|
|
|
|
تۈركمەنستان مەدەنىيەت ئەلچىلىرى ھوزۇرىدا ئازات رەھمېتۇللا سۇلتان ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
2012 -يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى دۈشەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەرسائەت 8:00 بىلەن شىنجاڭ پىداگوگىگىكا ئۇنىۋىرستېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلارجەمئىيتىنىڭ رەئىسى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئازات رەھمېتۇللا سۇلتان جۇڭگۇ يازغۇچىلارجەمئىيتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆرۈمچى تېخنىكا-تەرەققىيات رايۇنىغا جايلاشقان شىنجاڭ تامۇژنائۇچۇر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە تۈركمەنىستاندىن كەلگەن مەدەنىيەت ئەلچىلىرىگەئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى ۋە سۆھبەتتەبولدى. بۇ قېتىمقى ئىلمىيدۇكىلات، سۆھبەت يېغىنىغا تۈركمەنىستان دۆلەتلىك مۇزىكا ئىنىستېتۇتى، تۈركمەنىستاندۆلەتلىك كەسپى سەنئەت ئىنىستېتۇتى، تۈركمەنىستان دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئىنىستېتۇتى،تۈركمەنىستان مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش مەھكىمىسى، تۈركمەنىستان دۆلەتلىك مۇزىيخانا،تۈركمەنىستان دۆلەتلىك رادىيۇ-تېلىۋىزىيە كۇمېتىتى قاتارلىق ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭمەدەنىيەت تارماقلىرى، ئۇنىۋىرستېت، ئېنىستېتۇت ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرىدىنبولۇپ گۈلمىرە دوف، ئوراز بەردىيىف، نىيازوف، ئەخمەتوف، خوجايوف، سەپەر مەمەتوف قاتارلىق 19 يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىلەر قاتناشتى. ئازات رەھمېتۇللاسۇلتان ئەپەندى ھەمرالىرى جىپارە (ئىپارە، رۇسچە تەرجىمان، قىرغىزىستان پىشكەك ئۇنىۋىرستىتىدىن)،ئابدۇمىجىت مۇھەممەد (تۈركچە تەرجىمان، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرستېتىدىن) بىلەن بىللەئۈچ سائەتكە يىقىن سۆھبەتتە تۈركمەنىستان مەدەنىيەت ئەلچىلىرىگە قىسقىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتتارىخىدىن ئۇچۇر بېرىپ، «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق ئىككى كىتابۋە بۇ كىتابلارنىڭ پەخىرلىك ئاپتۇرلىرى بولغان مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدەئىنتايىن مۇھىم ۋە زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى بەردى. دوكىلات باشتىن ئاخىرىئۇيغۇر تىلىدا بېرىلدى، تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ ئوغۇز تۈركۈمىگە تەۋە بولغان تۈركمەن تىللىق بۇ مەدەنىيەت ئەلچىلىرى گەرچە نوتۇقنىڭ60 پىرسەنىتتىن ئارتۇق مەزمۇنىنى بىۋاستە ئاڭلاپ چۈشىنەلىسىمۇ، دوكىلاتنىڭ مۇھىم، قېيىننوقتىلىرى رۇس ۋە تۈرك تىللىرىغا تەرجىمەقىلىنىپ قايتا قايتا ئاڭلىتىلدى. ئەپسۇسكىيۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى ۋە بۇ ئىككى بۆيۈك ئەسەر ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرغا ئىگەئەمەس بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىمقى سەپرىدە ئۇيغۇرلارنى چۈشىنشى پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىدىن،شۇنداقلا بۇ شاھانە ئەسەرلەر ھەققدىكى بىلىملەرگە ئىرىشكىنىدىن كۆپ خۇرسەن بولىشىتى.يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك »كىتابلىرىنى كۆرۈپ،تۇتۇپ ھاياجانغا چۈمۈشتى. ھەمدە ئۆز مەملىكىتىنىڭ پەخىرلىرىدىن بولغان يىگانە ئەدىبيمەختۇم قۇلى فىراغى ۋە دۆلەت گۆھىرى دەپ قارىلىدىغان ئېسىل نەسىلىك ئات «ئاق خال تىكە»نى تونۇشتۇردى. ئازات رەھمېتۇللا سۇلتان قاتارلىق مەدەنىيەت تونۇشتۇرغۇچىلار بىزنىڭبۇ بۆيۈك ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش ئىشلىرىمىزنىڭ تىخى مۇكەممەللىكتىن كۆپيىراقتا ئىكەنلىكىنى، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئەمىلىي ئەمگەكنىڭھەقىقەتەن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى قايتا قايتا ھېس قىلىشىتى. ھەمدە مىھمانغا كەلگەن مەدەنىيەتئەلچىلىرى بىلەن ئورتاق تەرەققىيات، ئورتاق ئىزدىنىش، ئۆزئارا ياردەمدە بۇلۇش ھەققىدەبىردەك پىكىرلەردە بولۇشتى.
2012-يىل، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-13 12:04 AM
|
|
|
|
|
|