|
|
|
|
دىل تىۋىشلىرى
ئاپتۇرى: رۇقىيەئابدۇللا 1
سەن قاچالامسەن ؟ سىنى قەدەممۇ -قەدەم قىستاپ كىلىۋاتقان ئازابلىق مىسرالارنىڭ قورشاۋىدىن قېچىپ كىتەلەمسەن ؟
ھەربىر سەھەردە سىنىڭ تاتلىق ئەركىلتىشلىرىڭ بىلەن يېڭى تاڭغا خوش ئېيتىپ كىلىۋاتقان كىچىلەرنىڭ يالقۇنلۇق ئىستەكلىرىدىن كىچەلەمسەن ؟
سەن قاچالامسەن ؟
چىمەنىڭدىكى گۈل -چىچەكلەرنىڭ باغرىدىكى شېرىن چۈشلەرنىڭ جىلۋىسىگە پەرۋا قىلماي ،يىراقلارغا قاچالامسەن ؟
ياق ،قاچالمايسەن ،ھەرگىز .....
جېنىم قولۋېقىڭنى قاراڭغۇ دېڭىزدىن قايتۇرۇپ كەلگىن ،مەن ساھىلدا گۈلخان يېقىپ سىنى ساقلاۋاتىمەن ....
2
دەريا بۇيىغا كىلىپ سىنى كۈتىۋاتقىلى خېلى بولدى ،سەن كەلمىدىڭ.
ساڭا ئىشەنگەن ئىدىمغۇ جېنىم!؟.....
قوياش ئىزتىراپ ئىچىدە كۈتىۋىرىپ ئاخىرى قايتىپ كەتتى .قۇشلار كۈي تۈكۈپ ھاردى،دولقۇنلارنىڭ كەچمىشلەردىن تىزغان گۈلدەستىللىرى قۇچىقىمغا لىققىدە تۇلۇپ كەتتى....
دەريا بۇيىدا سېنى كۈتۈۋاتىمەن ،كىلىمەن دىگەن ئىدىڭغۇ جېنىم!؟....
ئىگىز قاشتا تۇرۇپ ،يىراقتى كۈرۈنگەن ھەربىر نەرسىنى سەنمىكىن دەپ قالىمەن ،يۈرىكىم تىپىرلاپ كىتىدۇ ،كۆزلىرىم ياشقا تۇلىدۇ.كۆڭۈل قۇشلىرىم مامۇق پەيلىرىنى پايە قىلىپ يوللىرىڭغا سالىدۇ ،ئەپسۇس كۆرۈنگىنى سەن ئەمەس؟!... ئاخىرى يەنە تۇيغۇللىرىمنىڭ مىنى ئالدىغانلىقىنى بىلىمەن ،گۇگۇم مۇزلىغان قوللىرىمنى مەھكەم قىسىپ مىنى قايتىپ كىتىشكە ئۈندەيدۇ .مىنىڭ قۇرۇق قول قايتىپ كەتكۇم يوق .بىلەمسەن جېنىم ،ساڭا بولغان ئىشەنچىمنىڭ تاغلاردەك مەزمۇت ئىكەنلىكىنى ؟! مەن يەنىلا دەيا بۇيىدا ،يۇلتۇزلار بەرگەن زەر لىباسنى يېپىنىپ ،ئاينىڭ مۈرىسىگە بېشىمنى قويغىنىمچە شاماللارنىڭ سەن ھەققىدە ئېيتقان ھېكايىللىرىگە قۇلاق سېلىپ ،شېرىن خىياللارغا چۆمىمەن ،تاكى يۇلتۇزلارنىڭ كىرپىكلىرىنى قىرو باسقىچە مەن ئۇ يەردە سېنى كۈتىمەن ...... ...ئاھ جېنىم...!! 3
سەن كەلگىنىڭدە ئۇ شېرىن ئۇيقىدا ئىدى .گۈزەل چىھرىڭدىن تارىغان شولىلار ئۇنى ئويغىتىۋەتتى .ئۇ ئاپئاق ياستۇقى ئۈستىدە يېيىلپ تۇرغان بۇلۇتتەك چاچلىرىنىڭ ئىزتىراپلىرىغا چۆككىنىچە ،يىنىككىنە قەدەم ئېلىپ چىقىپ كىتىۋاتقىنىڭغا خېلىغىچە قاراپ تۇردى .
شۇندىن بۇيان ئۇ ئۇخلاپ باقمىدى .
ئۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيال سۈرمەكتە ،ئاياق تىۋىشلىرىڭدىن يۈرىكىڭنىڭ كەچمىشلىرىنى ئۇقۇماقتا .
بارغىن ئەزىمەت ،ئۇنىڭ كۆكسىگە سۇزۇلىۋاتقان ئۈمىدسىز ناۋالارنىڭ قۇلىنى شەپقەتسىزلىك بىلەن سۇندۇرۋەتكىن -دە ،ئۇنى باغرىڭغا باسقىن .
كۈل بۇلىۋاتقان جىسمىڭنىڭ ئۆكسۈشلىرىنى يۈرىكىڭگە دەپنە قىلىپ ،ئامرىقىڭنىڭ گۈزەل ناخشىسىغا قۇلاق سال......
مەنبە : يېڭى قاشتېشى ژورنىلى
كومپىيوتېر مەششغۇلاتىدا : سەلكىنئاي
|
|
|
|
|
|