تىلەمچى ‹شائىر›
ئەتىگەن .
كاككۇكنىڭ <كاككۇك ،كاككۇك....>دەپ مۇڭلۇققىنە سايراپ خۇددى بارلىق ھەسىرەت-پىغانلىرنى مۇشۇ كۈيى ئارقىلىقلا چىقارماقچى بولغاندەك ، يېقىملىق سايراۋاتقىنى باغ تەرەپتىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى .
ياتاق ئۆيۈمدە يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكىپ قالدىم-دە ،كىتاب جازىسىغا تىزىقلىق رەت-رەت كىتابلىرىمنىڭ ئىچىدىن ، خېۋىر تۆمۈر ئاكىنىڭ < بالدۇر ئويغانغان ئادەم> ناملىق رومانىنى قولۇمغا ئالدىم . ئۇقۇپ كەلگەن ۋاراقنى ئېچىپ ئەمدىلا بىر نەچچە ۋاراق ئوقۇشۇمغا تۇيۇقسىز < داڭ،داڭ،داڭ...> قىلىپ قېقىلغان دەرۋازىنىڭ ئاۋازى دىقىتمنى بۆلدى .
-مانا مانا كەلدىم ،-دېگنىمچە كىتابنى ئورنىغا ئېلىپ قويۇپ ئايۋانغا چىقتىم . دەرۋازىنى ئېچىپ كۆردۈمكى ، ئۈستى- بىشى يامان ئەمەس كىيىملەر بىلەن ئورالغان ئوتتۇر ياش چامىسىدىكى بىر كىشى :- ئامىن ، ئامىن ....تۆۋە گۇناھنى يە، سەدىقە بالانى يە ،-دېگنىچە قولىنى تەڭلەپ تۇراتتى .
تازا سەپسىلىپ قارىسام بۇ كىشىنى بىر يەردە كۆرگەن چىراي . بىر سوراپ كۆرەي دەپ :- ئاكا ، سىز ؟.... ، دىيىشىمگە ، ئۇ گېپىمنى تارتىۋىلىپ :- ۋاي ، ئەكىلىڭە قولىڭىزنى بۇ ھەقىقەتەن سىزمۇ ؟ - دېگنىچە قولۇمنى قىسىپ تۇرۇپ گېپىنى داۋام قىلدى،- بۇ قېتىمقى نورۇز بەزمىسىدە شېئىر ئوقۇغان ياش شائىر بالا سىز شۇغۇ ؟
-ھەئە ، مەن شۇ ...
- ۋاي ئۇكامۇي ، مۇشۇ شېئىر دېگەنگە ئاجايىپ ئشقىم بار جۇمۇ !
- نېمە ؟ سىزمۇ شېئىر ئوقۇشقا قىزىقامسىز ؟
- ياق ياق ، يازىمەن ئۇكام يازىمەن ! ئەمما لېكىن مۇشۇ شېئىر دىگەننى ئۈنچىدەكلا تىزۋىتىمەن،- ئۇنىڭ كۆزى ھاياجانغا تولدى .
مەن دەرھال ئوڭايسىزلاندىم -دە ئۇنى ھويلىغا تەكلىپ قىلىپ ، تالقالىق ئاستىدىكى سۇپىغا باشلىدىم .
ئاندىن كېيىن ئۇ قويۇن يانچۇقىدىن بىر پارچە شېئىر يېزىلغان ۋاراقچىنى ئېلىپ ئاچتى .
- مۇنۇ ئاخشام يازغان شېئىرىم ئىدى ، خالىسىڭىز ئوقۇپ بىرەي ......
- بولىدۇ بولىدۇ ، قېنى ئوقۇڭ قولۇقۇم سىزدە ! .......
ئۇ گېلىنى قىرىپ قويۇپ، شېئىرىي ئاھاڭدا ئۈنلۈك ئوقۇشقا باشلىدى:
قاملاشمىدى
ئادىمى ئالماشتىيۇ ، ماڭغان يولى ئالماشمىدى ،
مەن تىلەمچىنىڭ ئىشلىرى مىسقالچىمۇ قاملاشمىدى.
ئۆلگەنلەر ئۆلۈپ تاپتى لەھەت،جان چىقمىسا ئامال يوق ،
بەرمىگەن ئول سەدىقىدە تىرناقچە ھەققىم بارمىدى.
شەيتان ئازدۇرسا بولۇر ياخشى ئادەممۇ يامان ،
ئېتىبارى موچەنلەر ، قىلغان ئىشى قاملاشمىدى .
ھەي ئەزىزەم بۇ ساڭا نېمە كۆرگۈلۈك،
بۇ بەختىيار زاماندا سېنىڭ ئىشىڭ قاملاشمىدى.
-ياخشى چىقىپتۇ! قاپىيەلىرى خىلى ماسلىشىپتۇ،- تۇرۇپلا ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى . دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا چاي دەملەش ئۈچۈن مېڭىۋىدىم. ئۇ دەرھال :
- رەخمەت ئۇكام ، ئەمدى مەن ماڭاي ، ئازىراق بولسىمۇ ؟ .... ، - ئۇ ماڭا قولىنى تەڭلىدى . مەن دەرھال خىجىل بولۇپ كېتىپ يانچۇقىمنى ئاختۇرۋىدىم 50 يۈەن پۇل چىقىپ قالدى .مەن دەماللىقا سەل تۇرۇپ قېلۋىدىم ئۇ گىلىنى مەنىلىك قىرىپ قويدى . مەن گەپ قىلماستىن ئۇنىڭغا پۇلنى سۇندىم . ئۇ مەنسىتمىگەن ھالدا پۇلنى قولۇمدىن ئالدى-دە <خاسيەتلىك دۇئا > سۈپەت بىر دۇئا قىلىپ قويۇپ كېتىپ قالدى . نېمە ئىش قىلىشنى بىلمەستىن دەقىقە تۇرۇپ قالدىم ....
ئۆيۈمگە قايتىپ كىرىپ ئۈستەلدىكى روماننى قولۇمغا ئېلىپ كەلگەن يەردىن باشلاپ ئوقۇشنى داۋام ئەتتىم . ئەمدىلا بىر ۋاراق ئۆرۈشۈمگە كۆزلۈرۈم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مۇنۇ شېئىرىغا چۈشتى :
قاملاشمىدى
ئادىمى ئالماشتىيۇ ، يولى تۈزۈم ئالماشمىدى ،
جىن دىگەننىڭ ئىشلىرى مىسقالچىمۇ قاملاشمىدى.
ياڭ ئۆلۈپ تاپتى لەھەت ، كەلمەمدىكەن جۇمھۇرىيەت ،
بەرمىگەن جۇمھۇرىيەت ، بۇ ئىشلىرى قاملاشمىدى .
ئاتى جىننىڭ ئۆزى جىن ، جىننىڭ كۈنى بولغاي قېيىن ،
ئېتىبارى بىر تىيىن ، قىلغان ئىشى قاملاشمىدى .
ئابدۇخالىق نەرە تارت ، ئەنە قالقان ئەنە ئات ،
ئۇخلاپ يېتىش بەك ئۇيات ، جىننىڭ ئىشى قاملاشمىدى .
- توۋا ، نېمىدىگەن ئوخشاشلىق بۇ ھە ؟! ھە .... ئۆزگەرتىپ يېزىپتۇ ، ئۆزگەرتىپ يېزىپتۇ !.... توساتتىن ئىچىمدىن بىر كۈچ ئەۋجىپ چىقىشقا باشلىدى . قەلىمىمنى قولۇمغا ئىلىپ بۇ كۈچنى ھېكمەت خاتىرەمگە خاتىرلەپ قويۇشقا ئاران ئۈلگۈردۈم :
كۆرگەن كۈنۈم ناچار دەپ رەنجىمە سەن زاماندىن ،
تۈزەتكىن ئاۋۋال ئىللىتىڭنى قېچىپ ياماندىن .
مەنبە : ئىجادىيەت .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozturukbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-12 01:42 PM