قىزىمغا نەسىھەت
ئۆمەرجان سىدىق
قەدىردان قىزىم، بىردىنلا سىزگە خەت يازغۇم كېلىپ قالدى. سىز بىلەن ھەر خىل شەكىللەردە كۆپ قېتىم سىردىشىپ، پاراڭلىشىپ، تەربىيلەپ كېلىۋاتقان ھەم بۇنىڭ تەسىرىدە تىرىشچان، ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك يىتىلىۋاتقانلىقىڭىزدىن سۆيۈنۈپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، يەنىلا بەزى گەپلەرنى رەسمىي يۇسۇندا خەت يۈزىدە دېيىشنى لايىق تاپتىم. بۇ خېتىم بەلكىم ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئاتا-ئانىنىڭ قىزلىرىنى تەربىيلىشىگە ئاز-تولا ياردىمى بولار.
بىر تەرەپتىن سىزنىڭ ھازىرقىدەك بەختىيار، مەدەنىي، ئۇچۇرلاشقان، يۇقىرى سەۋىيىلىك، ھەممە نەرسىڭىز تەل دەۋىردە ياشاۋاتقانلىقىڭىزغا ھەۋىسىم كېلىدۇ. سىز ئاتا-ئانىڭىز ۋە بوۋا-مومىلىرىڭىز كۆرگەن كۈنلەرنىڭ مىڭدىن بىرىنى، ھەتتا كىچىككىنە بىر پارچىسىنىمۇ كۆرمىدىڭىز. ئاتا-ئانىمىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا دۇچ كەلگەن ئەنسىز يىللاردىكى، تىنىچسىز زامانلاردىكى ھايات قېلىش مەسىلىسى بولغان بولسا، بىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىمىزدا دۇچ كەلگىنىمىز قۇرساق توقلاش مەسىلىسى بولغان ئىدى، باشقا ئىشلاردىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. سىلەرگە بۇ كۈنلەرنى دەپ بەرسەك خۇددى چۆچەك ئاڭلاۋاتقاندەك ھېسياتقا كېلىسىلەر، ھازىر ئەڭ ئەقەللىي نەرسىگە ئايلانغان توك، سۇ، تېلۋىزۇر، توڭلاتقۇ، ئاق نان، مېزىلىك گۆش، يۇمشاق كېرىسلو، ماشنا بولمىغان ئۇ تۇرمۇشنى زادى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىلەر. بىراق، بىز ھەقىقەتەن شۇنداق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن، ئاتا-ئانىمىز بولسا ئۇنىڭدىنمۇ ئغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن،قىزىم. يەنە ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك بۇ خىل تۇرمۇشىڭىزدىن ئىختىيارسىز خاۋاتىرلىنىمەن، ئەندىشىگە چۈشىمەن. چۈنكى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، زامانىۋى مەدەنىيەت بىزگە نۇرغۇن ئەۋزەل نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلدى. ئەنەنىۋى مەدەنىيىتىمىز، مىللى ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىز، ئېسىل ئەخلاق قاراشلىرىمىز قاتتىق كىرزىسقا دۇچ كەلدى. ۋادەرىخا، قانچا تىركىشىپ باققان بولساقمۇ، بۇ خىل ئومومىي يۈزلىنىشنى توسۇپ قالالمايۋاتىمىز. سىزنىڭ مۇشۇنداق كىرىزىس مۇھىتىدا ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قېلىشىڭىزدىن قورقىمەن قىزىم!
بۇ يىل 16 ياشقا كىرىڭىز، تولق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىنى باشلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىز. بۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلى. ھېسسىيات جەھەتتىن يېتىلىشكە باشلىغان، ئاق قارىنى خېلى پەرق ئېتىپ قالغان، بەزى ئىشلارنى مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىشقا باشلىغان مەزگىل. ئىلگىرىكى دەۋىرلەردە بۇ ياشلىق قىزلار ئاللىقاچان ئۆي-ئۇچاقلىق، ھەتتا بالىلىقمۇ بولۇپ بولغان بولاتتى، مېنىڭ مەرھۇم ئاپام، سىزنىڭ سۆيۈملۈك مومىڭىز 16 ياشتا توي قىلغان. ھازىرمۇ يېزىلاردا 18 ياشتا، ھەتتا يېشىنى ساختا مەلۇم قىلىپ، 16-17 ياشتا توي قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.
دېمەكچى بولغىنىم، سىز قىزلىق يېشىغا، رەسىدە بولۇش مەزگىلىگە رەسمىي قەدەم باستىڭىز. سەككىز ياشقا كىرگەن سىڭلىڭىز-ئائىلىمىزنىڭ يەنە بىر يۈرەك پارىسىمۇ ھەممە ئىشتا سىزدىن ئۈلگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا ئەخلاق تەربىيە مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىمىسىڭىز بولمايدۇ.
خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەخلاق- تەربىيە مەسىلىسىگە ئىنتايىن جىددى مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن، ھەمدە بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش ئۆلچەملەشكەن، سىستېمىلاشقان، مۇنتىزىم پىرىنسىپلارنى يەكۈنلەپ چىققان. بۇ پىرىنسىپلار خەلقىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەقىل پاراسىتىنىڭ، ھاياتلىق ھاسىلاتلىرىنىڭ، تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنىڭ، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاراشلىرىنىڭ، پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش ئېھتىياجىنىڭ يەكۈنى بولۇپ، ئىنتايىن زور دەرىجىدىكى ئىلمىلىققا، ئەقلىيىلىككە، چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەزمۇنلارغا، ھەيران قارارلىق ھالدىكى ئىنسانىي قەدىر-قىممەت خاراكتىرىگە، خەلقىمىزنىڭ ياشاش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شۇڭا مەيلى مەيلى قانداق دەۋر بولۇشىدىن، قانداق تەسىرگە ئۇچرىشىمىزدىن قەتئىنەزەر بۇ پىرىنسىپلاردىن (ئەلۋەتتە بۇ يەردە دەۋاتقىنىم ئەمەلىي، ئەنئەنىۋى ئەخلاق-تەربىيە پىرىنسىپلىرى، ھەرگىزمۇ خۇراپىي، كون قاراشلار ئەمەس) ۋاز كېچىشكە، چەتنەشكە بولمايدۇ. بۇ مەسىلىلەردە ھېچقانداق مۇنازىرە قىلىشقىمۇ، گۇمانلىنىشقىمۇ بولمايدۇ، بىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىمىزنى ئەنە شۇ قانۇنىيەتلەردە جۈملىسىدىن دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
سىز ئەنەنىۋى ئەخلاق-تەربىيە ھەققىدىكى نۇرغۇن كىتابلارنى كۆرۈپ، بىزنىڭ ئۈگۈتلىرىمىنى ئاڭلاپ پەزىلەتلىك چوڭ بولىۋاتىسىز. تۆۋەندە مەن سىز ۋە سىز ياشلىق قىزلارغا دېمەكچى بولغانلىرىمنى بىر قانچە نۇقتىدىن بايان قىلىپ ئۆتەي:
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر قىزلىرى ئۈچۈن ئىپپەت-نومۇس، شەرمىي-ھايا ھەممىدىن مۇھىم، ھەتتا جاندىنمۇ، ھاياتتىنمۇ مۇھىم قىزىم. بۇ قانۇنىيەتنى خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەخلاق-مەدەنىيىتى، ئېتىقاد قارىشى بەلگىلىگەن، مەيلى مەدەنىيەت قانداق تەرەققى قىلىشىدىن قەتئىنەزەر، مەيلى باشقا مىللەتلەر قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بۇ قانۇنىيەت ئۆزگەرمەيدۇ. دۇنيادا مەيلى قانداق تەرەققىيات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزگەرمەيدىغان بىر قىسىم قانۇنىيەتلەر، تېئورمىلار بولىدۇ، بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەخلاق پىرىنسىپلىرىمىزنى دەل شۇنداق تەۋرەنمەس، مەڭگۈ ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماس قانۇنىيەتلەر جۈملىسىدىن دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ. ئىپپەت-نومۇس ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھاياتلىق بۇلىقى، ۋىجدانى، گۆھىرى، ھەممە، ھەممىسى. شۇ بولغاچقىلا ئۇيغۇر قىزلىرى بېشىنى تىك تۇتۇپ، مەغرۇر يۈرەلەيدۇ. ئۇنى كەلگۈسىدىكى ھالال جۆرىسى، نىكاھلىق جۈپتى ئۈچۈن قۇلۇلە قېپى ئىچىدە مەرۋايىت ساقلىغاندەك قەدىرلەپ ساقلاش، جان تىكىپ قوغداش پەرز قىلىنىدۇ. مۇشۇنداق شەرت ئاستىدىكى نىكاھ پاك، ھالال، چوڭقۇر، مۇھەببەتلىك، ئوتلۇق مېھىرلىك، مۇستەھكەم رىشتىلىك بولىدۇ. مۇشۇنداق شەرت ئاستىدىكى قىز كەلگۈسى ھەمراھىغا يۈزلىنىپ، مەغرۇر، كۆڭلى پۈتۈن ھالدا جاۋاب قايتۇرالايدۇ.
ئىككىنچى دەيدىغىنىم، ئەخلاق-پەزىلەت ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىغا قويۇلىدىغان شەرت. ھۆكۈمالار «ئالىم بولۇشتىن ئاۋۋال ئادەم بول»دەپ توغرا ئيتقان. دۇنيادا ئەڭ ئاۋۋال غورورلۇق، ۋىجدانلىق،ئەخلاق پەزىلەتلىك، دۇرۇس تەبىئەتلىك ئادەم بولۇش ھەممىدىن مۇھىم. بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. قانچە بىلىملىك بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئادەمدە ئەخلاق بولمىسا، ئۇ بىلىم ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەخلاق كاتوگورىيەسى بەك كەڭ قىزىم، بۇ يەردە بىر قانچە ئغىز سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن. قىسقىسى، ئۇيغۇر قىزلىرى مۇلايىم، ئېغىر-بېسىق، نازاكەتلىك، يۈزى تۆۋەن، قائىدە-يوسۇنلۇق، كەڭ قۇرساق بولۇشتەك سۈپەتلىرى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر، بۇ سۈپەتلەر چوقۇم سىزگە ئۆرنەك بولسۇن. مەنمەنچى ھاكاۋۇر، ئىچى تار، ھاززۇل، ۋاتىلداق ئاياللارنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇ نۇقتا ھەر دائىم ئېسىڭىزدە بولسۇن.
ئۈچىنچى دەيدىغىنىم، ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلەش، يۇقىرى مەدەنىيەت ساپاسىنىيىتۈلدۈرۈش-ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مەجبۇرىيىتى. ئۇستازلار «ئاياللار مىللەتنىڭ ئانىسى»، «ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ» دەپ توغرا ئېتقان. ئانىلار ئىلىم مەرىپەتىك يۇقىرى ساپالىق بولسا، پەرزەنتلەرمۇ، كىيىنكى ئەۋلادلارمۇ شۇنداق تەربىيلىنىدۇ، بۇ ئاخىرىدا بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىغا بېرىلىپ تاقىلىدۇ. ئەلۋەتتە پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتىنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.ۋەھالەنكى، ئانا دۇنياغا كۆز ئاچقان يىڭى جان ئۈچۈن بىرىنچى ئۇچراشقان ئىنسان، تۇنجى ئۇستازدۇر، ھەم تەبىئىي ھالدا بالىنىڭ ئانا بىلەن بىلە بولىدىغان ۋاقتى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئانا شۇ يۈكسەك ئانىلىق مۇھەببىتى بىلەن بىرگە بالا قەلبىگە ئىلىم-مەرىپەتنى تەڭ سىڭدۈرۈپ ماڭسا ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ. شۇڭا قىزىم، مەيلى ئۆزىڭىز ئۈچۈن، مەيلى كەلگۈسىدىكى لاياقەتلىك ئايال، مەسئولىيەتچان ئانىلىق سالاھىيىتىڭىز ئۈچۈن ئىجدىھات بىلەن بىلىم ئىگىلەش، ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش، ئونۋېرسال كۆپ قىرلىق ساپانى يىتىلدۈرۈشكە ئىرادە تىكلەڭ.
تۆتىنچى دەيدىغىنىم، ئىشچان، قولى چىۋەر بولۇش، گۈزەللىك، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىش ئۇيغۇر قىزلىرىنڭ خاس خاراكتىرىدۇر قىزىم. ئۇيغۇر ئانىلىرى قىزلىرى ئون نەچچە ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا ئۇلارغا ئۆي ئىشلىرىنى ئۆگىتىدۇ. سىزمۇ شۇ قائىدە بويىچە ىر قانچە يىلدىن بېرى ئاپىڭىزغا ياردەملىشىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ كېىۋاتىسىز، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشالمەن قىزىم. كىر-قات يۇيۇش، ئۆي تازىلاش، تاماق ئىتىش قاتارلىق ئىشلارنى قانچە بالدۇر ئۆگەنسىڭىز شۇنچە ياخشى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاددى ھالدىكى تىكىپ-سۆكۈش، كەشتە تىكىش، يىڭنە ئىشى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىپ، قولى چىۋەر، ھەرىكىتى ئەپچىل بولۇشقا تىرىشىڭ. پاكىزلىققا، ئۆينى، ئۆزىڭىزنى، تۇرۇۋاتقان مۇھىتىڭىزنى گۈزەل، پاكىز تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. يۇقۇرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئاۋارچىلىقتەك تۇيۇلسىمۇ، سىزنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرىدۇ، تەربىيلەيدۇ، نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە قىلىدۇ، مۇكەممەللىككە يىقىنلاشتۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشىڭىزغا ئاساس بولىدۇ. قولى چىۋەر، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان قىزلار جەمىئەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ، يىڭى ئائىلىگە كىرگەندە قەدىرلەشكە ئېرىشىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك يەنە بىر خىل ھۈنەر، قورال سۈپىتىدە گەۋدىلىنىپ، كەلگۈسىدە جاپالىق كۈنلەرگە قالغىنىڭىزدا ئەسقاتىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ مىللىي كىملىكىڭىزنى بىلدۈرشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بەشىنچى دەيدىغىنىم، مىللى كىملىكىڭىزنى ئۇنتۇماڭ،قىزىم. ئەلۋەتتە يۇقىرىقى دېگەنلىرىمگە ئەمەل قىلسىڭىز، مىللى كىملىكىڭىز تەبىي ھالدا نامايان بولىدۇ. لېكىن، بۇ ھەقتە تېخىمۇ كونكىرت تەلەپنى دېمەكچىمەن. مەيلى سىز قايسى مەپكۇرىنى ھىمايە قىلىڭ، قايسى دەرىجىدىكى سىياسى، ئىجتىمائىي ئورۇنغا چىقىڭ، قانداق جايغا بېرىڭ، سىز ئالدى بىلەن بىر ئۇيغۇر قىزى. بۇ قانۇنىيەت مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ھەم سىز ئۇيغۇر قىزى بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىشىڭىز كېرەك. شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا مىللى كىملىك مەيدانىڭىزدا چىڭ تۇرۇڭ. بۇ ئىدىيە، كۆز قاراش، تەربىيلىنىش، گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۈرۈش، كىيىم-كېچەك،ئىش-ھەرىكەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ھەرقانداق سورۇن، ئورۇندا ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ، قەۋمىڭىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداڭ، مىللى ئەنئەنىلەرگە، ئېسىل ئۆرۈپ ئادەتلەرگە رىئايە قىلىڭ. چاچلىرىڭىزنى ئۇزۇن-قىسقا ياسىتىپ، ھەرخىل رەڭدە بوياپ يۈرۈشتىن، قىسقا، يېرىم ئۇچۇق، بەك رەڭدار كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىڭ، بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆرۈپ-ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
ئالتىنچى دەيدىغىنىم، ئەقەللى ئەدەپ- قائىدىلەرگە ئەھمىيەت بېرىڭ. باشقىلار بىلەن قانداق كۆرۈشۈش، قانداق سالام بېرىش، قانداق مۇناسىۋەت قىلىش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى قانداق تۇتۇش، باشقىلار بىلەن قانداق سۆھبەتلىشىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇيغۇر قىزلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەقەللى پىرىنسىپلار بار، بۇ پىرىنسىپلار ئاپىڭىز سىزگە ئېزىپ ئىچۈرگەن، مۇشۇ پىرىنسىپلارغا چوقۇم ئەمەل قىلىڭ. باشقىلارغا ھەم قائىدە-يوسۇنلۇق، ھەم ئۆزىنى تۇتىۋالغان، ھەم ياخشى تەسىر قالدۇرىدىغان كىشىلىك مۇناسىۋەت سەنئىتىنى يىتىلدۈرۈڭ.
يەتتىنچى دەيدىغىنىم، تىجەشلىك، ئىدىتلىق، كەڭ قۇرساق، تەمكىن، مېھرىبان بۇلۇڭ. ھازىر ئاياللار ئارىسىدا غەيۋەت-شىكايەت، گەپ توشۇش، پىتنە تارقىتىش، كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇق، ئۆز ئارا قۇرساق سوقۇشى قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ، ھەدەپ داغۋازلىق قىلىدىغان، ھەشەمەتچىلىككە بېرىلىدىغان ئەھۋاللار ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە شۇ ئاياللارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى، مەنىۋى دۇنياسىنىڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئىپادىسى قىزىم. پەزىلەتلىك، يۇقىرى ساپالىق ئاياللار ھەرگىزمۇ ماددى مەئىشەتلىرى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى داملىمايدۇ، ھەممە يەردە بىلەرمەنلىك قىلىپ يۈرمەيدۇ. تىجەشچان، ئىدىتلىق ئاياللار شۇ ئائىلىنىڭ روناق تېپىشىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك بولۇپ قالىدۇ، كەڭ قۇرساق، مېھرىبان ئاياللار ئەڭ ئاخىرىدا ھامان غەلبە قىلغۇچى بولۇپ، ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. شۇڭا مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن تەمكىن، كەڭ قورساق، مېھرىبان نازاكەتلىك بۇلۇڭ. ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئاياللار كىشىگە يەڭگىلتەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ، شۇڭا ھەر قاچان ئېغىر بېسىق، تەمكىن بۇلۇڭ. ھەر قانداق جايدا نازاكىتىڭىزنى، سالاپىتىڭىزنى، سالاھىتىڭىزنى ساقلاڭ.
ھازىر ساۋاقداشلىرىڭىز، يەنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك يانفون ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى. مەن بۇ ھەقتە سىز بىلەن پاراڭاشقاندا مۇنداق دېدىم:«مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلارغا، ھەتتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەنمۇ يانفون ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئەمەس. يانفون ھازىرقى دەۋىردىكى ئىنتايىن قولاي ئالاقىلىشىش ۋاستىسى، ئۇچۇر قورالى بولسىمۇ، ئۇنىڭ سىزلەرنىڭ ئوقۇشىڭىزلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىق تەرىپى ئىنتايىن كۆپ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بىر قەدەر تەرتىپلىك ھەم تاق لىنىيىلىك بولۇپ، ئاساسەن ئائىلە بىلەن مەكتەپ ئارىسىدا بولىدۇ، جەمىئەت بىلەن ئارىلىشىش پۇرسىتى يوق دىيەرلىك بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم، شۇنداقلا بىردىنبىر ۋەزىپىسى ئوقۇش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان يانفۇننى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۆرىيىتى بولمايدۇ. ئەكىسچە، يانفون يىڭى شەيئىي، سەبىى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن چەكسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە .ئىگە بولغاچقا، تېخى ئەقلىگە توشۇپ ىبولالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنى تېزگىللىيەلمەي، بېئىختىيار ھالدا يانفۇنغا مەپتۇن بولۇپ كېتىدۇ، مەيلى دەرس ۋاقتى بولسۇن، باشقا ۋاقىتتا بولسۇن نۇرغۇن ۋاقتىنى يانفۇندا سۆزلىشىشكە، ئۇچۇر يوللاشقا، ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇق ئويناشقا سەرپ قىلىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دىققەت چېچىلىپ، دەرس ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. يەنە يانفۇنغا ھەرخىل ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلار كىرىپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەكتەپتىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفۇن ئشلىتىشىنى چەكلەيدي. شۇڭا قىزىم، يانفۇننىڭ سىزگە پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ. ئەلۋەتتە بارچە ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ يانفۇنى بولۇپ، سىزنىڭ يوق بولسا بېسىم ھېس قىلىشىڭىز، ساۋاقداشلىرىڭىز ئالدىدا خىجالەت تارتىش ھېسسىياتىدا بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەرگىزمۇ پۇل مەسىلىسى ئەمەس، مەن ئوقۇشىڭىزغا پايدىلىق بولىدىغان ئەڭ ئىلغار لۇغەت، ھەرخىل پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى، قوراللىرىنى ئىكىلەنمەي ئېلىپ بېرىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئېلىپ بېرىمەن. يۇقىرىدا ئېتقاندەك ئەقىللىق ئادەملەر ئارتۇقچە ھەشەمەتكە بېرىلىپ، باشقىلار بىلەن بەس تالاشمايدۇ. سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئانچە كېرىكى بولمىغان يانفۇندىن باشقا ھەممە نەرسىڭىز تەل. شۇڭا بۇ ئىشنى ئاۋۋال ئىدىيىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ، كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇپ، ئوقۇشىڭىزنى ياخشى ئوقۇڭ». سىز مېنىڭ سۆزۈمگە قايىل بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن يانفۇننىڭ گېپىنى قىلمىدىڭىز، مەنمۇ سىزنىڭ توغرا چۈشەنگەنلىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم.
نورۇز كۈنى سىز ئەتلەس كۆينىكىڭىزنى، دوپپىڭىزنى كىيىپ:«ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن نورۇزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مىللى كىيىملەرنى كىيىشىپ، پائالىيەت ئۆتكۈزۈشنى دىيىشتۇق» دەپ ئىپتىخار بىلەن سۆزلەپ كەتتىڭىز، مەن بۇ ئانا بايرىمىمىزنى ئۇلۇغلىغىنىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈنۈشكە تولدۇم. روژىستۋو بايرىمى كۈنى يەنە مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ماڭا:« قاراڭ ئاتا، بۈگۈن بەزى ساۋاقداشلار، ‹بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن›دەپ ئالما سېلىنغان كىچىك خالتىلارنى بىر-بىرىگە سوۋغا قىلىشقىلى تۇردى. بۇنىڭدىن ئاچچىقىم كېلىپ ‹روژىستۋۇ بايرىمى دېگەن كىمنىڭ بايرىمى، يات مىللەتنىڭ بىزگە يات بايرىمىنى تەبرىكلەش سىلەر ئۈچۈن ئىلغارلىقمۇ ياكى مودا قوغلاشقانلىقمۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ نورۇز، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت دېگەن بايراملىرىمىزنى مۇشۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن خاتىرلىسەڭلار بولمامدۇ؟›دەپ تالىشىپ كەتتىم، كۆپ سانلىق ساۋاقداشلار ماڭا بولۇشۇپ، پىكرىمنى قۇۋەتلەشتى»دەپ بەردىڭىز. مەن سىزنى ماختىغاچ:«يارايسىز قىزىم، چىڭ تۇرىدىغان پىرىنسىپاللىق مەسىلىلەردە چىڭ تۇرۇش كېرەك»دېدىم.
بىزنىڭ دوستلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىزمۇ سىزنى:«بەك قائىدە-يوسۇنلۇق، ئەدەب-ئەخلاقلىق چوڭ بولدى، نەدە ئۇچراپ قالسا شۇ يەردە سالام بېرىپ، ئەھۋال سورايدۇ»دەپ ماختىشىدۇ. ئوقۇشنىمۇ ياخشى ئوقۇۋاتىسىز، ئۆيدىمۇ پاكىز، تەرتىپلىك بولۇپ ئاپىڭىزغا ياخشى ياردەملىشىۋاتىسىز. كۆز تەگمىسۇن قىزىم، سىزدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىمىز زور. يۇقىرىقى گەپلىرىمنى ئېسىڭىزدە مەھكەم ساقلاپ، ئۆزىڭىزگە بىزگە، ئاخىرىدا پۈتكۈل قۇۋم-قېرىنداشلىرىڭىزغا يۈز كېلەلەيدىغان، ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدىغان، ئىپتىخار بېغىشلىيالايدىغان ئۇيغۇر قىزى بولۇپ يىتىشىپ چىققايسىز!
(ئاپتور: تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)
مەزكۇر ئەسەر «جۇڭگو مىللەتلىرى»ژۇرنىلىنىڭ 2012 - يىللىق 5 – سانىدا ئېلان قىلىنغان.
ئىزاھات : بۇ تېما خەلق تورىدىن مىسرانىمغا كۆچۈرۈپ كېلىندىن .
http://uyghur.people.com.cn/165019/15271956.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-12 12:51 PM