يېتىلىۋاتقان ئەزا
قوشاقلار ئالما ،ئانار،ئۈرۈكنى شاختىن ئۈزۈپ ئالغانتىم . ئوتلۇق قاراپ قويسىڭىز ئاشىق بولۇپ قالغانتىم . ھەۋەس بىلەن قارىدىم ، ئۇچۇپ ئۆتكەن غازچاققا . ئەجەپ ئاشىق بوپ قالدىم ، ئۇدۇلدىكى قىزچاققا . ئۆستەڭ سۈيى ئاز قالدى ، ئاز قالدىيۇ بەك سۈزۈك . سىزگە ئاشىق يېگىتمەن ، سوۋغا قىلاي بىر ئۈزۈك . «ئۇچۇر دەۋرى» دەپ قويسا ، ئۇچۇشقىلا تۇرامسەن ؟ ئىغىر ئىكەن كىيىم دەپ ، كىيىمسىزلا يۈرەمسەن؟ خامانغا كەپ دانلايدۇ ، بىر توپ قۇشقاچ،تورغايلار . سورۇن تۈزۈپ مەي ئىچەر ، ئاشۇ ئەخلەت گادايلار . غاق-غاق قېلىپ ئاسماندا ، ئۇچۇپ ئۆتتى بىر غازچاق . مودا دەپلا كىيىمسىز ، بولۇپ قالدى بۇ قىزچاق . ئۇپا-ئەڭلىك گىرىمدە ، بولۇپ يۈرسە ئالتۇن بۇت . پاكىز ئادەم دەپتىمەن ، ئىكەن ئەسلى سېسىق پۇت . يىڭى ئۆيگە ئالدۇق بىز ، ئىككى سافا بىر ساجى . ئاچچىقىمنى كەلتۈرمە ، يوغان قورساق جۇباجى . باغدا بۇلبۇل سايرىسا ، سەنمۇ سايراپ يۈرەمسەن ؟ غەيۋەت سېتىپ تۇرمېساڭ ، ئۈنۈڭ پۈتۈپ ئۆلەمسەن ؟ بۇيىل يامغۇر كۆپ بولدى ، بالدۇر پىشتى ئالۇچا . خۇشامەتتە جان باقار ، چوشقا تەلەت شۇ غالچا . بۇيىل يامغۇر كۆپ بولدى ، ئۆستەڭ تېشىپ ئاقتى سۇ . ئەمەل،مەنسەپ كۈچىدىن ، غالجىر ئىت بوپ قالدى ئۇ . باغدا بۇلبۇل سايرىدى ، گۈل ئىچېلغان چېغىدا . دىرىزىسى بار ئىكەن ، ئىشتىنىڭنىڭ ئېغىدا . شىئېر-قوشاق يازدىم دەپ ، پونى ئېتىپ دەپقاپسىز . بىلېق تۇتۇپ يېدىم دەپ ، قار قومچاقنى يەپ قاپسىز . مەنبە :تۇزتۇراق
پاش قىلىش
ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن
ئۈمىدلىك ئەزا
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ