ئاكا ؛ئاكا؛...
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي تەرجىمسى
باشقا مەقسىتىم يوق ،پەقەت ئۆزۈمنىڭ كۆڭلى . بۇ شېئىرىمنى ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىمدا تونۇشقان
يېقىن دوستۇمغا ، قەلبىمدىكى بىر پارچە كۆپكۆك مۇھەببەت دېڭىزىغا بېغىشلايمەن
ئاپتۇردىن
ئاكا ،
ھايات شۇنچە قىسقا بىر سەپەر ،
بارسام دەيمەن يىراق-يىراققا .
كۈنلەر نىچۈن ئالدىراش ئۆتەر ؟
كۆرەلمەيمەن ھەتتا ھەر سەھەر ،
ئۆت -چۆپلەرنى مەغرۇر سىياقتا .
سەپسالغىىنە؛ -
گۈلمۇ مۇڭدا ئايمۇ پىراقتا .
قورقىمەن ئاھ ؛كۈننىڭ پېتشىدىن ،
تاڭلار ئاتماس كېچىنىڭ بولشىدىن
ئوت -چۆپلەرنىڭ بىر جۈپ پۇتۇمنى
ئوراپ -ئوراپ چىرمىلۋېلشىدىن
ئاكا،
ھەمرا بولغىن سەن ئىزچىل ماڭا ،
ئۇخلىمايلى، بىلسەن مېنىڭ -
كۆرگۈم يوقتۇر زۇلمەت كېچىنى .
تايانچىسىز يۈرمىسۇن تىنەپ،
قويۋېتەيلى قوللىرىمىزنى ،
قولۇمنى چىڭ تۇتۇۋال ئاكا ،
غايىپ بولۇر ھېلى ھەممىسى ،
بىلسەن مېنىڭ ئەزەلدىن پەقەت،
كۆرگۈم يوقتۇر زۇلمەت كېچىنى .
تايانچىسىز يۈرمىسۇن تىنەپ،
قويۋېتەيلى قوللىرىمىزنى .
ئاكا-ئاكا (2)
ئاكا ،
سەن تۇرىسەن دۇنيا چېتىدە ،
چۈش كۆردۈڭمۇ يازنىڭ كېچسى .
ئاي يورۇتقان دەريا ساھىلى ،
بويدا ئۆسكەن تال-تال سۆگەتلەر،
تال تۈۋىگە دۆۋلىنىپ كەتكەن ،
پارچە -پارچە تاش ھەم كېسەكلەر.
ئاكا ،
تۈنۈگۈن يەنە دەريا بويىدا ،
سەن ئاتلارنى باقتىڭ ھەقاچان
ئاق ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرىدە ،
چۆپلەر ناخشا ئېيتىپ شۇ زامان .
دەريا بويدا كۆردۈم يۇلتۇزنى ،
ئەمما سېنى ھېچ كۆرەلمىدىم .
ئاق ئاتتىنمۇ ئەسلا ئەسەر يوق،
ئاكا ،
ئۆزۈم يالغۇز دەريا بويدا ،
چۆپلەر بىلەن سىرداشماقتىمەن .
بارىدىكەن دۇنيا چېتىگە
ئۇلار بىلەن بىرگە كېتىمەن .
سەن تۇرغان شۇ دەريا ساھىلدا ،
قەد كۆتۈرگەن يېڭى بىر ئۆي بار،
دەل شۇ ئۆيگە كىرىپ كېتىمەن .
چۆپ-چۆپلەرگە تەكشى چېچىلغان ،
ئىللىقلىق ھەم شەبنەم بولىمەن .
ئولتۇررۇپ ھەم شەبنەم ئۈستىدە ،
پەقەت سېنى - سېنى كۆرىمەن .
بېقىۋاتسەن دەريا ساھىلىدا ،
ئاق ئاتلارنى بەلكىم سەن يەنە ،
چۆپلەر ئاتنىڭ كىشنەشلىرىگە ،
زوق ئىشتىياق ئۈمىدلەر بىلەن ،
يانداش ناخشا ئېيتىدۇ يەنە .
(3)
ئاكا
ئۆتمۈش ئۇ بىر قاراڭغۇ زۇلمەت ،
بىلمەن ھەرگىز كەلمەيدۇيېنىپ.
دۇرۇس يولمۇ يوقتۇر تۇتاشقان -
تۈنۈگۈنگە قايتىدىن بېقىپ ،
بىز خوشلاشقان جايلارغا يېتىپ .
ئاكا ،
كەلگۈسۈممۇ قاراڭغۇ تېخى ،
باشقۇرسىمۇ گەرچە ئۇ مېنى ،
يەنىلا ئۇ مېنىڭ قولۇمدا ،
يوقتۇر ھېچبىر سەممىي سۆزلەر،
ئەتىلەرگە ئاتالغان بۇندا .
ئاكا ،
ھايات ئۇ بىر ئۈچ تال نۇقتىدۇر -
تۈنۈگۈن،بۈگۈن بىرلە ھەم ئەتە .
دەۋرىيلىنىپ ئۆتىدۇ شۇنداق .
ئاكا ،
قايىتقۇم يوق پەقەت ۋە پەقەت ،
بىرگە بولسام دەيمەن سەن بىلەن .
بۈگۈنگە كەڭ نەزەرلەر سېلىپ ،
مېڭىپ كەتسەك بىرگە ئىككىيلەن .
(4)
ئاكا
كېتەر ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ ،
قىشمۇ كېلەر قاپلاپ جاھاننى .
ھېكايىمىز قوغلار توختىماي
ئالقىنىڭغا يوشۇرنۇپ كەلگەن ،
شۇنچە يىللىق خۇشاللىقلارنى .
ئاكا ،
دىمگەنمىتىڭ سەن شۇنداق ماڭا ،
قار ئەسلى ئۇ بارمىقىڭدىكى ،
بەئەينى بىر ئوتنىڭ ئۇچقۇنى ،
ئىللىتىدۇ مايدىكى ھالسىز -
غەملەر يۈتكەن گۈللەر ھىدىنى ،
بېغىمىزغا تېرىغان بەختنىڭ -
تەپتىدىكى مۇڭنىڭ ھېسىنى .
ئاكا،
كەل بىرلىكتە نەپەس ئالايلى ،
شاپتۇل گۈلنىڭ كۈلۈمسىرشىدەك
تاتلىققىنە كۈلۈپ يۈرەيلى .
باھاردىكى ئوتنىڭ يالقۇنى
بىرلە شۇنداق ئەنسىرەشلەرنى ،
ئۆمۈر بويى تاشلىۋەتمەستىن
بىرگە شىرىن خىيال سۈرەيلى .
(5)
ئاكا ،
سېنى ئەسلەپ قالغان چاغلاردا ،
ئىختىيارسىز ناخشا ئېيتىمەن .
ئېلىپ تۇرار زىرىكىشلىرىمنى ،
سالقىن شامال- كۆنۈپ كېتىمەن .
دەريا سۈينىڭ تىۋىشلىرىنى ،
داۋالغۇشىنى كۆرۈپ كېلىمەن .
ئاكا ،
ساقلاپ تۇرغىن پەقەت سەن مېنى ،
يېتىپ بارىمەن يېنىڭغا چوقۇم ،
ھاياتىمنى قىلىپ تەسەددۇق ،
ئېلىپ كەتكىن -قويمىغىن ئۇدۇم،
بارچە ئازاب چارچاشلىرىمنى .
سەن بىلىسەن خۇشاللىقىمنىڭ -
قايغۇ يۈتكەن كۆز-ياشلىرىمنىڭ ،
چۈشلىرىمدە قالغانلىقىنى .
بىلسەن يەنە يىراق شەھەردە ،
ئاي خىيالغا پاتقانلىقىنى .
ياشلىقىمىزنى بوغمىسۇن قوياش ،
يۈتسۇن يەنە باھارىمىزنى -
كونىراشتىن بۇرۇن قار چۈشى ،
كۆزلىرىگە قاراپ توختىماي ،
جاھان كېزىپ يۈرگەنلىكىمنى .