[ئائىلنىڭ راھەتلىك،بالىلىرىنىڭ بەخىتلىك بولۇشى ۋە ياخىشى نام قالدۇرۇشنى نىيەت قىلغان ئەر بىلەن ئايال ھەر ۋاقىت ئىتتىپاق ياشىمىقى لازىم. ئەربىلەن ئايال ئىناقىلىقتا بىربىرىگە ھۆرمەت قىلىپ ياشىسا،ئائىلىسىدىكلەرمۇ ئىنساب بىلەن ياشايدۇ.
بەزى چاغدا كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن ئارىدا ئىختىلاپ بولۇپ ۋاقىتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا،ئۈچقۇندىن تۇتاشقان ئوت كەبى زورىيىپ كېتىدۇ.بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە،ۋاقىتىدا ئالىدىنى ئالماي،پىتىنە قۇزغىتىپ چوڭايىتۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەربىلەن ئايالنىڭ ھەر ئكىكى ئەيىپلىك. شۇڭا، ئائىلىدە ئازغىنە ئىخىتىلاپ ئالامىتى سىزىلسە،ۋاقىتىنى ئۆتكۈزمەي ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشش يولغا كىرىش كىرەك.
پۈتكۈل نەرسە كۆيۈپ كۈل بولسىمۇ،ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئارسى تۈزۈك بولسا،ھەسىرەت يۈز بەرمەس،چۈنكى،بۇنداق ئىشلار ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسدىكى ئىتتىپاقلىق،گۈزەل مۇناسىۋەتنىڭ راھتى بىلەن ئۇنتۇلار.ئەمما ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقىلىق كۆيسە،بۇنىڭغا چارە يوق.
ئەقىللىق ئەر ئۆزنىڭ ئايالنىڭ كۆڭلى نازۇك.غەمكىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ،ئۇنى مۇشەققەتتىن ھىمايە قىلار،يۇق ئەيىبلەرنى ئىزدىمەي، كۆرۇلگەن ئەيىبلەردىن مۇمكىقەدەر كۆز يۇمار،ھۇرۇنلۇق،ئىشسىزلىق بارلىق يامانلارنىڭ ئانىسى بولغانلىقى ئۈچۈن،ئايالىنى ئىشىسىز قۇيماس،ئۇنىڭغا تەربىيە بىرىشكە كۆپىرەك ئىتىبار بېرەر . “ئاياللار بىلەن يېتىملەر ھەققىدە ئاللاغا ئىبادەت قىلىڭ”.《مۆمىنلەرنىڭ كامىل بولغانلىقى ئايال بىلەن گۈزەل موئامىلىدە بولغانلىقىدۇ》دېگەن ۋەسىيەتلەر ئىيتىلغاندۇر.
تەربىيىلىك ئايال ئىرى تەرپىدىن بېرلىگەن نەرسىلەرگە قانائەت قىلىپ، باشقىنسىنى ئارزۇ قىلىماس .ئېرىنىڭ ھۇزۇرىدا پاك،گۈزەل يۈرەر،ھەر قانداق كېرەكلك نەرسىنى ۋە ھەر بىر سىرىنى ئېرىگە ئىيتار.ھەر قاچان ھۆرمەت ئىتائەت بىلەن بولۇر،تەربىيگە خاس بولمىغان سۆزلەرنى قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئۆيىگە يۇلاتماس،ئۇلار بىلەن ھەرقانداق مۇناسىۋەتتە بولماس.
دۇنىيادا ئەڭ بۈيۈك سائادەت گۈزەل تۇرمۇشتۇر.بۇ ھەقتە تلاش تارىتش قىلىش توغرا ئەمەس. ئابباسيلار خەلىپىلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بولغان ئەر مۇتەۋەككىل ئىبىنى جەفەرگە بىراۋ.‹‹يەر يۈزىدە سىزدىن بەختىلىك ئادەم بولماس›› دېگەندە،خەلىپە:‹‹خاتا سۆزلىدىڭىز،گۈزەل ئۆيى، ياخشى ئايالى،ياخشى تۇمۇشى بولغا كىشى بىزگە نىسبەتەن بەختلىك ›› دەپ جاۋاب بەرگەن.
رىزائىدىدىن ئىبنى فەخرىددىننڭ << ئىلمى ئەخلاق >> كىتابىدىن ئىلىندى