قانداق نىمە سەن؟
شۇنداق بىر ئىنسانسەن زىمىندا ئالەمدە بىر سەن،
دوست- بۇرادەر قېرىندىشىڭغا توزاق قۇرىسەن.
ئاز ئىش قىلىپ كۆپ ئىش قىلغاندەك داۋراڭ سالىسەن،
ئاجىزنى كۆرسەڭ خۇددى لاچىن- ساردەك ئالىسەن.
كىچىككىنە ئىش بىلسەڭ تەنلىرىڭگە سىغمايسەن،
ۋالاقشىپ ھەم جىق سۆزلەپ زۇۋانىڭنى يىغمايسەن.
قايچا بولۇپ ئۆزگەرسەڭ ئۆتمەس بىسىڭ غىردايسەن،
شۇم بۇيىلارنى ئاياپ ، گۈل - چىمەننى قىرقايسەن.
بولغان بىلەن جان سەندە ۋىجدانىڭ يوق تەنمۇسەن،
دىلىڭ زەھەر،تىلىڭ ھەسەل خۇددى بالدەك قەنمۇسەن.
كۆرۈپ تۇرۇپ ناھەقچىلىكنى كۈلۈپ يۈرىسەن ،
تېشىڭ ئادەم ئىكەن بىلمىدىم قانداق نېمە سەن؟
مەنبە:ئىجادىيەت.
-مەۋلانجان مۇتەللىپ مەشرەپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozturukbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-12 03:39 PM