ئۆزى گۈزەل قىزلارنىڭ قوللىرى
ھازىرقى تىز تەرەققى قىلۋاتقان دەۋرىمىزدە توردىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ھەممە ئائىيلەرگە سىڭىپ كىردى.ھەممىمىز دىگۈدەك مۇنبەرلەردە مىللەت،قىزلار توغۇرلۇق كۆپ تالاش-تارتىش قىلدۇق.ھەتتا ئۆزىمىزمۇ بىر ئۇيغۇر تۇرۇپ،ئۇيغۇر ئۇنداق مۇنداق دەپ ھارغۇچە تىللىدۇق.
بۈگۈن بۇ ماقالەمدە ئۇنداق ئىشلار توغۇرلۇق سۆزلىمەي.بۇنداق تىيمىدىن ھەممىمىز ئاللىقاچان زىرىكىپ كەتتۇق.بۇ ماقالىنى يېزىش مەخسىتىمگە كىلىپ يازمامنى قىسقا ھەم چۈشنۈشلۈك قىلىپ ئاخىرلاشتۇراي.ئائىيلىمىزدىكى قىزلاردا ئۆزمىزدە بولسا تۈزتۈپ تەربىيە بىرەيلى.چىرايلىق بۇلۇش گۇناھ، ئەمەس ئەمما ئاشۇرۋېتىش بىمەنىلىك.
تۈنۈگۈن ئىشقا ماڭغۇچە ئىدارىنىڭ ئاپتوبۇسىدا ئولتۇرغان ئىدىم.ئۇدۇلۇمدا ئىككى قىز يېنىمدا بىر قىز ئولتۇردى.مەن ماشىنىغا كىيىن چىققان بولغاچقا ئۇلار بىلەن چىراي تەبەسسۇمى ئارقىلىق ئاددىيلا ئەھۋاللىشىپ ئولتۇردۇم.قىزلارنىڭ قۇلىدا تېلفۇن بىر قۇلقىدا ئاڭلىغۇچ بۇلۇپ،ئۈچىلا قىزنىڭ دىققىتى تېلفۇنغا مەركەزلىشىپ قالغان ئىدى.مەن ماشىنا ئەينىكدىن سىرىتقا قاراپ قاردىن كىيىنكى مەنزىرنى كۆرۈپ ئولتۇردۇم.
كىچىچە ياققان قېلىن قار ،دەرەخلەرنىڭ شېخىنى ساڭگىلتىۋەتكەن بۇلۇپ، تەبىئەت بۇ تۇنجى قاردا ئاق لىباستىن كۆينەك كىيىپ زىمىن ئاق رەڭگە كىردى. ماشىنىلار يول تالاشقانمۇ قانداق تۇيۇقسىز ماشىنا قاتتىق تۇرمۇزلىنىپ سىلكىنىپ توختىدى.قىزلارمۇ بۇ سىلكىنىشتىن چۈچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى.مىنىڭ دىققىتىممۇ ماشىنىنىڭ سىلكىنىشى بىلەن ،بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان قىزلارغا مەركەزلەشتى.
بۇ قىزلارنىڭ بىرىنىڭ قاش ،كۆزلىرى تۆكۈلۈپ تۇردىغان چىرايلىق،يەنە بىرسى شۇنداق ئۇماق ،يەنە بىرسىنىڭ چىرايى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ئادەمگە بىرخىل مېھرى ئىسسىق كۆرنىدىغان بۇلۇپ،بۇلارغا قاراپ ئۆزۈم بىر قىز بولساممۇ ئىچىمدە شۇنداق مەسلىكىم كەلدى.
بۇ قىززىقىشقىم تۈپەيلى قىزلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە كىينىشىگە تېخىمۇ دىققەت قىلدىم. ئىككى قىزنىڭ كىينىشى شۇ ياشلارغا خاس پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن تەنتەربىيە چاپىنى ئايىغى ئىدى.يېنىمدا ئولتۇرغان قىزنىڭ بولسا يېشىغا ماسلاشقان قارا رەڭلىك چاپان بىلەن قارا رەڭلىك ئىشتان ئىدى.
ئىچىمدە <<بۇلارنىڭ كىينىشىمۇ چىرايىغا شۇنداق ماسلىشىپتۇ>>دەپ خۇشال بۇلۇپ تۇرسام. قىزلارنىڭ قۇلىنىڭ تىرنىقى دىققىتىمنى تارتتى.بىر-بىرسىگە ئوخشىمىغان رەڭدە خەنلەردەك تىرناقلىرنى بۇيۋېلىشى كۆزۈمگە ھەقىقەتەن سىغمىدى.ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان ئىككىسى ئاق-قارا رەڭدە بۇيۋاپتۇ.يېنىمدا ئولتۇرغىنى كۆك رەڭدە بۇيۋاپتۇ.ئاستا ياقامنى چىشلەپ <<تۆۋۋا>>دېدىم.بۇرۇنمۇ ئوغلۇمنىڭ ساۋاقدىشنىڭ ئاپىسنىڭ تىرنىقىنى بۇيۋالغىننى كۆرۈپ سۆزلەپ كەتكەنتىم.
- زۇلپىپە سىز ئۆيدە تاماق ئەتمەمسىز...؟
-تاماق ئىتىمەن.
-ئەمىسە مۇشۇ قوللىرڭىز بىلەن قانداق خىرمىر يۇغۇرۇپ تاماق ئىتىسىز...؟سىز ئىككى بالىغا ئانا بۇپ قالغان ئايال،تىرناقنى بۇنداق ئالا-يېشىل بۇيغان ھالەتتە تارەت ئالسىڭىزمۇ تىرنىقىڭىزدىن ئۆتمەيدۇ.دېسەم.زۇلپىيە تۇرۇپ كىتىپ:
-مەن ئۆيدە خېمىر يۇغۇرمايمەن كۈندە بازاردىن تەييار خېمىر ئەكىرىپ تاماق ئىتىمەن.تارەت ئالغاندا تىرنىقىمدىكى بۇياقنى چىقىرۋېتىمەن -دېدى.
زۇلپىيەنىڭ سۆزلىرنى ئاڭلاپ يەنە گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوقكەن دەپ قالدىم.
مانا بۈگۈنمۇ بۇ ئۈچ قىزنىڭ تىرنىقىدىكى بۇياقلار يەنە زۇلپىيەنىڭ شۇ ھالىتىنى ئەسلەتتى.بۇ قىزلارغۇ توي قىلمىغان ئەركە قىزلار.ئۆيدە تەييارنى يەپ ئۆي ئىشى قىلمايدۇ.ئەمما ئايال ھەم ئانا بۇپ قالغان تۇرۇقلۇقمۇ تىرنىقىنى بۇياپ يۈرگەن خانىم -قىزلارغا نىمە دىگۈلۈك،سۆزلەپ قويسا تېخى بولدى بۈۋۈم سۆزلىمىسلە دېگەن.ئەجىبا ئانا بولغان كىشى تىرنىقنى بۇياپ يۈرسە قىزى ئۈگەنمەي قالامدۇ؟
بىز ئانا ھەم ئايال، يۈرۈش-تۇرۇش ،كىينىشىمىز ئارقىلىق باللىرمىزغا ئۆلگە بۇلشىمىز،قىزلىرمىزغا ياخشى بىلەن ياماننى تۇنتىشىمىز كىرەك.بۇ بىر ئاددى مىسال خالاس.
قىزلارمۇ ئۆزىنىڭ شۇ ئاللاھ، بەرگەن گۈزەللىكىگە قانائەت قىلىپ ،مىللەت ھەم دىنقا يات بولغان گۈزەللىك قوغلىشىشلىردىن يىراق تۇرسا.بۇنداق تىرناقلىرنى بۇياپ يۈرۈش پەقەت جىن -شاياتۇنلارنىڭ ئىشى.ئەدەپ-ئەخلاقلىق بۇلۇپ ئۆزىمىزگە خاس گۈزەللىكتىن بەھرىلەنسەك،ئاتا-ئانا قان-قېرىنداش، دوسلىرمىز بىزدىن سۈيۈنسە ياخشى ئەمەسمۇ؟
قىزلار كەلگۈسىنىڭ ئانىسى،قىزلىرمىزنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق ،ھايا-پەدىشەپلىك،ئىسلام دىننى چۈشنىدىغان،نىمىنىڭ ياخشى نېمىنىڭ يامان بۇلدىغانلىقىنى بىلدىغان قىلىپ تەربىيلىشىمىز لازىم.
مەنبە ئويلىرىم