ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم جەميىتىمىزدىكى بىر قىسىم پىتنىخور كۆرەلمەس،كىشىلىرىمىز دائىم ئاتۇشلۇقلار ئۇنداق،بۇنداق،سودا-سېتىقتا ناھايىتى چىڭ ،قوپال ،،،،،دىگەندەك گەپ-سۆزلەر بىلەن كەمسىتپ ھەتتا مەزەڭ شېئرىي چاقچاقلارنى يىزىپ يۇرۇپتۇمىش.ئاتۇشلۇقلار سىزدىگەندەك ئۇنداق ئەمەس،بىزنىڭ قەلبىمىز گوياكى ئەينەككە ئوخشايدۇ .سودا-سېتىققاكەلسەك ھىچكىم بىر موياكى بىر يۇئەن پۇلنى كوچىغا بىكاردىن بىكارغا تاشلىۋەتمەيدىغۇدەيمەن.بەلكىم سىزنىڭ ئقتىساد باشقۇرۇش بىلىمىڭىز ياخشى بولمىساكىرەك شۇڭا شۇنداق ئويلايسىز.چۈنكى ئادەم بىر مو بىر مو دىن يىغىپ باي بولىدۇ،،،
شۇڭا مەن بۇشېئرنى يۇرتۋازلىق قىلىپ يۇرتۇمنى ،ۋەيۇرتۇمدىكى قېرىنداشلىرىمىنى داڭلاش ئۇچۈن ئەمەس بەلكى بىز ئاتۇشلۇقلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بۇلدۇرۇپ قۇيۇش ئۇچۈن يازدىم.
جىسمىمىزدىن ئۇرغۇپ تۇرار زوخلۇق ۋەشوخلۇق،
يۇرىمىزقەددىمىزنى تىك تۇتۇپ ھەرجايداروھلۇق.
ئەسلى ئېسىل،نەسلى ئېسىل ،مەرت-مەردانە ،
بۇغراخاننىڭ مۇسلىم ۋارىسلىرى بىز ئاتۇشلۇق .
ئۆچ پەدە جان بالىخانلارياڭراپ تۇرار ئۆيلەردە،
جۇشقۇنلۇق ۋە كەسكىنلىك ئەكىس ئېتەركۇيلەردە.
ئۇچۇپ يۇرەربۇركۈت بوپ يىراق يىقىن چەتلەردە،
ئەلەمدە ھەم قەلەمدە يېتىشكەن بىز ئاتۇشلۇق .
سودا-سېتىق تىجارەت ئاتامىراستۇر ئەزەلدىن ،
تەۋەككۇلچى ھەممىسى قورۇقمايدۇ خەتەردىن .
ئۇمۈت كۇتمەس ئولتۇرۇپ ئۇچۇپ يۇرگەن تەلەيدىن،
پۇرسەتلەرنى تۇتۇشقا بەك ماھىر بىز ئاتۇشلۇق.
قوللىشىدۇئۆزئارا شۇنچە ئوت ياقمايدۇ سامانغا،
تىرىشچاندۇر تىزپۇكمەس مۇشكۈل جەبىر-جاپاغا.
جىگەرلىكتۇر! سۆزلىرى ئوچۇق ياخشى -يامانغا،
ئەلسۆيەر،تىرىشچان،دادىلدۇر،! بىز ئاتۇشلۇق.
باغرى تاش تاشلىقلاردىن ئاشلىقلارنى بولدۇرغان،
ئۇزۇم، ئەنجۇر،،،كەبى شەربەتلەرگە تولدۇرغان.
ھالال ئىشلەپ ھەممە،بەخىت قۇشىنى قوندۇرغان،
تاشلارغا تاشتىنمۇ قاتتىق تۇرغان بىزئاتۇشلۇق .
تاغ ئىشىپ ،داۋان ئىشىپ، مۇساپىر بولۇپ،
دوست-بۇرادەر ،ئۈلپەتلەرگە قۇياشتەك يورۇپ.
ئات-ئۇلاقتا چىگىرائاتلاپ گەزماللار توشۇپ،
بىرتىرىلىپ مىڭ ئۆلۇپ پۇل تاپقان بىز ئاتۇشۇق.
پەن-مەرىپەت ساداسىنى ياڭرىتىپ ئاسمان قەھرىگە،
شېھىد بولغان ئەزمەتلەر يۇمران ئەۋلاد بەختىگە.
بۇگۈنمۇچىقىشماقتا ئالىم،شائىرلىرىمىزقايتاسەھنىگە،
<تەۋپىق› نىڭ يولىدامىڭىپ ئويغانغان بىز ئاتۇشلۇق.
ئەزىزانە يۇرۇتتۇرئۇ،پەن-مەدىنىيەتنىڭ ئوچىقى،
بەك يېيىشلىك ئوخشايدۇلەغمەن بىلەن كاۋىپى.
ئوچۇق يورۇق كەڭ قولدۇر مېھماندوست خەلقى،
بىلىم بىرلە ھۆنەرگەتەڭ كىرىشكەن بىز ئاتۇشلۇق.
شۇنچە كۆركەم،ھەشەمەت پىشايۋانلىق ئۆيلىرى،
جەننەت كەبى تۇس ئالغان مول-ھوسۇللۇق باغلىرى.
تىرىشقىن دەپ ئۈندەيدۇكۆيۇپ كەتكەن تاغلىرى،
باغدىن نۇسىرەت تاغدىن قۇدىرەت ئالغان بىز ئاتۇشلۇق
ئۇزخۇلۇق ھەم چىرايلىقتۇر بارچە ئوغۇل-قىزلىرى،
شۇنچە سىخي كەمتەردۇر ھاجىم سۇپەت بايلىرى.
قىزىپ كىتەر كارامەت بەزمە-مەشىرەپ تويلىرى،
خاسلىق بىلەن بايلىققا تەڭ ئېرىشكەن بىز ئاتۇشلۇق.
ئشچى،دېھقان،باي،كادىر شۇنداق ئىناق-ئىتىپاق،
نەغمە-ناۋاغا ئامراقتۇر شۇڭا ھەممە خۇشچاقچاق.
ئىشەنمىسەك سۆزۇمگە ئۆزۇڭ كىلىپ بىر كۆرۇپ باق،
بىلىپ قويۇڭ بىزلەرنى ئاشۇنداق بىز ئاتۇشلۇق،،،!
ئاپتور؛سۇپۈرگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۇپۈرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-11 11:27 PM