سىنى سېغىندىم
تەرجىمە قىلغۇچى : سەلكىنئاي (ئىپارئاي)
قوش كىشلىك كارىۋات تۇيۇقسىزلا تاق كىشلىك كارىۋاتقا ئۆزگەردى ، تۇيۇقسىز بولغان بۇ ئۆزگىرىشكە پەقەتلا كۈنەلمەي قالدىم ،كىچىسى تۇيۇقسىز ئويغىنىپ سىنىڭ يوقلىقىڭنى بايقىغىنىمدا كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش تۆككىنىمچە سىنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ ،سېغىنىپ چىقىمەن .
سەن كەتمەكچى بولغان ئاشۇ دەقىقدە ،مەن كومپىيوتېرغا قاراپ ئىچىمدىكى غەزىۋىمنى بېسىۋىلىپ ،پەرۋا قىلمىغان قىياپەتتە بىر ئىشلانى قىلىپ تاكى ئۆي جىمىغۇچە شۇ نداق ھالىتىمنى ساقلىدىم. ئەمىلىيەتتە بۇ قىلغىنىم پەقەت سىنىڭ ئالدىڭدا يىغلاپ تاشلىماسلىق ئۈچۈن ئىدى . ئويلىمىغان بولغىيتتىڭ سەن كەتكەن ئاشۇ كۈنى مەن بالكۇن دېرىزىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئارقاڭدىن تاكى قاراڭ يۈتكۈچە قاراپ تۇردۇم . مىنىڭ دۇنيارىم مۇشۇنداقلا ۋەيران بولدى ،ئەمدى قانچە قىلغىنىم بىلەنمۇ بەرىبىر ئەسلىگە كەلمەيدۇ . بىلىمەن سەن كەتكەن ئاشۇ كۈنى مەن ساڭا ئېپ بەرگەن ھېلىقى قارا رەڭلىك پىلاشنى كىيىپ ماڭدىڭ .
ياز كۈنى بولغاچقا تۇيۇقسىز تۇيۇقسىز لا يامغۇر ياغىدۇ ،بۈگۈنمۇ مانا يەنە شۇنداق بولدى تۇيۇقسىزلا يامغۇر ياغدى ، ھەجەپ چارچىدىم،يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ ،ئەمما نىمىشقىدۇ يىغلىيالمايۋاتىمەن . سەن كەتكەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ ،مەن ھەر كۈنى چ چ رىڭنىڭ رەڭسىز باش سۈرىتىگە قاراپ قاچان رەڭلىك يۇراركىن دەپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرىدىغان، ساڭا ئۇچۇر يازىدىغان بوپ قالدىم ،بىلىمەن ،سەن جاۋاپ قايتۇرمايسەن ،ساڭا دائىم تېلفۇن قىلدىم ،دائىملا ئىتىك دەيدۇ ، مىنىڭ پەقەت ئاۋازىڭنى ئاڭلىۋالغۇم بار ئىدى .
يامغۇر بارغانسىرى كۈچيىشكە باشلىدى ، يامغۇرنىڭ يول ئۈستىدىكى يۇپۇرماققا چۈشكەندىكى ئاۋازى خۇددى گاڭگىراپ قالغان ماڭا ئوخشايتتى ، سىنىڭ ئاخىرقى قېتىم دىگەن ئاشۇ گېپىڭ ئۆي ئىچىدە ئەكىس سادا چىقىراتتى ‹ئەبلەخ› بۇ سىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى گېپىڭ بۇلۇپ قالدى .
بىلىمەن ،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىدى ، ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ ئوغلىنىلا ياخشى كۆرىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سەن پەقەت يات ئادەم ،شۇڭا ئانام مىنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشمغا چىدىمايدۇ ، چۈنكى ئۇ مىنىڭ ئەڭ ياخشى كۈرىدىغىنىمنىڭ سەن ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ .
مەن سەن ئۈچۈن ئات- كالا بۇلۇشقىمۇ رازى ئىدىم ،ئۆيدىكى ئىشلار ئۈچۈن سىنىڭدىن ئايرىلىشقا قىيالمايتتىم ، سەن مىنىڭدىن ئەنسىرەپ بالىلىق بۇلۇشنى خالىمىغان ۋاقتىڭدا ،مەن سىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ماقۇل بولغان ئىدىم.بىلسەڭ جېنىم مەن پەقەت سىنى خۇشال قىلىشنىلا ئويلايتتىم .. بۇنداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدىغىنى بىلگەن بولسام بۇ بىر پارچە ئىسپات قەغىزىنىڭ نىمە ئەھمىيىتى .
ئەگەر يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق پۇرسەت بولسا ،باشتىن باشلىغىلى بولغان بولسا ،مەن سەن بىلەن بىر ئۆمۈر مۇھەببەتلىشىپ ئۈتۈشكە رازى ئىدىم ، دۇنيارىمدا پەقەت ئىككىمىزلا بولغان بولساق ھە!... ئاتا- ئانام ساڭا ئۇنداق قىلماسلىقى كىرەكتى ،سەن مەندىن ئاچچىقىڭنى چىقىرۋالساڭ بۇلىۋىرەتتى ،چۈنكى مەن سىنىڭ سۆيگىنىڭ ،لىكىن ئۇلار مىنىڭ ئاتا- ئانام ھەم سىنىڭمۇ ئاتا- ئاناڭ،ئۇلارھەممە ئىشتا ساڭا تايىنۋالاتتى ،ئەمما بۇ قېتىم ئۇنداق بولمايدۇ .
‹يۇقال› مانا بۇ مىنىڭ ساڭا قىلغان ئاخىرقى سۆزۈم،يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى ،سەن بىلمەيسەن ،مەن ھازىر كارىۋات ئۈستىدىكى گىزىت- ژورناللارنى پەقەت يۇغۇشتۇرمايمەن ،بۇنداق بولغاندا كارىۋات تارىيدىكەن ،ئاياغ ئىشكاۋىدىكى ئاياغلارنىمۇ رەتلىمەيدىغان بۇلىۋالدىم ،بۇنداق بولغاندا ئۇنچە قۇرۇقمۇ كۈرۈنمەيدىكەن . ئەمما ھەركۈنى سىنىڭ سۆرىتىڭنى نەچچە قېتىم سۈرتىمەن ،چۈنكى سېنى بەك سېغىندىم .
مەنبە:http://www.puresky.org/news/miss/2012117/731K14.html
ئەسكەرتىش : تىمىنى بىۋاستە مۇنبەرگە تەرجىمە قىلغاچقا ، خاتالىقتىن ساقلىنىش تەس شۇڭا ئەيىپكە بۇيرىمايغايسىلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-10 04:43 PM