ئوتتۇز ياش ئەرلەرنىڭ ئەركەكلىك يېشى
كېسىلسە كېسىلەر،ئىگىلمەس بېشى،
قان ئاقسا ئاقاركى،ئاقمايدۇ يېشى،
يەي دىسە تەيياردۇر ھەر يەردە ئېشى،
ئوتتۇز ياش ئەرلەرنىڭ ئەركەكلىك يېشى.
قەيەرگە ئۇزاتسا قولى يىتىدۇ،
ئىنتىلسە نىشاندىن ھالقىپ كېتىدۇ،
تەنتەكلىك يېنىدىن يىراق كېېتىدۇ،
ئوتتۇز ياش ئەرلەرنىڭ ئەركەكلىك يېشى.
بۆرىگە ئوخشايدۇ سۈرى-ھەيۋىسى،
بولىدۇ ھەر ئىشتا بېشى،سەركىسى،
چاغلايدۇ ئۆزىنى جاھان ئەركىسى،
ئوتتۇز ياش ئەرلەرنىڭ ئەركەكلىك يېشى.
ئانىسى سۆيىنىپ،غېمىنى يەيدۇ،
بالىسى ئەركىلەپ كۆتۈرگىن دەيدۇ،
بەختمۇ،ئامەتمۇ نېرى كەتمەيدۇ،
ئوتتۇز ياش ئەرلەرنىڭ ئەركەكلىك يېشى.
قىلغىنى قىلغاندۇر،ئەتكىنى ئەتكەن،
جۇۋانلار يىغلايدۇ يېنىدىن كەتكەن،
ئەركەكلىك كۈچ-قۇدرەت ۋايىغا يەتكەن،
ئوتتۇز ياش ئەرلەرنىڭ ئەركەكلىك يېشى.
مىنىشكە تەيياردۇر توقۇقلۇق ئېتى،
چەتتەكمۇ بىلىنمەس ئالەمنىڭ چېتى،
تۇرۇشنى ئويلايدۇ مەڭگۈ شۇ پېتى،
ئوتتۇز ياش ئەرلەرنىڭ ئەركەكلىك يېشى.
ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا koxbarmak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-12 05:49 PM