> قاتارلىق كىتابلىرى نەشىرقىلىندى. ئۇنىڭ يەنە <<شېئىر ۋە شائىر>>،<<تۇرپان تەسىراتلىرى>> ،<<قەشقەر كېچىسى>>،<<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>> قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغاتەرجىمە قىلىنىپ <<شېئېرىيەت>>، <<مىللەتلەرئەدەبىياتى>>، <<غەربىي دىيار ئەدەبىياتى>>قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.

1982-يىلى1-ئايدا <<خەلق گېزىتى>> دە ۋە <<مىللەتلەر ئەدەبىياتى>> تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسىنىڭ2- سانىدا<<قەشقەركېچىسى>>ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ،بۇ نادىر ئەسەر<<ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈ لزارىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۈ ل>>دەپ مەدھىلەندى.بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى1985-يىلى ياپونىيدە نەشىر قىلىنغان<<جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى>>نىڭ2-توپلىمىغاكىرگۈزۈ لگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلىغان ، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كىلىۋاتقان ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرپھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدەدۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن كپچىكلا ئايرىلىپ، يپتىم قالغان. دادىسى تىلەش بىگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ،ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرپھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بپرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىپەرۋەر كىشى ئىدى.

ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگە بولغاچقا، ئابدۇرپھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن.ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت ساۋادىنى چىقارغاندىن كپيىن،دىنىي مەكتەپكە بەرگەن.دىنىي مەكتەپتە دەرىسلىك قىلىنغان كىلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە<<سوپى ئاللا يار>>دىگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈ چۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇكىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان.

1934 - يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان.ۋە1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.1942- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پىداگوگىكا فاكولتپتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرپھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يېڭى ھايات دەۋرى بولغان.ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۇەن ئەپەندى ۋە سوۋپت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان.

ئۇ بۇ مەزگىلدە<<گاڭ قانات لاچىن>>،<<دولقۇنلۇق ھايات>>، <<يپڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا>>،<<تامچە قاندىن مىليۇن چېچەكلەر>>، <<چىن مودەن>> (ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر، داستان، ۋە درامىلارنى <<شىنجاڭ گېزىتى>>، <<يېڭى نۇر>> قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان.

1943-يىلى باھاردا، مىللىتارسىت شېڭ شىسەي<<تەرەققىپەرۋەر>> لىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى. چېن تىيەنچۇ، ماۋزىمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنى ۋە نۇرغۇن ئىلغار زاتلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي1944-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى .ئۇ1945- يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشىرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.1946 -يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى <<يۈرەك مۇڭلىرى>> تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقتى. ئازاتلىقتىن كپيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خپلى بىر مەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق،كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن،جۈملىدىن چەت ئەل تىللىرى ۋەئەدەبىياتنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى. لپكىن شۇ چاغلاردا ئۇ <<سول>> لۇشيەنىنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان.


پەقەت پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتىتىنىڭ3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كپيىنلا، شائىر قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدى ۋە تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەتكە كىرىشتى . ئۇ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىل ئىچىدە <<ياخشى >>، <<كېرەك بولسا>>، <<ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس>>، <<بوغدا ئانام>>،<<مەن ئاق بايراق ئەمەس>>،<<قەشقەر كېچىسى>>، <<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>>، <<گۈ ل ۋە ئازغان>> قاتارلىق شېئېر، داستان ۋە باللادىلارنى،<<ئىز>>، <<ئويغانغان زېمىن>> رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايەن قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش،ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشوۋ ئۆتكۈر1995-يىلى10-ئايداكىسەل سەۋەبى بىلەن بىزبىلەن مەڭگۈلۈك خەيرىلەشتى.
-----------------------
مەنبە:ئۇستاز تورى

دوستۇم ئېسڭىزدە بولسۇن ، سىز رىئاللىق دۇنياسىدا ......

ياپۇن سامۇرايلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 658
يازما سانى: 1556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36535
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 5179 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 02:11:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئۇلۇغ يازغۇچى بۇ ئادەم .مەن بۇ ئادەمنېڭ .ئەسەرلېرنى بەك يا ختۇرمەن

خۇشخۇيغا مەن دائ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 201
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13978
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 1975 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 09:48:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىقىغا ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى قوشقان ئادەمدە !~ مۇشۇنداق ئادەمدىن يەنە چىقىشى تەس جۇمۇ ~!  مەنمۇ بەك ياخشى كۆرەتتىم بۇ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى ~! بولۇپمۇ ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك دېگەن ئەسىرى ~!

خىسلەت مۇنبىرى www.hislat.org

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 999
يازما سانى: 1356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107745
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 4409 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 10:03:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
........
جاھان باقىي ئەمەس،لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رۇمىي ئىسكەندەر ۋە ياكى ئەركە چىڭگىزخان.
كېلىپ - كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بېھىساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى....


__ <<ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس>> تىن

مەن ئاپامنىڭ ئاپئاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.......

ئـاق ئـاتـلـىـق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 993
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14419
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 10:39:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت baxlik كە 2010-05-29 10:03 AMئەۋەتىلدى :
........
جاھان باقىي ئەمەس،لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رۇمىي ئىسكەندەر ۋە ياكى ئەركە چىڭگىزخان.
كېلىپ - كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بېھىساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
.......


شېئىرنىڭ ئەڭ بەلەن يېرىنى سىز يوللاپ بوپسىز...
مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن بۇ شائىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى، ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۆتكۈر دە بۇ ئادەم...

ئـادەم خـوشـال بـولىۋەرمەس كـۈلسىلا، خـوشـاللىققـا بـەلـگـە ئەمەس كۈلكىلا. ئـويـلىمىغىن غەملا كۆرسەڭ قايغۇ دەپ، ياشاش دىگەن ئاسان ئەمەس ئۇنـچىلا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1300
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12977
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 11:43:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
isil kiki.......

ئۆتكەن كۇن تارخ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 896
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8742
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 03:44:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىز بىرۋانىڭ ئاياغ ئىزىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىز رومانىدىن

ئۆتكەن كۇن تارخ بۇگۇن سوغات كەلگۇسى تېپىشماق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1351
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8688
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2010-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 04:28:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىلكەن   [s:2]  [s:2]

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 04:42:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك تىما بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە ھەشقاللا! [s:2]

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش