مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 801|ئىنكاس: 5

ئۇ مىنىڭ ئوغلۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50251
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5874
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2011-8-3
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 05:47:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ئەرزىمەس ئەمگىكىمنى ،بالامنىڭ ئاتىسغا ۋە  پەرزەنت ئوتىدا كۆيۈپ سۇيىدا ئېقىۋاتقان ، يۈرەكلىرىدە مەۋج ئۇرۇۋاتقان چەكسىز ئەلەملىرىگە باقماستىن ئۈن-تىنسىز ھالدا  ھاياتقا رازىمەنلىك، ئۈمىدۋارلىق، ۋە كۆلۈمسىرەش بىلەن بېقىۋاتقان بارچە  مەسئۇلىيەتچان ئاتا- ئانىلارغا ئىھتىرام بىلەن بىغىشلايمەن!
   
  


(بىرىنجى باب)
مەن ۋە غايەم

  
  

سەن بىلەن تەڭتۈش ھەر بىر ياشقا ئوخشاش ھاياتىڭدا بىر قىممەت يارىتىشنى ئويلايتتىڭ،نەتىجىسى پارلاق ئىشلارنى ئىزدەيتتىڭ ئۇنىڭدا ئۆزۈڭنىڭ بىر كىشلىك ئاددىغىينە  تۆھپەڭ بولۇشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىڭ، ناچار شارائىت، جاپا مۇشەققەتلەرگە باقماستىن تېرىشتىڭ تىرماشتىڭ، ئولتۇرساڭ- قوپساڭ ئاددى بولسىمۇ بىر ئىش قىلىش ئەتراپىڭدىكىلەرگە ياردەم قولۇڭنى سۇنۇش ئىدى. ئۈمىد بىلەن غايىلىرىڭ ئالمىشىپ كىتىۋاتقاندەك قىلاتتى، كەلگۈسى ، ئۈمىد -غايىلىرىڭ ئۈستىدە قىتىرقىنىپ ئىزدىنىشىڭ سەن بىلەن ئەتراپىڭدىكىلەر ئارىسىدا  دۇنيا كۆز قاراش جەھەتلەردە كۆرۈنمەس بىر يۇچۇق ۋە ئارلىق پەيدا قىلىپ قويىۋاتاتتى. گەرچە سەن ئۆزۈڭنى ئويلىماستىن شۇلارنىڭ غىمىنى يەۋاتقان بولساڭمۇ...
تۇسالغۇلار سەندىن كۆچلۈك،ئۈمىد قۇرغانلىرىڭ ھايات قەھرى ئالدىدا يېمىرلىۋاتقاندەك،رېئاللىققا تەسلىم بولۇش تۇيغۇلىرى ۋۇجۇدۇڭغا يامراپ، روھىڭنى ئۈمىتسىزلىك چىرماشقا باشلىغان بولسىمۇ، " موۋەپپەقىيەت" ئۈچۈن يانغان قەلبىڭدىكى ئوت تېخى ئۆچمىگەن ئاشۇ تاتلىق ئىستەك ھىلھەم يوقالمىغان ئىدى...
   
ماڭا ئشىنىڭ، مەن شەخسى مەنپەتىم ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشنى ئويلىمايتتىم، ھەتتا چۈشلىرىممۇ باشقىلار ئۈچۈن ئىدى-دېسەم ئىشىنەمسىز؟ ۋەتىنىم ،خەلقىم ،ئائىلەم،  ئۈچۈن بولغان موھەببەت ھاياتتا قىممەت يارىتىشقا ئۈندەيدىغان بىردىنبىر ھەركەتلەندۈرگۈچ كۆچ ئىدى. بىراق مەن قىلالايمەنمۇ؟
كۆز قاراشلىرىڭ ساڭا ئەڭ يېقىن كىشلىرىڭدىنمۇ پەرىقلق  ئىدى، ئۇلار بىلەن ئوخشاش ياشلىقنىڭ نەۋقىرانىدا تۇرساڭمۇ ئۇلار ساڭا مويسىپىتلەرگە ئوخشاش باقاتتى، سەنمۇ بارا- يېشىڭ كىچىك بولسىمۇ ئۇلار ئويلىغاندەك ئۆزۈڭنى قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىشقا باشلىغان ئىدىڭ.
ئىدولوگىيە توقۇنىشى بىر- بىرىڭلارغا بولغان مېھر- موھەببەت ئىززەت-ئىھتىراملارغا پەرۋاسىز تەڭتۇشلىرىڭ ھەتتاكى سەندىن چوڭ تەجرىبىلىك يېقىنلىرىڭ ئارىسىغا سوقۇنۇپ كېرىۋاتاتتى، سەن غەلبەڭدە ئۆزۈڭنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتنى تەڭ كۆرەتتىڭ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقڭ بىلەن مۆجىزىلەرنى روياپقا چېقارماقچى بولاتتىڭ، ياشقا چوڭلار بۇنى تىزلا قىززىپ تىزلا سوغۇيدىغان ياشلىقتىكى بىر دەملىك ھاياجان خالاس-دەپ قارايتتى،زاماننىڭ ئۇلارغا تۇتقان قاتتىق مۇئامىلىسى،ۋە ھاياتىدىك ئاچچىق تەجربىلەر ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرغا، سۇندۇرغان ئىدى، شۇڭىلاشقىمىكىن ئۇلار ساڭا ئېچ ئاغىرتىش شەپقەت كۆزلىرى بىلەن باقاتتى << بىز دەك ئاددى كىشلەر ھاياتقا پىلان سوقالمايمىز، ھايات بىزگە پىلان سوقۇپ بېرىشى كېرەك>> دېگەن رېئاللىقنى قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا بوي سۇنۇشىڭنى ئىزدەيتتى.

كۈنلەر ئۆتتى... بىرەر شەيئى ئۆزگەرگندىمۇ؟ ئۆزۈڭ بىلەن-ئۆزۈڭ ئارىسىدىكى توقونۇشلىرىڭ بىسىققاندىمۇ؟ئۇلارنىڭ كۆز قاراش دۇنيا قاراشلىرىغا قايىل بولغانسەنمۇ؟ ئەگەشكۈچىلەر ئۈچۈن موھەببەتنىڭ ئۆزى يېتەرلىكمۇ؟!...
ئېقىمغا قارشى ئۆزىۋاتاتتىم، ئىزدەۋاتقىنىڭ ئاخىرى بېرىپ سەراب چېقىدىغۇ-دەپ ماڭا بىردەم روھى ئاراملىق بەرمەيۋاتقان، شۇ نەشتەردەك ئاچچىق ئىغىر نەزەرلەرنى ئۆشنەمدىن ئېلىپ تاشلىيالايدىغان زىخمۇ ،كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان بىر چارىگە ئۇلۇشۇشنى ئىزدىدىم، چۈنكى مەن تېخىچە تىلغا ئالغۇدەك ھچبىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىدىم. ھاياتلىق پەلسەپەم،  دۇنيا كۆز قارىشىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ مەۋقەيىمنى كۆچلەندۈرۈپ ئاقلاپ بېرەلەيدىغان  ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چقىرالمىغان ئىدىم. چۆللۈكتە سۇ ئىزدەۋاتقان سەيياھدەك موۋەپپەقىيەت، غەلبە، ئىزدەيتتىم، بىراق  مەن ئىزدىگەن موۋەپپەقىيەت ئۇلار دېگەندەك راستىنلا سەرابمىدۇ؟ توسالغۇلار، ھاڭلار، تېيىلمىلار، شۇنچىلىك كۆپ شۇنچىلىك چوڭ ئىدىكى...
   
توي...توي مەن ۋە ئۈمىدلىرىمنى ئىزدەش ئارىسىدىكى مۇرەسسە ئورنىدا ئىدى، ئارامخۇدا بىر نەپەس ئېلىۋىلىش، يارىلىرىمغا مەلھەم،مۈدۈرلۈپ كەتكەن يېرىمدىن قايتا دەس تۇرىدىغان پۇرسەت ئىدى
   
  


  مەن توينى قايتىدىن تەرتىپلەش،تەشكىللەش، ۋەپىلانلاش-دەپ قارايتتىم. ئۇلار بولسا كەلگۈسىدە ئۆزۈڭدىن باشقىنى ئەيىپلىسەڭ بولمايدىغان بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىسەن، پات يېقىندا تەقدىرىڭنىڭ ئۆز قولۇڭدا ئەمەسلىكىگە،قاندالىكى بولمىسۇن ئۆزۈشۈڭ ئەمما يەتمەكچى بولغان ساھىلنى شاماللارنىڭ  تاللاپ بېرىدىغانلقىغا قايىل بولىسەن-دەپ قارايتتى. بىراق كىم ئۆزۈشكە ئاخىر غىچە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ كىم ئاخىرى قىرغاققا سالامەت يېتىپ غەلبە قىلالايدۇ؟
ئۆيلەندىم، ئۆيۈمدە يىتەكچى ھەم مەسئولىيەتچان ئەر بولۇشقا تېرىشتىم، غايىلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز رازى بولغىدەك بىر تۇرمۇش بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئايالىم بىلەن مۇستەقىل ئائىلە قۇرۇش تەقەززا قىلىۋاتاتتى. مۇستەقىل ئائىلە قۇرۇش شۇ لەھزلەردىكى بىر ئارزۇيۇم ئىدى،بۇ يولدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەردىم،قەرىزلەرگە بوغۇلغانمۇ بولدۇم، ئاخىرى مۇستەقىل بىر تۇرمۇشقا ئىگە بولدۇم. ئۆزۈمنىڭ بىر ئارزۈيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىمدىن ھەيران بولىۋاتاتتىم، دېمەك ئاشۇ ئارمانلىرىم ئەمەلگە ئېشىىش مومكىن ئىكەنغۇ؟! قەلبمدە كۆنا چۈشلىرىم يېڭىدىن ئويغۇنىشقا باشلىغان ئىدى، لىكىن  زداى نمە ئىش قىلىشىم كېرەك؟ مەن چوقۇم  بىر نەتىجە يارىتىشىم كېرەك بىراق قانداق قىلىپ؟ مۇشۇنداق بىر شارائىتتا قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇنكى؟... راسلا باشقىلارغا ئوخشاش ئويلاشقا باشلىغان بولىمەنمۇ ئەمدى؟!... ئىلگىركىدىنمۇ  ئىجادكار ۋە ئىجابىي بولۇش ئىمكانىيتى يوقمىدۇ؟ سانجاق- سانجاق پىكىرلەر ، ئۈمىت ۋە ئۈمىتسىزلىك، غەزەپ ۋە مەمنۇنىيەت لەھزىلىرىدە ئايالىمنىڭ ئىغىر بوي ئىكەنلىك خەۋىرى كەلدى، ئاھ ، ھاياجان! ئۈمىدلىرىم يەردە قالمايدۇ ئەمدى، ئوغلۇم ! ھەئە ئۆزۈم  ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىرىم ئوغلۇم ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. ئەزىزىم ، بارلغىم،يڭى ھاياتىم ئوغلۇم ئۈچۈن.
ئارزۇلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ئۈمىتلىرىمنىڭ سەردارى باھادىر چەۋەندازىمنىڭ جاھانغا كۆز ئېچىشىنى ئاجايىپ بىر تەشنالىق بىلەن تېنىمسىز كۈتىۋاتاتتىم.
كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنى كۆرۈشكە بولغا ئىشتىياقىم ئۇلغىيىۋاتاتتى... كۈنلەر ئۆتكەنسېرى تومۇرۇمدا يېڭى ئۈمىتلەر كۇۋەجەيتتى، ئەتە ئۈچۈن پىلانلارنى تۈزەيتتىم،پىلان ، شۇنداق موۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى بولغان سۆز پىلان!
   
ئايالمنىڭ يەڭگىيىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىۋاتاتتى،ھەممە ئىشلار نورمال مېڭىۋاتاتتى،ئەمما تۇغۇتتىن تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىلگىرى تەكشۇرۇشتە بوۋاقنىڭ دۇمبىسىدە بىر قارا دۈگىلەك كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن تۇغۇپ بولغانغا قەدەر ئالاھىدە ئىنچىكلەپ تەكشۈرۈش كۆزىتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقى ئېيتىلدى. بۇ خەۋەردىن تۇيۇقسىز بىر يەرگە قاتتىق ئۇرۇلغاندەك سەنتۈرلۈپ كەتتىم، ماڭا بۇ كۈتۈلمىگن زەربە بولغان ئىدى،ھېسسىياتىم تۇراقسىز، قورقۇش، ئىزتىراپ،زەربە، ئۈمىد يوققا چىققاندا بولدىغان كونا بىر تۇيغۇلار ئىسكەنجىسىدە گاڭگىراپلا قالغان ئىدىم.
ئىسىمنى تېپىپ ئەلھەمدۇلىللا، ئەڭ موھىمى ئايالىم ۋە ئۇنىڭ ساقلىقى ئاللانىڭ خالىغىنى بولسۇن!-دېدىم.
تولغاقمۇ كەلدى، كۈتىۋاتاتتىم..دوختۇرخانا ئامانلىق قوغدۇغۇچىسى مېنى مېنى ئايالمىنىڭ يېنىدا بولۇشقا چاقىردى، ئىشلار نورمال ئەمەستەك ئىدى،تۇغۇتى بەكلا قېيىن بولۇپ كەتكەن ئىدى.
مەن نېمە قىلالىشىم مۇمكىن دۇئا! بۇ ۋاقىتنىڭ تىزراق ئۆتۈپ كىتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدىم ئاھ دۇئا! ئايالىمنى ئوراتسىيەخانىغا ئەكىرىپ كەتتى... مەن قەيەردە بولدۇم بىلمەيمەن، ئىسىمگە كىلىپ قارىسام ئۆزۈمنى دوختۇرخانىدىن نەچچە كىلومىتىر يېراقلىقتا پىيادە ھالدا كۆردۈم، دوختۇرخانىغا تىزلا قايتتىم ، دوختۇر ئوپراتسىيەخانىدىن گەپ قىلماستىن چېقىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم،گەپ قىلىشنى خالىمىغان بىر تەلەپپۇزدا ئاللاغا شۇكىرى، قاندالىكى بولمىسۇن ئانا سالامەت بۇ موھىم، بوۋاقنىڭ تەقدىرىنى ھازىرچە بىر نېمە دېيەلمەيمىز-دېدى.
ئايالىم ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئالدىراپ ئۇنىڭ قىشىغا كىردىم، بالىنى كۆرمەكچى بولدى، مەن بالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئالاھىدە بۆلۈمچىدە خاس كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىردەمدىن كېيىن ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇپ كىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆڭلىنى تىندۇرغاندىن كىيىن يۈرۈگۈم پوك-پوك ھالدا بالامنى كۆرۈشكە بولغان ئىشتىياق، قورقۇنۇش ھەممە گىرەلىشىپ كەتكەن بىر تۇيغۇلار ئىچىدە قەدەملىرىمنى ئىغىر يوتكىگنىمچە ئالاھىدە بۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم بالىنى كۆرگىنىمدە كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم.
    
مەنبە:  بۇ مىسىر جەنوپ ۋادي ئونۋېرىستىتىنىڭ ئەدەبىيات باكلاۋۇرى ھەم تېرىنىر، يىتەكچى ئوقۇتقۇچى شەرىڧ موھەممەت ئال سەييىد نىڭ ماقالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ۋەقە  تارىخ پىرسۇناژلار  ھەممىسى چىن ۋە راس بولغان ئىشلار بولۇپ كىلەركى باپلىرى تېخىمۇ يۈرەك تارىڭىزنى چېكىدۇ.




(ئىككىنىچى باب)
تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز رېئاللىق

   
ئوغلۇمنىڭ قىشىغا كېرگىنىمدە، ئىلگىرى ھەرقانچە تەسەۋۋۇر قىلىشقا تېرىشساممۇ، خىيالىمغا كېلىش مومكىن بولمىغان ئاجايىپ غەلىتە بىر نەرسىنى كۆردۇم... كەچۈرۈڭلار، راسلا بوۋاق دېيىش قېيىن بولغان غەلىتى بىر نەرسىنى... كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ يەر-جاھان تەۋرەۋاتقاندەك،شۇنچە كەڭ زېمىن تارىيىپ مىنى سىقىۋاتقاندەك كونترۇللۇقۇمنى يوقاتتىم... قورقۇنچ، ئەلەم بوغۇلۇۋاتقان ئاچچىق پەرياتلاردىن يۈرۈكۈم بوغۇزۇمغا تېقىلىپ قالدى-دېسەم ھەرگىزمۇ يالغان ئېيتقان  بولمايمەن.
سۆڭەكلىرى تۇتۇشمىغان غەيرى ئىللىپىس شەكىلدىكى يوغان كىلەڭسىز باش...پولتىيىپ چېقىپ تۇرغان ئالغاي كۆز...بىر - بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككىگە بۆلۈنگەن يۈز...دۇمبىسىدىكى دۆگىلەك تۈشۈكتىن ئىقىپ تۇرىۋاتقان قان، يەنە ... ئاھ رەببىم! بەرداشلىق بېرەلمىدىم پۇت-قۇلۇمدا جان قالمىدى، قاتتىق قورۇققۇنىمدىن چۆچۈپ كەتتىم.
را س گېپىمنى قىلسام مېنى تېخىمۇ ئەلەمگە سالغىنى مۇبادا ياشاپ قالسا ئۇ بۇ كۆرۈنىشدە ھايات مۇساپىسىنى قانداقمۇ داۋام ئېتەر؟! مەن راستىنلا بالا-قازاغا يولۇقتۇممۇ نېمە؟ تۆت كۆزى بىلەن خۇش-خەۋەر كۈتىۋاتقان ئانىسىغا نېمىمۇ دەرمەن؟! ئۇنىڭ  غەيرى شەكلىگە قاراشقا بەرداشلىق بېرەلىدى دېيىلگەندىمۇ ئۇ بېچارە نېمىمۇ بولۇپ كېتەر -ھە ! دېگەنلەر خىيالىمدىن ئۆتۈپ ئۈلگۈردى.
ئاھ رەببىم ماڭا سەبىر بەر! شۇنچىلىك چۈشكۈن، غەمكىن، مەھزۇن، نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشنى ، نېمە قىلىشنى بىلمىگەن گاراڭ ۋە ئەلەس ھالەتتە بالامنىڭ قېشىدىن چىقتىم، پۇتلىرىم مېڭىشقا قولاشمايتتى، يۈزۈمنى يۇيىۋاتقان دېڭىزدەك ياشلاردىن ئېسىمگە كېلىپ قاتتىق بىر سىلكىندىم ۋە چىن دىلىمدىن  ئىستىغپار ئېتقىنىمچە ئۆز - ئۆزۈمگە شۇنداق خىتاپ قىلدىم! قېنى مىنىڭ ئىمانىم؟! قېنى مىنىڭ ئىرادەم؟! قېنى مىنىڭ جاسارىتىم؟! قېنى مىنىڭ ماتانىتىم؟! قانداق بولغانلىقىنى ئۆزۈممۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن، ئاللا تۇيۇقسىز روھىمغا ئاجايىپ بىر تەسكىنلىكنى  بەخىش ئەتتىكىن كۆيىۋاتقان يۈرۈگۈم دىلكەش بىر سالقىنلىقتىن پەسكويغا چۈشۈپ ئەمىن تاپتى.
ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىپ قايتىدىن ئويلاندىم، كائىناتنىڭ پەرۋىشكارى مېھرىبان ئاللا ھەممىگە تەدبىركاردۇر! بارچىدىن خەۋاردار بارچىگە كۆيۈمچاندۇر! بۇ مېيىپ بوۋاق ھەرگىزمۇ بالا ئەمەس بالدۇر نېمەتتۇر.  نېمە ئۈچۈن بىز سەبىر قىلمايمىز قانداقسىگە ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا رازى بولمايمىز؟! ئاشۇ سەبىر-رازىلىقلىرىمىز بىلەن پەرۋەردىگارىمىزدىن كۈتۈلمىگەن بۈيۈك خەيرىيەتلەرنى ئۈمىد قىلمايمىز؟!
   
ئەمدى پۈتۈن غېمىم  ئانىسىغا قانداق دېيىش، رازىمەنلىك بىلەن قۇبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئامال بار بالىنىڭ ئەھۋالىنى يەڭگىل يەتكۈزۈشتە قالغانتى. ئۇنىڭغا ئىشلارنى چۈشەندۇردۇم،ئاللانىڭ ھۆكۈمىگە رازى بولۇش سەبىر قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ تەسەللى بەردىم، مىدىتسىنا تەرەققى قىلغان دەۋىردە ياشاۋاتىمىز نۇرغۇن ئىشلار ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن چوقۇم بىز ئويلىغىنىمىزدىن ياخشى بولۇپ كىتىدۇ-دەپ روھىنى كۆتۈرۈشكە تېرىشتىم.
ئاياللارنىڭ تەبئىيتى  ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ،  ئۇلارنىڭ قەلبىدە مېھر- مۇھەببەت ھامان ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ، ئۇلار دائىم ئىشلارغا نازۈك ھېسسىيات،چەكسىز شەپقەت كۆزلىرى بىلەن باقىدۇ. شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئايالىم بۇ ئاللانىڭ ھۆكۈمىنى شۇنچىلىك چىرايلىق، ئالاھىدە يۆكسەك بىر ئىھتىرامغا لايىق رەۋىشتە تەسەددۇقى بىلەن قۇبۇل ئەتتىكىن مەن ھەيران قالدىم... ئاللا ئۇنىڭدىن مىڭلارچە رازى بولسۇن!
بىز ئەرەپ جەمئىيتىدە  ئايال، جۈملىدىن ئانا ، ئۇ ئىزىم بۇ شۇناسلارنىڭ، غەرەزلىك ھالدىكى خالىغانچە بۇرمىلاشلىرىدىن، خاتا تەشۋىقاتلىرىدىن قەتئىي نەزەر ئۇ ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈگى، ئاللا سۇبھانەھۇ ۋەتەئالادىن قالسىلا پاناھگاھىمىز تېرىكىمىز،يۆلەنچۈكۈمىز،ۋە قۇرغانىمىزدۇر.
ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ قىشىغا قايتتىم، بالا كەلسە قوش كەپتۇ دېگەندەكلا بولغان ئىدى،  دوختۇر بالىنىڭ دىئاگنوزىنى بايان قىلىشقا چۈشكەن ئىدى، بالىڭىزدىكى كىسەل ئومۇرتقا تۆشۈك بولۇش كىسىلى(spina bifida)-دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئومۇرتقا يۇلۇنىنىڭ غەيرى يېتىلىشى بولۇپ يۇلۇننىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكىدىن ياكى زىيادە ئارتۇق يتىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كىلىدىغان كىسەللىكلەر:يېرىم پالەچ، مىڭىگە سۇ چۈشۈش (hydrocephalus ) كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ غەيرى يېتىلىشىدىن كىلىپ چىققان ئاستا خاراكتىرلىك زىققا، يەنە...يەنە.. يەنە...  دوختۇرنىڭ نېمە دەۋەتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايتتىم، پەقەت  مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن يۆزلىنىشىم كېرەك بولغان زور بىر قېيىنچىلىق ئالدىدا ئىكەنلىمنى ھېس قىلالىدىم. دوختۇر بىر ۋاراقنى سۇنۇپ بالىڭىزنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن جىددى ئارقىمۇ- ئارقا بىر نەچچە قىتىملىق ئوپراتسىيە قىلىنىشى كېرەك، ئوپراتسىيەنىڭ موۋەپپەقىيەتلىك بولۇش بولماسلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيمىز،بەزى ئوپېراتسىيەلەردە ئۈمىد يوق دېيەرلىك يەنە... ۋراقنى قولۇمغا ئىلىپ قەلىمىمنى  ئاستا چېقىرىپ ئىمزا قويدۇم، نەگە قويغۇنىمنى بىلمەيمەن دوختۇر ھەيران بولغان قىياپەتتە خەت ئوقۇشنى بىلمەمسىز ئاۋۋال ئوقۇپ ئاندىن قويۇڭ -دېدى. مەن تېخىمۇ بىر خىل ھەيرانلىق بىلەن يەنە ماڭا باشقا تاللاش بارمۇ؟-دەپ تاشلىدىم، دوختۇر مەنىسىنى ئاڭقىرالمىغان بىر نەزەردە قارىدىدە قولۇمدىن ۋاراقنى ئىتتىك ئىلىپ كىتىپ قالدى، جىمجىتقىنە ھېسداشلىق...
بېشىمىزدىن  ئۈمىت، ئەلەم، رازىمەنلىككە تولغان  ئېغىر كۈنلەر ئۆتتى... مۆجىزە يۈز بېرىۋاتاتتى بالام كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتاتتى،يۈزلىرى كۈندىن -كۈنگە نورلۇنۇپ مەسۇم چېھرىدە گۈزەللىك پارلاۋاتاتتى، ئاللا ئۇنىڭغا ئۆز دەرگاھىدىن جەلىپكار بىر ھۆسۈن ئاتا قىلىۋاتقاندەك ئىدى، ئۇلۇغ رەببىم بالامغا شۇنچىلىك مېھرىمنى سالدىكىن ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا ساغلام بالا بولغان بولسا بۇنچىلىك مېھىرلىك بولۇشىمغا ئىشەنمەيتتىم.
بىز تېخىمۇ چوڭ قېيىنچىلىققا دۈچ كېلىۋاتاتتۇق، ئۇ بولسىمۇ كىشلەرنىڭ بىزگە، بالامغا ، ئۈمىتسىزلىك، ئېچ ئاغرىتىش، شەپقەت كۆزلىرى بىلەن بېقىشى ئىدى.بىز ئاللىقاچان رازى بولغان ئىدۇق،بەلكى رازى بولۇشتىن ھالقىپ بەخت ۋە مەمنۇنىيەت تۇيغىلىرىغا چۆمۈلگەن ئىدۇق... كىشلەرنىڭ ئاشۇ نەزەرلىرى بىزنى ئۆلتۈرەتتى، روھىمىزنى سۇندۇرماقچى بولاتتى... ئۇلار ئۇنى قەدىر مۇسىبەتلىرىن بىر مۇسىبەت -دەپ قارايتتى، قايسى ھالەتتە بولمىسۇن ئاللانىڭ بىزگە رەھىم قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.  ئەمما بىز ئۇنى ئىھسان، ئىمان ، ئامان - دەپ قارايتتۇق، ھەم شۇنداق ئىدى.
ئۇنى ئابدۇررەھمان-دەپ ئاتىدىم، چۈنكى مەن ئاللانىڭ  كۆپ مەرھەمەت قىلغۇچى، سورىغاندىن ئارتۇق بەرگۈچى، سوراشتىن ئىلگىرى بەرگۈچى، مەننان سۈپىتىگە، بارچىگە مىھرىبان رەھىم سۇپىتىگە شەكسىز ئېشەنگەن ئىدىم، ئوغلۇم رەھماننىڭ بەندىسى ئىدى..
ئۇنى ئابدۇررەھمان-دەپ ئاتىدىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭ تەقدىرىمىزنى پۈتۈنلەي كونترۇل قىلىپ تۇرغۇچى، ئىش - ھەركەتلىرىمىزگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى مىھرىبان مەرھەمەتلىك ئاللانىڭ رەھمىتى، نېمىتى، ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشەنگەن ئىدىم.. ئوغلۇم رەھماننىڭ بەندىسى ئىدى ھەم شۇنداق بولدى.



(ئۈچىنچى باب)
بىرتەرەپتىن ئۆگۈنۈپ بىر تەرەپتىن ئىلگىرلەش


يۈكىمىز نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئېغىر بولدى،بالا بىقىشتىن تەجرىبىمىز يوقلا دېيەرلىك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىزنىڭ تۈنجى بالىمىز ھەم ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىھتىياجلىق تۇرسا... كۆزەتتۇق، ئىزدەندۇق، ئۆگەندۇق، بەزىدە خاتالاشساق بەزىدە توغرا قىلدۇق. بېشىدا قېيىنچىلىق مەن بىلەن ئانىسى ئوتتۇرسىدىلا بولغان بولسا كېيىن بالامنىڭ كۆزلىرىدە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ بىزگە تېخىمۇ چوڭ ئەلەم بولدى... ئاشۇ ئەلەملەرنى  بالامنىڭ ئورنىدا ئۆزۈمنۈڭلا كۆتۈرۈشنى قانچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم-ھە! كۆزىدىكى يېشىنى ئۈزۈل كېسل سۈرتۈشنى نەقەدەر ئۈمىد قىلاتتىم-ھە! ئۇنىڭمۇ باشقا تەڭتۇشلىرىگە ئوخشاش ئۆمىلەپ ئۆينىغانلىرىنى كۆرۈشنى لەۋلىرىدە تەبەسسۇمنىڭ جىلۋە قىلشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىمكى...
بىر تەرەپتى ئۆگۈنۈپ بىر تەرەپتىن ئىلگىرلەۋاتاتتۇق، ھەممىگە بارا- بارا ماسلىشىۋاتاتتۇق،خېلى تەجرىبىلىكمۇ بولۇپ قالغان ئىدۇق، ئابدۇررەھمان ھاياتىمىزنىڭ ئايرىلالماس بىر قىسمى بولۇپ قالغان ئىدى.

تەجرىبىنىڭ ئۆزىلا يىتەرلىك ئەمەس ئىدى،قولىمىز دىن تۇتۇپ يىتەكلەيدىغان ئۇنى ھەر جەھەتتىىن تەربىيەلەشتە ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلاغا، ئابدۇررەھماننىڭ جىسمانى ۋە روھى يېتىلىشكە مۇۋاپىق ئەڭ توغرا ئۇسلۇبتا مۇئامىلە قىلىشىمىز ئۈچۈن  بىزنى تەربىيەلەيدىغانلارغا مۇھتاج ئىدۇق. بۇ ئىھتىياجىمىزنى سۇلتان ئىبن ئابدۇلئەزىز ئالىيلىرى باشچىلىق قىلغان بالىلار مېيىپ جەمئىيتى ھەر جەھەتتىن قامدىدى، ئەۋۋىلى ۋە ئاخىرىدە ياردەمچىمىز  ئاللا سۇبھانەھۇ ۋەتەئالاغا شۈكىرلەر بولسۇن! ئۇندىن قالسا بۇ جەمئىيەت بىزگە ياخشى ياردەمچى بولۇپ نۇرغۇن تەلىم-تەربىيە قاتناش خىزمەتلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىن ئەتتى. ئابدۇررەھمان ئۇچاغلاردا ئىككى ياشلارغا كىرىپ قالغان ئىدى. جەمئىيەت مېيىپلىق بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشى ، جىسمانىي جەھەتلەردىن قانداق تەربىيەلەش، ئەقلى ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە نۇرغۇن مەلۈمات ئەمەلىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلىدى، ئابدۇررەھماننىڭ بۇ  جەمئىيەتتىكى تەربىيلىنىۋاتقان تەڭتۇش باللاربىلەن ئارلىشىشى ئۇنىڭغا ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى، نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزىگە تايىنىشنى ئۆگەندى ،جىمغۇرلۇق ياۋايىلىقتىن تېتىكلىككە ئىجتىمائىيلىققا قاراپ يۈزلەندى،ئۇنىڭ چھرىدە تەبەسسۇم ئەكىس ئېتىشكە باشلىغىننى سەزگىنىمدە ئالەمچە بەخت تۇيغۇلىردا ئەللەيلەندىم.
ميىپلىق دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى بىلدىم... ئۇنىڭ بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەندىم.  بىزنى سەمىمي قولللايدىغانلارنى، بەدەلسىز خالىسانە ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلارنى ئەتراپىمدا كۆردۈم...ۋەتەننىڭ ۋەتەنداشلىقنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ۋە مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى قايتىدىن چوڭقۇر ھېس قىلدىم...ۋەتىنىم خەلقىم ئۈچۈن بولغان موھەببىتىمنىڭ بەكلا ئاز ئىكەنلىكىنى، ۋەتىنىم ئۈچۈن قىلغان شۇ غايىلىرىم ئارزۈ-ئارمانلىرىمدا ھەرگىزمۇ خاتالاشمىغىنىمى ھېس قىلدىم...
ئەمدى تېخىمۇ قېيىن بىر باسقۇچقا كەلگەن ئىدۇق.

تۆتىنچى باب

مەن، ئوغلۇمۋە جەمئىيەت

بۇ مەزگىلنىھاياتىمىزدىكى بولۇپمۇ ئابدۇررەھماننىڭھاياتىدىكى ئەڭ قېيىن بىر باسقۇچ بولدى دېسەك بولىدۇ، ئىلگىرىقېيىنچىلىق، ئۆيدە ئېلىپ بېرىلدىغان نەيچە كىرگۈزۈپ تىببىي داۋالاش ۋە ئۇۋلاپ ھەركەتلەندۈرۈپ  تەبىي داۋلاشلاردا كۆرۈلدىغان جىسمانىي ئاغرىقلاردا ئىپادىلەنگەن بولسا ئەمدى تىخىمۇ قېيىن بولغان مەنىۋىي قىيىنچىلىقتا ئىپادىلىنىۋاتاتتى.

بىزنىڭ ئۇنىجەمئىيەت بىلەن ئالاقە قىلدۇرۇش ئۈچۈنئۇرۇنۇشلىرىمىز دەسلىپىدە ئۇنىڭغا ئەكىس تەسىر بەردى،چۈنكى ھازىر ئۇ ئەتراپىدا بولىۋاتقان ئىشلارنى ئاڭقىراشقا چۈشىنىشكە باشلىغان ئىدى، خەلقمىز مېھرى-شەپقەت خاراكتېرى ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىگەن ھېسسىياتچان خەلق ئىدى،توغرا بۇ بىز شەرق ئەللىرىنىڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ يۈز-تۈرانە ئۇچراشقاندا ئېچ ئاغرىتىش بىلەن باققان ھېسداشلىق كۆزلىرى بالىغا سەلبىي تەسىرلەرنى بېرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۇستىگە بالا ئۆزتەڭتۇشلىرىدىن پەرىقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ تەڭتۇشلىرى راۋان سۆزلەيتتى مېڭىپ ئوينايتتى بالام بولسا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا نەزەر سالاتتى...

بالامنىڭكۆزلىرىدە ئىپادىلىنىۋاتقان ئەلەملىكبىقىشلارنى يوقىتالىسام-دەپ ئويلايتتىم، ئۇلارنىڭ خەيرىخاھلىق كۆزلىرىنىڭ ئورنىغا ئىلھاملداندۇرۇش ، رىغبەتلەندۇرۇش كۆزلىرى ئالماشسا-دپ ئارزۇ قىلاتتىم،مىنىڭچە بولغاندا كىسەلگە ئۇنىڭ ھالىنىڭ نۇرغۇن كىشلەردىن ياخشى ئىكەنلكىنى ھېس قىلدۇرالىغىنىمىزدا داۋالاشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈمى بولاتتى.

بۇقىيىنچىلىقلارنىمۇ يېڭىشكە تېرىشتىم، ئىشەنچ-جاسارەتئاتا قىلدىغان سۆزلەر بىلەن ئۇنى ئىلھاملاندۇردۇم، رىغبەتلەندۇرۇشلەرنىڭئۇنىڭ روھىي ھالىتى ۋە  پسىخولوگىيسىگە نىسبەتەن ئىنتايىنياخشى تەسىرى بولدى.

ھاياتتىكىمەنانى ئابدۇرراھماندىن تاپتىم،قايغۇ-ئەلەملىرىمنىيەڭدىم،بالىنىڭ ھاياتىدىكى شۇ قىيىن مەزگىللەردىن ئۆتۈش ئۈچۈنكۆرسەتكەن مۇستەھكەم ئىرادەم بوشاشماستىن چىڭ تۇرۇشۇم تۇرمۇشۇمدىكى قانۇنىيەتكە ئايلاندى،بالىنىڭ جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىشىئۆزىنىڭ باشقا بالىلاردىن تۆۋەن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن مەندىن سادىر بولغان ھەربىر ئىش-ھەركىتىم، گەپ-سۆزۈم،بىقىش-قاراشلىرىمغىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەنىۋىي كۈچ روھىي داۋالاش ئورنىدا ھايات ئستىلىمگە ئايلاندى.

ئوغلۇمئائىلەم ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەت-ئىنىرگىيەمنىسەرەپ قىلىۋاتقان شۇ ۋاقىتلاردا، قايغۇ-ھەسرەتلىرىمنىيۇشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان شۇ لەھزىلەردە، مۇستەھكەم قەدەملەربىلەن ئالغا قاراپ مىڭىۋاتقان شۇ پەيتلەردە، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چېقىرىپ زور  تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇش ئارزۇلىرىدىن ۋاز كېچىپ  ھەممىنى... ھەممىنى... بارلىقىنى قۇربانقىلۋاتقان سۈيۈملۈك بەرنايىمىز پەردە ئاقىسىدىكى قەھرىمانىمىزئوغلۇمنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ئابدۇررەھمان بىز بىلەن بىرگە ئىدى. مېھرىبانلىقىبىلەن بىزگە يۆلەك بولسا، مۇنبەتلىكى، ئىسىللىقىبىلەن جاسارەت-رىقابەت ئۇرۇقلىرىنى بىخلاندۇراتتى. قانچەقىتىملاپ ئۇنىڭ چېھرىدە ھارغىنلىق-چارچاشنىڭ ئالامەتلرىنىكۆردۈمكى ئەمما دائىم ئۇنى يۇشۇرۇشقا تىرىشاتتى، دائىملا بىزگەئەتىمىز ئۈچۈن ئۈمىد ئاتا قىلىپ تاغلاردەك جىمجىتلىق ۋە جاسارەت بىلەن يىنمىز دا تۇراتتى، ھايالىق بېقىشلىرى بىلەن بىزنى ئىلھاملاندۇراتتى... چاناقلىرىغا تولغان كۆز ياشلىرىنى قانچە قىتىملاپ ئىچىگە يۇتىۋەتتىكىن بىز كۆرمىدۇق...قانچە قىتىملاپ ئەڭ ئىغىر لەھزىلەردە كۈلۈمسىردىكىن تاغدەك  كۈلپەتلەر  يەلكىمىزدە تۇرۇپمۇ ئۇنىيەڭگىل ھېس قىلدۇق.

ھاردى ،چارچىدى، ئازاپلاندى،بىزئۈچۈن، توسالغۇلاردىنئوڭۇشلۇق ئۆتىشىمىز ئۈچۈن ھەممىگە بەرداشلىق بەردى، بىراۋنىڭ كىبىرۋە مىننەت  بىلەن ياردەملىشىشىنى ئالىجاناپلىق بىلەن رەت قىلدى، ھېچقانداق ۋايسىماستىن ۋە ئاچچىقلانماستىن ئۆز مەسئۇلىيتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلدى،بىزگە بىرەر قىتىممۇ ئۇنىڭغا يۈك بولۇپ قالغىنىمىزنى ھېس قىلدۇرمىدى بەلكى بىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت مەنبەسى ئىكەنلكىنى بىلدۈرۈپلا كەلدى. ھەممەيلەن بىر-بىرىمىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان بولدۇق.


(بەشىنچى باب)

ئۈمىدۋە ئىلىم سەپىرى ئامېرىكا قوشما شىتاتى


قايغۇلىرىمىزنىتىزگىنلەپ ئۇنى يەڭگەن، بەخت-سائادەتكەيېقىنلاپ چېھرىمىزدە  ئارمانسىزلىق، خۇرسەنلىك نورلىرى جىلۋەقىلىپ قەلبىمىزنى رازىمەنلىك ئەسرا قىلغان ، ئۆزۈمنىڭ ئابدۇررەھمان ئۈچۈن كۆرىدىغان كۆزى، سۆزلەيدىغان ھالەت تىلى،ئاڭلايدىغان قۇلىقى،چۈشىنىدىغان ئەقلى،ماڭىدىغان پۇتى، ئۇنىڭ كىچىككىنە دۇنياسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان بىر جۈپ قانىتى بولۇپ قالغانلىقىمنى ھس قىلغان ، بىز گوياكى بىر تەن بىر جان بولۇپ بىر-بىرىمىزگە شۈنچىلىك باغلانغان ئايرىلىش مۇمكىن ئەمەس دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن شۇ كۈنلەردە، مېنى خىزمەت ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ  ۋەزىپەمنى ئىجرا قىلىشقا ئاللادىن قالسىلاموھىم ياردىمى بولدىغان ئامىركاقوشما شىتاتىدىكى پىراكتىكا كۇرسىغا ئۈزۈن مۇددەتلىكئوقۇشقا ئەۋەتىلدىغانلىق بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.

  بۇنىسىخىي ۋەتەننىڭ پۇخرالىرىغا قىلىۋاتقانكۆڭۈل بۆلۈشى،جۈملىدىن ماڭا قىلىۋاتقان ئالاھىدە  غەمخورلۇقى-دەپ چۈشەنسەممۇ خەۋەر ماڭا بەك تۇيۇقسىز ھەم ئېغىرتۇيۇلدى. ئۈنچە خۇشال بولالمايۋاتاتتىم،ئوغلۇمدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدىم، ئۆز-ئۆزۈمدىن  بۇ كىچىككىنەئائىلەم مەنسىز قانداق قىلار -دەپ سورايتتىم، بولۇپمۇ ئابدۇرراھمانىممەن بولمىسام قانداق ھېسياتتا بولار؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئيتقاندا مەندادىلا ئەمەس كىملەر بولمۇدۇم؟!

  ھاياتىمداپەيدا بولغان  ھەربىر يېڭىلىقنىڭئەڭ پارلاق تەرەپلىرىگە نەزەر تاشلاشقا ئادەتلەنگىنىمدەك بۇ قىتىممۇرەببىمنىڭ شۇ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى پىچىرلىغىنىمچە : (سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر ) بەلكىم كىم بىلىدۇ بۇسەپەردە خەيرىيەت-ھېكمەتلەربولۇشى، ئۈمىدكى ئىلىم-تىبابەت،سېھىر-لاتاپەت بىلەن تەرىپلىندىغان ئامېرىكا قوشما شىتاتىدا بالامنىڭكىسىلى ئۈچۈن بىر ئىلاج چىقىپ قالسا  پۈتۈنلەي بولمىسىمۇ ئازراق بىر قىسمىغا بولسىمۇ ئەجەپ ئەمەس دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.   مەن سىلەرگە يۇشۇرماستىن دېسەم ئوغلۇمنىڭ ياخشىلىنىىشئۈچۈن بولغان ھەرقانداق بىر پۇرسەتنى قولدىنبەرمەسلىككە قەسەم قىلغان ئىدىم،بىراق ئائىلەمدىكىلەر بۇنىڭغاقانداق پوزىتسىيەدە بولار؟ غەملەرنى كۆڭلۈمدىن قوغلاپ ئىرادەمنى يېڭىلاپ ئۆيگە كىلىپ ئۇلارغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدۈم، ھەمدە دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن شۇنداق دېيىشكە باشلىدىم ، ۋەتەن ئۈچۈن خزمەت قىلىشتەك شەرەپلىك بۇرچ مېنىڭ ئۇ يەرگە برىشىمنى تەقەززا قىلىۋاتىدۇ، سىلەرگە قېيمىساممۇ ئەنسىرسەممۇ، ۋەتەننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىسام قەتئىي بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۆزرە سورىشىمغا سەپەرنى كېچىكتۈرۈشۈمگە رۇخسەت يوق يەنە مەن ... يەنە... يەنە... ئەبا ئابدۇررەھمەن (ئابدۇررەھماننىڭ دادىسى دېمەكچى)-دەپ مۇلايىمغىنە سۆزۈمنى بۆلدى ئايالىم، ئەگەر بۇسەپەردىن بىزدىن ئەنسىرەپلا دىلغۇل بولىۋاتقان بولسىڭىز بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ، بىزنى قادىر ئاللاغا تاپشۇرۇڭ ئشىنىڭكى  ئۇ مەرھەمەتلىك زات بىزنىھەرگىز زايا قىلمايدۇ... ئىختىيارسىز بىر ھۆرمەت بىلەنسۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم، كۈلۈمسىردىم دىلغۇللۇقۇمتاراپ تۈگۈنلەر يېشىلدى، ئېچىمدە ئاللاغا ھەمدە ئېيتتىم.ئۇنىڭغا تەكىتلەپ بۇ سەپەرنىڭ  بالىنىڭ كىسىلى ئۈچۈن دەۋا ئىزدەشنىڭ ياخشى بىر پۇرسىتى ئىكەلكىنى-ئېيتتىم، ئۇ يەنە شۇ تەمكىنلىكى بىلەن ۋەتەن مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا-دېدى... سۈكۈتكە چۆمدۇق.


ئايرىلىش مىنۇتلىرىيىتىپ كەلدى...بالام بىلەنخوشلاشتىم ، ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئاللاغا تاپشۇردۇم، يۈرىكىم ئايرىلىش ئەلىمىدىن ئاللىقاچان پارە-پارە بولۇپ كەتكىننى يۇشۇرۇپ نېمىمۇ قىلاي؟! ھەتتا ئۇمۇ...ئۇنىڭ ھاياتىدا بۇمنىڭ تۈنجى قىتىم يوق بولۇشۇم ئىدى كۆزلىرىگە باقتىم، لىققىدە ياشقا تولغان كۆزلەر! مەن  ھەسرەت-ئەلەملىرىمنى خۇرسىنىش-ئاھلىرىمنى تىزگىنلىگىنىمچە يۈرۈگۈم قۇپقۇرۇق ھالدا ئۆيدىن چىقتىم، نەپەسلىرىم قولاشمايتتى، كۆزلىرىمگە ئۇلاشقان ياشلارنىتوسىغىنىمچە خۇددى كۆز ئالدىدىكى ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەكبوينۇمدىن سۆرىگىنىمچە ئايرۇدۇرۇمغا قاراپ يولئالدىم.

ئاللانى ۋەۋەتىنىمنى ئويلىمىسام كەينىمگە يىنىپكەتكەن بولاتتىم... رەببىم شاھىتكى  ماڭا بۇ يۇرۇت ئاللانىڭ يۇرۇتلىرى ئېچىدىكى ئەڭ سۈيۈملۈك يۇرۇتتۇر، ئەگەر ئىلىم ۋە رىزىق تەلەپ قىلىش بولمىغىنىدا مەن بۇ سۈيۈملۈك يۇرۇتتىن ئەسلا چىقمايتتىم!

ئورنۇمغاجايلاشتىم ئايروپىلان كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى،قەلبىمدىكى يېقىنچىلىق تونۇشلۇقلار كۆتىرلىۋاتاتتى... ئايروپىلان چاقى ۋاشىڭگىتۇن دى سى ئايرىدۇرۇمىنىڭ ( Washington DCAirport ) تۇپرىقىغا قونۇشى بىلەنلا قەلبىمگە ياتسىراش غۇربەتچىلىك- مۇساپىرلىقنىڭ توزانلىرى قونۇشقا باشلىدى.

تامۇژنارەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولۇپ ئەڭ يېقىنئەتراپدىكى ئالاقىلىشىش ئورۇنىدىن ئۆيدىكىلەرگە تىلڧۇن قىلىپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ تىلڧۇننى قويدۇم، كۆز ياشلىرىمنى سۇرتكىنىمچە ئاللاغا دۇئاقىلدىم.

تىزلا ئوقۇشقاكىرىشىپ كەتتىم، ئۇنىڭدىنمۇ تىز ھالدائوغلۇمنىڭ كېسەللىك تارىخىنى كۆرسىتىپ بېقىش ئۈچۈن دوختۇرخانلارغاچاپتىم،ئاخىرى بىر دوختۇرخانىدىن ئۇچۇرغا ئېرشىتىم ئەمما ئۇلاردېگەن ۋاقىت لېكسىيە تۈگەپ بىر نەچچە مىنۇت كېيىنەىلا ئورۇنلاشتۇرۇلغانبولغاچ بەكلا جىددىيلەشتىم، دەرستىن چۈشۈپلا ماشىنا ئىجارىگەئالماقچى بولغان بولساممۇ مومكىن بولمىدى، پۇل تىجەش ئۈچۈن سىتىۋالغائاددىلا ۋىلىسپىتىمنى ھەيدىگىنىمچە دوختۇرخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم،ھاۋا ئىنتايىن ناچار ئىدى، قاتتىق يامغۇر يېغىپ بوران چېقىۋاتاتتى، كىشلەر، شامال ئىتتىرىپ يامغۇرغا چىلىشىپ بار كۇچى بىلەن ۋىلىسپىت ھەيدەپ كىتىۋاتقان ماڭا كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن ھالدىكى ھەيرانلىق بىلەن قارايتتى، يۈرىگىمدە ئوغلۇم ئۈچۈن يېنىۋاتقان ئوتنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ يامغۇرىنىڭ ئۆچۈرەلىشىدن نەچچە ھەسسە ھارارەتلىك ئكەنلكىنى ئۇلار بىلىشكە قادىر بولالمايتتى، مەن ھەممىنى ئۇنتۇغان ئىدىم.

دوختۇرخانىغايېقىنلاشقانسېرى ۋۇجۇدۇم تىترەپ،نەپىسىم تىزلىشىپ تۇيغۇلۇرۇم لاۋۇلداۋاتاتتى، بالامنىڭ ماتىرياللرىنىڭيۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى قوينۇمغا سىلىم مەيدەمگە مەھكەمتېڭىپ يۈرىكىمگە چىڭڭىدە باغاشلىۋالغان ئىدىم...

رەببىمگەبولغان ئۈمىت ۋە ياخشى تىلەكلەر قورشاۋىي ۋەھەيدىشىدە دوختۇرخانىغا كىردىم، ئۇستى-بىشىم چىلىق-چىلىق ھالدا دوختۇر بىلەن كۆرۈشتۇم، قولۇمنى كىيىملىرىم ئىچىدىن سوزدۇم، بالامنىڭ ماتىرياللىرى چېقىرىپ  ئۇنىڭغا سۇندۇم، بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى دوختۇرنىڭ ئالدىغا قويدۇم، ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن پۈتۈن ئۈمىدىمنى ئاللانىڭ ئالدىغا قويدۇم...

دوختۇرماتىرياللارنى ۋاراقلاپ بىر قۇر كۆرۈپچىققاندى كېيىن، بالىنىڭ ئۆزىنى ئەكىلىشىڭلار كېرەك-دېدى، ئۇنىڭدىن <<بالىڭىزنىڭ شىپا تېپىش ئىمكانىيتى بار>>دېگەن بىر ئېغىز سۆزنىئاڭلاش ئۈچۈن شۇنچىلىك ئۇرۇندۇم ئەمما بالىنىڭ ئۆزىنى ئەكىلىشىڭلار كېرەك دېگەننى تەكرارلىدى.

مەنمۇئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ كىلىشنى ئويلاشقانبولساممۇ ئۇنىڭغا چاماپ يەتمەيۋاتاتتى، ۋاقتىم لىكسىيە ئاڭلاش، تەكرارلاش، ماقالە يېزىش بالامنىڭ ساقىيىپ قىلىشى ئۈچۈن داۋا ئىزدەش بىلەن ئالدىراش ئۆتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇيەردە بىزنىڭ ئەرەب يۇرتلىرىمىزدىكىدەك مېھر-شەپقەت ئىجتىمائىي كاپالەتنى بىلمەيدىغان كاپىتالىزىمنىڭ قاتتىق بىسىمنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىۋاتاتتىم، يۇقىرى ئىستىمال سەۋىيىسىدىن باشقا مېيىپ بالىلارنىڭ چىقىمى بۇ دۆلەتتە كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئىدى. ھەم بىز بۇ ئارلىقتا يەنە بىر پەرزەنتىلىك بولغان ئىدۇق،بۇ بىزنىڭ مۇساپىرچىلىقتىكى يۇكىمىزنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋىتىش مۇمكىن ئىدى.

رىقابەتكەيۈزلەندىم، ئائىلەمدىكىلەرنى ئىلىپكىلىشكە يىتەرلىك پۇل ھەل قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر نەرسىلەرنى ئىلىپ نۇرغۇن تولۇقلىما نەرسىلەردىن ۋاز كەچتىم، مەن قىلالەيمەنمۇ؟!

ئاللاغاشۈكىرلەر! يىتەرلىك ئىقتىساد ھەل قىلىپ ئائىلەمدىكىلەرنىئىلىپ كىلىش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتتىم، ئۇلارنى ئىلىپ بالامغائىنچىگە دىئاگنوز قويۇلۇپ سالامەتلكىدە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرلەشبولغىننى كۆرىمەن دېگەن گۈزەل ئۈمىتلەر بىلەن قايتا ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدىم.


ئائىلەمدىكىلەر ئىلىپ ئامېرىكىغا كەلگەن شۇ كۈن ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئايروپىلان جون ئىڧ كىننىدىي  (John F . Kennedy international Airport ) ئايرودرومىغا قونغانتى، بۇ ئايرپورت مەن تۇرۇۋاتقان ئورۇنغا ئەڭ يېقىن بولغان ئايرودرومدىن يەنە ئالتە سائەت ئايروپىلان يولى ئىدى، نىيۇ ئولىنز (New Orleans )ئايرودرومىغا بېرىش ئۈچۈن ئايروپىلابغا چىقتۇق.  دېگەندەك قاتتىق چارچىغان ھالدا ئايرودرومدىن چېقىپكەلدۇق، بالامنىڭ ئەھۋالى ئۆزگىرىپ قىلىۋاتاتتى، دېمى سىقىلىپ نەپەس ئېلىشى قېيىنلىشىۋاتاتتى، يول بويى ئەنسېرەپ ھېچ ھالىم قالمىغان ئىدى. تۇرۇشلۇق ئورنۇمغا يېتىپ بېرىش  ئۈچۈن  يەنە ماشىنىلىق ئىككى سائەت مېڭىشىمىزغا توغرا كىلەتتى. قىلغان ھەممە ئىشىمدا جىددىيلىشىپ ، تەمتىرەپلا قىلىۋاتاتتىم، ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك بىز چۈشكەن شەھەر ھىلىلا تېخى خېلىلا قاتتىق بوران زەربىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ ھەممە يەردىن مۇدھىشلىك يېغىپ ئادەمگە ئەنسىزلىك بېغىشلايتتى، قاتناش ۋاستىلىرى يېرىم قولايسىز ھالەتكە ئۆتكەن بولۇپ ماشىنا ئىجارىگە ئېلىش ئۈچۈن شۇنچىلىك ئۇرۇنساممۇ ھەممىسى بىكار كەتتى. بۇ ئەنسىز شارائىتتا تېخىمۇ جىددىيلىشىپ ئوغلۇم ئائىلەمدىكىلەردىن ئەنسىرەپ  قاتتىق ۋەھىمە ئېچىدە قالدىم،ئاخىرى بىرەيلەن بىزنى بارماقچى بولغان يېرىمىزگە يەتكۈزۈپ قويدىغان بولدى ئۇنىڭ بىلەن ماشىنىغا چىقتۇق، يېرىم ۋايرانچىلىققا ئۇچرىغان يوللاردىن ئۆتىۋاتاتتۇق،يېلتىزىدىن قومۇرلۇپ كەتكەن دەل-دەرەخلەر، بوران زەربىسىدىن پاچاقلىنىپ كەتكەن ياغاچ ئۆيلەر، يەردە سۇنايلىنىپ ياتقان چىراغ سىتولبىلىرى... بۇ كۆڭۈلسىز ھالەت ماڭا تەسىر قىلىپ كۆڭلۈمنى بىرخىل ئەندىشە، غېرىپلىق ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان ئىدى، توۋا! ئەنسىز موھىتنىڭ ئادەم روھىيتىگە بۇنچىلىك سەلبىي تەسىرى بولدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن، ئىرادەم بوشام، روھىم سۇنۇۋاتاتتى، خىيالىمغا يەتمىگەن يامان ئىشلار قالمايتتتى، ئۆزۈمنى ئۈنسىز ئەيىپلەيتتىم، ھەي نېم قىلىپ قويدۇم؟ ئائىلەمدىكىلەرنى بۇ يات ئەلگە ،غېرىپلىق بۇرنىنى ئېچىشتۇرۇپلا  تۇردىغان خەتەرلەر قورشاۋىدىكى بۇ يۇرتقا ئەكىلىمەن-دەپ نېمانچە قاراملىق قىلغاندىمەن-ھە!؟ رەببىمدىن بۇ لەھزىلەرنى تېنچ-ئامان ئۆتكۈزىۋىتىشنى تىلەپ يېلىناتتىم...
بوران ئاپىتىدە  ۋايرانچىلىققا ئۇچرىغان يوللار تېخى ئوڭشالمىغان بولغاچ ماشىنا ئاستا-ئاستا مېڭىۋاتاتتى،  شۇ چاغدىكى تەشۋىش-ئەندىشلىرىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن، كېمىسىنى بوران ئۇرۋىتىپ نېمە قىلىشنى بىلمەي تېپىرلاپلا قالغان كېمە باشلىقىغا ئوخشاپ قالغان ئىدىم، ئوغلۇمنىڭ نەپەس ئېلىشى تەسلىشىپ ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق ئوتتۇرسىدا تېركىشىۋاتاتتى، ئۇنى بۇ يەرگە ئۆلۈش ئۈچۈن ئەكەلگەن بولىمەنمۇ ئەمدى؟ كۆزلىرىم ئېچىشىپ يۈرىكىم پۇچىلىنىپ كەتتى، ئەستەغڧىرۇللا! مېنى ئەپۇ ئەت رەببىم! مېنىڭ شۇ لەھزىلەردە غەملىرىمنى ئالدىغا قويدىغان ئاللادىن باشقا كىمىممۇ بولسۇن!
ئوغلۇم ئابدۇرراھماننى يوتامدا ئولتاغۇزۇپ،كېچىك قوزامنى باغرىمغا باسقىنىمچە رەببىمگە يۈزلەندىم...
قارارگاھىمىزغا ئاللانى ئىنايىتى پەزلى-كەرىمى بىلەن سالامەت يېتىپ كەلدۇق، رەببىمگە ئېچ-ئېچىمدىن ھەمدىلەر ئېيتىپ ئوھ دېدىم ۋە ئوغلۇمنىڭ كېسىلىگە داۋا ئىزدەش سەپىرىگە تۇتۇش قىلدىم.
ئۈمىد ۋە ئۈمىتسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئارقىمۇ ئارقا تەكشۈرتۈش، كۆرسىتىشلەرنى باشلىۋەتتۇق، ئىلاجى چېقىپ قالار دېگەن ئۈمىتتە نۇرغۇن ئىشلارغا بەردەشلىق بەردىم، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلۇدۇم، ئۈمىتسىزلەنمىدىم بوشاشمىدىم ،كىچىككىنە ئۈمىد ئۇچقۇنىنى كۆرسەملا ئۇنىڭغا پەرۋانىدەك ئۆزۈ

ئەڭ ئاخرقى باب

ئىمارەتتىن قايتىپ كىلىپ شۇنداق گۈزەل بىر كۈنلەرنىھىس قىلىۋاتاتتۇق،چۈنكى بىز بىرئىش قىلالىغان ئىدۇق،ۋەتىنىمىزنىڭ بىزگە ئاتا قىلغانچەكسىز ساخاۋەتلىرى بەدىلىگە كېچىككىنىە بولسىمۇ ھەسسىمىزنى قوشالىغانئىدۇق.قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنىڭ ئىپتىخارى، ۋەتەن بايرىقىنىكۆكتە لەپىلدىتەلىگنىمىزدىن تۇغۇلغان غۇرۇر ، بەخت سېزىمى ئىلكىدەبېشىمىزنى تىك كۆتۈرۇپ شاتلىق ھۆزۈرى سۈرىۋاتاتتۇق. بۇلاردىنمۇ موھىم بولغىنى بىز ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇل ھەم جاۋابكار ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتكەن ئىدۇق، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۇ ئىپادىلەش قېيىن بىر تۇيغۇدۇركى__سەن ئىنسان بولدىكەنسەن مەۋجۇتلا بولدىكەنسەن ئەتراپىڭدىكىلەرگە ئىجابىى تەسىر كۆرسىتىپ مەنپەت يۇقىتىپ ياشىشىڭ كېرەك...
دۆلەت ئېچى ۋەسىرتىدىكى ئەرەب ئاخبارات ۋاستىلىرى بەس-بەستە ئابدۇررەھمان توغرىسىدا خەۋەرلەرنىبېرىۋاتاتتى.   "تېخى سەككىز ياشقا تۇشماي تۇرۇپئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن مۆجىزە بالا"  " ئۇ راستىنلا ئالتۇنغا مىدال ئالدى" ئۇ بۇچاغلاردا ئەلەملىرىنى يۈشۈرۈپئەتراپىدىكىلەركە كۈلۈمسىرەپ باققىنچە دەرىسلىرىدە، مەشىقلىرىدە ئىلگىرلەۋاتقانكۆرەش قىلىۋاتقان بولاتتى.
ھاياتىمىزدا مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلغاندىن باشقا ئالاھىدەئۆزگىرىش بولمىدى.
مەن مۇشۇ دەقىقىلەردە بىزنى ماددىي- مەنىۋىي جەھەتلەردىنقوللىغان ئىلھام بەرگەن   ئالىھىممەتلىك ،يۆكسەك مەنىۋىيەتلىك ،ئالىيجاناپ مەرت-ساخاۋەتلىكئىش ئەھلىلىرىنى بىرمۇ-بىر خىيال كۆزلىرىمدىن ئۆتۈپ ئۈلگۈردى.ئۇلاربىلەن ۋەتەن گۈللەيتتى، نۇرغۇن چىمپىيۇن قەھرىمانلار يېتىشىپچىقاتتى، غەلبە-موۋەپپەقىيەت، مۆجىزە نۇسرەتلەر ئۇلارنىڭ سەمىمىي ياردىمىدە ئەمەلگە ئاشاتتى. بىزگە ئادالەتتىنمۇ بەك مېھر- مۇھەببەت ،ئىھسان-ساخاۋەت بىلەن مۇئامىلەقىلىپ قەلبىمىزنى ئۆلىرىگە ئەسراقىلغان، ئىسىل ۋەتەن ئۈچۈن ئىسىل قوشۇن بارلىققا كەلتۈرىۋاتقان،ۋتىنىمىزنىڭ تەنتەربىيە تەرەققىياتى مەسئۇللىرىدىن ئەمىر سۇلتانئىبن ڧەھد،ۋە نەۋاڧ ئىبنى ڧەھد ۋە باشقا ۋەتەن خىزمىتىئۈچۈن ئۆز خىزمىتىنى ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن ئىلىپمىڭىۋاتقان بارچە ئىش ئېگىلىرىگە ئالىي ئىھتىراملار يوللايمەن.
بۇنداق توختاپ قالساق بولمايتتى. يېڭى بىر قىممەت يارىتىشئۈچۈن كۈچ چېقىرىۋاتاتتۇق ،ھەر قىتىمئاخبارات ۋاستىلىردا نامايەن بولغىنىمىزدا ئانا تۇپرىقىمىزنىكۆزىمىزنىڭ قارچۇغى-دەپ بىلدۇق.ياخشى ۋەتەنننىڭ ياخشى ۋەكىللىرىبولۇشقا تېرىشتۇق.
ئابدۇررەھمان مەشىقلىرىگە ئىنتايىن مۇنتىزىم ۋەھېرىسمەن ئىدى، ئۇ قانچىلىكجاپالارنى چەكمىدى؟! قانچىلىڭ قىينالمىدى؟! قانچىلىك بەرداشلىقلارنىبەرمىدى؟! ئۇ ئۆزىنىڭ بىغۇبار -ساپ روھىي بىلەن بىلەن ئۆزىنىڭچىمپىيۇن بولغانلىقىنى بىلىشكە ئۇلاشتى، ئۇنى نۇرغۇن ئىشلار، موۋەپپەقىيەتلەرئالتۇن مىداللار كۈتىۋاتىدۇ، ئۇ تېخىمۇ تېرىشىشى كېرەك. ئۇ بىردەممۇبوشاشمايتتى، ھورۇنلۇقمۇ قىلمايتتى، ئۇ مەشىقلىرىدە ھەتتا بىر مىنۇتنىمۇ قولدىن بەرمەيتتى. دادىسى ئۇنىڭ ئەرەب ۋە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۈندەيتتى ، ئىلھاملاندۇراتتى. ئۇ كىسەللىكى كىچىكلىكىگەباقماستىن  ئىتائەت ۋە پىداكارلىق بابىدا يۆكسەك ئۆلگە ئىدى. مەنئۇنىڭغا  ھەر باققىنىمدا ھەقىقىي كۈچ-قوۋۋەتنىڭ ئىرادە ۋە جاسارەتتەبولدىغىننى قايتا تونۇپ يەتتىم.ئىنساننىڭ قوۋۋىتى روھىقۇۋۋەتتە ئىدى... ئىنساننىڭ قۇۋۋىتى ئۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقابولغان ئىمانىي قۇۋۋەتتە ئىدى.
بىز شۇ چاغلادا بىر تەرەپتىن مەشىق قىلىپ بىرتەرەپتىن كۆرەش قىلىپ ئاۋانگىراتلاردىنبولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتۇق، ۋەتەن بىز ئۈچۈن سەپلەپ بەرگەنخەلىق ئىگىدارچىلقىدىكى نۇرغۇن خەيرىيەت ئورگانلىرى مۇئەسسەلىرى،پاراۋانلىقئەسلىھەلىرى كۆز ئالدىمىزدا ناماايان بولغانسېرى، ماڭاياخشىلىقلىرىنى ئايىمىغان يۇرت كاتتىلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقىش بىلەن ئاللاھنىڭ  بۇ خەلىققا ھەق ئۈچۈن ھېچ بىر تاپا-تەنىگە پەرۋا قىلمايدىغان ئاللادىنلا قورقىدىغان ئىش ئېگىلىرىنى مۇيەسسەر  قىلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن كۆپلەپ ھەمدىلەر ئېيتتىم.

ۋەتىنىم ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ساھەدە بولۇشتىنقەتئىي نەزەر ئۆلگىلىك رولئىلىشتىن ھەرگىز كەينىمگە داجىمايمەن، بىز ئەقلىمىز ۋە قابىل رەھبەرلىرىمىزبىلەن كەلگۈسىمىز پارلاق بىر ئۈممەت دېگەن پەخىرلىك پىداكارانەتۇيغۇلار قەلبىمنى چىرماپ  ۋۇجۇدۇمنى ئىگەللىۋاپلاۋالغان ئىدى.ۋەتەن مۇھەببىتى ئۈچۈن ئالى روھ قايناق ھاياجان ئىلكىدە لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە شۇنداق بىر خۇش-خەۋەر يېتىپ كەلدى،ئابدۇررەھماننىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىنسانىيەتخىزمىتى تېببىي شەھەرچىسىنىڭ( King abdulazizMedical City)داۋالاش ڧوند مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدۇق! شۇنچىلىك بەخت-سائادەت، ئىززەت-ئىكرام ، مۇھەببەت-پىداكارلىق سېزىملىرى ئۇگۈ-ئۇگىلىرىگە تاراۋاتاتتى! چۈنكى بۇ ئوغلۇمنىڭ ھاياتىغا، سالامەتلىكىگە نۇرغۇن ئىيجابىي يۆلىنىشلەرنى ئېلىپ كىلەتتى، ئاللانىڭ ئىزنى ۋە مەرھەمىتى بىلەن ئوغلۇم يۈرەك پارەم نۇرغۇن ئەلەملىرىدىن قۇتۇلاتتى...
ھېچ بىر پۇخراسىنىڭ ھەققىنى كەم قويماستىن بەلكى ئاشۇرۇپ بېرىۋاتقان ئۇلارنىڭ قەلبى ھەننىۋاسى ئۆزلىرىگە ئەسرا قىلىۋاتقان پەزىلەتلىك  يۇرۇت كاتتىلىرىغا بولغان ھۆرمەت ۋە تەقدىرلەش تۇيغۇلىرى، بىزنى چېچىلاڭغۇلۇقتىن بىردەكلىككە يېغىۋاتقان بۇ مۇ قەددەم ۋەتىنىمبولغان ئۇلۇغ قۇرغانىمنىڭ قۇملۇقلىرىدى زەررىچە قۇمىئۈچۈنمۇ جانىمنى ئايىماسلىقتەك قۇربانلىق بېرىش تۇيغۇلىرى ھەممىدىنبەك رەببىمگە ھەمدە-سەنالار ئېيتىپ تېببى شەھەرچىگە بېرىشنىڭتەييارلىقىغا تۇتۇندۇق. بىزگە بەلگىلەپبېرىلگەن ۋاقىتتا ئۇ يەرگە باردۇق. پاھ! مانى كۆرۈڭ! كۆز سۇپەتلەشتىن ئاجىز كەلگۈدەك مەدەنىيەت ، تەرەققىيات ئىلگىرلەشلەر، ئاجايىپ مېھرى-شەپقەت ئىللىقلىق، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ داۋالاش شەھەرچىلىرىنى بېسىپ چۈشكۇدەك نورلۇق تېببىي شەھەرچە!  ئۇنىڭغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان تەجرىبىلىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەر! بۇ قەسىرنى كۆزدىنكەچۈرگەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈنسەپلەنگەن ئىقتىدار- ئىمكانىيەتلەر!... ئۆزۈمدىن سوراپ قالدىم شۇ دەملەردە، كىم شۇنداق قىلالايدۇ؟ ئاللاغا بەرگەن ئەھدىلىرىگە چىن پۈتكەن، دۇنيا سەلتىنىتى قولىدا تۇرۇپ ئۇنى مەڭسىتمىگەن،خەلقىنى قەدىرلەپ ئۇلارنىڭ مەنپەتىنى ھەممىدىن ئەلا ۋە ئەۋزەل بىلگەن، ئۆزلىرى ئۈچۈن تارىخنىڭ ئالتۇن بەتلىرىدە ئادالەت-ھەققانىيەتنىڭ نورلۇق ئىزلىرىنى قالدۇرغانلار!
تېببي ئەسلىھەلەر، ساغلاملىق ئۇسكۇنلىرى،خەلىقئارالىقبىنالار،ماددىي ئىمكانىيەتلەر،تەجرىبىلىكمېدىتسىنا خادىملىرى،ۋە پىسخولۇگىيە ئالىملىرى ھەربىركىسەل ئاجىز شىپالىق ئىزدىگۈچى ئۈچۈن بۇ يەرگە يېغىلغان ئىدى.
منى ئاتتىم... غەرپ دۆلەتلىردىكى مېيىپلارغا بولغان ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئىھتىراملارنى ھەرگىز ئىنكار قىلمايمەن، دوختۇرخانىلار  ياكى داۋالاش ئورگانلىرى بولمىسۇن  بىز بىلەن شۇنچىلىك قىزغىن دوستانە ھەمكارلاشتى، ئەمما ھەر قىتىم سۇنى كۆرۈپ تەشنالىق بىلەن يۈگۈرۈپ قېشىغا بارغىنىمدا ئۇ سەرراب بولۇپ چېقاتتى-دە كەينىمگە يېنىپ يەنە سۇ ئىزدەيتتىم... ئۈمىتسىزلىك  قەلبىمنى قۇرتتەك غاجىلاپ ۋۇجۇدۇمغا يامرىغان چاغدا مەن ئوغلۇمنىڭ بىغۇبار  كۆزلىرىگە باقاتتىمدە ئۇنى بىتچىت قىلىپ ئۈمىد قۇرغانىمنىڭ يېمىرلىشىدىن ساقلاپ قالاتتىم.
ئوغلۇمنى داۋالىتىمەن  دەپ قاتراپ يۇرگەن شۇ كۈنلەردە، قايتا-قايتا كۆرۈشۈش  ۋە تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن مەلۈم مېيىپلارنى داۋالاش ۋە تەربىيلەش قىزىل كېرست  جەمئىيتى بالىنى ئۇلارغا قويۇپ كېتىشىمنى، بالىنىڭ مائارىپ سەھىيە تەربىيە قاتارلىق ئىشلىرىغا  ئۆزلىرى ئېگە بولدىغانلىق تەلىبىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپى قانچىلىك تۇيۇقسىز بولغان بولسا مېنىڭ ئۇلارغا بەرگەن رەددىيەممۇ شۇنچىلىك كەسكىن بولدى...
ئۇ مېنىڭ ئوغلۇم!  ئۇ-- ماڭا مېھر- مۇھەببەتنىڭ چىن مەناسىنى، ۋاپا-ساداقەتنىڭ بىباھالىقىنى ئۆگەتكەن ئوغلۇم! ئۇ-- ماڭا بەدەلسىز مۇھەببەتنىڭ شېرىنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان ئوغلۇم! ئۇ-- مۇھەببەتنىڭ نېمەت-ئىنئام ئۈچۈن ئۈنسىز  قۇربانلىق بېرىش ئىكەنلىكىنى تونۇتقان ئوغلۇم!  ئۇ-- ماڭا باللىقنىڭ قىممىتى، ئاتىلىقنىڭ شەرىپىنى كۆرسەتكەن ئوغلۇم! ئۇ مىنىڭ ئوغلۇم! ھەسەننىڭ ئوغلى ئابدۇرراھمان!

بالىنى داۋالىتىش ئۈچۈن چەكمىگەن جاپا، بارمىغان يەرلەر قالمىدى،ھەممە دوختۇرلا دېگۈدەك پۈتۈنلەي ساقىيىش ئىمكانىيتى يوق، كونترۇل قىلىشقا بولىدۇ. ئۇۋلاپ ھەركەتلەندۇرۇش ئارقىلىق بولدىغان تەبىئىي داۋالاش ئارقىلىق مەلۈم ئىلگىرلەش-ياخشىلىنىشلار بولۇشى مومكىن دېگەنگە بىر يەرگە كەلدى.
رىزقىمىز  كۆتۈرۈلۈپ ئاللانىڭ ئىرادىسى بىزنى بۇ زېمىندىن ئايرىلىشنى تەيىن ئەتتى، ۋەتەنگە قايتتۇق.

(ئالتىنچى باب)

<<ئاللا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ>>

ۋەتەننىڭ قىممىتىنى پەقەت ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا ھەقىقى ھېس قىلدىكەنسەن، نېمەت قولىڭدىن چىقىپ كەتكەندە ئاندىن قەدرى ئۆتىلىدىكەن. ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرچىلىق ماڭا ۋەتەننىڭ قەدرىنى قايتا بىلدۈرگەن ئىدى،ئاشۇ غېرىپ چاغلار ماڭا ۋەتەننىڭ ھەقىقى ئەمىنلىك-خاتىرجەملىك ئىكەنلكىنى، ئۇنىڭغا قانچىلىك قلساق ئەرزىيدىغانلقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقىمىز، سۆيگۈمىزنىڭ  بەكلا ئاز تىلغا ئالغۇسىز ئىكەنلكىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى،مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى شېرىنلكىنى ۋەتىنىمگە بولغان مۇھەببىتىمدىن ۋەتىنىمنىڭ مېنى ئۆز قوينىغا ئېلىشىدىن تېخىمۇ تونۇپ يەتكەن ئىدىم.

ھاياتىمىزنى نورمال شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدۇق، پۈتۈن غېمىم ئائىلەمدكىلەرنى بەختلىك قىلش ئىدى. بولۇپمۇ ئابدۇراھماننىڭ ماڭا بولغان زىيادە ئىچەكىشى، ئامراقلىقىنى ھس قىلغىنىمچە ئۇنى خۇشال قىلىشقا بولغان ئىرادەم تېخىمۇ چېڭىيىپ باراتتى، ئۇنىڭ مەسۇم چېھرىدە شاتلىق ئىزنالىرنى قالدۇرۇش  ئۈچۈن جىنىمنىڭ بارىچە كۇچەيتتىم.

ئىككىنچى بالام گەپ قىلىشقا باشلغان بولۇپ ئۇنى- بۇنى-دەپ ھارمايتتى ئارزۇلىرنى-دەپ قانمايتتى،ئۇلارنىڭ كېچىكلىكىگە باقماي كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئۇلارنى ئەركەك قىلماقچى بولاتتىم.

بەخىتلىك كۈنلىرىمىزنىڭ بىرىدە كېچىك ئوغلۇم سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن سۇ ئۈزۈش ئورنىغا ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلدى, كىچىككىنە تۇرۇپ بۇ تەلەپنى قويغىنىغا ھەيران قالغان بولساممۇ ئەمما ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئازراق قىزىقىش-ئارزۇلىرىغا ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن بولغاچ، پۇرسەت بولسىلا ئەڭ يېقىن ئارىدا ئاپىرىشنى ۋەدە قىلدىم.

بىر كۈنى ۋەدەمگە ئاساسەن سۇ ئۈزۈش ئورنىغا باردۇق،مەن بىرىشقا  ئەمىر سۇلتان ۋە ئۇنىڭ ۋكىلى  ئەمىر نەۋاڧ ئالىلىرىنىڭ باشچىلقىدا قۇرۇلغان <<ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئومۇمى ھەيئتى>>گە قاراشلىق  سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىش مەركىزىنى تاللىغان ئىدىم. ئۇنىڭدىكى ئىمكانىيەت ئارتۇقچىلىقلاردىن تاڭ قالدىم،ھەممە ئىھتىياجلىقلار تولۇق سەپلەنگەن بولۇپ، ۋەتەنىنىڭ ۋەتەن ياشلىرى ئۈچۈن ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى غەمخۇرلۇقلىرىدىن تەنتەربىيە ساھەسىگە سالغان  يەنە  بىر  يېڭى غەمخۇرلقىدىن كۆزۈم ئىچىلىپ يۈرۈگۈم سۆيۈندى.

ئۇ كۈنى كۆڭلى ئىچىلىپ قالسۇن -دەپ ئابدۇررەھماننىمۇ بىللە ئىلىۋالغان ئىدىم،سۇ ئۈزۈش ئورنىغا كىردۇق، سۇ ئىللىق ئىدى، دوختۇرلاردىن سورىغان ئىدىم، ئۇلار شۇ بىلەن داۋالاشنىڭ ئوغلۇمغا پايدىلىق ئىكەنلكىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇنى سۇنىڭ ئچىگە ئىلىپ كىردىم بىشىدا قورقۇپ ئەندىككەن بولسىمۇ تىزلا راھەت ھېس قىلىپ ئويناشقا باشلىدى، كىچىك ئوغلۇم يۈسۈڧنى ئوينىغىلى قويۇپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن تۈنجى قىتىم سۇ ئىچىدىكى ئالاقىنى بارلىققا كەلتۈردۇق... تۇنجى قىتىم سۇ ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن ئۈلپەتلەشتۇق...

كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق، ئابدۇرراھمان داد ئۇ يەرگە يەنە قاچان بارىمىز؟-دەپ سوراپ قالدى، ئۇنىڭ بۇ سۇئالىغا كۆڭلۈمدە شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم ھەمدە بۇنى ئۇنى روھلاندۇرۇشنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ئىجتىمائى ئالاقە ئورناتقۇزۇشنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى-دەپ قارىدىم، قاچان دېسىڭىز شۇ چاغدا بارايلى-دېدىم ئۇنىڭغا، ئەمىسە ئەتە بولسۇن-دېدى.

سۇ ئۈزۈش ئورنىغا پات-پات بارىدىغان بولدۇق. ئۇ سۇبىلەن خۇشاللىق تاپقاچ ئەتراپىدىكى بالىلاربىلەن ئالاقىلىشىشقا ئويناشقا باشلىدى، تۇيۇقسىز غەلىتە بىر پىكىر كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتتى، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەتمەيمەن؟ بەزى چاغلاردا بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالسام ئۇنى سۇدا يالغۇز تاشلاپ قويۇشتىن ئەنسىرمسەممۇ بولىدىغۇ؟ بىراق بۇ بەك چوڭ خىيال بولۇپ تۇيىلىۋاتاتتى، بۇ مېيىپ بالنىڭ قەلبىدىن قورقۇنچنى  قانداق ئىلىپ تاشلايمەن؟ پۇتى ھەركەتلەنمەيدىغان تۇرسا سۇ ئۇستىدە لەيلىيەلەمدۇ يوق؟

بۇ مىنىڭ شۇ چاغدىكى ھاياتىمىزدا قىلغان تەۋەككۇلچىلىگىم رىقابىتىم ئىدى...

بالامدىن ئەنسىرەپ ئاۋۋال ئۆزۈم سىناپ باقتىم ، ئىككى پۇتۇمنى چىڭ بوغدۇم، سۇغا كىرىپ پۇتۇمنى مىدىراتماستى سۇ ئۇستىدە لەيلىيەلىدىم، خۇشاللىقتىن ئابدۇررەھمان سەن ئۈزۈلەيسەن ئوغلۇم-دەپ ۋارقىرۋەتتىم،ئۇ ماڭا جىمجىتقىنە قاراپ تۇراتتى، ئوغلۇم سەن چوقۇم قىلالايسەن! سەن باتۇر! - دەپ ۋاقىردىم قايتا،ئۇ جىمجىتقىنە كۈلۈمسىردى، كەل ئوغلۇم بىز سىناپ باقايلى، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ سۇغا ئەكىردىم ،بېشىدا ئۇنڭ يۈزىدە قورقۇنۇشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنگەن بولسىمىۇ تىزلا ماڭا ماسلىشىپ بەردى، شۇنداق قىلىپ سۇ ئۈزۈش سەپرىنى باشلىۋەتتۇق.

مەشىق قىلدۇرۇشتا تەجرىبەم يتەرلىك ئەمەس ئىدى، ترېنېرلاردىن مەسلىھەت ئالدىم ، كىتاپلارنى سىتىۋىلىپ ئوقۇدۇم ، تور ماتىرياللىرىدىن ئۆگەندىم، قىزغىنلىقىمىز  كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بىرىۋاتاتتى.

باشلاپ تەخمنەن  بىر ئايدى كېيىن سۇ ئاستىدا بەش سېكۇنت تىنماي تۇرالايدىغان بولدى، ئىككى ئايدى كېيىن سۇ ئۇستىدە لەيلىيەلەيدىغان بولدى، ئۈچ ئايدى كېيىن بىر مىتىرغىچە ئۈزەلەيدىغان بولدى.

ھېچ ئۈمىتسىز لەنمىدىم ، ئىرادەم ھەم بوشاشمىدى،بەلكى ئۆزىمىزنى نەتىجە قازاندۇق -دەپ قارىدىم. ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئەڭ چوڭ توسالغۇمىز ئىدى،ئۇ كۆلەگىدەك بىزگە ئەگىشىپ روھىمىزنى ئىرادىمىزنى ئۇۋلىماقچى بولاتتى، ياق! مىڭلارچە ياق! ئابدۇررەھمان سۈ ئۈزۈشنى ئۆگىنىشتىن بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىدى ، ئارقىغا قاراپمۇ چېكىنمىدى، بەلكى ئۇ سۇنى جەڭگە چاقىر ۋاتاتتى، مېيىپلققا رىقابەت ئىلان قىلىۋاتاتتى..مەن ئۇنى قىزغىنلقىم بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ يالقۇنجىتاتتىم.

ئۇ كەچلىرى شات-خۇرام ھالد ئۆزىنىڭ ئىلگىرلەشلىرىنى ئانىسىغا سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن زوق-شوق بىلەن ئۆيگە قايتاتتىى.ئۇنڭ سۆزلىگەنلىرىگە مەستلىكىم كىلىپ يۈرىكىم بىلەن كۈلۈمسىرەيتتىم...


گەرچە ساغلام بالىلارئەڭ كۆپ دېگەندە بىر ئايدلا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگۈنۈپ ئون بەش مېتىر چامىسنى گەپ-سۆزسىز كىسەلەيدىغان بولسىمۇ،چىڭ تۇرۇپ قاتتىق مەشىق قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن دېگەندە ئاندىن  ئابدۇررەھمان پەقەت بەش مېتىرچە ئۈزەلەيدىغان بولدى.

بىزنىڭ سۇ ئۈزۈش ئورنىغا بېرىشىمىز نەپەس ئىلىشىمىزغا ئوخشايتتى، ھەر بىر تىنىقىمىزدا ئىشتىياق-ھەۋەسلىرىمىزنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ئىپادىلەيتتۇق،ئۇ بىز ئۈچۈن بەئەينى جەڭ مەيدانىغا ئوخشايتتىكى ئۇنىڭدا ئۈمىتسىزلىكلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ ئىرادە ۋە جاسارەتنىڭ مۇستەھكەم تۇغىنى ئىگىز تىكلەپ ئۇنى بىپايان كۆكدە لەپىلدەتمەكچى بولاتتۇق.

ئابدۇررەھمان بۇ ئورۇننى ياخشى كۆرۈشكە باشلىغان ئىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ ياخشى كۆرگىننى ياخشى كۆردۈم ھەم بۇ ئورۇننى مەنمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇ ئارقىلىق بىز ھاياتتىكى يېڭى چۈشلىرىمىزگە يول ئاچتۇق، ئۇنى بىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىمىزنى، قورقۇنۇچلىرىمىزنى ، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىسىزلىكلەرنى پاچاقلاپ تاشلايدىغان قۇرام تاش-دەپ بىلدۇق.

ئالدى بىلەن ئاللاغا ئاندىن بۇ تەنتەربىيە كۇلۇبىدىكى مەسئۇللارنىڭ بىزگە قىلغان ياردەم ۋە تېرشچانلىقلىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

ئابدۇررەھمان سۇ ئۈزۈشنى ئۆگۈتۈش مەكتىپىگە كىرگەن تۈنجى مېيىپ بالا ئىدى، ئەتراپدىكىلەر ئۇنىڭغا ھەيرانلىق - تاڭ قىلىش نەزەرلىرى بىلەن باقاتتى، " بۇ مېيىپ بالا ئارىمىزدا نېمە ئىش قىلىدۇ؟ "  مانا بۇ ئۇلارنىڭ ھالەت تىلى ئىدى... ئەمما بىزنىڭ ھالەت تىلىمىز بولسا " تالانت-ئىقتىدارلىرىمىزنى بايقاڭلار! بىزگە ئىشەنچ بىلەن بىقىڭلار! بىزمۇ ساغلام كىشلەرگە ئوخشاش نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمىز! بىراق بىزنىڭ ئىقتىدارىمىزغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشەنچىڭلار بىلەن...

سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتۇق، كۈنلەر تىز-تىز ئۆتىۋاتاتتى. سۇ ئۈزۈش ئورنى كۈندۈلۈك پائالىيتىمىزنىڭ ئايرىلماس موھىم بىر قىسمى بولۇپ قالغان ئىدى.

ئابدۇررەھمان يىگىرمە بەش مېتىر سۇ ئۈزۈش مۇساپىنى زور كۈچ بىلەن باسالايدىغان بولغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە مەملىكەت خاراكتېرلىك سەئۇدىي تەنتەربىيە بىرلەشمىسى ئالاھىدە ئىھتىياجلىقلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان مېيىپلار سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق، ئىچىمدە نېمە ئۈچۈن ئابدۇررەھماننى ئۇنىڭغا قاتنىشىىشقا رىغبەتلەندۈرمەيمەن؟!-دەپ ئويلىدىم.

شۇنداق، قاتناشتۇق ، ئوغلۇم ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىك مۇسابىقىگە چۈشكۈچى ئىدى، مۇسابىقە ئەھسا شەھىردە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى، تاماشىبىنلارنىڭ ھەم مۇسابىقىگە چۈشكۈچىلەرنىڭ بىردەك دېگۈدەك بالىنىڭ كىچىكلىكى ھەم مېيىپلىق دەرىجىسىنىڭ زىيادە يۇقۇرلۇقىغا بولغان دەھشەت ھەيرانلقى ئىچىدە سۇ ئۈزۈش مەيدانىغا كىرىپ كەلدۇق، كىشلەرنىڭ ھەيرانلىقتىن بىزگىلا تىكىلگەن كۆزلىرى چەكچىيىپ كىتىشكەن ئىدى. ئابدۇرراھمان سۇ ئۇزۇشنى باشلىغاندا،ھىلىلا ھەيرانلىقتىن سۈكۈتكە چۆمكەلگەن ئورۇن تۇيۇقسىز بۇ كىچىك باتۇرنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىنلار ياغدۇرۇپ زالنى تىترەتكۇدەك قىيقاس،چوقانلار ، قىزغىن ئالقىش ،چاۋاك-سادالار بىلەن جانلىنىپ كەتتى... ئۇ ئاخرقى نوختىغا غەلبىلىك يېتىپ كەلدى، مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ قەلبىمنى لەرزىگە سىلىپ كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلارنى ئاققۇزغىنى، ئۇنىڭ ئاخرقى پەللىگە ھەممىدىن بۇرۇن يېتىپ كەلگىنى بولدى... ئابدۇرراھمان ئالتۇن مېدالنى ئەمەلگە ئاشۇردى..ھاياتىدىكى تۈنجى ئالتۇ مېدال... ئوغلۇم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى..

ئوغلۇم قەلبىمدىكى قايغۇلىرىمنى قوغلۇشۇمغا ياردەمدە بولدى...بۇ ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنى قايتۇرۋالدىغان كۈن! بۇ ئابدۇرراھماننى بىز ئۈچۈن بالا ۋە كۈلپەت سانىغۇچىلارنىڭ نەزەرلىرىدىن ساقلايدىغان مۇداپىئە كۈن! بۇ كۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ بەخىتلىك كۈنلىرىمدىن بىرى بولدى، قەلبىم خۇشاللىقنىڭ تەمىنى تېتىغان ئىدى، ئاللانىڭ ھچبىر مېھنەت قىلغۇچىنىڭ مېھنەت-ئەجرىنى ئەسلا زايە قىلماستىن بەلكى ئاشۇرۇپ بېرىدىغانلقىغا شەكسىز ئىشەندىم!.

ئۇ كۈنى سەئۇدىي تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى كىلىپ ئوغلۇمنى ئارىغا ئىلىپ ئالاھىدە تەبرىكلەشتى. ئەتىسى رىياد گىزىتىدە << ئەھسا سەئۇدىيلىق مۆجىزە بالىغا شاھىت بولدى >> تېمىسىدىكى خەۋەر بىسىلدى. بەخت-سائادەتكە چۆمگەن ھالدا رىيادقا قايتتۇق، ئابدۇرراھمان ئانىسىغا بولغان ئىشلارنى  ئاتىسىدىن ئۆزىدىن ئىپتىخارلانغان ھالدا زوق-شوق بىلەن ھارماي سۆزلەيتتى.

ئەھسادا قولغا كەلتۇرگەن چىمپىيونلۇق غەلبىلەرنىڭ غەلبىسى بولۇپ قالدى دېسەم بولىدۇ، ئۇ مەككە مۇكەررەمە، رىياد ۋە باشقا شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن نۇرغۇن چىمپىيونلۇقنى تالىشىىش مۇسابىقىلىرىدىكى زەپەرلەرگە يول ئاچقان ئىدى. ئۇ ھەرقېتىملىق مۇسابىقىلەردە ھەيران قالارلىق كۈتۈلمىگەن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەتتى،  ئوغلۇم يەتتە ياشنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا تۆت ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

كېيىن،مىلادىي 2006-يىلى، ھىجرىيە 1427-يىلى شەۋۋال ئېيىدە ئەرەپ بىېرلەشمە خەلىپىلكىدە  ئۆتكۈۈزۈلگەن شىمالى ئاڧرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرققا خاس ئولىمپىك  چىمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسنىڭ خەۋىرى كەلدى، ئوغلۇمنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىىشنى ئارزۇ قىلدىم،ئەمما نۇرغۇن كشلەر بالىنى بۇ ياشدا قاتناشتۇرماسلىق تەكلىپىنى بەردى، ئۇچاغدا ئۇنىڭ يېشى تېخى سەككىز ياشدىن ئاشمىغان ئىدى.

ئاللاغا مەسلىھەت سىلىپ ئىستىخار سالغاندىن كېيىن سەپەر قىلىشنى قارار قىلدىم،كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىسەكمۇ قاتنىشىش ۋە سىناپ بېقىش شەرىپى يىتەرلىك-دەپ ئويلىدىم. يۇك-تاقىلارنى بېسىپ ئائىلەمدىكىلەر ئىلىپ ماشىنا بىلەن خوشنا دۆلەت ئىمارەتكە ئاتلىنىپ ساق-سالامەت يېتىپ كەلدۇق، ئەمما كۈتۈلمىگەندە ئووغلۇمنىڭ كىسىلىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇپ شارىقەدىكى كۇۋەيت دوختۇرخانىسىغا كىرگۈزۈلدى، مۇسابىقىگە پەقەت تۆت كۈنلا قالغان ئىدى، بالامنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئىدى، بىراق دوختۇر دائىم ئەنسىرمەڭ، ئۇ بۇ كۈنلەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كىتىدۇ ھەم مۇسابىقىغىمۇ قاتنىشالايدۇ-دەپ ماڭا تەسەللى بېرەتتى، ئابدۇررەھمان ئۈچ كۈن دوختۇرخانىدا قاتتىق داۋالىنىش ئاستىدا بولدى، مۇسابىقىگە پەقەت بىر كۈنلا قالغان بولۇپ بۇ كۈندە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ قابىيلىتى سىنىلىدىغان ، مېيىپلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن تۈرگە بۆلىنىدىغان كۈن ئىدى، ئابدۇرراھماننىڭ ئىسمى چاقىرىلغان بولسىمۇ ئەمما ئەپسۇسلىنارلقى ئۇ يوق ئىدى، ئۇ كىسەل كارۋىتىدا ئىڭراپ تىزراق ساقىيىشنى ئۈمىد قىلىپ ياتاتتى ... كومىتىىتىكىلەر ماڭا تىلڧۇن قىلىپ كەلمىگەنلكىمىزنىڭ سەۋەبىنى سورىدى ، ئۇلاردىن بالامنىڭ تىزراق ئەسلىگە كېلىشىگە دۇئا قىلىپ قويۇشنى سوراشتىن باشقا ئىش قولۇمدىن كەلمىدى.

تۆتىنچى كۈنى، مۇسابىقە باشلىنىش ئارلقىدا بالامنىڭ ئەھۋالىدا كۆرىنەرلىك ئىجابىي ئۆزگىرىش بولدى، دەرھال كومىتىتقا چىپىپ بالامنىڭ سىناققا قاتناشمىغانلقىنى كىسەللىك سەۋەبىي بىلەن ئىتبارغا ئىلىپ بىۋاستە مۇسابىقىگە قاتنۇرۇشنى ئۆتۈندۈم، بىراق تۈزۈم چىڭ ئىدى، مەسئۇل موھەممەد ئەپەندىمگە ئىلتىماس يازدىم،ئاخرى ئۇلار ئۆزىرنى قۇبۇل قىلىپ ئىلتىماسمغا قول قويدى، ھەر قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغان ھالدا ، بالىنىڭ قاتنىشىش تۈرى ۋە مېيىپلىق دەرىجىسىنى سەئۇدىي ئەرەبىستان تەنتەربىيە كومىتىتلىرىنىڭ بۇرۇنقى مۇسابىقىلەردە ئايرىغىننى  ئاساس قىلدىغان  بولدى. خۇشال بولدۇم ئاللاغا بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنىڭ خەيرىيەتلەرگە يول ئاشقۇچى بولۇشنى تىلەپ دۇئا قىلدىم.

بالىنىڭ يېشى سەككىز ياشدا ئىدى، ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن كىلىدىغان مۇسابىقە ئىشتىراكچىلىرنىڭ بولسا ئون ئىككى ياش ئىدى،ھەم بۇ ياشدىكى بىردىنبىر پالەچ ئۇ ئۆزگۈچى ئىدى، ئاخرى ئۇ ئۆزىدىن چوڭلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىغانغا بۆلۈندى، يېشىنىڭ كىچىكلىك، ئارسالدىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقان سالامەتلىك ئەھۋالى، ۋە بارچە رىقابەتلەرگە باقماستىن ئۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئاڧرىقاكۆمۈش ۋە مىس مېداللىرىنى يۇلۇپ ئالدى!

مىسىر تلىۋىزىيەسى " بىز ئۇچۇن شەرەپ قۇچقان ئەرەب مەشھۇرلىرى " پروگىراممىسىدا تۈنجى بولۇپ خەۋەر تارقاتتى، خەلىقئارالىق يىغىنلاردا سەئۇدىي ئەرەبىستان تەتەربىيەسىنىڭ ئۆچمەس بارماق ئىزىنى قالدۇرۇپ ۋەتەن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگىنىمىزچە زەپەر قۇچقان ھالدا ۋەتىنىمىزگە قايتىپ كەلدۇق.


<< ئىرادىنى يېگىلى بولمايدۇ، ئىرادىسىزلىك ئادەمنى يەۋىتىدۇ>>تەسىرلەنگەنلەر بارمۇ؟   ئەڭ ئاخرقى بىرباپ ھۆزۈرۈڭلاردا بولغۇسى، ئىنشائاللا، كۆڭۈل بۆلگەيسىلەر

   

ئەڭ ئاخرقى باب

ئىمارەتتىن قايتىپ كىلىپ شۇنداق گۈزەل بىر كۈنلەرنىھىس قىلىۋاتاتتۇق،چۈنكى بىز بىرئىش قىلالىغان ئىدۇق،ۋەتىنىمىزنىڭ بىزگە ئاتا قىلغانچەكسىز ساخاۋەتلىرى بەدىلىگە كېچىككىنىە بولسىمۇ ھەسسىمىزنى قوشالىغانئىدۇق.قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنىڭ ئىپتىخارى، ۋەتەن بايرىقىنىكۆكتە لەپىلدىتەلىگنىمىزدىن تۇغۇلغان غۇرۇر ، بەخت سېزىمى ئىلكىدەبېشىمىزنى تىك كۆتۈرۇپ شاتلىق ھۆزۈرى سۈرىۋاتاتتۇق. بۇلاردىنمۇ موھىم بولغىنى بىز ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇل ھەم جاۋابكار ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتكەن ئىدۇق، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۇ ئىپادىلەش قېيىن بىر تۇيغۇدۇركى__سەن ئىنسان بولدىكەنسەن مەۋجۇتلا بولدىكەنسەن ئەتراپىڭدىكىلەرگە ئىجابىى تەسىر كۆرسىتىپ مەنپەت يۇقىتىپ ياشىشىڭ كېرەك...
دۆلەت ئېچى ۋەسىرتىدىكى ئەرەب ئاخبارات ۋاستىلىرى بەس-بەستە ئابدۇررەھمان توغرىسىدا خەۋەرلەرنىبېرىۋاتاتتى.   "تېخى سەككىز ياشقا تۇشماي تۇرۇپئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن مۆجىزە بالا"  " ئۇ راستىنلا ئالتۇنغا مىدال ئالدى" ئۇ بۇچاغلاردا ئەلەملىرىنى يۈشۈرۈپئەتراپىدىكىلەركە كۈلۈمسىرەپ باققىنچە دەرىسلىرىدە، مەشىقلىرىدە ئىلگىرلەۋاتقانكۆرەش قىلىۋاتقان بولاتتى.
ھاياتىمىزدا مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلغاندىن باشقا ئالاھىدەئۆزگىرىش بولمىدى.
مەن مۇشۇ دەقىقىلەردە بىزنى ماددىي- مەنىۋىي جەھەتلەردىنقوللىغان ئىلھام بەرگەن   ئالىھىممەتلىك ،يۆكسەك مەنىۋىيەتلىك ،ئالىيجاناپ مەرت-ساخاۋەتلىكئىش ئەھلىلىرىنى بىرمۇ-بىر خىيال كۆزلىرىمدىن ئۆتۈپ ئۈلگۈردى.ئۇلاربىلەن ۋەتەن گۈللەيتتى، نۇرغۇن چىمپىيۇن قەھرىمانلار يېتىشىپچىقاتتى، غەلبە-موۋەپپەقىيەت، مۆجىزە نۇسرەتلەر ئۇلارنىڭ سەمىمىي ياردىمىدە ئەمەلگە ئاشاتتى. بىزگە ئادالەتتىنمۇ بەك مېھر- مۇھەببەت ،ئىھسان-ساخاۋەت بىلەن مۇئامىلەقىلىپ قەلبىمىزنى ئۆلىرىگە ئەسراقىلغان، ئىسىل ۋەتەن ئۈچۈن ئىسىل قوشۇن بارلىققا كەلتۈرىۋاتقان،ۋتىنىمىزنىڭ تەنتەربىيە تەرەققىياتى مەسئۇللىرىدىن ئەمىر سۇلتانئىبن ڧەھد،ۋە نەۋاڧ ئىبنى ڧەھد ۋە باشقا ۋەتەن خىزمىتىئۈچۈن ئۆز خىزمىتىنى ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن ئىلىپمىڭىۋاتقان بارچە ئىش ئېگىلىرىگە ئالىي ئىھتىراملار يوللايمەن.
بۇنداق توختاپ قالساق بولمايتتى. يېڭى بىر قىممەت يارىتىشئۈچۈن كۈچ چېقىرىۋاتاتتۇق ،ھەر قىتىمئاخبارات ۋاستىلىردا نامايەن بولغىنىمىزدا ئانا تۇپرىقىمىزنىكۆزىمىزنىڭ قارچۇغى-دەپ بىلدۇق.ياخشى ۋەتەنننىڭ ياخشى ۋەكىللىرىبولۇشقا تېرىشتۇق.
ئابدۇررەھمان مەشىقلىرىگە ئىنتايىن مۇنتىزىم ۋەھېرىسمەن ئىدى، ئۇ قانچىلىكجاپالارنى چەكمىدى؟! قانچىلىڭ قىينالمىدى؟! قانچىلىك بەرداشلىقلارنىبەرمىدى؟! ئۇ ئۆزىنىڭ بىغۇبار -ساپ روھىي بىلەن بىلەن ئۆزىنىڭچىمپىيۇن بولغانلىقىنى بىلىشكە ئۇلاشتى، ئۇنى نۇرغۇن ئىشلار، موۋەپپەقىيەتلەرئالتۇن مىداللار كۈتىۋاتىدۇ، ئۇ تېخىمۇ تېرىشىشى كېرەك. ئۇ بىردەممۇبوشاشمايتتى، ھورۇنلۇقمۇ قىلمايتتى، ئۇ مەشىقلىرىدە ھەتتا بىر مىنۇتنىمۇ قولدىن بەرمەيتتى. دادىسى ئۇنىڭ ئەرەب ۋە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۈندەيتتى ، ئىلھاملاندۇراتتى. ئۇ كىسەللىكى كىچىكلىكىگەباقماستىن  ئىتائەت ۋە پىداكارلىق بابىدا يۆكسەك ئۆلگە ئىدى. مەنئۇنىڭغا  ھەر باققىنىمدا ھەقىقىي كۈچ-قوۋۋەتنىڭ ئىرادە ۋە جاسارەتتەبولدىغىننى قايتا تونۇپ يەتتىم.ئىنساننىڭ قوۋۋىتى روھىقۇۋۋەتتە ئىدى... ئىنساننىڭ قۇۋۋىتى ئۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقابولغان ئىمانىي قۇۋۋەتتە ئىدى.
بىز شۇ چاغلادا بىر تەرەپتىن مەشىق قىلىپ بىرتەرەپتىن كۆرەش قىلىپ ئاۋانگىراتلاردىنبولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتۇق، ۋەتەن بىز ئۈچۈن سەپلەپ بەرگەنخەلىق ئىگىدارچىلقىدىكى نۇرغۇن خەيرىيەت ئورگانلىرى مۇئەسسەلىرى،پاراۋانلىقئەسلىھەلىرى كۆز ئالدىمىزدا ناماايان بولغانسېرى، ماڭاياخشىلىقلىرىنى ئايىمىغان يۇرت كاتتىلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقىش بىلەن ئاللاھنىڭ  بۇ خەلىققا ھەق ئۈچۈن ھېچ بىر تاپا-تەنىگە پەرۋا قىلمايدىغان ئاللادىنلا قورقىدىغان ئىش ئېگىلىرىنى مۇيەسسەر  قىلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن كۆپلەپ ھەمدىلەر ئېيتتىم.

ۋەتىنىم ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ساھەدە بولۇشتىنقەتئىي نەزەر ئۆلگىلىك رولئىلىشتىن ھەرگىز كەينىمگە داجىمايمەن، بىز ئەقلىمىز ۋە قابىل رەھبەرلىرىمىزبىلەن كەلگۈسىمىز پارلاق بىر ئۈممەت دېگەن پەخىرلىك پىداكارانەتۇيغۇلار قەلبىمنى چىرماپ  ۋۇجۇدۇمنى ئىگەللىۋاپلاۋالغان ئىدى.ۋەتەن مۇھەببىتى ئۈچۈن ئالى روھ قايناق ھاياجان ئىلكىدە لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە شۇنداق بىر خۇش-خەۋەر يېتىپ كەلدى،ئابدۇررەھماننىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىنسانىيەتخىزمىتى تېببىي شەھەرچىسىنىڭ( King abdulazizMedical City)داۋالاش ڧوند مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدۇق! شۇنچىلىك بەخت-سائادەت، ئىززەت-ئىكرام ، مۇھەببەت-پىداكارلىق سېزىملىرى ئۇگۈ-ئۇگىلىرىگە تاراۋاتاتتى! چۈنكى بۇ ئوغلۇمنىڭ ھاياتىغا، سالامەتلىكىگە نۇرغۇن ئىيجابىي يۆلىنىشلەرنى ئېلىپ كىلەتتى، ئاللانىڭ ئىزنى ۋە مەرھەمىتى بىلەن ئوغلۇم يۈرەك پارەم نۇرغۇن ئەلەملىرىدىن قۇتۇلاتتى...
ھېچ بىر پۇخراسىنىڭ ھەققىنى كەم قويماستىن بەلكى ئاشۇرۇپ بېرىۋاتقان ئۇلارنىڭ قەلبى ھەننىۋاسى ئۆزلىرىگە ئەسرا قىلىۋاتقان پەزىلەتلىك  يۇرۇت كاتتىلىرىغا بولغان ھۆرمەت ۋە تەقدىرلەش تۇيغۇلىرى، بىزنى چېچىلاڭغۇلۇقتىن بىردەكلىككە يېغىۋاتقان بۇ مۇ قەددەم ۋەتىنىمبولغان ئۇلۇغ قۇرغانىمنىڭ قۇملۇقلىرىدى زەررىچە قۇمىئۈچۈنمۇ جانىمنى ئايىماسلىقتەك قۇربانلىق بېرىش تۇيغۇلىرى ھەممىدىنبەك رەببىمگە ھەمدە-سەنالار ئېيتىپ تېببى شەھەرچىگە بېرىشنىڭتەييارلىقىغا تۇتۇندۇق. بىزگە بەلگىلەپبېرىلگەن ۋاقىتتا ئۇ يەرگە باردۇق. پاھ! مانى كۆرۈڭ! كۆز سۇپەتلەشتىن ئاجىز كەلگۈدەك مەدەنىيەت ، تەرەققىيات ئىلگىرلەشلەر، ئاجايىپ مېھرى-شەپقەت ئىللىقلىق، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ داۋالاش شەھەرچىلىرىنى بېسىپ چۈشكۇدەك نورلۇق تېببىي شەھەرچە!  ئۇنىڭغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان تەجرىبىلىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەر! بۇ قەسىرنى كۆزدىنكەچۈرگەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈنسەپلەنگەن ئىقتىدار- ئىمكانىيەتلەر!... ئۆزۈمدىن سوراپ قالدىم شۇ دەملەردە، كىم شۇنداق قىلالايدۇ؟ ئاللاغا بەرگەن ئەھدىلىرىگە چىن پۈتكەن، دۇنيا سەلتىنىتى قولىدا تۇرۇپ ئۇنى مەڭسىتمىگەن،خەلقىنى قەدىرلەپ ئۇلارنىڭ مەنپەتىنى ھەممىدىن ئەلا ۋە ئەۋزەل بىلگەن، ئۆزلىرى ئۈچۈن تارىخنىڭ ئالتۇن بەتلىرىدە ئادالەت-ھەققانىيەتنىڭ نورلۇق ئىزلىرىنى قالدۇرغانلار!
تېببي ئەسلىھەلەر، ساغلاملىق ئۇسكۇنلىرى،خەلىقئارالىقبىنالار،ماددىي ئىمكانىيەتلەر،تەجرىبىلىكمېدىتسىنا خادىملىرى،ۋە پىسخولۇگىيە ئالىملىرى ھەربىركىسەل ئاجىز شىپالىق ئىزدىگۈچى ئۈچۈن بۇ يەرگە يېغىلغان ئىدى.

بۇ يەردە ئىككى ئايغا يېقىن تۇرۇپ قالدۇق،ئابدۇراھمان بۇ جەرياندا كۆز ئوپراتسىيەسى،سۈيدۈك يولى ئوپراتسىيەسى، نەيچە ئىشلىتىپ كىچىك تەرەت ماڭدۇرۇشتەك نۇرغۇن ئوپراتسىيە ۋەتەبئىي داۋالاشلارنى قۇبۇل قىلدى. ھەممەيلەننىڭ بىزگە بولغا كۆيۈنۈشىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە بىزەگە بولغان سەمىمىي كۆينىشنى كۆرگەن بولساق ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن خىزمىتى ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلاشتەك قەيسەرلىكنى بايقىدۇق.

شۇنداق، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن خىزمىتىگە بولغان ھۆرمەت، ئۆزىنى ئاتاشتەك بۈيۈكلۈك، كۆزلىرىدىن ياردەم قولىنى سۇنۇشقا تەييار تۇرغان كۆچلۈك ئىشتىياق ۋە پىداكارلىق روھلىرى بالقىپ تۇراتتى. ‹‹مۇستەھكەم بىر يولۋاس ئۇۋۇسىنىڭ باتۇر بىر يولۋىسى بولىدۇ ›› دېگەن ماقال يادىمدىن كەچتى. ھەم مۇشۇ ئىنسانىيەت نامايەندىسى بولغان تېببىي شەھەرچىنىڭ ئارقىسىدا خەلقىنىڭ غېمىنى قىلىۋاتقان ئۇلارنى ئەمەلىي سۆيۈۋاتقان بىر يۈرەك ئېگىسىنى تونۇدۇق، ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارىدىن ئالەمنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلاشنى تىلەپ دۇئا قىلدۇق.
يەنە كۆز ياشلىرىمىز نى تىزگىنلەپ، ئاھلىرىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ تەكشۈرۈش داۋالاشلاردا بولىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە چوڭبىر تەنتەربىيە مۇسابىقىسى يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى.ئۇ جوڭگۇ شاڭخەيدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئالاھىدە ئىھتىياجلىقلار( مېيىپلار) دۇنيا چېمپىيونلىقىنى تالىشىش يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يېغىنى ئىدى، بۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت ئاي ئەتراپىدا قالغان ئىدى. بۇ تەنتەربىيە سەھنىسىدە ئۆزىمىزنى نامايەن قىلىش كېچە-كۈندۈز، ئولتۇرساق-قوپساق كۆرىدىغان چۈشىمىز ئاللادىن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىشنى تىلەيدىغان ئۈمىدىمىز بولۇپ قالغان ئىدى.

بۇ يەردىن چىقىپلا ئاشۇ تەنتەربىيە يېغىنىغا قاتناشساق دېگەن ئۈمىتتە مۇنتىزىم مەشىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتۇق. بۇنداق تەنتەربىيە يېغىنلىرىغا قاتنىشىشنىڭ شەرەپ-ئۈستىگە شەرەپ بولدىغانلىقىنى يۇشۇرۇپ ئولتۇرمايمەن، ئەمما مان تېخىمۇ قىممەتلى ۋە ئەھمىيەتلىك -دەپ قارىغىنىم بولسا،مەن سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىش كۇرسىنى تاماملاپ خەلىقئارالىق بىرونز دىپلومىنى ئىلىپ بولغان ئىدىم، بۇ پۇرسەتتە خەلىقئارالىق چولپانلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە ۋە سۇركىلىش جەريانىدا مەيلى مەشىق ساھەسىدە بولسۇن ۋە ياكى خۇسۇسەن سۇ ئۇزۇش ساھەسىدە بولسۇن تېخىمۇ مول تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلالايتتۇق.
كېچە- كۈندۈز دېمەي مەشىقنى قاتتىق داۋاملاشتۇرىۋاتقان مەزگىلىمىزدە ئابدۇررەھماننىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سۇ ئۆزگۈچى ئالاھىدە ئىھتىياجلىق بالىلار قاتارىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىىش رۇخسەتنامىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ بېشىمىز كۆككە يەتتى، بۇ ھاياتىمىزدا تاپشۇرىۋالغان ئەڭ گۈزەل خەۋەرلىرىمىزدىن بىرى بولۇپ قالدى . بىزنىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىمىز قاتتىق مەسئۇلىيەت-بۇرچ تەلەپ قىلاتتى، چۈنكى بىز بۇ سەھنىدە ئۆزىمىزەىلا ۋەكىللىك قىلماستىن ئوكياندىن قولتۇققىچە بولغان بىر ئۈممەتكە ۋەكىللىك قىلاتتۇق، يۇرت كاتتىلىرىنىڭ بىزگە تىكىلگەن ئۈمىتلىك كۆزلىرىنى تېخىمۇ نورلاندۇرىشىمىز كېرەك بولاتتى. يېپىق لاگىرغا كىرىپ مەشىقنى داۋاملاشتۇردۇق، مەشىق ۋاقتىنى ئاشۇردۇق، ئۆزىمىزگە رىقابەت ئىلان قىلىپ بىسىم بىلەن مەشىق قىلىپ بىر پەللىدىن بىر پەللىگە ئۆتۈپ ئىلگركى رېكورتلارنى بۇزۇپ تاشلىدۇق.
ئابدۇررەھمان ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان مەسئۇلىيەتنىڭ ۋەزنىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن بولۇپ شىكايەت قىلماستىن بوشاشماستىن مەشىق قىلاتتى، ھەتتا بەزى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن جىسمانىي ئاغىرىقتىن پەيدا بولغان ياشلارنى كۆرۈپ قالاتتىم، ئەمما ئۇ قەتئىي ۋايسىمايتتى بەلكى ياشلىرىنى بىزدىن يۇشۇراتتى... ئۇنىڭغا مەشىقلەردە ئىنتايىن قاتتىق قول بولدۇم، ھەتتا بەزىدە تاقىدىن ئارتۇق ئىشلارنى يۈكلەپمۇ سالدىم بىراق ئۇ ھەر دائىم ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئىشنىڭ ئەھلى ئىكەنلىكىنى قەيسەرلىك بىلەن ئىسپاتلايتتى.
ساغلاملىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ ھەر تۆت سائەتتە بىر نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاش ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى، بىراق بىز ئۆزىمىزگە تەلەپنى يۇقىرى قويۇپ بەزىدە ئالتە سائەت يەنە بەزىدە توققۇز سائەتكىچە توختىماستىن مەشىق قىلاتتۇق. ئۇ رستىنلا كۆپ جاپا چەكتى...ئەممە ئۇ راتىنلا قەھرىمان ئىدى... بىز ئۇنىڭغا سۇ ئۆزۈشنى ئۆگەتكەن بولساق ئۇ بىزگە كۆرەش قەيسەرلىكنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئۇگىتىپ قويدى.

مەن دائىم ئۇنىڭغا ئوغلۇم ئۇلار ساڭا ئىشەنگەچ بۇ خىزمەتنى ساڭا تاپشۇردى، قېرىنداشلىرىڭ سەندىن ئالتۇن مىدال كۈتىۋاتىدۇ، سەن ئۆزۈڭگە تاپشۇرۇلغان مەسئۇلىيەتنىڭ ئەھلىسەن، قابىل ئوغلانسەن-دەپ ئىلھاملاندۇراتتىم.
خەلىقئارا ئىنتىزام كومىتېتى ئابدۇررەھماننى يىگىرمە بەش مېتىر غۇلاچلاپ ئۆزۈش،ئەللىك مېتىر ئەركىن ئۆزۈش تۈرىگە تىزىملاپ ئىلتىماس سۇندى. بۇ نۇمۇرلار ئەۋەتىلگەندىن كېيىن جوڭگۇدا تەستىقلاش ۋە سىناش قارار قىلىندى. مەن بۇيەردە خەلىقئارار سۇ ئۆزۈش بىرلەشمىسىگە قاراشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مەركىزىنىڭ تېرنىرى ناسىر ئۇستازغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەن. ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن. ئۇ ئوغلۇمنىڭ مەشىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت-زېھن كۈچ سەرەپ قىلدى، ئۇ ھەقىقىي ئەركەك ئىدى. ئۇ ئابدۇررەھمان ئۈچۈن مىننەتسىز مۇقابىلسىز نۇرغۇن ياردەملەرنى سۇندى. ئۇ نۆلدىن باشلانغان سەپىرىمىزدە بىز بىلەن بىرگە ئىدى، ئۇنى مەشىق قىلدۇرۇشتا دەسلەپكى باسقۇچلاردىن باشلاپ نۇرغۇن ھەسسىلەرنى قوشتى.ئاللاھۇ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالادىن قالسىلا ئۇستازنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقى ئىنتايىن كۆپ. ئۇ ئابدۇرەھماننىڭ بېشىدىلا سۇ ئۆزۈشنى مۇئەللىمسىز ترېنېرسىز مۇنتىزىم بولمىغان ئۆگىنىشتىن كىلىپ چىققان نوقسانلىرىنى توغرىلاش لاياقەتلىك سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ھەسسە قوشتى. ئۇنىڭغا سۇ ئۆزۈش تىزلىكىنى قانداق ئاشۇرۇش ھەمدە ھەرخىل شەكىلدىكى سۇ ئۆزۈش تۈرلىرىنى ئۆگەتتى. قانداقمۇ ئىنكار قىلاي، ئاللاھ ئۇندىن قالسا بۇ ترېنېر بولمىغىنىدا ئوغلۇم ھازىرقى بۇ سەۋىيەگە يىتەلمىگەن بولاتتى. ناسىر ئۇستاز مەشىق تەربىيلەش جەريانىدا نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ ئابدۇررەھماننىڭ تۈز يۆلىنىش بويچە سۇ ئۆزەلمەسلىكى بولۇپ بۇنىڭ ۋاقىت ئامىلىغا ئىنتايىن سەلبىي تەسىرى بولاتتى. ئۇ ئوڭ-سولغا ئەگرى بۈگرى ئۆزەتتى، بىراق قېرىندىشىمىز ناسىر ئۇستاز بۇ قىيىنچىلىقلاردىن تەجرىبىلىرى بىلەن غالىب كىلەلىدى. ئەڭ موھىمى ئۇ ئابدۇرەھمانغا بولغان سەمىمى مۇھەببەت كۆيۈمچانلىق كەڭ قورساقلىق چىدامچانلىقتەك ئىسىل پەزىلەتلىرى بىلەن ئوغلۇمنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالىدى.

سەپەر ۋاقتى توشقان ئىدى، كېچىك قەھرىمانىمىز ۋەتىنى ، ئانىسى، قېرىنداشلىرى بىلەن خوشلاشتى. ئۇنىڭ ھەممە ئۈمىدى جىسمانىي ئاجىزلىقى ۋە كىچىكلىكىنى باھانە قىلماستىن ئازراق بولسىمۇ ئۇلارغا بىر نەرسە سۇنۇش ئىدى.
ئۇلارنىڭ ھەممە ئۈمىدى ئۈزۈن يىللىق مەدىنىيتى بىلەن مەشھۇر تۆۋەن شەرىقتىكى بۈيۈك جوڭگۇ ئىلىدا سۆيۈمۈك دۆلىتىنڭ مۇقەددەس بايرىقىنى ئىگىز لەپىلدىتىش ئىدى.
دۆلەت تۇغىنى كۆكتە لەپىلدىتىش ئۈچۈن جانىمىز پىدا ھاياتىمىز تەسەددۇق ۋەتەن چەۋاندازلىرىدەك قەيسىرانە جەڭگىۋار روھ بىلەن جوڭگۇغا قاراپ ئايرۇپلانغا چىقتۇق ھەم نۇرغۇن پىلان-مەقسەتلەرنى كۆز ئالدىمىزغا قويۇپ ئۈلگۈردۇق، ئەڭ موھىم نىشانىمىز دۇنيا خەلىقلىرى ئارىسىدا ۋەتىنىنىڭ شەرىپى شانۇ-شەۋكىتىنى مۇقەددەس-دپ بىلىدىغان ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەرەب سەئۇدىيلىقنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى نامايەن قىلىش، ئاندىن مۇسابىقە ۋە رىقابەتچىلىرىمىزنىڭ قانچىلىك مۇرەككەب ھەم كۇچلۇك بولۇپ كىتىشتىن  قەتئىي نەزەر چوقۇم ئۆزىمىز رازى بولغۇدەك نەتىجىنى قولغا كەلتۇرىشىمىز كېرەك دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى.
ئايرۇپلان بىزنى ئىلىپ شاڭخەي ئايرۇدۇرۇمىغا قوندى، سەپەر ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ نەيچە كىرگۈزۈپ كىچىك تەرىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرغان بولۇپ يېرىم پالەچلىك تۇپەيلىدىن سۇيدۇك يولىدا نۇرغۇن مەسىللەر كۆرۈنۈپ قاتتىق ھارغىنلىق ۋە يىرىم بىھۇش ھالىتىگە كىلىپ قالغان قەھرىمانىمىز ئايروپلاندىن چۇشۇپلا جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا يۆتكەلدى، كىچىك تەرىتىنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئاددىيغىنە ئوپراتسىيە ئىلىپ بېرىلدى. دوختۇرخانىدىكى مەسئۇل دوىتۇرلار كوللىكتىۋىى ئۇنىڭ قاتناشماقچى بولغان مۇسابىقە تۈرىنى قىزغىنلىق بىلەن سورىشاتتى، ئۇلار ‹‹سۇ ئۈزۈش››-دېگەننى ئاڭلىغاندا يۆزلىرى قاتتىق ھەيرانلىققا چۆمۈپ بۇنداق ئىغىر مېيىپ ھالەتتە قانداق سۇ ئۈزەلەيدۇ-دەپ تاڭ قالغانلقىنى ئىپادىلەيتتى. ئۇلارنىڭ ئۇنى كەمسىتىپ ئەمەس بەلكى ھىسداشلىق قىلىپ شۇنداق دەۋاتقىننى ھىس قىلىپ تۇراتتىم،‹‹ يويو›› -دەپ سورىشاتتى --ئۇلار سەمىمىلىك قىزىقىش ۋە كۈلۈمسىرەش بىلەن--، مەنمۇ ‹‹يو يو››- دېگىنىمچە كۈلۈمسىرەپ قوياتتىم.

ئىنتىزام تەرتىپ كومىتىدىكىلەر سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەكىللىرىنى شاڭخەي لودىياڭدىكى بىر مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ مۇسابىقە ۋاقتىغا تۆت كۈن قالغان ئىدى، بىز ھېچ قانداق بىر ئەنسىرەشكە يول قويماسلق ئۈچۈن خاتىرجەمسىزلىك ھۇدۇقۇش ئەنسىزلىكنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشىكىنى مەھكەم ئىتىۋىتىشكە تىرىشتۇق. بىز چوقۇم غەلبە قىلىمىز-دەپ ئۆزىمىزنى خاتىرجەم قىلدۇق ھەم بىز شۇنچىلىك خاتىرجەم ئىدۇق، چۈنكى بىزنىڭ ئاللاغا بولغان ئىشەنچىمىز-ياخشى گۇمانىمىزنىڭ چىگراسى يوق ئىدى.
مۇسابىقە باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن كومىتېت ئابدۇررەھماننىڭ تۈرلەر بويچە سەۋىيە-ئىقتىدار سىناش ئىمتىھانىغا قاتنىشىىشنى قارار قىلدى. ئەمما ئۇلار ئابدۇررەھماننى كۆرگەندە بولسا قاتتىق ھەيرانلىقتىن چۆچۈپ كىتىشتى،بۇنداق مېيىپلىق بىلەن قانداق سۇ ئۈزەلەيدۇ-دەپ بىشىنى چايقىشاتتى، كۆزدىن كەچۈرۈش كومىتېتنىڭ رەئىسى كىلىپمۇ ئوخشاش سۇئال ئوخشاش ھەيرانلىقىنى تەكرارلىدى، سۇ ئۈزۈش؟!!! يەنى سۇ ئۈزۈدۇ؟!!! (جوڭگۇ ئاخبارات مېديا-سەھىپىلىرىدا ‹‹ئەرەب مۆجىزىسى سۇ ئۈزمەكچى›› دېگەن خەۋەرلەر ئېقىپ يۈردى)
ۋاقىت توشقان ئىدى، ئىمتىھاان ۋاقىتى يىقىنلاشقان ئىدى، ئابدۇررەھماننىڭ سۇ ئۈزۈش ئۈچۈن سۇ ئۈزۈش كۆلىگە چۈشۈش ۋاقتى توشقان ئىدى... مۇخبىر ئاخباراتچىلارنىڭلا ئەمەس ئۇنىڭ سۇ ئۈزگۈننى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئولىشىۋالغان تاماشىبىنلارنىڭ سانىنىڭ قانچىلىك كۆپ قىزغىنلىقىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.ھەممەيلەن ئۇنىڭ سۇ ئۈزگىنىنى كۆرۈشكە قىزىقىۋاتاتتى ئىنتىلىۋاتاتتى .
ئابدۇررەھمان بۇ تۈردىكى يېشى ئەڭ كىچىك مېيىپ بالا ھىسابلىناتتى، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنىڭ مېيىپلىقى بىرلا ئەمەس ئىدى. باشقلار پۇتلىرى بىلەن ئۆزلىرى ماڭسا ئوغلۇم ھەركەتلىك ئورۇندۇق بىلەن يۆتكىلەتتى. بۇنداق بولۇش ئىشلارنى سەل قېيىنلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى.
ئۇ تەييارلىق بۆلۈمچىسىدە ۋاقىتنى كۆتىۋاتاتتى، سەل جىددىيلەشكەن بولۇپ سۇ ئۇزۇش مەيدانىدىكى قىستاڭچىلىق ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى ئۇنى سەل جىددىيلەشتۇرۇپ قويغاندەك ئىدى.
ئۇ مەيدانغا چىققاندا قىقاس -سۆرەن چاۋاك سادالىرىدىن مەيداننىڭ تۈۋرۈكلىرى تىترەۋاتقاندەك تۇيىلاتتى. ئۇ ئەمدى تېخىمۇ جىددىلىشىپ قالدى، بىراق تىزلا دۇئا قىلىشقا قۇرئان ئوقۇشقا باشلىدى، مەن ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنى ئىلھاملاندۇراتتىم،ئۇنى غەلبىگە ئىنتلدۈرۈپ روھى قۇۋۋەت مەنىۋىي كۈچ بولىۋاتاتتىم، ئۇنىڭغا- سەن ئالتۇن مىدالغا ئەڭ لايىق، ئەڭ ھەقلىقسەن-دەييتتىم... ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھەركەتلەندۈرگۈچ لىفىت ئورنۇتۇپ بېرىلدى، بۇ مېيىپلىق دەرىجىسى زىيادە بولغانلارغا ئىشلىتىلدىغان لىفىت ئىدى، بۇ بۇنداق چىمپىيونلۇق مۇسابىقىلىرىدە بەكلا ئاز ئىشلىتىلەتتى،ئۇ بۇ قىتىملىق چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بۇ لىفىتنى ئىشلەتكەن بىردىنىبىر ئىشتىراكچى بولۇپ قالدى.

ئابدۇررەھماننىڭ بەدىنى سۇغا تىگە-تەگمەيلا چاۋاك، ئالقىش -ئىلھام سادالىرى ئەتراپغا كۆتۈرۈلدى، بىراق مىنىڭ يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇشى ئۇلارنىڭ چوقانلىرىنى بىسىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قاتتىق دۈپۈلدەۋاتاتتى.
ئاللاھىم بىلىدۇ! ئەگەر قەلبىمدە قىلىپ قالغان جاسارىتىم بولمىغىنىدا يىغلاپ تاشلايتتىم، بىراق نەپەسلىرىمنى كونترۇل قىلىپ بارچە كۇچۇمنى يېغىپ مەن ۋە قېرىنداشلىرىم ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇشقا غەيرەت بېرىشكە باشلىدۇق.
ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئەرەب ۋە باشقىلارنىڭ ئىلھامى غەيرەت بېرىشى ئاستىدا ئۈزۈۋاتاتتى...ھەممەيلەن سەئۇدى! سەئۇدى!-دەپ ۋارقىرايتتى كۇچىنىڭ بېرىچە...ئوغلۇم ئىلگىرلىگىنىچە سۇ ئۈزۈپ كىتىۋاتاتتى... ھەتتا مەيدان سېرتىدىكى نېمىش بولىۋاتقىنىنى بىلمىگەنلەر، بۇنچىلىك ئالقىشلىنىۋاتقان كىمدۇ؟ نېمە قىلىۋاتقاندۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھەممەيلەن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلىدۇ؟-دەپ يۈگۈرۈپ كىرىپ پەسكە قارىغىنىدا ئىختىيارسىز ئۇلارمۇ مەنىسىنى بىلمىسىمۇ سەئۇدىي! سەئۇدىي!-دەپ تەكرارلاپ ئۇنىڭغا باشقىلار بىلەن تەڭ ئىلھام بېرەتتى.

ھەممەيلەن شۇنچىلىك قىزغىن، ھەممە ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ، ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەۋاتىدۇ، مۇبارەكلەۋاتىدۇ، ھەممەيلەن بۇ كىچىك قەھرىمانغا بىرەر ئىش بولۇپ قىلىپ مۇسابىقىنى داۋام قىلالماي قىلىشتىن شۇنچىلىك ئەنسېرەۋاتىدۇ... ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!
لىكىن رەھمان ئاللاھ ئابدۇررەھمانغا ھەممىدىن ئۆتۈپ كېتىشنى، ھەممىنى يىڭىشنى، ۋەتىنىگە ئالتۇن مىدال ئىلىپ بېرىشنى تەقدىر قىلىپتۇ، ئاھ ئالتۇن مىدال!
ئابدۇررەھمان نىشانغا ئالتۇن مەملىكەتكە ئالتۇن مىدالنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ يېتىپ كەلدى. ئەمدى ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم يىغلاپ تاشلىدىم، قاتتىق خۇشاللىقتىن يىغلىدىم،چۈنكى ۋەتەن ئۈچۈن يەنە بىر ئىش قىلالىغان ئىدۇق... خۇشاللىقتىن يىغلىدىم، چۈنكى ئۆزىمىزنىڭ ئىشەنچىگە ئەرزىيدىغىنىمىزنى ئەمەلىيتىمىزدا ئىسپاتلاپ چىققان ئىدۇق.
ئابدۇررەھمان 25 مىتىر ۋە 50 مىتىرلىق سۇ ئۈزۈش تۈرى بويچە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشتى، سەككىز ياشتىن ئونبىر ياشقىچە بولغان دۇنيا چىمپىيۇنلىقىدا باش بولدى.
جوڭگۇ ئاخبارات -ئۇچۇر سەھىپىلىرىدە، جوڭگۇ تېلىۋىزىيەسى تۆتىنجى ۋە ئالتىنجى قانىلىدا، جوڭگۇ ۋە خەلىقئارالىق بەشدانە گېزىتتە، ۋە ئۈچدانە ئەرەپ ۋە قولتۇق گېزىتلىرىدە ئۇنىڭ خەۋەرلىرى كەڭ تارقالدى.
ئابدۇررەھمان سۇ ئۈزۈش ساھەسىگە يېڭى بىر دەۋىر ئىلىپ كەلگۈچى بولۇپ قالدى، ھەتتا ئۇلار ئوغلۇمنى ‹‹كىچىك ئەرەب قەھرىمانى-دەپ ئاتاشتى، ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ئۇنىڭ تەربىيلىگۈچىسىنىڭ تېرنىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دادىسى ئىكەنلكىنى بىلگەندە تېخىمۇ ھەيران قالدى. ئۇلارنىڭ بۇ كىچىك ئەرەب مۆجىزە بالىغا ئۇنىڭ ئاتىسى ۋە يېتەكچىلىرىگە بولغان قىزىقىشى ھۆرمىتى ھەسسىلەپ ئاشتى.

ئاخىرى كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يەتتۇق، ۋەتىنىمىزنى قايتا تونۇتتۇق، خەلىقئارالىق يېڭى بىر تۈر ياراتتۇق، ئالتۇن مىدالغا ئېرىشتۇق... ئۇنىڭدىنمۇ موھىمى، ئەرەب مەدەنىيتى ئەرەب ئاتىنىڭ مېيىپ بالىسى بىلەن بولغان مۇئامىلىسىنى پارلاق بىر سۈرەتتە نامايەن قىلدۇق!

ئۆزىمىزنى ئارام ئالدۇرۇپ جوڭگۇدىكى مەدەنىيەت شەھىرىدە مەدەنىيەت نامايەندىلىرىنى تاماششا قىلدۇق، سەيلە-ساياھەتلەردە بولدۇق، ئۇلار بىزگە قىزىقسنىپ قارىسا بىز ئۇلارغا قىزىقسىنىپ قارايتتۇق، ئۇ يەردە ئەستىن چىقماس كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈق، قەھرىمانلار باغچىسىدا كۆچەت تىكتۇق بايرىقىمىزنى ئېگىز لەپىلدەتتۇق! ئاندىن بەختىيار ھالدا ئۇۋىمىزغا قايتىپ كەلدۇق.
بارچە ھەمدۇ-سانالىرىمىز تىلەك-دۇئالىرىمىز ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاغا بولسۇن!


more pain more gain

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 07:14:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايىلمەن جۇمۇ سىزگە .بەك ياخشى يىزىپىسىز . ئاتىلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 07:23:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2012-11-9 07:14 PM
قايىلمەن جۇمۇ سىزگە .بەك ياخشى يىزىپىسىز . ئاتىلارنىڭ ئ ...


مەنبە:  بۇ مىسىر جەنوپ ۋادي ئونۋېرىستىتىنىڭ ئەدەبىيات باكلاۋۇرى ھەم تېرىنىر، يىتەكچى ئوقۇتقۇچى شەرىڧ موھەممەت ئال سەييىد نىڭ ماقالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ۋەقە  تارىخ پىرسۇناژلار  ھەممىسى چىن ۋە راس بولغان ئىشلار بولۇپ كىلەركى باپلىرى تېخىمۇ يۈرەك تارىڭىزنى چېكىدۇ.



ھا ھا قايىل بولغىنىڭىزغا مەن قايىل .............بۇنى كىمنىڭ يازغىنىنى ئەسكەرتىپ قويۇپ تۇ سادىغان كىتەي قىرىندىشىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19477
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 07:42:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىشلارمۇ بار جاھاندا

نىم دەپ يازسام بولا

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10410
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 09:02:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەبۇئەلى ئىبىن سىنا
                               (1037-980)
گېنىئال ئالىم ۋە مۇتەپپەككۇر ئەبۇئەلى ئىبىن سىنا مول بىلىم ئىگىسى بولۇشى بىلەن بىللە ئاجايىپ مەزمۇنلۇق ۋە ئىخچام شېئىرلار ئىجادچىسىدۇر.
ئۇ ئادەمنىڭ ئەقىل -ئىدىراك كۈچىگە ئىشىنەتتى. ئۇ ئىنساننى ئۇلۇغلىغان پىكىرلەرنى پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئىلمىي-پەلسەپىۋى كىتاپلىرىدىلا ئەمەس، قىتئە ۋە رۇبائىي شەكلىدە يېزىلغان شېئىرىي ئەسەرلىرىدىمۇ ناھايىتى قىسقا ۋە چوڭقۇر ئىپادىلەپ، ئۆزىدىن كېيىنكى ئەدەبىياتنىڭ تەقدىرىگە بىر قاتار ئىلغار تەسىر كۆرسەتكەن.
ئۇ تەبىئەت ۋە كىشىلىك پائالىيتىنىڭ دېگۈدەك ھەممە ساھەسىنى ئىگىلەپ ئېلىشقا قادىر 100دىن ئارتۇق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى. ‹‹ تىبابەت قانۇنلىرى›› ، ‹‹شىپا›› دېگەندەك كىتاپلىرى ئالەمگە مەشھۇر بولغان ئالىم بىلىمنىڭ چېگرىسى يوقلۇقىنى كۆرسۇتۇپ، تۆۋەندىكى رۇبائىنى يىزىپ قالدۇرغان.



بۇلارمۇ ئەسلەشكە تىگىشلىك

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87022
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-11-9
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 09:49:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ياخشى  يېزىپسىز   جۇمۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش