مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: UMUTWAR123

ئىككىنجى خۇتۇن بولغان بىر ئايالنىڭ يۇرەك سۆزلىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7415
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ! مۇشۇ ئەر-ئايال توغۇرلۇق تېما يوللانسىلا بىر قىسىم ئىنكاسلار ناھايىتى زىل تەرەپلەرگە قاراپ كىتىدۇ دىسە ؟!

بۇ تېمىغۇ دەل ۋاختىدا شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ بولمىسا . قىزلار ئۆزىگە دىققەت قىلىش كىرەك ئەلۋەتتە ، دىققەت قىلمىسا ئاخىرىدا ئۆزى پۇشايمان يەپ قالىدۇ . ھەممە ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ . ئوغۇللار ئىچىدە سەمىمى ئوغۇلارمۇ بار، دائىم يالغان سۆزلەپ قىزلارنى ئالداپ يۈرىدىغانلىرىمۇ يوق ئەمەس . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، ئىشلار ئۆزىڭىزگە باغلىق . مۇئامىلىدە ھەر ھالدا ئېھتىيات قىلىڭ ، قانداق قىزلار ئالدىنىپ قالىدۇ دىسەك ، يەنىلا ئىرادىسى ئاجىز ، مۇقىم ئىتقاد ، ئەخلاق قارىشى يوق ياكى سۇس بولغان قىزلار ئاسان ئالدىنىپ قالىدۇ . شۇڭا گەپ يەنىلا ئۆزىڭىزدە ، ئوغۇللارمۇ ئوخشاش ، ئوغۇللارمۇ قىزلارنىڭ ئالدىشىغا دائېم ئۇچىراپ تۇرىدۇ ، شۇڭا كۆپ قىسىم ئوغۇللاردا قىزلارغا ئىشەنمەسلىك ، ئورۇنسىز گۇمان قىلىش پىخسىكىسى شەكىللىنىپ قالغان . شۇڭا بەزى ئاز ساندىكى قىزلارنىڭ ئىشلىرىنى كۆرۇپلا ، ھەممە قىزلار ئوخشاش دەپ قارايدۇ ، ئۇلارنى ئالداش ئانچە يامان ئىشتەك بىلىنمەيدۇ . لىكىن بۇرۇندىن مۇنداق بىر گەپ بار : ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ، يەر قىلغانمۇ خوتۇن دەپ ، شۇڭا قىزلار يەنىلا ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ . قىزلار ئۇزىمىزنى ئاسىرايلى ، ئىتقادلىق ، يۇقىرى ساپالىق ، ھايالىق بولۇشقا تىرىشايلى . ئوغۇللارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھەدە - سىڭىللىرىنى ئاسىرىسۇن ، قووغدىسۇن ، بۇ ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچى ! بىرگە ئېرىشەلمىسىڭىز ، ئاچچىقىڭىزدا مىڭنى ۋەيران قىلماڭ ، بۇ ئاجىزلارنىڭ ئىشى . ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىلەردىن ۋاز كىچىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ! ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن ئاۋال يۇرىكىڭىزنى بىر تۇتۇپ كۆرۇڭ ، ئۇ زادى سىزگە نىمە دەيدۇ !

دىگەندەك ھازىر ئالدىنىدىغان قىزلارمۇ كۆپىيىپ قالدى . ئەرلەر ئادەتتە چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە گەپ قىلغۇسى كىلىدۇ . پۇرسەت بولسىلا قولغا چۈشۈرسەم دەيدۇ . بۇ چاغدا بالىسىنى ، سۈيۈملىك ئايالىنى ، بەخىتلىك ئائىلىسىنى ئويلىمايدۇ . ئۇزىنى تۇتىۋالسا مەسىلە ئاسانلا ھەل بۇلىدۇ . شەيتاننىڭ كەينىگە كىرسە چىگرادىن ھالقىپ ئۈتىدۇ دە ، ئاخىرىدا نۇرغۇن ئاۋارچىلىقنى تېپىۋالىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا قىز. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي . قىزلىرىمىز چۇقۇم "رەت قىلىش" نى ئۈگۈنۈۋالغاي .

مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئاياللار بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئايالى بارلىقىنى ئېيتسىمۇ ، لېكىن يەنىلا بىر قىسىم پۇرسەتپەرەسلەر قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ توي قىلغانلىقىنى ھەرگىز ئاشكارىلىمايدۇ . پەقەت سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان ئاھۋالغا چۈشۈپ قالغاندىلا ئاندىن ، " سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتمىغانىدىم " دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالىدۇ . بۇ چاغدا سىز ئاللىقاچان چېكىنىشكە ئامالسىز قالغان بولىسىز . شۇڭا ، ئەگەر سىز توي قىلمىغان قىز بولسىڭىز ، ئالدىراپ نىكاھلانغان ، ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ئالدىراپ " ياخشى كۆرۈپ " قالماڭ !!!
ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن ئەدەب - ئەخلاق ، گۈزەل پەزىلەت سىڭگەن . ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى شەرمىي - ھايا ئۇلارنىڭ جەزبىدارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ، گۈزەللىكىگە ھۆسۈن قوشۇپ كەلگەن . ئەپسۇسكى ، يېقىندىن بېرى جەمىيەتتە بەزىبىر ئەخلاق چېگرىسىدىن ھالقىغان ئۇنداق - مۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ . بۇنى پەقەتلا قىز - ئاياللارغا دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . شۇنداقتىمۇ ، قىزلار ئۆزىدىكى " ئەڭگۈشتەر " نى قەدىرلىشى كېرەك . شۇڭا ، توي قىلمىغان قىزلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك :

1. ئۇنىڭ توي قىلغان - قىلمىغانلىقىنى ئۇدۇللا سوراڭ .
2. ئۇنىڭ ئىدارىسىدىكىلەردىن سۈرۈشتۈرۈڭ .
3. ئۇنى بىلىدىغان كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگەللەپ كۆرۈڭ .
4. ئەڭ مۇھىمى ، رەت قىلىشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ . ئادەتتە بەزى قىزلار ناھايىتى ئاسانلا توي قىلغان ، خىزمەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرلەرنى ئاسانلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ . بۇنداق ئەرلەر تۇرمۇشتا پىشقان ، تەجرىبىلىك بولىدۇ . سالاپەتلىك بولىدۇ ، ئاياللارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدۇ . ئۆزلىرىنىڭ قىزلارغا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولىدۇ . شۇنداقلا ، بۇ خىل مۇھەببەتكە قۇدرىتىم يېتىدۇ دەپ قارايدۇ ، شۇنداقلا پۇلى ۋە ھوقۇقىغا تايىنىپ ، ئۆزلىرىگە يېقىنلاشقان قىزلارنى ئاسانلا تورغا چۈشۈرۈۋالىدۇ . قىزچاق ، ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن ، ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىۋېلىشنى ئۈگۈنۈۋېلىڭ . ئۆزىڭىزنىڭ سالاپىتىنى ساقلاڭ . ھەرگىزمۇ " شېرىن - شېكەر " گەپلىرىگە ئالدىراپ ئىشەنمەڭ . قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ---- ئۆزىنى قەدىرلەشتە ، شۇنداق قىلسىڭىز چوقۇم كەلگۈسىدە بەختلىك بولالايسىز ! بۇ ئەڭ سەمىمىي گەپ . رەھمەت





ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5772
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
omarjan05 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-10 07:32 PM
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار:
  مەن ھاشىمباينىڭ ئىنكا ...

4.ئەگەر توقال رازى بولسا بەزى ئىشلار دا كەم قالسىمۇ بولىدۇ،مەسىلەن،خوتۇنى ئىكەنلىكىنى
يوشۇرۇش،ئاشكارە سورۇنلارغا ئاپىرىش دېگەندەك


بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ بۇنداق بولسا بۇ ھالال بولغان خۇتۇنمۇ ياكى؟
مېنىڭچە ھازىرقى مەخپى قوش نىكاھلىنىۋاتقان كۆپ ساندىكى كىشلەر مۇشۇ خىل كۆز قاراشتا بولسا كىرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40730
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3630
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ كونا تالاش تارتىش.
بىر تاياقتا ھەممىنى ھەيدەش ، بىر-بىرىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەنمەستىن ئۆز-ئارا تۆھمەت قىلىشىش ، تۆت تامنىڭ ئىچىدە ئولتۇرىۋېلىپ بىر-بىرىگە زەھەردەك گەپلەرنى قىلىپ قۇرۇق نوچىلىق قىلىش ................ ھا ھا ھا ھا ھا ! تالىشىشە !!!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xukrat116 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40730
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3630
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر نەچچە ئىنكاسلاردا ئىككىنچى خوتۇننى ئېلىش ئۈچۈن چوڭ خوتۇننىڭ رازىلىقىنى ئېلىش كېرەك دىيىلىپتۇ ، مەن مۇشۇ گەپكە شۇ ئىنكاس ئېگىلىرىدىن دەلىل تەلەپ قىلىمەن ! ئەلۋەتتە ئەل يۇرتقا ئاشكارلاپ ، چوڭ خوتۇنغا بىلدۈرۈپ ئېلىش كېرەك ، بىراق چوڭ خوتۇن رازى بولمىسا ئالسا بولمايدۇ دېگەن گەپكە گۇمانىم بار ، قۇرئان ، ھەدىستىن دەلىل كەلتۈرۈپ بېرىشكەيلا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79752
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1830
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
omarjan05 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-10 07:32 PM
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار:
  مەن ھاشىمباينىڭ ئىنكا ...

قىرىندىشىم  ساجىيە تورىنىڭ ئادىرىرسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز.

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12471
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4180 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13092
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5054 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
omarjan05 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-10 07:32 PM
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار:
  مەن ھاشىمباينىڭ ئىنكا ...

مەن بۇ ئىنكاستا ئېيتىلغان مەزمۇننىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن .  ئىسلام شەرىئىتىدە نىكاھتىكى پەرزلەردە قىز ، چوكان دەپ ئايرىلغىنى يوق . پەقەت ئايال دەپ بار ..................  دەلىلىنى مۇنبەرگە تاشلاڭ ، ئىشەنچلىك بولسا !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13092
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5054 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barisjan يوللىغان ۋاقتى  2012-11-10 09:19 PM
بىردىن ئارتۇق تۆتكىچە خوتۇن ئېلىش ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ ...

  سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزغا قۇشۇلىمەن ، لېكىن بىزنىڭ جامە مەسچىتنىڭ ئىمامىدەك توي خېتى ئېلىشنى نىكاھنىڭ  شەرتى قىلىپ سوزلىشىڭىز مىنىڭچە بىر - بىرىگە تامامەن يات بولغان ئىككى قانۇن سېستىمىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىك ............... بۇلارنى چۇقۇم ئايرىپ چۈشەندۈرۈش كىرەك !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78832
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2012-11-11 11:36 AM
سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزغا قۇشۇلىمەن ، لېكىن بىزنىڭ جامە ...

جاۋاپ: نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە كەسكىن بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇكى:
نىكاھىدا بىردىن ئارتۇق خوتۇن ساقلىغۇچىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خوتۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشلىرى شەرتتۇر. مەسىلەن:
1- ھەممىسىگە ئايرىم-ئايرىم ئوخشاش ئۆي تۇتۇپ بېرىشى، يېمەك -ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى ئوخشاش قىلىپ بېرىشى، ھەر بىرىنىڭ يېنىدا تۇرغان مۇددىتىنىڭ ئوخشاش بولۇشى ۋە بۇ زاتنىڭ بىردىن ئارتۇق خوتۇنىنىڭ بارلىقىنى پۈتۈن يۇرت مەھەللىنىڭ بىلىشى شەرتتۇر!!!
2- بىرىنچى خوتۇنىنى قانداق ناغرا-سۇناي چېلىپ، ئەل- يۇرت ئالدىدا توي قىلىپ ئالغان بولسا، ئىككىنچى خوتۇنىنىمۇ شۇنداق ناغرا سۇناي چېلىپ ئەل-يۇرت ئالدىدا توي قىلىپ ئېلىشى شەرتتۇر!!!
3- نىكاھنىڭ ئائىلە قۇرۇش، بالا-چاقا تېرىش ۋە نەۋرە –چەۋرە كۆرۈش نىيىتى بىلەن بولۇشى شەرتتۇر!!!
نىكاھدا مانا مۇشۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىنسا غوجام خوتۇن ئالغان بولىدۇ، خېنىم ئەرگە تەگكەن بولىدۇ!!!
سىز مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياشاۋاتقان رايونىڭىزنىڭ ئىش بېشىدا بولغانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىسىدىن كېرەكلىك رەسمىيەتنى بېجىرمەي تۇرۇپ ئىشقا ئاشۇرالامسىز؟؟؟ ئەلجاۋاب: ئاشۇرالمايسىز، شۇنداققۇ!!!
سىز ياشاۋاتقان رايوندا سىزنى باشقۇرۇۋاتلارنىڭ ئاساسى قانۇنىدا قوش نىكاھلانغانلارغا مەلۇم مۇددەت قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن. سىز مۇشۇنداق بىر قانۇن كۈچكە ئىگە بولغان بىر دۆلەتتە ئىككىنچى خوتۇنىڭىزنى ناغرا- سۇناي چېلىپ، ئەل-جامائەتنى چاقىرىپ توي قىلىپ ئالالامسىز؟! ئەلجاۋاب: ئالالمايسىز، شۇنداققۇ!!!
دېمەك، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ، تۆتىنچى خوتۇنلارنى ئېلىش ئۈچۈن ئىش بېشىدىكىلەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىدىغان بىر رايونغا يۆتكىلىپ بېرىپ شۇ يەرگە يەرلىشىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. بولمىسا، بىرىگە قانائەت قىلىپ ئولتۇرىشىڭىز كېرەك.
سىز يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاللاھ سىزنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان ئەقىلنى نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرنى چۈشىنىشتە كىچىككىنە بولسىمۇ ئىشلىتىپ بەرسىڭىز ھەيران قالمايسىز.
بەزى ئىمانى جۆندەك، ئېتىقادى سۇس، شەيتانغا بەندە، نەپسىگە قۇل بولغان، لېكىن ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېسابلايدىغان ئەخمەقلەر، ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى ۋە ياكى تۆتىنچى خوتۇنلىرىنى ئالىدىغان چاغلىرىدا: «توي خېتى ئېلىش كاپىرلارغا بويسۇنغانلىق بولىدۇ. شۇڭا بىز توي خېتى ئالمايمىز. دىنىمىزنىڭ قانۇنى بويىچە نىكاھ ئوقۇتۇپلا ئولتۇرۇۋېرىمىز» دېيىشىپ ئۆزلىرىنى ۋە ساددا كىشىلەرنى ئالدايدۇ.
بۇنداقلارغا بىرقانچە سوئال:
1-سىز ياشاۋاتقان رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنىدىن توي قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەي تۇرۇپ يەنى توي خېتى ئالماستىن نىكاھلانغان تەقدىردە يۇقىرىدىكى شەرتلەرنىڭ قايسىسىنى ئورۇندىيالايسىز؟ تۇغۇلغان بالىلارنىڭ نوپۇسى، قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ رەسمىيلىشىشى قانداق بولىدۇ؟
2- نىكاھنىڭ يۇقىرىقى شەرتلىرىدىن بىرىگە رىئايە قىلىنمىسا نىكاھ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئۇنداقتا سىز سىزنى باشقۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنىدىن رەسمىيەت ئالماي توي قىلسىىڭىز ئۇ شەرتلەرگە تولۇق رىئايە قىلالامسىز؟؟؟
3- ئەجەبا ، ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشتا كاپىرنىڭ رەسمىيىتىنى ئالساق بولمايدۇ، دېگۈچىلەر بىرىنچى خوتۇنىنى كىمنىڭ رەسمىيىتى بىلەن ئالغان بولغىيدى؟ يانچۇقىدىكى كىملىك كارتىسى، تىجارەت كىنىشكىسى ۋە ھاكازالارنى بېجىرگەندە ئۇلارنىڭ ئىككىنچى خوتۇن ئالىدىغاندا تۇتۇۋالغان «تەقۋالىق غۇرۇرى» تېخى «پىشىپ يېتىلمىگەن» بولغىيمىدى؟
4- بىر كىشىنىڭ بويىغا يەتكەن بىر قىزى ياكى بىر ھەمشىرىسى بولسا، خوتۇنى بار، بىرقانچە بالىسىمۇ بار، 30، 40 ياش ئەتراپىدا بىر «تاشچى ھاجىم» قىزلىرىنى ياكى ھەمشىرىلىرىنى ماڭا ئىككىنچى خوتۇنلۇققا بەرسىلەر، مەخپىي ئالىمەن، خوتۇن-بالىلىرىم ئۇقمايدۇ، دەپ خېرىدار بولۇپ كەلسە، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ئەقىل-ھوشى جايىدا بولسا، پىترىتى بۇزۇلمىغان بولسا ۋە پۇلنىڭ بەندىسى بولۇپ كەتمىگەن بولسا، ئۇ تەكلىپكە ماقۇل دەرمۇ؟؟؟
ئەلجاۋاب: ئەسلا ماقۇل دېمەيدۇ. دېمەككى، بۇ ئىشنى ئەقىل ئىنكار قىلىدۇ، ۋىجدان قوبۇل قىلمايدۇ، ئىنسانىي زوق تۈكۈرۈپ تاشلايدۇ، شۇنداقلا ئىسلامىي ئاڭ ئۇ ئىشتىن  يىرگىنىدۇ، پىترەت نەپرەت قىلىدۇ.
5- ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشتا «بىز كاپىرغا ئىتائەت قىلمايمىز» دەيدىغان «مۇجاھىد» لار نېمىشقا ھەرەمگە بېرىش ئۈچۈن شۇ كاپىرنىڭ پاسپورتىنى ئېلىشقا ئۇنچىۋالا كۈچ چىقىرىدۇ؟؟؟ نېمە ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كۇنسۇلدىن ۋىزا ئالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار بەلگىلىگەن ماكاندا، ئىنسانلار بەلگىلىگەن زاماندا، ئىنسانلار ياسىغان قانتاش ۋاسىتىلىرىغا چىقىپ مەككىگە بارىدۇ. نېمىشقا ئۆيىدىن چىقىپلا خۇسۇسىي ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇللا ھەرەم تەرەپكە ماڭمايدۇ؟
دېمەك، ئۇنداقلار ئىسلامنى ھايۋان نەپسىنى قاندۇرۇش، ئىناۋەت ۋە ئېتىبارىنى يۈكسەلدۈرۈش، يۈز-ئابرۇيىنى ئۆستۈرۈش… ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئىشنىڭ ئەسلى مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش ئېغىر كېلىدۇ، لېكىن ھەرەمگە بېرىپ «ھاجىم» بولۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. ئىككىلىسى ئوخشاش پەرزغۇ!
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنداقلارنىڭ پېقىر-مىسكىنلەرگە، مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا، دىيارىمىزدا ئىلىم- مەرىپەتنىڭ نۇرىنى يورۇتۇشقا پۇل بەرگۈسى كەلمەيدۇ، لېكىن «ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن» پېقىر قىز-چوكانلارنى نىكاھىغا ئېلىپ قويىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنى بۇنداقلارنىڭ چۈشەنچە ۋە قىلمىشلىرىدىن ئادا-جۇدادۇر.ئەمدىغۇچۈشەنگەنسىز.
مۇسۇلمانلارتورىدىن ئېلىندى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
IZZAT + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە 2-خوتۇنلار بۇنداق ياخشى ئمەستۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش