<<  گىرىم  بىلەن  بۇيىغىچە  تېشىڭنى ،
ئېلىم بىلەن بويىغىن ئىچىڭنى  .  >> 
ئەقىلىيە  ئۈزۈندىللىرىدىن  .  
ھەر  قانداق  بىر  ئايالدا  گۈزەللىككە  ئىنتىلىش  خاھىشى  بولىدۇ  .  لىكىن  بىر  قىسىم 
خېمىيۋى  تەركىبلىك  گىرىم  بۇيۇملىرى  ئاياللارنى  گۈزەللەشتۈرۈش ئۇياقتا  تۇرسۇن 
بىر  مەزگىل  ئىشلەتكەندىن  كىيىن  تېرىگە   زىيان  يەتكۈزىدۇ  . ھەر  قانداق نەرسە
تەبىيئى   بولغىنىغا  يەتمەيدۇ  .  
تۆۋەندە  بىر  قىسىم  ئىلمىي  بولغان  تېرە  ئاسراش  ، گۈزەللەشتۈرۈش  ئۇسۇلىنى سۆزلەپ
ئۆتىمەن .  مۇنبەردىكى  ئاياللار   تاپقان  پۇلۇڭلارغا    قىممەت  باھالىق گىرىم بۇيۇملىرى
ئېلىپ  ئىشلەتمەي   مۇشۇ  ئۇسۇلنى   سىناب   باقساڭلار  بولىدۇ  . ھەممىسى  تەجرىبىدىن
ئۆتكەن  ئىشەنچىلىك  رىتسىپلار  .   
ئاشۇ  قىممەت  باھالىق  گىرىم  بۇيۇملىرىغا  خەجلىگەن  پۇللىرىڭلارغا كىتاب  ئالساڭلار  
ئېرىڭلارنىڭ   يۈكىنى  يەڭگۈللىتىپ  ئائىلىگە ،  پەرزەنتىڭلارغا ،چوڭلارغا خىراجەت  
قىلساڭلار  دېگەن  ئۈمىدتىمەن  .  چۈنكى   بىر  ئائىلىدە  ئىقتىسادنىڭ رولىغا سەل 
قاراشقا  بولمايدۇ .  پۇل   يۈز  بېرىدىغان  نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ما   تېمىنى   :  ئەمۋاي   ۋە ئورفىلەمنىڭ  گىرىملىرىنى  ساتقۇچىللىرى  كۆرسە  مىنى 
قارغاپ  يۈرمىگىيدى  ؟  
  
ھەسەل  ـ تۇخۇم مەلھىمى  .
يېڭى  تۇخۇمدىن  بىر  تالنى  چېقىپ  ،  (  يەرلىك تۇخۇم بولسا تېخىمۇ ياخشى )  ئۇنىڭغا
بىر  قۇشۇق  ھەسەل  سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزگە سۈرۈپ ئۇۋلاپ
بەرگەندە  ، يۈزنى نۇرلۇق قىلىدۇ. قىشتا  سۈرگەندە يۈزنىڭ يېرىلىشنىڭ  ئالدىنى ئالىدۇ .
ئۆرۈك مېغىزى  مەلھىمى .
90  گىرام ئاقلىۋېتىلگەن  ئۆرۈك  مېغىزىنى ئېزىپ   تۇخۇم  ئېقىغا  ئارلاشتۇرۇپ ، ھەر كۈنى
ئاخشىمى  يۈزگە  سۈرۈپ ، ئەتىسى  يۇيۇۋەتكەندە  قورۇق  يوقلىدۇ .
 تۇخۇم سېرىقى - ھەسەل مەلھىمى . 
تۇخۇم  سېرىقىغا  ھەسەل بىلەن ئۇننى ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ يۈزگە  چاپسا ، دانىخورەك
داغلىرىنى يوقىتىپلا   قالماستىن  ، يۈزنىڭ قۇرغاقلىشىشنىڭ  ئالدىنى  ئالىدۇ . ئەگەر 
يۈز تېرىسى  مايلىق  بولسا ، مەلھەمگە  بىر  قۇشۇق لىمۇن سۈيى ئارلاشتۇرىۋەتسە بولىدۇ .
مەلھەمنى  سۈرۈپ   15 - 20   مىنۇتتىن  كىيىن ئىلمان سۇدا  يۇيۇۋېتىش كېرەك .
مۇناسىۋەتلىك  ماتىرياللاردىن  پايدىلاندىم .