مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4194|ئىنكاس: 117

ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان پورتمال   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20459
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 02:30:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان پورتمال

پورتمالنىڭ سىرىتقى شەكلى ئادەتتىكى خۇرۇم پورتماللارغا ئوپمۇ - ئوخشاش بولۇپ ، ئىچىگە 2500mA لىق يۇقىرى سىغىملىق باتارىيە بىلەن ئىسسىتىش قۇرۇلمىسى ئورنۇتۇلغان ، ئۈسكىنىگە تىمپىراتۇرىنى كونتىروللىغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ قوزغۇتۇپ قويسىڭىز 60 سىلسىي گىرادۇستا مۇقۇم ئالتە سائەتتىن -سەككىز سائەتكىچە توختىماي ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ .
قىش كۈنلىرى سىرتلارغا چىققاندا قويان يانچۇقىڭىزغا سىلىپ قويسىڭىز ئىچىڭىز ناھايىتى ئىسسىق تۇرىدۇ .كىچىسى ئۇخلىغاندا يوتقاننىڭ ئىچىگە سىلىپ قويۇپ ياتسىڭىز يوتقان ئىچىنى ئىسسىتىدۇ . ئۈسكىنىنىڭ توك يولىغا قىسقا تۇتىشىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قۇرۇلمىسى ئورنۇتۇلغان بولۇپ ئادەتتە ئۈسكىنىدە قىسقا تۇتىشىش يۈز بەرسە توك دەرھال ئۈزىلىدۇ .( قىسقا تۇتىشىش سەۋەپلىك كۆيۈپ كىتىدىغان ، ياكى بەك قىززىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار ھەرگىز يۈز بەرمەيدۇ .
توك سوقۇش ھادىسىس قەتئىي يۈز بەرمەيدۇ ، چۈنكى ئۈسكىنە ئىنتايىن تۆۋەن ئىلىكتىر بىسىمىدا ئىشلەيدۇ . (ئىنتايىن بىخەتەر )
تىمپىراتۇرىنى تەلىپىڭىزگە ئاساسەن 35 سىلسىي گىرادۇستىن 110 سىلسىي گىرادۇسقىچە خالىغان بىرىدە مۇقۇم تەڭشەپ سىلىپ بەرسەك بولىدۇ .
ئۈسكىنىگە ماگنىتلىق ۋىكلىيۇچاتىل ئورنۇتۇلغان بولۇپ ئۈسكىنىنىڭ توكىنى ئۇلاش ،ئۆچۈرۈش ئىنتايىن قولايلىق .
پارچە باھاسى :80 يۈەن.
قوشۇمچە 20 يۈئەن قاتسىڭىز تىلىفۇننى زەرەتلەش قۇرۇلمىسىنى ئورنۇتۇپ بىرىمىز.ھەرقانداق تىلىفۇنلارنى ئىككى قىتىم تولۇق زەرەتلىگىلى بولىدۇ .
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم خىرىدارلار بۇ ئۈسكىنىنى مەن ( ئۇيغۇر سودا تورىدىن مۇرات ) ئۆزۈم ياساپ چىقتىم . پورتمالنىڭ سىرتقى شەكلىگە تەسىر يۈتكۈزمىگەن ئاساستا ئىچكى قۇرۇلمىلىرىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن قۇراشتۇرۇپ چىقتىم ...ھەم تىمپىراتۇرىنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ باتارىيىنىڭمۇ تەڭ قىزىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالدىم .ۋاقىت مەسىلىسى ، ھەم مەبلەغ يىتىشمەسلىك سەۋەپلىك ئۈسكىنىگە پاتنىت ئىلتىماس قىلىش ، مەھسۇلات سىتىپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ،ھەم مەھسۇلات لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بىجىرىش ...دىگەندەك ئىشلارغا قەتئىي ۋاقىت ئاجرىتالمىدىم .
ناۋادا  كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مەن يازغان مۇشۇ خەتلەرنى ئوقۇپ چۈشۈنۈپ مۇشۇ خىل ئۈسكىنىنى سىتىپ چىقىرىشقا قىزىققان ھەرقانداق شىركەت ياكى شەخىسلەر ئۈسكىنىگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆز- ئالدىغا تولۇق بىجىرسە مەن شۇلارغا مۇشۇ ئۈسكىنىگە كىتەرلىك ئىچكى زاپچاسلارنى ياسايدىغان زاۋۇتلارنىڭ تەپسىلىي ماتىرىيالىنى تولۇق تەمىنلەپ بىرىمەن .ھەممە رەسمىيەتلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا بىجىرسىڭىز بولىدۇ .سىز پەقەت قىزىقسىڭىزلا مەن قولۇمدىن كىلىشىچە سىزگە ياردەم قىلىمەن .
مىنىڭچە بۇنى دىيارىمىزدىلا ئەمەس ،قوشنا دۆلەتلەرگە چىقىرىپ ساتسىمۇ ئۈنۈمى چوقۇم ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن ...
بۇنىڭدىن باشقا يەنە پورتمالنىڭ ئىچىگە بىكىتكەن مۇشۇ قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىپ ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان بەللىك، ئاسما مايكا ،چاپان ، ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان پىتەك ...دىگەندەك نەرسىلەرنى ياساپ چىقىشقىمۇ بولىدۇ .ۋاقتىنى ، تىمپىراتۇرىنى خالىغانچە ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
تەپسىلىي ماتىرىياللارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بىۋاستە تور بىكىتىمىزدىن كۆرۈڭ .
تور بەت ئادرىسىمىز:
Www.Uysoda.Com
未标题v-1 拷贝.jpg


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uysoda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-13 02:38 PM  


ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

uysoda بۇ ئىنكاسنى 65-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم تورداشلار : بۈگۈن تۇنجى قىتىملىق ئۆزۈم ياسىغان ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان پورتمالنى ئۈرۈمچىگە يولغا سىلىۋەتتىم . ئاللا خالىسا ئىككى كۈندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە چۈشىدۇ . خىرىدارلارنىڭ ئالمىسىمۇ كۆرۈپ بىقى ...
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
duran18 + 126
zal...lin + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
gulbaxikar + 50 ئەجىر قىلىپسىز!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 186   باھا خاتىرىسى

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 285
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1160 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 03:41:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى قېتىم كۈرۈپتىمەن ،يىڭى ئىجات قىلىپتۇدە بىرسى........................

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 03:42:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ بۇ بولىدىغان گەپكەن . كىلەر ھەپتە مائاشىم چىققاندا بىر تال ئىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن .
تىلىفۇن نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويىڭە . يىڭىلىق ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن چىققان بولسا ئىشلىتىپ كۆرمەي بولمايدۇ . قىزىقىۋاتىمەن .

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 227
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3777 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 03:54:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەتتكى پۇرتماللارمۇ 50،60 ،100ئۇنڭدىنمۇ يۇقىرى تۇرسا ،بۇ پۇرتمال نىمشقا 80 يۈەن ..ئەرزانكەنغۇ يا بۇ ؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sargarda + 36 ئەرزان بولغاندىكىن .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 36   باھا خاتىرىسى

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1624 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 03:58:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ئەرزانكەن

سەھرايىمنى سۈيىمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20459
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 03:59:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  پىكىر ...مىللىتىم دەپ دىيارىمىزدىكى ئومومىي نوپۇسنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ئاساستا بىكىتكەن باھا ئىدى ... ئەرزان ساتسا تۇنجى ئىنكاس ياخشى چۈشۈپتۇ ...


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7789
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 03:59:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا يېڭىلىقكەن .بولسا پاتتىت تەلەپ قىلىپ بېقىڭ .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

مېرۇل مەرگەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 04:05:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسسىغلىق تارقىتىشى قانداق، ئېنفىرا قىزىل نۇر ئەمەستۇ ھە. بولمىسا مەنمۇ بىرنى ئالسام بولغۇدەك.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20459
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 04:10:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MiRul يوللىغان ۋاقتى  2012-11-13 04:05 PM
ئىسسىغلىق تارقىتىشى قانداق، ئېنفىرا قىزىل نۇر ئەمەستۇ ...

ياق ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئەمەس...قۇرۇلمىسى ئادەتتىكى توكلۇق ئىسسىتىدىغان ئۈسكىنىلەرگە ئوخشايدۇ .
كۆز ئالدىڭىزغا بۇرۇنقى توك كۆرپە دىگەندەكلەرنى كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ .خۇددى توك كۆرپىنى توكقا چاتقان ھامان قىزىپ ئىىسىقلىق چىقارغانغا ئوخشاش...توك ئوچاقنى توكقا چاتقان ھامان قىزىغانغا ئوخشاش...



مېرۇل مەرگەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 04:14:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياق ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئەمەس



بىلىدىم رەھمەت سىزگە، ھە راس  پورتىمالىڭىز بازارغا سېلىندىمۇ يە...

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش