 |
 |
 |
 |
تەۋىسيە:ئۆتكەن بىر قانچە يىل مابەينىدە ساخاۋەتلىك كاۋاپچى ئالىمنىڭ ئىچكىرىدە نامرات خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ 2011-يىلى «جوڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10مەشھۇر شەخىس »قاتارىغا كىرگەن ئىش-ئىزلىرى تاراتقۇلاردا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلنغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. مانا ئەمدى يەنە ياش ئوغلانىمىز مەردان بىر خەنزۇ قىزچاقنى قۇتقۇزۋاپتۇ. بۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلدىغان پىداكارانە روھىغا ۋەكىللىك قىلىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بۇلۇۋاتقان قېرنداشلىرىمىزنىڭ يۈزىنى يەنىمۇ يۇرۇق قىلغۇسى....
11_ئاينىڭ 10_كۈنى 12لەر ئەتراپىدا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جىڭجۇ شەھىرىنىڭ چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ باۋتا ئەگىمىسى بۆلىكىدە بىر خەنزۇ قىزى سۇغا تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتكەندە، ئەمىلا 17 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر ئوغلانى مەردان روزى بىرىنچى بولۇپ، سوغۇق ھەم چوڭقۇر دەريا سۈيىگە شۇڭغۇپ كىرىپ، دەريادا غەرق بولۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئۇ خەنزۇ قىزىنى دەريادىن مۇۋەپپىقىيەتلىك قۇتقۇزىۋالىدۇ.
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن جىڭجۇ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلەر قانىلى مەردان روزىنىڭ ئۆزىنىڭ ھايات ماماتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي بىر خەنزۇ قىزىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىق خەۋىرىنى تارقاتقاندىن كىيىن مەردان روزى دېگەن ئىسىم توردا كەڭ مۇنازىرە قوزغاپ ئاشۇ بىر نەچچە سائەتتىلا 500دىن ئارتۇق ئىنكاسلار يېزىلىپ جىڭجۇ خەلقى بۇ ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ پىداكارلىق روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.
مەردان روزى ئاقتۇ ناھىيەسىدىن بولۇپ، شۇ يەردىكى بىر كەسپىي ئىنىستېتوتنىڭ 1_يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.
بۇ ئىش توغۇرسىداجىڭجۇ تېلۋىزيە ئىستانسى كەڭ خەۋەر بەرگەن بۇلۇپ تۆۋەندىكى ئادىرسقا كىرىپ تەپسلىي كۈرۈپ چىقىشىڭلارنى تەۋىسيە قىلمەن.
http://v.jznews.com.cn/index.php?r=video/index/69471
ئەسكەرتىش : ئەھمىيەتلىك بىر تىما بولغاچقا كەڭساي تورىدىن تەۋىسيە قىلندى
مەنبە: كەڭساي تورى
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-22044.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-13 02:05 PM
|
 |
 |
 |
 |
|