ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، مۇنبەردىكى مۇنبەرداشلار ! ھەممىڭلارغا جانابى ئاللاھ نىڭ سالامى بولسۇن!
مانا نەچچە ۋاقىتتىن ياقى ، ئالدىراش خىزمەتلەر ئاخىرلىشىپ بىزنىڭمۇ دەم ئىلىش كۈنلىرىمىز كەلدى، شۇڭا مۇنبەردە داۋاملىق مۇنبەرداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، بىلمىگەننى تەڭ سوراپ بىلىپ ،قىشلىق دەم ئىلىش كۈنلىرىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى ئويلايمەن.
نەچچە كۈننىڭ ياقى، كاللامدىن ئۆتمىگەن بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ،دوستلار ئورتاقلىشىپ بىقىشنى ئويلاپ
بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
قارىسام مۇنبەردە يىڭى ئەزالار شۇنداق كۆپىيىپ ،بۇرۇنقى ئەزالارنى تىپىش تەسكە چۈشكەندەك بىلىندى.
بۇنىڭدىن، مۇنبەر تەرەققىياتىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى بىلىدىم ھەم خۇشال بولدۇم.
ئادەم بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتسىمۇ ، مۇنبەردە نىمە ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ- بىلەلمەي قالىدىكەن.
مۇشۇ ئالدىراش خىزمەت بىسىمى سەۋەبىدىن ،مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپەمدىنمۇ قالدۇرۇلدۇم دىسە.<ھە...ھە...ھە>،،بولدى كۆپ سۆزلەپ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئالماي.
ئەمدىكى مۇنازىرىگە كەلسەم ، ئۆزىمىزدىكى كەمچىلەرنى قانداق بىلىمىز ۋە قانداق بىرتەرەپ قىلىمىز؟
دوسلارنىڭ قانداق كەمچلىكلىرى بار،ھەممىمىز بىرلىكتە تەڭ بۇھەقتە مۇنازىرلەشسەك دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
مەن ئۆزۈمدىكى كەمچىلىكنى ئويلاپ باقسام بەك نۇرغۇن ئىكەن، مەسىلەن: مەن، باشقىلارنىڭ شەخسەن ماڭا قانداق قاراشتا بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاشماي، چاخچاق ئارقىلىق سۆزلىشىپ ئىتتىك رەنجىتىپ قۇيىدىغان.
ئاچچىغىم كەلسە ئۆزۈمنى زورىغا كۈلكىگە زورلايدىغان، قانداق ئىش بۇلۇپ كىتىشىدىن قەتئىنەزەر ئالدىرىماي قارار چىقىرىدىغان (ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە ، تىگىدە مانتا يەيدىغاندەك) سەل خىيالىراقكەنمەن.
بۇنى ماڭا يىقىن خىزمەتدىشىم دەپ بەردى، بۇ سۇئالنى بىر توردىشىمغا قۇيۇپ، دەڭە راس مەن شۇنداقمۇ - دەپ سورىسام ، ئۇمۇ مىنى شۇنداق دەپ كۈلۈپ كەتكەن.
ئويلاپ باقسام، مۇشۇ سەۋەبتىنمىكىن، ھازىر مۇشۇ مەۋھۇم بوشلۇقتىمۇ مىنى خاتا چۈشىنىۋالغان، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى، ئۆزۈمنىڭ خۇشاللىقى دەپ- بىلىدىغان مەن كۆڭۈلنى، خەق ھەرخىل قالايمىقان ئويلار بىلەن ئويلىشىۋالىدىغان دەرىجىگە بىرىپ يىتىپتۇ.
ئەمىلىيەتتە ،مەن ئۇنداق باشقىلار خاتا ئويلاپ، ئۇ دەرىجىلەرگە بارغان كۈڭۈللەردىن ئەمەستىم.
ئادەمنىڭ مىجەزى بەزىدە ،باشقىلارنى شۇنداق تۇيغۇغا باشلاپ بارىدىغان ئوخشايدۇ.
مەن يىقىندا بىر قىز تورداشنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالدىم،ئۇچۇرىنى ئۇقۇپ بەكلا ھەيران قالدىم . ئەمىلىيەتتە، رىئال تۇرمۇشتىكى ئىش بولمىغاندىكىن نىمە كارىم دىسەم بۇلاتتى. بىراق يەنىلا مەۋھۇم بوشلۇق بولسىمۇ، بۇنداق ئۇچۇرلار ئادەمنى سەل بىزار قىلىپ قۇيىدىكەن.ئۇ ئۇچۇرنى كىسىپ مۇنبەر يۈزىگە چاپلاپ،
نەقىل ئىلىپ ئۇ ئۇچۇرنى يازغان تورداشنىڭ مىنى قانداق ھاقارەتلىگەنلكىنى كۆرسەتمەكچى ئىدىم.
ئەمما ئۇنداق قىلىشقا پۇرسەت چىقماي، نەچچە كۈنلۈك سەپەرگە مىڭىپ كەتتىم.مانا ھازىر قايتىپ كىلىپ،
سىلەر بىلەن بۇ مۇنازىرىدە بۇلۇپ تۇرغان بولساممۇ، ئۇ تورداشنى بۇ مۇنازىرىگە باشلاپ كىرىشنى خالىمىدىم.
ئەمما ئۇنىڭ مىنى خاتا چۈشىنىۋالغان مۇنۇ قۇرىغا ، سىلەر نىمە دەيسىلەر ؟
{تاڭنۇر ئاشناڭ تاشلىۋەتتىمۇ؟ قېرى خۇتۇن ، نۇمۇس قىلماي كىچىك بالىلارنى ئازدۇراي دەمسەن؟
مۇنبەردە ،قانچلىك باشقۇرغۇچى بۇلار دىسەم ئىككى كۈندە قۇڭاڭغا تەپتىمۇ؟ }
بۇنىڭغا مەن بەرگەن جاۋاب:{ ماڭا قىلغان ھاقارەتلىك سۆزلىرىڭ ئۈچۈن،مەن ھىچنىمە دىمەيمەن .
سەن ئازغۇننى ئاللاھ كەچۈرسۇن ! }
بۇ ئاھانەتلەرگە يەنىلا سەۋىر قىلىپ كەتتىم،[ پەقەت قېرىندىشىم ئويچان، نەسىرۇللا ۋە تاڭنۇرلار] مىنىڭ،
قانداق ئادەم ئىكەنلىكمنى تۇلۇق چۈشىنىدۇ. باشقىلارمۇ ئالدىرماي چۈشۈنۈپ قالار دەپ تۇرۇپ قالدىم.
ئۇ ئۇچۇرنى يازغۇچى، بەلكىم تىمامنى كۆرسە ئۇچۇر ساندۇقۇمغا- قايتا خەت يىزىپ يەنە،مەن بىلەن سۇقۇشىدۇ
ۋەياكى ئاللاھ دىن قورۇقسا قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ جىم تۇرىدۇ . مەن ئويلايمەن، مىنىڭ مۇشۇ خۇشخۇي ،ئۇچۇق-يورۇقلۇقتىن باشقىلارنى ،خاتا چۈشەنچىگە باشلاپ بارىدىغان كەمچىلىكىمنى قانداق بىر تەرەپ قىلسام بۇلىدۇ؟ ياكى مۇنبەرگە كىرمىسەملا بۇلامدۇ ؟ كىرسەممۇ تىمىلارنى كۆرۈپلا مۇنازىرلەشمەي زىيارەتچى سۈپىتىدە قايتىپ چىقسام بۇلامدۇ؟
دوستۇم سىزمۇ سۆزلەپ بىقىڭ ،سىزمۇ مۇشۇنداق ئىشلارغا دۇچار بۇلۇپ باقتىڭىزمۇ؟
مەن يۇلۇققان مەسىلىلەرگە،سىز يۇلۇققان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ مەن- سىز، ۋە سىز -بىزلەر ، مۇنبەرگە ئاشنا تىپىش ئۈچۈن كىرەرمىزمۇ؟ بىز زادى مۇنبەرگە كىرسەك بۇلامدۇ- بولمامدۇ؟