بەلكىم كۆپىنچىمىز تىتانىك ناملىق كىنونى كۆرگەن بولىشىمىز مۇمكىن..لېكىن بۇ غايەت زور مەخلۇقنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى بېلىدىغانلار مېنىڭچە ئانچە كۆپ ئەمەس..توۋەندە بىرلىكتە بۇ پاراخوت ۋە شەخىسلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقساق! 1912.4.10..كۇنى تىتانىك ئەنگىلىيە دىن يولغا چىققان بولۇپ،پىلان بويىچە ئېرلاندىيە فىرانسىيەدىن ئوتۇپ،ئاخىردا ئامېركىنىڭ نىيوروك شەھىرىدە توختاش ئۇچۇن تۇنجى سەپىرىنى باشلايدۇ.4.14چى كۇنى ،كەش 11دىن 40مىنوت ئوتكەندە،شىمالىي مۇزئوكيانغا يېتىپ كەلگەن تىتانىك بىر مۇزتاققا سوقۇلۇپ،تەخمىنەن 2سائەت 40مىنوتتىن كېيىن،يەنى،4.15چى كۇنى سەھەر،2دىن 20مىنوت ئوتكەندە،پۇتۇنلەي دېڭىزغا چوكۇپ كىشىلەر بىلەن مەڭگۇلۈك خوشلىشىدۇ..شۇنىڭ بىلەن بىردەك كىشلەر تەرپىدىن مەڭگۇ چوكمەس پاراخوت دېگەن نامىغا خاتىمە بېرىدۇ...شۇ چاغدا پاراخوتتا ئارانلا 20تال قۇتقۇزۇش قۇلۋىقى بولغانلىقتىن،،پاراخوتتىكى 2200دىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدە،ئاران700دىن ئوشۇق ئادەم قۇتقۇزۇلۇپ،1500دىن ئارتۇق يولۇچى،،ئامالسىز پاراخوتقا ئەگىشىپ بۇدۇنيا بىلەن ئاتماس تاڭدا خوشلىشىدۇ........تىتانىك ناملىق كىنو بولسا،دەل مۇشۇ دۇنيانى چوچۇتكەن ۋەقەنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ،ئوزگەرتىپ ئىشلىگەن فىلىمدۇر! توۋەندە تىتانىك تىكى مۇھىم ئەرباپ شەخىسلەر بىلەن تونۇشۇپ ئوتەيلى بۇكىشىلەرنىڭ رولى ۋە ئىش-ئىزلىرى تىتانىك ناملىق كىنودا ئېنىق كورسىتىلگەن،ئۇلار بولسا:
Joseph Bruce Ismay 1862.12.12—1937.10.17
ئەنگىلىيەلىك سودىگەر،تىتانىك نى ياسىغان ئاق يۇلتۇز شىركىتىنىڭ باش لىدىرى،تىتانىك نىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە خوشلىشىشى غا سەۋەپچى بولغان شەخىس،،تىتانىك ئەسلى پىلاندا 48دانە قۇتقۇزۇش قۇلۋىقى بۇلۇش بەلگىلەنگەن،لېكىن مۇشۇ كىشىنىڭ قارشى تۇرۇشىدا سانىنى كېمەيتىپ 16دىن 20گىچە بولغان..شۇ كېچىسى پاراخوت مۇزتاققا ئۇرۇلغاندا ئۇ ھۇدۇقۇپ ئۇخلاش كىيمى بىلەن پاراخوت باشلىقىنى ئېزدەپ بېرىپ ئەھۋال ئېگىلىگەن،،تىتانىك نىڭ چوكۇپ كېتىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۇرگەندىن كېيىن،ئامالنىڭ بارىچە جېنىنى ئەپ قاشقان ئاخىردا ماتروسلار دىققەت قىلمىغان چاغدىن پايدىلنىپ قۇتقۇزۇش قۇلۋىقىغا چىقىۋېلىپ ھايات قالغان.(ئەينى چاغدا قۇلۋاق سانى يېتەرلىك ئادەم سانى كوپ بولغاشقا،ئەڭ ئاۋەل چوقۇم ئاياللار ۋە بالىلار قۇلۋاققا چىقىش رۇخسەت قىلىنغان)كېيىن تىتانىك چوكۇپ كەتكەن خەۋەر دۇنيانى زىل زىلىگە كەلتۇرگەندىن كېيىن،بۇ كىشى باشقىلار تەرپىدىن ئاجىز قورقۇنچاق دېگەن نامغا قالغان.ۋە شۇ يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ،1937چى يىلى دىيابىت كېسىلى بىلەن ئولگەن.
Edward John Smith 1850.1.27_1912.4.15
تىتانىك نىڭ باش كاپىتانى،1880چى يىلى 3چى ئايدا ئاق يۇلتۇز شىركىتىگە كىرگەن،شىركەت داۋاملىق ئۇنىڭغا ياسىلىپ پۇتكەن پاراخوت لارنىڭ تۇنجى سەپىرىگە كاپىتانلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردۇ،ئوزىمۇ شۇ چاغدىكى ئەڭ تەجىربىلىك دۇنياۋى كاپىتانلارنىڭ بىرى ھېساپلىناتتى،تىتانىك بولسا ئۇنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدىكى ئاخىرقى قېتىم كاپىتانلىق قىلماقچى بولغان پاراخوتى ئېدى.ئەپسۇس ئۇنىڭ بۇ پېنسىيە چۇشى شۇنىڭ بىلەن بەرپات بولغان،تىتانىك چۇكۇۋاتقاندا كاپىتان ئوز جىنى بىلەن قىلچە ئويلاشماستىن،پاراخوتتىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان،پاراخوتنىڭ باشقىسمى چوككەندە قېچىشقا ئۇرۇنماي ،بەلكى ئوزىنى پاراخوت باشقۇرۇش ئويىگەسولىۋاپ..تىتانىكنىڭ رولىنى تۇتقان پېتى،بۇدۇنيا بىلەن خوشلاشقان.
Thomas Andrews 1873.2.7—1912.4.15
تىتانىكنىڭ باش لاھىيلىگۈچىسى،1907چى يىلى تىتانىكنى لاھىيلەشكە كىرىشكەن،لاھىيلەش جەريانىدا ئاق يۇلتۇز شىركىتىگە تىتانىك تىكى قۇتقۇزۇش قۇلۋىقىنىڭ سانىنى كوپەيتىش توخۇرلۇق نۇرغۇن تەكلىپ پىكىر بەرگەن،لېكىن ئۇنىڭ بۇ پىكىرى شىركەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئانچە ئېتىۋارىغا ئېرىشمىگەن،بۇ ئادەم 1912چى يىلى تىتانىكتا قۇتقۇزۇش قۇلۋىقى يېتىشمەسلىك تۇپەيلى،ھاياتىدىن ئايرىلغان.
Wallace Henry Hartley 1878.6.2_1912.4.15
تىتانىك تىكى مۇزىكا ئەتىرتىنىڭ يېتەكچىسى ،ئوزى بولسا يېتىشكەن،ئىسكىرىپكا ماھىرى،پاراخوت مۇزتاققا سوقۇلغاندا،ئۇ كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تىنىشلاندۇرۇش ئۇچۇن ئەتىرتىنى باشلاپ سىرتقا چىقىپ مۇزىكا چالغان،مۇزىكا تۇگۇگەندە،سەبداشلىرى قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسا،بۇ ئادەم ئوزى قېپ قېلىپ داۋاملىق چىلىۋەرگەن،ئۇنىڭ بۇ روھىدىن تەسىرلەنگەن سەبداشلىرى،ئارقىسىغا يېنىپ كېلىپ بېللە ھەمدەمدە بولغان ۋە ئاخىردا مۇزىكىلار بىلەن بىللە دېڭىزغا چوكۇپ ئولگەن.
شۇچاغدا تىتانىك قا چىققان ئادەملەر ئېچىدە،57كىشى ئوزۋاختىدا كوزگە كورۇنگەن ئاق سۇڭەك بايلار بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئېچىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇردىغانلار توۋەندىكەر:
John Jacob Astor 1864.7.13_1912.4.15
تىتانىك تىكى ئەڭ باي كىشى،ۋە،ئوزۋاختىدىكى دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي ئادەم،ئۇنىڭ مال-مۇلكى،11دانە تىتانىك ياساشقا يېتەتتى،شۇ كېچىسى قۇتقۇزۇش قۇلۋىقى يېتىشمەسلىك تۇپەيلى،بۇئادەم ئوزىنىڭ بويىدا بار ئايالىنى قۇلۋاققا چىقىرىپ قويۇپ،ئوزى تىتانىك بىلەن بىللە سۇغا چوكۇپ ئولىدۇ،نەچچە كۇندىن كېيىن،كىشىلەر دېڭز يۇزىدىن ئۇنىڭ لەيلەپ تۇرغان جەسىدىنى تاپىدۇ.
Isidor Straus ______1912.4.15
ئامىركىلىق داڭلىق كارخانچى ۋە كوزگە كورۇنگەن مىليونىر.
Guggenheim 1865.10.26_1912.4.15
ئامىركىلىق مىليونىر،كورگۇچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە،پاراخوت چوككەندە بۇ كىشى قىلچە ھۇدۇقماي قاشماي ياردەمچىسى بىلەن ،پاكىز رەتلىك كىينىپ قولىدا سىگارت، بىراندى ئېچىپ ئولتۇرغانىكەن،،كېيىن بۇ ئادەمنىڭ جەسىدى زادىلا تېپىلمىغان.
Molly Brown 1867.7.18_1932.10.26
پاراخوتتىكى ئەڭ باي ئايال،ۋەقە يۇزبەردە،ئۇ ئىزچىل قۇتقۇزۇش ھەركىتىگە قاتناشقان،پاراخوت چوكۇپ بولغاندا بولسا،قۇلۋاقنى كەينىگە ياندۇرۇپ ھايات قالغانلارنى ئېزدەش تەكلىپىنى بەرگەن،لېكىن باشقىلار تەرپىدىن رەت قىلىنغان،كېيىن كىشىلەر تەرپىدىن مەڭگۇ چوكمەس خانىم دەپ مەدھىيلەنگەن.
(تىتانىكتىن بىر كورۇنۇش)
قوزغىلىش ئالدىدا
___________________________
ئەڭ ئاخىرقى بىجىرىم ۋاختى
قۇتقۇزۇش قۇلۋىقىدىكى ھايات قالغۇچىلار
ئىچىكى كورنىشى
__________________________
___________________________
____________________________
____________________________
_________________________
__________________________
تىتانىكنىڭ سۇ ئاىتىدىكى قالدۇقى
________________________
بۇقىتىمقى تىتانىك ۋەقەسى ئەينى چاغدىكى كىشىلەرگە تەرەقىياتنىڭ كۇچىنى نامايەن قىلغاندىن باشقا،يەنە كىشىلەرگە ھاياتلىقنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ۋە ئادەملەرنىڭ قانچىلىك ئاجىزلىقىنى ئەكىس-ئەتتۇرۇپ بەرگەن. تامام!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-13 03:29 PM
|