رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
ئابدىكېرىم باشچىلقىدىكى چولپانلارغا
سالام سىزگە ئەل سۆيگەن ئەلمۇ سۆيگەن سەنئەتكار،
كۈلكە ئاتا قىلدىڭىز بولۇپ ھەر خىل ھەۋەسكار.
ئىتوتلىرڭىز تۇرمۇشلۇق قايىل قىلار ھەممىنى،
ھەر بىر كۈلكە كەينىدە قامچىلانغان ئىللەت بار.
قاسىم قۇشۇق رولىنى يالقۇن ئاكا ئالدىڭىز،
ئىبرەت ئالسۇن خەلقىم دەپ بەلكىم سېگنال چالدىڭىز.
قاسىم قۇشۇق دىگەن نام سىڭىپ قاپتۇ ئاڭلىسام،
ئوينىماستىن قىمارنى سىز بالاغا قالدىڭىز.
رولغا ئۇستا مەمەتجان قايىل سىزگە ھەمىمىز،
يۈرەكلەرنى تىترەتتى ئىيتقان مۇڭلۇق ناخشىڭىز.
ئاسان ئەمەس تۇنۇلماق ئەلگە سىزدەك سەھنىدە،
چولپان بولۇپ چاقنىغاي ئەل كۆكىدە نامىڭىز.
ھەدەم دىمەت رۇقىيە چوڭ كۆرىمەن سىزنى بەك،
ئابدىكېرىم ئاكامغا ماسلىشىسىز بىر تەندەك.
دىمىسەممۇ بىر تەنغۇ ھەمرا سىلەر ئۆمۈرلىك،
بەك ماسلاشقان ئىككىڭلار ياقۇت كۆزلىك ئالتۇندەك.
قۇت تېلەيمەن سىلەرگە چولپانلىرىم ئۇچۇڭلار،
قاناتلىنىپ يىلمۇ يىل يەنە زەپەر قۇچۇڭلار.
دۇنيا دىگەن ئەزەلدىن خالى ئەمەس غەيۋەتتىن،
ئەل ئۈمۈدى سىلەردە داۋاملاشسۇن يۇلۇڭلار.
رۇستەم قاراسۇ..........ئاتۇش
بۆرتالا ئالاتاۋدا يېزىلدى