مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 801|ئىنكاس: 8

ياشلىقىمىز بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يالقۇن085

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14135
تۆھپە نۇمۇرى: 3301
توردا: 1930 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 10:28:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
               ياشلىقىمىز بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟

        ياشلىق بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدىكى قىسقا ئەمما قىممەتلىك بىر مەزگىل ھېسابلىنىدۇ . بىراق ئۇنىڭ قىممىتىنى ياراتقۇچى يەنىلا ئۆزىمىز . نۇرغۇن قىز-يىگىتلەرنىڭ قىران ۋاقتى رەھىمسىزلەرچە نابۇت بولىدۇ . بىراق يەنە شۇنداق بىر قىسىم قىز يىگىتلەر باركى ئۇلار ياشلىقىنى ئۆگىنىش ، بىلىم ئېلىش ، ئىزدىنىشقا ئاتىۋەتكەن . خوش -- ياشلىقىمىز بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ ؟
        نۇرغۇن ۋاقىتلار زېرىكىش ئىچىدە مەنىسىز ئۆتكەن بولىشى مۇمكىن . بىراق شۇ ۋاقىتلار مۇھەببەتلىشىش ، ساياھەت ، كۆڭۈل ئېچىشتىن بۆلەك ئۆگىنىش ، خىزمەت ، ئىزدىنىش ئارقىلىقمۇ مەنىلىك بولالايدۇ . شۇنداق تۇرۇپ بىز يەنە نېمىشقا ياشلىقىمزغا ئاسيىلىق قىلىمىز ؟ نېمە ئۈچۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولۇپ يەنە ھېچنىمە بىلمەيدىغان ئاقنانچى ، ھارامتاماق بولۇپ قالىمىز ؟ ئاتا-ئانىمىز كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ يولغا سالغان ئالىي مەكتەپكە كېلىپ نېمىشقا ئۆگىنىشنى ئۆزىمىزگە ئاساسىي نىشان قىلماي ، مۇھەببەتلىشىش ، ئويۇن ،كۆڭۈل ئېچىشنى تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قىلىۋالىمىز؟ قايسىمىز شۇنى ئويلاپ كۆرگەندۇق ؟ ياشلىقىمىز بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ ؟
        روسسىيە ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ۋەكىلى پاۋېل كورچاگىن ھەممىمىزكە ناتونۇش بولمىسا كېرەك . ئۇنىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى ماڭا بەك يارايدۇ :« ھايات ئادەم ئۈچۈن پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ . ئۇ ئادەم ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەتلىك . ئادەم ئۆمرىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى كېرەككى ئۆلۈش ئالدىدا ئۇ كۈنلىرىنىڭ مەنىسىز ئۆتۈپ كەتكىنى ئۈچۈن ئۆكۈنمەيدىغان بولسۇن ، ھەمدە مەن پۈتكۈل ھاياتىمىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى يولىدىكى كۈرەشكە ئاتىيالىدىم دېيەلەيدىغان بولسۇن .» ! قاراڭ : نېمىدىگەن پاساھەتلىك سۆزلەر بۇ ؟ بۇ روسسىيىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى ئەمەس ، بەلكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بىر نامرات ئەسكەرنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپ .جەمئىيەتتىكى ياشلارنى دېمەيلا قوياي ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئالىي مەلۇماتلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆلۈش ئالدىدا ئاشۇ نەچچە ئېغىز گەپلەرنى دېيەلەيدىغانلىرىمىز قانچىلىك ؟ ھاياتىمىزنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەركنىلىكى يولىدىكى كۈرەشكە ئەمەس ، ئاددىيسى ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى يولىدىكى كۈرەشكە ئاتىيالايدىغىنمىز قانچىلىك ؟
        نۇرغۇن ستۇدېنت دوسلىرىمىزنى مەيدانلاردا مۇھەببەتلىشىۋاتقان يەرلەردە ، تاماشىغا مېڭىش ئۈچۈن تاكسى ساقلاۋاتقان يەرلەردە ، نەشە ، ئاق تاماكا چېكىۋاتقان يەرلەردە ، دەرىسكە چىقماي تورخانىدا نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرغان يەرلەردە كۆردۇقكى ئۇلارنىڭ بىرەر پارچە رەسىمىنى ، ھەتتا ئىسمىنى ئەلا ئوقۇپ ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان ، ئۈچتە ياخشى بولغانلارنى جاكارلىغان شەرەپ تاختىلىرىدا كۆرمىدۇق . يەنە تېخى ئالىي مەكتەپلەردە مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئاز ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سەۋەپنى شۇلارنى باھالاپ چىققان ئوقۇتقۇچىلاردا قويدۇق . لېكىن ئۆزىمىزنىڭ ۋە قۇرداشلىرىمىزنىڭ ياخشى ئوقۇپ شەرەپ مۇنبىرىگە چىقمىغىنىدىن ئۆكۈنەلمىدۇق . بىزگە شۇنداق شەرەپ مۇنبەرلىرىدىن ئورۇن يوقمۇ ؟ ئورۇن بولمىغان تەقدىردىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ شۇ مۇنبەردىكىلەردىن ئاشۇ ساناقلىق ئورۇننى تالاشساق بولاتتىغۇ ؟ نۇرغۇنلارنىڭ يەنە بىر يىگىتتىن ساھىبجامالنى تالىشىشقا جۈرئىتىمىز باركى ھەممە خەق ھەۋەس بىلەن قارايدىغان شەرەپ مۇنبىرىدىكى جانسىز ئورۇننى تالىشىشقا جۈرئىتىمىز يوق .
        كۈرەش . كۈرەش - قورال كۆتۈرۈپ جەڭ قىلىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ . ئۇ ئۆزىنى بىلىم ئارقىلىق قوراللاندۇرۇپ ، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ رىقابىتىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار بولغانلارغا نىسبەتەنمۇ ئۆز مەنىسىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ . بىزنىڭ ۋەزىپىمىز كۈندە ئۈچ ۋاق تاماقنى يەپلا كۈن ساناپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشلا ئەمەسقۇ؟ بىزمۇ كەشىپ قىلساق ، مىللەت ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشساق ، ئۆزگەرتسەك ، ياراتساق بولىدىغۇ ؟ نېمىشقا باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالىمىز ؟ نېمىشقا باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالىمىز؟ نېمىشقا باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ تۇرىمىز ؟ ئۇنداق قىلىشىمىزغا ھەققىمىز بامۇ ؟ بىزمۇ ئۆگەنسەك بولىدىغۇ ؟ باشقىلار بىلگەننىلا ئۆگەنمەي ئۆزىمىزنىڭ بىلگىنىنى باشقىلارغا ئۆگەتسەك بولىدىغۇ ؟ ئەمما بىز نېمىشقا ئۇنداق قىلمايمىز ؟ نېمىشقا قىلالمايمىز؟
        ياشلىقىمىز بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ ؟ ئۇ بىزدىن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ، ۋاپاسىزلىق ، بىكار تەلەپلىكنى ئەمەس ؛ ئۆگىنىشنى ، ئىزدىنىشىنى ، ئۆزگەرتىشنى ، يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ !ئۇنداقتا بىز نېمىنى ئۆگىنىمىز ؟ نېمىگە ئىزدىنىمىز ؟ نېمىنى ئۆزگەرتىمىز ؟ نېمىنى يارىتىمىز ؟
        بىز ئويۇن تاماشىنى ئەمەس ، بىلىم ئۆگىنىمىز ، نەدە تاڭسىخانا بارلىقىنى ئەمەس ، ئۆگەنگەن بىلىمنىڭ سىرىنى ئىزدەيمىز ، چاچ پوسۇنىمىزنى ئەمەس ، ماڭغان خاتا يولىمىزنى ئۆزگەرتىمىز ، ئۆزىمىزنى نان قېپى ئەمەس ، ياراملىق تالانت ئىگىسى قىلىپ يارىتىمىز . مەن ئىشىنىمەنكى ھەممەيلەننىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلار بۇ . شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يەنە نېمىشقا ياشلىقىمىزنى نابۇپ قىلىمىز ؟ نېمىشقا ئۇنىڭغا ئاسىيلىق ،ۋاپاسىزلىق قىلىمىز؟ نېمىشقا ئۇنىڭ بىزدىن كۈتكەنلىرىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلمايمىز ؟
        مەيلى سىز نېمە ئىش قىلىڭ ، مەيلى ئوقۇڭ مەيلى خىزمەتتە بولۇڭ مۇنۇ بىر سوئالنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ : ياشلىقىم مەندىن نېمىنى كۈتىدۇ ؟  سورىغان سوئالىڭىزغا جاۋاپ بەرگۈدەك جۈرئەت سىزدە بادۇ ؟ جاۋابىڭىزغا بىنائەن ھەرىكەت قىلالامسىز؟ ھەرىكەت قىلىڭ ، ھەرىكەتتىن بەرىكەت دېگەن گەپ بار ، ياشلىقىڭىز سۇسلا خاتىرە بولۇپ قالمىسۇن . ئۇ ياراتقان قىممىتى بىلەن سىزنى ۋە باشقىلارنى ھاياجانغا سالالايدىغان بولسۇن!
مەنبە : ئانا يۇرىت تورى

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8416
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 01:43:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراق شۇ ۋاقىتلار مۇھەببەتلىشىش ، ساياھەت ، كۆڭۈل ئېچىشتىن بۆلەك ئۆگىنىش ، خىزمەت ، ئىزدىنىش ئارقىلىقمۇ مەنىلىك بولالايدۇ

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8416
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 01:44:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن ستۇدېنت دوسلىرىمىزنى مەيدانلاردا مۇھەببەتلىشىۋاتقان يەرلەردە ، تاماشىغا مېڭىش ئۈچۈن تاكسى ساقلاۋاتقان يەرلەردە ، نەشە ، ئاق تاماكا چېكىۋاتقان يەرلەردە ، دەرىسكە چىقماي تورخانىدا نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرغان يەرلەردە كۆردۇقكى ئۇلارنىڭ بىرەر پارچە رەسىمىنى ، ھەتتا ئىسمىنى ئەلا ئوقۇپ ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان

  ئاتا  ئانىسى   مىڭ بىر جاپادا ئوقۇتۇدۇ

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86957
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 02:31:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتتى ياخشى تېمىكەن. ئىبرەت ئېلىشقا بولىدۇ.
دادام ماڭا مۇنداق گەپلەرنى قىلىپ بەرگەن. شۇ زامانلاردا دادام ئاپامغا 70 يۈئەنلىك كىيىم كىچەك بىلەن توي قىپتىكەن،ئۆينىمۇ ئۆزى ئېلىپ خۇتۇننىمۇ ئۆزى ئاپتىكەن، ئەمما شۇ زامانلاردا قانچىلىك غۇربەتچىلىك كۈنلەر بۇنى ھەممىمىزگە ئاتا-ئانىلىرىمىز سۆزلەپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۆەنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان بىز ياشلارغا ھەممىسىنى ئاتا ئانىمىزقىلىپ بېرىۋاتسا يەنە قىلغان قىلىقىمىز شۇ. بىزدە نىمىشقا ئويغىنىش ھېسىياتى شەكىللەنمەيدۇ؟ئاددىيسى ئۆزەمنى مىسال قىلسام ئالىي مەكتەپنى 100 نەچچە مىڭ يۈەن بىلەن پۈتكۈزۈپتىمە، يەنە خىزمەت ئىشى دەپ ئاتا-ئانامغا جاپا سالماي ئۆزەم تېرىشىپ خىزمەتكىمۇ چىقتىم.بۇيەردە مەن ئۆزەمنى ماختىماقچى ئەمەسمەن. يەنە قايسى يۈزۈم بىلەن يول مېڭىپ خىزمىتىمنى ھەل قىلىپ بېرىڭلا دەيمەن. ئاتا ئانىلىرىمىزنى ئويلايلى باللا، چۈنكى ئەتە ئۆگۈن بىزمۇ مۇشۇ كۈنلەرگە دۇچ كىلىمىز، ئۆزىمىزگە يېنىپ قالمىسۇن. تېما ئىگىسىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت، يېڭى ھەم قىززىق تېمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83030
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3052
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2013-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 03:03:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم.راس،بۇ ھەربىر ياشلىرىمىز چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىرمەسلە.ھازىرقى بىرقىسىم ياشلىرىمىز نېمىنى ئويلايدىكىن تاڭ؟ئۇلار نىڭ ئېڭىدا ‹ياشلىق-شاشلىق›دىگەن شوئارلا بار ئوخشايدۇ. ئۇلارمۇ كېيىن ئاتا،ئانا بولدىغۇ؟ ئۇلار بۇلارنى ئويلىمامدىغاندۇ؟ بۇتوغرىلىق سۆزلىسەم گىپىم تۈگىمىگىدەك جۇمۇ!!!! ئۇلۇغ ئىگىمز ئىنساپ بىرەر!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87122
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 03:20:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەخلاق -پەزىلەتلىك ،ياراملىق ،مېھېر-مۇھەببەتلىك بولۇشنى كۈتىدۇ....

تىرىشىش+ئىرادە=مۇۋاپپىقىيەت

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83894
يازما سانى: 647
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 885
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 07:42:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار  !
سالام دوسلۇقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ .
سالامنى ئىلىك ئالغۇچى سالامەت بولىدۇ .
سالام قىلغۇچى كىشىگە ئامانلىق تىلەيدۇ .
سالام كىشىلەرنى يامانلىقتىن سالامەت ساقلايدۇ .
  يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82829
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3064
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-7-22
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 07:22:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولۇمۇ قىسقا ئەمما ئۇنىڭ ئۆمرى.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
تۆكۈلىدۇ ئۇنىڭ بىرتال يوپۇرمىقى.

akida.biz | elqun.com | tordax.net قاتارلىق ئىسىملار ئەرزان باھادا سېتىلىدۇ. چ چ:1262684795

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87348
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-11-17
ئاخىرقى: 2013-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 03:11:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپتىم بىلەن بۇ   تىما  ماڭگا  ئالدىن چىلىنگان سىگنال  قۇڭگۇرقى بولدى    ...    تىما ئىگسىگە   كۆپ راخمەت    داۋاملىق بىزنى  مۇشۇنداك ياخشى تىمىلار بىلەن تەمىللەپ تۇرۇڭ   ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش