كۈلمىسەڭلارمۇ بولامدىكەن ، كۈلۈپ قويامسىلە ؟؟؟؟
سىلەنىڭمۇ خەۋىرىڭلار يوق ھەقچان.يىقىندا قۇربان ھىيىت بولدى، بۇ گەپلەرنى دىسەم مىنى ساراڭمىدۇ دەپ قالماڭلا.قاچان ساقىيار دەپ غەممۇ يەپ قالماڭلار ، ساقىيار ماركىلىق ساراۋېشىم كاپسۇلىنى يەۋاتقىنىمغا 19 يىل بولدى . بۇ يىل 18 كە كىرىپ 19 غا ئاز قالدىم.
ھىيىت كۈنى بىر ئاغىنەم ئەتە پالانى جايدا ، پوكۇنى ۋاقىتتا بىزنى ساقلا . بالىلار بىلەن ئاشۇ يەرگە بارىمىز دىدى؛ ماقۇل دەپ..ئەتىسى ساقلامە ...ساقلامە ... بىرسى يوق.
ئادەم ساقلىماقنىڭ تەسلىكى..... ئادەتتە قورساق ئىچىپ تارتىشىپ . ئاشقازان ئۆپكىگە ئارتىشىپ قالسىمۇ ... قورساق ئاچلىقتىن ناغرا-سۇناي چىلىشىپ ئۈچەي ئاشقازان بىلەن ئىلىشىپ...گۈلدۇر -تاراق ؛ مەن بوش قالدىم قىنى تاماق دەپ كەتسىمۇ ئىڭكەمنى باغلىمىغاندىكىن دەپ تاماقنىمۇ ساقلىمايمە ئۇنچە ئۇزاق.
ساقلاپ ........ئىڭكەم چۈپ قالمىسۇن دەپ باغلاپ ... توڭۇپ ئولتۇردۇم بوپتۇ دەپ، جىندوڭدەك تىترەپ..........
خىلى ۋاقىتلاردىن كىيىن بىر ئاغىنەم تىلفۇن سوقاپتىكەن ، ئاداش بىزنىڭ ئۆيگە كەلمەمسە ، ئىكى-تۆت تال بالىلار يىغىلغان ، سەنمۇ كىلىپ يەۋال دىدى ، خۇدايىم سىنىڭ قولۇڭنىمۇ ئوچۇق قىپتۇ ، ئەتگەننىڭ ياقى ساقلاپ ئولتادىم ، قوينىڭ ئورنىغا پاقا سويمىغانسە دىسەم .... سىنى تويماي قالمىسۇن دەپ ئەتگەندىن بىرى يەنە بىرنى سويدۇم ؛دەپتى. خۇدايا شۇكرە...خۇدايىم ئىشتىھايىڭنى ئچۋەتسۇن ، بۇ قويمۇ ئىشىپ قالمىسۇن دىسەم ...ھى ھى كىلە ئەمسە دىدى، ماڭىمۇ بىرە قوينىڭ بىرە پاقالچىقى تەگسە بۇرنۇمغا سۈركەپ يەۋېلىپ كىلەمە، ھازىر بارىمە دەپلا، دەلدەڭچىنى ئىلىپ ، غاچچىدە مىنىپلا ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە قاراپ قاچتىم.
بارسام بالىلار ئولتۇرۇپتۇ سۆڭەك غاجىلاپ.... ۋاي قوياڭلا سۆڭەكنى شوراۋەمەي ، قويدا ئۆچۈڭلا بولمىغاندىكىن دىسەم ، ساڭىمۇ ئەكىلىپ بىردۇ ھازىر،ئالدىراپ كەتمە. قويۇپ قويسا ئىلىپ مەن غاجلىۋالسام دەۋاتسەن ھە... دەيدۇ ....مەن نىمدا قولىدا تۇتۇپ ئولتىرۋالدىكى دىسەم مىنى ئىلۋالدۇ دەپ قويماپسەندە ، ئىت يىللىقىڭنى چاندۇرۇپ دەۋالدىم.
ماڭىمۇ ئەكەپتىكەن . بىر پارچە گۆش، تازا يەپتىمەن قورساق تويغۇچە ؛يەپتىمە....يەپتىمە ...نەدىكىنى ..
قورساقنىڭ بىر 30 گىرادۇسلۇق يىرىمۇ توشماپتۇ....يەۋاتسام بىر ئاغىنەم بوينىنى غازنىڭكىدەك سوزۇپ قاراپ : ساڭا سۆڭكى يوقنى بىرىپتۇ ..دەيدۇ...سەن گۆشتىنمۇ بەك سۆڭەككە ئامراقكەنسە ، سۆڭكىنى ئىلۋەتسە مەن غاجلىغاچ ئولتۇراي دەپتىكەنسەندە دەپ چىقىۋالسام، مىنى يەۋالمىسۇن دەپ سۆڭكىنى باشتا يەۋاپسەندە دەيدۇ ئادەم چاندۇرۇپ......................
بىزنىڭ ئۆيگىمۇ باردىغان بولدۇق. يولدا مەن تونمايدىغان ئاتالمىش ئاغىنلىرىممۇ قىتىلدى. بىرىپ ئۆيگە كىرىپ چاي-پايدىن بىرە چىمدىمدىن قۇيۇپ قويوپ گۆشنىڭ قىشغا چىقكەتتىم .. پىشۇرۇپ ئىلىپ كىرسەم داستىخاننىڭ يىرمىنى يىغىشتۇرۇپ بوپتۇ. . . . ئىشتىھايىڭلىنى منىڭ ئۆيۈمگە ساقلاپ قويۇپتىكەنسىلەدە دەپ چاقچاق قىلسام . قولىمىزنى ئۇزۇتۇپ بولغۇچە گىلمىزغا كىركەتتى دەيدۇ. مەنمۇ چاندۇرماي :يىسەڭلامۇ يەڭلا .
چىقىردىغانغا ھاجەتخانا يىقىن . پۇرىمايدۇ سۇلىرى ئىقىن ، ما ئۆينى پۇراتماي ، كۈچۈڭلىنى خوراتماي ساقلىۋىلىپ ئۆيۈڭلارغا ئالغاچ كىتىڭلا دەپ قويدۇم.
ھىيىت كەلگەندە ئادەمنىڭ ئاشقازىنى قىرىنغا ئۆزگىرەپ قالامدۇ...خۇدايىم ....يەۋەگەن...يەۋەگەن قىرى كالدەك يەپ ، قويدەك كۆيشەپ يەۋەسىمۇ تويمىغاندەك ...بىلەممەي قورساقنى بىسىپ باققانلىرىمۇ يوق ئەمەس.
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە ، بۇ ئۆيدىن ئۇ ئۆيگە پەتىلەپ ،تۈگمىسە ئەتە-ئەتىلەپ . تاماششا قىپ چۆگىلەپ يۇردۇق.ھەممە ئۆينىڭ داسىتخانلىرنى قۇرۇقداپ ،ھاجەتخانغا ئىشلەپ ،يولنى قاڭداپ ۋاقىتنى ماڭداپ ئۆتكۈزۋەتتۇق.
ئويلاپ باقسام مەن ئۆيگە كىرمىگلى خىلى كۈنلەر بوپتۇ . يۈركىمنىڭ پىيى تاتىشىپ قالغاندەك بوپ قالدى ، نىمە ئىشتۇ بۇ دىسەم ،مۇنۇ مۇنبەرگە قاراپ چامداپ باقماپتىمەن.
ئۇنىمۇ دىدىم ، بۇنىمۇ دىدىم ........... ئاشۇنداق ئويناپ يۈرگەن كۈنلىرىمگە ئىچىندىم، ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلىدىم . نىمە ئۈچۈندۇر دەپ سورىساڭلا..........ئاغىنىلرىمنىڭ كەينىگە كىرىپ ، ئەڭ قىممەتلىق ۋاقتىمنى ، ئەڭ قىممەتلىك كۈننى ، بىھۇدە ئۆتكۈزۋىتىپتىمەن، بىشىمنى تاشقا ئۇرساممۇ ئامال يوقتە..................... ئۇ كۈن مەن ئۈچۈن بەك مۇھىمتى ، بىراق بىلمەي .............................
ئۇ نىمە كۈنتى دىسەڭلا ؛ ..................................................چوڭ بولغاندا دەپ بىرەي ھە......
ئۆتكۈزمە دوس كۈنۈڭنى بىكار
ياشلىق ئەمەس ساڭا يادىكار
ئويۇن كۈلكە تىپىلار ھەر چاغ
بىلىم ئالغىن ھەممىدىن ئاۋال
ئاتا -ئانام ئۆلمەيدۇ دەمسەن
ماڭا مەڭگۈ يار-يۆلەك دەمسەن
دوسلۇرۇڭمۇ يولىيەلمەس مەڭگۈ
سەن بولساڭمۇ مەڭگۈ يۆلەمسەن
قىزقارلىق بولسۇن ئۈچۈن بىشىنى ئاشۇنداق قولاشمىغان گەپلەر بىلەن باشلىۋەتتىم ، مازاق قىلماي ، قىلساڭلامۇ ئىچىڭلاردا بىلىپ تىشىڭلارغا چىقارماي، چىقارساڭلامۇ ماڭا تىلفۇن قىلىپ مازاق قىلۋالاي دەپ نۇمرۇمنى سوراپ يۈرمەي ئنكاس يىزۋەتسەڭلارلا ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ ئوقۇپ يىغلىۋالىمە.