تۇيۇڭ بولغۇدەك
ئىپارگۈل(سەلكىنئاي)
بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى ، بۇنى بىر يىل ئاۋال بىلەلىگەن بولسام بەلكىم نەتىجە بۇنداق بولماستى .....بىلمەن مەندىن قاتتىق رەنجىدىڭ ،بىلسەڭ جېنىم بۇ مۇ ئامالسىزلىقتىن بولدى .....
مىنى سەندىن ئايرىلىپ كەتكۈسى بار دەپ قالدىڭمۇ ؟
سەن بىلەن تۇنۇشقان كۈندىن ھازىرغىچە بولغان مۇھەببىتىمىز مۇشۇنداقلا تۈگىدى .ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ،سەن ئاپاشنىڭ ساڭا باشقا بىر قىزنى ساڭا ئەپ بىرىشكە چاي ئەكىرىپ بولغىننى دىدىڭ ، ئىسىڭدىمۇ شۇ كۈنى ئازابقا بەرداشلىق بىرەلمەي تۇنجى قېتىم باغرىڭغا ئۈزەمنى تاشلاپ ئىسەدەپ يىغلاپ كەتكىنىم ،يىغلاپ تۇرۇپ مۈرەڭنىڭ يىنىك تىتىرىشىدىن سىنىڭمۇ ياش تۆككىنىڭنى سەزدىم .....
بىلىمەن ،سەن ياق دىيەلمەيتتىڭ.
ئارىمىزدا مۇشۇ گەپلەر بۇلۇنغاندىن كىيىن مەن بارا - بارا كۈندە دىگۈدەك سەندىن قەستەن قۇسۇر ئىزدەشكە باشلىدىم(كەچۈرگىن)،ئىككى كۈندە بىر سەن بىلەن ئۇرۇشتۇم (راستىنلا مىنى كەچۇر بىلسەڭ جېنىم ساڭا ئازار بەرگىنىم ئۈزەمنى قان يىغلاتقىنىم )....
سەۋەبى ساڭا ئايان سىنى ياخشى كۈرەتتىم ،جېنىمدىن ئەزىز بىلىدىغان ئەڭ يىقىن ئىككى ئادىممنىڭ بىرى سەن ئىدىڭ ....ئەمدى سىنى ساقلىمايدىغانلىقىمنى ،باشقا بىرىگە ياتلىق بۇلۇش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقىنىمنى ساڭا دىدىم (ئەمىليەتتە بۇ پەقەت سىنى ماڭا ئۆچ بولسۇن دىگىنىمدىن باشقا ئىش ئەمەستى ) سەن بۇنى ئاڭلاپلا مىنى ئۆز گەردىڭ دەپ مىنىڭ بىغۇبار سۆيگۈمگە ھاقارەت قىلىدىغان گەپ -سۆزلەرنىمۇ قىلدىڭ ،مەيلى سەن پەقەت ئاچچىقىڭدىلا شۇنداق دىدىڭ ،ساڭا بۇ ئىشنىڭ ئاللىقاچان تۈگىگىنى دىمەكچى ئىدىم ،ساڭا چۈشەندۈرەي دەپ ئويلىدىم ئەمما يەنە توختاپ قالدىم ،چۈنكى قىلغانلىرىم ھەممسى سىنىڭ يەنە ئازابلانماسلىقىڭ ئۈچۈن ئىدى ....
بىر يىللىق خاتىرە كۈنىمىزگە ئىككى كۈن قالغاندا ئايرىلىپ كەتتۇق ،شۇ كۈنى ساڭا قىيالماي تۇرۇپ خوش دىدىم ،سەن ماڭا پۇرسەت بەرمەكچى بولدۇڭ ،ئەمما مەن قۇبۇل قىلمىدىم ، ئاشۇ پۇرسەتنى تۇتىۋالغۇم كەلدى ئەمما ، سەن بەرىبىر ماڭا مەنسۇپ ئەمەس ،بۇ ھەر ئىككىمىز ئۈچۈن ئازاب .....
سىنىڭ توي خەۋىرىڭنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن سىنىڭدىن يىراقلاشتىم ،ئەپسۇس ئەتتىگەندە چ چ ئىمزايىڭنى ئۆزگەرتىپ تويغا تەكلىپ قىپسەن (كىمنى تەكلىپ قىلدىڭكىن تاڭ ) ...يىلان چاققاندەك تولغىنىپ كەتتىم ،ئۇھ يۈرىكىم !ئازابقا نىمانچە يىقىن تۇرىدىغانسەن ؟! ....سىنىڭ توي خەۋىرىڭنى ئاڭلىسام قانچىلىك ئازابلىندىغىنىمنى ھىس قىلالمىغۇدەك يەردە ئەمەستىڭغۇ ؟!....مىنى كۆرسۇن ،ئاڭلىسۇن ،ئازابتا قالسۇن دەپ شۇنداق قىلغانسەنمۇ ؟ ........مۇرادىڭغا يەتتىڭ ،مەن يىغلسام سەن خۇشال بۇلالىساڭ مەيلى جېنىم ،سەن ئۈچۈن رازى ......
ئەمدى سەن ئۈچۈن ياش تۆكمەيمەن ،بۇ ئاخىرقى قېتىم ياش تۆكىشىم بوپ قالغۇسى ....سىنىڭمۇ مىنڭ يىغلىغىنمىنى كۆرگۈڭ يوق ، يىغلاپ سىنىڭ باشلىنىش ئالدىدىكى يېڭى تۇرمۇشىڭغا دەخلى قىلىشنى خالىمايمەن ....خوش دىمەك نىمانچە تەس ،سىنى سۆيۈپ يۇقاتقانلىرىمدىن ئەپسۇسلانمايمەن ،ئەسلى بەڭۋاش ،باشقىلاردىن ئەپۇ سوراشنى بىلمەيدىغان ،ياغلىق چەگمەيدىغان مىنىڭدەك كۈلگۈنچەك بىر قىزنى ،ھازىرقى كۈندە ياغلىقنى چىرايلىق چىگىدىغان ، خاتالىقىنى ئىتىراپ قىلىپ بوينىغا ئالىدىغان ،ئەمما يىغلاشقا ئارانلا تۇرىدىغان ئۇششۇق بىر قىزغا ئايلاندۇرۇپ قويدوڭ .....مۇشۇ يازمام ئارقىلىق سىنىڭدىن يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن ،كەچۈرگىن ،كۆڭلىڭگە ئازار بىرىپ قويدۇم ....بۇ سەن ئۈچۈن يازغان ئەڭ ئاخىرقى خېتىم ....
ماڭا ۋەدە بەرگىن ئاخىر قى قېتىم ، چۇقۇم خۇشال ياشا ....
سەن سۆيگەن لىكىن بىر ئۆمۈر سۈيۈشكە نىسىپ بولمىغان :سەتتىن
2012-يىلى 11- ئاينىڭ 12-كۈنى چۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-12 04:47 PM