چۈشتىكى مۇھەببەت
ئادەمسىز چۆللەردە يۈرىمەن تەنھا،
چۈشۈمدە كۆرگەن بىر جاناننى ئىزدەپ.
گەز باغلاپ لەۋلىرىم قۇرغىنى قۇرغان،
يېپ_يېڭى گۈزەل بىر جاھاننى ئىزدەپ.
سەرسانمەن چۆللەردە يۈرسەم ياتسىراپ،
قۇزغۇنلار ھەمرادۇر بولىدۇ يولداش.
يەنە بىر چۈشۈمدە ئايان بولساڭچۇ،
بۇ چۆلدە مۇھەببەت بولمامتى يولباش.
گاڭگىراش ھەرزامان يەنە گاڭگىراش،
ياتسىراپ ئالۋۇندا يۈرگىنىم يۈرگەن.
مەن كۆرگەن بۇ كۈننى كۆرۈپ قالىسەن،
كۆڭۈل تۇلپارىغا سالمىساڭ يۈگەن.
-مەنبە'''- ئىجادىيەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozturukbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-10 12:11 PM