WordPress ئىشلىتىۋاتقان بىلوگىرلاغا مەلۇملۇق، بۇ بىلوگ سېستىمىسىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى خېلى تېز بۇلىۋاتىدۇ. لېكىن بەزى يېڭىلانغان نەشىردىكى ئىقتىدارلار مۇكەممەل بولماسلىق تۈپەيلىدىن ئارقىغا يېنىشنى بىلەلمەي يۈرىۋاتقانلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى « WordPress نى قولدا نەشىر يۇقىرلىشتىش ۋە نەشىرىنى تۆۋەنلىتىش » دەرسلىكنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
WordPress نىڭ نەشىرىنى تۆۋەنلىتىش1. ئالدى بىلەن تۆۋەنلەتمەكچى بولغان نەشىردىكى WordPress پىروگىراممىسىنى چۈشۈرىمىز.
WordPress نىڭ ئورگان نەشىرىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى : خەنزۇچە نۇسخسىى
WordPress نىڭ ئورگان نەشىرىنىڭ ئېنگىلىزچە نۇسخىسى : ئېنگىلىزچە نۇسخىسى
WordPress نىڭ ئورگان نەشىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى : ئۇيغۇرچە نۇسخىسى
2. مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئالماشتۇرىمىز.
1) كونا نۇسخىدىكى WordPress ھۆججىتىنى پىرىستىن يېشىپ، wp-content ناملىق ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرىۋىتىمىز. ئاندىن FTP قۇرالى ئارقىلىق بوشلۇقتىكى WordPress ھۆججىتى ئۈستىگە قاپلىۋىتىمىز.
2) تور كۆرگۈچكە http://你的网址/wp-admin/ بۇ ئادرىسىنى كىرگۈزسەك بىر ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىدۇ. ئەسكەرتىش بۇيىچە سانداننى يېڭىلىۋەتسەكلا بۇلىدۇ.
WordPress نىڭ نەشىرىنى يۇقىرلىتىشنەشىرنى يۇقىرلىتىش مەشغۇلاتى ئاددى بۇلۇپ، سىز پەقەت يېڭى نەشىردىكى WordPress ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ، پىرىستىن يەشكەندىن كېيىن FTP قۇرالى ئارقىلىق بوشلۇقتىكى WordPress ھۆججىتى ئۈستىگە قاپلىۋىتىمىز.
بىلمىگەن يەر بولسا ئېنكاس قالدۇرۇڭ!
تېما مەنبەسى: قەيسەر بىلوگى