مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1621|ئىنكاس: 31

ھىساب كۈنى يەنى قىيامەت كۈنى توغرىسىدا! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34034
تۆھپە نۇمۇرى: 3088
توردا: 3718 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىساب كۈنى يەنى قىيامەت كۈنى توغرىسىدا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما!
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

(قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ) .(33)ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ.(34)(35)(36)ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ.(37) ئەبەسە سۈرىسى 33-34-35-36-37-ئايەتلەر.

بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ.(6)ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ.(7)بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ.(8)شۇ (دىللارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ) كۆزلىرى (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ.(9)....................بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن-قەبرىسىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ.(13) نازىئات سۈرىسى 6-7-8-9-13-ئايەتلەر.

قىيامەت كەلگەندە،(34)(شۇ) كۈندە ئىنسان (ياخشى-يامان) قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ.(35)قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ.(36)كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن،(37)دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن ،(38)ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ.(39)پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك،(40)ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ.(41)ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ.(42)سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟(43)ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر.(44)سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.(45) نازىئات سۈرىسى 34-35-36-37-38-39-40-41-42-43-44-45-ئايەتلەر.

(مۇشرىكلار ئۆز-ئارا نېمە توغرۇلۇق) سورىشىدۇ؟(1)ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر (يەنى قىيامەت توغرۇلۇق) سورىشىدۇ.(2)ئۇلار شۇ (يەنى قىيامەت) توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر.(3)ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (قىيامەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك يالغان ئەمەس)، ئۇلار (ھەقىقى ئەھۋالنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ.(4) نەبە سۈرىسى 1-2-3-4-ئايەتلەر.
اﷲ غا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى قايتا تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى.قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار:«ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىزدىن نادامەت»دەيدۇ.(31) ئەنئام سۈرىسى 31-ئايەت

سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (قىيامەت، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش قاتارلىق) ئىشلار چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.(134) ئانئام سۈرىسى 134-ئايەت.

مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار، ناسارىلار، مەجسىيلەر (يەنى ئاتەشپەرەسلەر) ۋە مۇشرىكلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى اﷲ ھەقىقەتەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، (يەنى اﷲ تائالا مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار ئارىسىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، مۆمىنلەرنى جەننەتكە، كۇففارلارنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ)، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.(17)ھەج سۈرىسى 17-ئايەت

بىز ھەقىقەتەن سېنى (قىيامەت كۈنى خەلققە) گۇۋاھلىق بەرگۈچى، (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.(8) فەتىھ سۈرىسى 8-ئايەت

بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ.(36)بەنى ئىسرائىل سۈرىسى 36-ئايەت

قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كۆر، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز.(97) بەنى ئىسرائىل سۈرىسى 97-ئايەت.

ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرىسەن (يەنى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان تاغ، دەرەخ، بىنالار بولمايدۇ)، ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) (مەھشەرگاھقا) يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز .(47)كەھف سۈرىسى 47-ئايەت.

لېكىن قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ-دە، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇلار قىيامەتكە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلارغا (تەۋبە قىلىۋېلىش ۋە ئۆزرە بايان قىلىش ئۈچۈن) مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ.(40)ئەنبىيا سۈرىسى 40-ئايەت

قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز.(47)ئەنبىيا سۈرىسى 47-ئايەت

يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەر كاپىرلارنىڭ بولۇپ، ئۇلارقىيامەت كۈنى (اﷲ) نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ (فىدىيىسى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.(36) مائىدە سۈرىسى 36-ئايەت

اﷲ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن(يەنى قىيامەت كۈنى) كېلىشتىن ئىلگىرى توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى جەھەننەمگە ئايرىلىدۇ.(43)رۇم سۈرىسى 43-ئايەت.

قىيامەت قيىم بولغان چاغدا،(1)ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ.(2)زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ.(3)(4)(5)(6)سىلەر (قىيامەتتە) ئۈچ پىرقىغە بۆلۈنىسىلەر.(7)(بىرىنچى پىرقە) سائادەتمەنلەردۇر، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە-ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان) ئادەملەردۇر.(8)(ئىككىنچى پىرقە) بەختسىز ئادەملەردۇر، بەختسىز ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە-ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئادەملەردۇر.(9)(ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر.(10) ۋاقىئە سۈرىسى 1-ئايەتتىن 10-ئايەتكىچە .

ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتكە (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بولۇپ جەملەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىن كىرگەنلەر (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئىلگىرى كىرگەنلەرگە (يەنى باشلىقلىرىغا) قارىتىپ: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. ئۇلارغا ئىككى ھەسسە دوزاخ ئازابى بەرگىن›› دەيدۇ اﷲ: ‹‹ھەممىگە ئىككى ھەسسە ئازاب بېرىلىدۇ، لېكىن سىلەر (ئازابنىڭ دەھشىتىنى) بىلمەيسىلەر›› دەيدۇ.(38)ئەئراف سۈرىسى 38-ئايەت.

....................
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئىش-ئەمەللىرى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ سوراققا تارتىلىدىغان نەرسە بولسا ناماز . پەرۋەردىگارىمىز گەرچە ئۆزى ياخشى بىلسىمۇ ، پەرىشتىلەرگە دەيدۇ : « بەندەمنىڭ نامىزىغا قاراڭلار ، تولۇقمىكەن ياكى كەممىكەن ؟» ئەگەر ئۇ تولۇق بولسا ، تولۇق دەپ خاتىرلىنىدۇ . ئەگەر ئۇ كەم بولسا ، ئۇ دەيدۇ :« قاراڭلار ! بەندەمنىڭ نەپىلى نامىزى بارمۇ-يوق ؟ » ئەگەر ئۇنىڭ نەپلى نامىزى بولسا ، ئۇ : « بەندەمنىڭ پەرىز نامىزىنى ئۇنىڭ نەپلە نامىزىدىن تولۇقلاڭلار ! » دەيدۇ . ئاندىن قالدى ئىش-ئەمەللىرىمۇ شۇ ئۇسۇلدا تەكشۈرلىدۇ . »

ئىبنۇ مەسئۇدتىن( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « قىيامەت كۈنى ئادەم بالىسىنىڭ قەدىمى تاكى بەش نەرسە ھەققىدە سوراققا تارتىلماي تۇرۇپ پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدىن ئايرىلمايدۇ : ئۆمرىنى نىمە بىلەن تۈگەتتى ، ياشلىقىنى نىمە بىلەن قېرىتتى ، پۇل-مىلىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نىمىگە خىراجەت قىلدى ، ھەمدە ئۇ ئىرىشكەن بىلىمىگە قانداق ئەمەل قىلدى . >> -

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىشىلەر قىيامەت كۈنى يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ، ھەتتا خەتنە قىلىقسىز تېرىلىپ قوپۇرىلىدۇ،مەن؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى!ئەر-ئاياللار ھەممىسى بىراقلا قۇپۇرۇلسا، ئۇلار بىر – بىرىگە قارىشامدۇ؟دىسەم، رەسۇلۇللاھ؛ئى ئائىشە! ئىش(قىيامەت كۈننىڭ دەھشىتى) ئۇلارنىڭ بەزىسى – بەزىسىگە قاراشلىرىدىن قاتتىق كۈچلۈك ۋە ئېغىردۇر دىگەن.بۇخارى، مۇسلىم، نەسەئى، ئىبنى ماجە توپلىغان.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يالىڭاچ، يالاڭ ئاياق، ھەتتا خەتنە قىلىقسىز قوپۇرلىسىلەر.ئاندىن «بىز مەخلۇقنى تۇنجى قېتىم ياراتقىنىمىزدەك يەنە قايتا يارىتىمىز،بۇ بىزنىڭ ئۇستىمىزگە قىلىنغان ۋەئدىدۇر، بىز ئۇنى چۇقۇم ئىجرا قىلىمىز»دىگەن ئايەتنى ئۇقۇدى، .

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئۈچ سىنىپ بۇلۇپ توپلىنىدۇ؛ بىر سىنىپ كىشىلەر پىيادە ماڭغان ھالىتىدە، يەنەبىر سىنىپ كىشىلەر ئاتلىق،ئۇلاغلىق، يەنەبىر سىنىپ كىشىلەر يۈزىچە ماڭغان ھالىتىدە توپلىنىدۇ، ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! ئۇلار قانداق يۈزىچە ماڭالايدۇ؟دىيىلدى، رەسۇلۇللاھ؛ئۇلارنى قەدەملىرى بىلەن،ئىككى پۇتى بىلەن ماڭدۇرۇشقا قادىر بولغان زات اللھ ، ئۇلارنى يۈزىچىمۇ ماڭدۇرۇشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر ، ئۇلار تېخى يۈزىچە مېڭىۋېتىپ، ئىگىز-پەس جايلاردىن، شۇخا-تىكەنلەردىن ھەزەر قىلىپ ماڭىدۇ دېدى.تىرمىزى توپلىغان.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىشىلەر ئۈچ يول يەنى ئۈچ پىرقىگە ئاساسەن توپلىنىدۇ، بىرىنچى پىرقە، مەھشەرگاھقا، كەڭرىلىك بىلەن ئازادە مېڭىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى، مەغپىرىتىنى ئۈمىد قىلىپ جەننىتىگە قىزىقىپ، ئازابدىن، كايىشدىن قورققان ھالدا توپلىنىدۇ، ئىككىنچى پىرقە بولسا، ئەمەللىرىگە يارىشا ئىككى كىشى بىر تۆگە ئۈستىدە، ئۈچ كىشى بىر تۆگە ئۈستىدە، تۆت، ھەتتا ئون كىشى بىر تۆگە ئۈستىدە توپلىنىدۇ، كىشىلەرنىڭ قالغانلىرىنى ئوت توپلايدۇ، بۇ ئوت، ئۇلار قەيەردە ئارام ئالسا شۇ يەردە بىللە ئارام ئالىدۇ، ئۇلار كەچ قىلىپ ياتقان جايدا بىرگە ياتىدۇ، ئۇلار تاڭ ئاتقۇزسا ياكى كەچ قىلسا بۇ ئوتمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، كەچ قىلىدۇ، بۇ ئۈچىنچى پىرقىدۇر. بەيھەقى، بۇخارى، مۇسلىم، نەسەئى توپلىغان، سەھىھ.

مىقدام ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: قىيامەت كۈنى قۇياش كىشىلەرگە شۇنداق يېقىنلىشىدۇكى، ھەتتا ئۇلاردىن بىر مىيىل يەنى 1700 مېتىر مىقدارى يىراقتا تۇرىدۇ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مىقدارىدا تەردە تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسى ھوشۇقىغىچە تەردە تۇرىدۇ، بەزىسى تىزىغىچە، بەزىسى بىلىگىچە تەردە تۇرىدۇ، بەزىسىنى تەر يۈگەن سېلىۋالىدۇ، (يەنى تەرگە چۆكۈپ تۇرىدۇ، تەر ئاغىزىغىچە يېتىدۇ) دەپ، ئاغزىغا ئىشارەت قىلدى.مۇسلىم توپلىغان،

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە مۇنداق دېيلگەن:يەتتە تۈرلۈك كىشى بار، قىيامەتتە قاتتىق ئىسسىق بولۇپ،ئەرشنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەرشنىڭ ئاستىدا سايىتىدۇ“1)ئىمانى كامىل ئادىل پادىشاھ؛ 2)ياش چېغىدىن تارتىپ ئىزچىل ئىبادەت قىلغان كىشى؛3) قەلبىي داۋاملىق مەسچىتكە باغلانغان كىشى؛ 4)ئاللاھ يولىدا دوست بولۇشقان كىشىلەر؛ 5)بىر گۈزەل ئايال چاقىرسا، ئاللاھتىن قورقىمەن، دەپ تەلىپىنى قۇبۇل قىلمىغان كىشى؛6)سەدىقىنى ئىنتايىن مەخپىي ھالدا قىلغان كىشى؛ 7)خالىي بىر جايدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ ياش ئاققۇزغان كىشى“ (بۇخارى توپلىغان).


مەنبە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىن ئىلندى .يوللۇغۇچى مەن

.

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
marziyya + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
sabri@ + 299 دەلىللەر يېتەرلىك
بارخان + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 799   باھا خاتىرىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34034
تۆھپە نۇمۇرى: 3088
توردا: 3718 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەننەت توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما ماۋۇ ئادرىستا.........
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-88876-1-1.html


دەۋزاخ توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما ماۋۇ ئادرىستا.........
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-89932-1-1.html

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6498
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ)

سىزنىڭ تېخى ھىلىقى ئىشلار ۋاقتىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى تەقدىم قىلغان پەيتىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدە قىممىتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشكەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا بولغۇسى ئېرىڭىزگە  زادى نېمىڭىزنى

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1335
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13358
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8402 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمدە ئېتىقاد يوقالغاندا ئادىمىيلىكمۇ تەڭلا يوقىلىدۇ.

قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3159
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13125
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1375 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ   رەھمەت  قىلسۇن  .  
مۇشۇ   تېمىنى  كۆرۈشتىن  ئىلگىرى  تاماكا  چېكىۋاتاتتىم  .  ئۇلۇغ  ئېگەم  ئىنساب ، ھاياغا
باي   قىلغاي...

ئۇيغۇردا   ناخشا ـ ئۇسۇلچى ، سازچى تۇلا ،
يەھۇدىيلاردا ئالىم ، كەشىپياتچى ، تىجارەتچى تۇلا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەي  ئۇلۇغ  ئاللاھ  ھەممېمېزنېڭ  ئېمانېنې  مۇستھكەم  قېلغاي    قېيامەتنېڭ  رەسۋاچېلېقېدېن ساقلېغاي  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2012-11-9 09:47 PM
ئاللاھ   رەھمەت  قىلسۇن  .  
مۇشۇ   تېمىنى  كۆرۈشتىن  ئىلگى ...

ئەمدى تاشلاڭ ئۇ نىجىس تاماكىنى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
norabla يوللىغان ۋاقتى  2012-11-9 09:53 PM
ئەي  ئۇلۇغ  ئاللاھ  ھەممېمېزنېڭ  ئېمانېنې  مۇستھكەم  قېل ...

نۇرئابلا ئاكا    ئې  ھەرىپىنى بەك كۆپ ئىشلەتمىىسىڭىز قانداق ! ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5532
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2012-11-9 09:47 PM
ئاللاھ   رەھمەت  قىلسۇن  .  
مۇشۇ   تېمىنى  كۆرۈشتىن  ئىلگى ...

سىز ئەمسە 24 سائەت مۇنبەردىن ئايرىلماڭ

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش