|
|
|
|
ئالما شىركىتى '' ياي بۇلۇڭلۇق تىك تۆت تەرەپلىك '' سىرتقى كۆرۈنۈش لاھىيىسىنىڭ '' پاتنىت ھوقۇقى '' غا ئېرىشتى ، بۇندى كېيىن ھەرقانداق بۇ خىل لاھىيىنى ئىشلىتىپ ياسالغان ئۈسكىنە ئالمىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرايدۇ .
شىنلاڭ تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئامرىكا تاۋار-ماركا ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالما شىركىتىگە نۇمۇرى D670,286 بولغان پاتنىت ھوقۇقىنى بەرگەن، بۇ پاتنىت ھوقۇقى ياي بۇلۇڭلۇق تىك تۆت تەرەپلىك سىرتقى كۆرۈنۈش لاھىيىسى ئىكەن .
ناھايىتى ئېنىقكى ئالما شىركىتى بۇ پاتنىتقا تايىنىپ سەنشىڭ Galaxy S 3 قاتارلىق سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتقان رىقابەتچىلىرنىڭ يۇلىنى تۇسۇپ قويماقچى . لېكىن باشقا تېلىفۇن ئىشلەپ چىقارغۇچى شىركەتلەر بۇنداق بىمەنىلەرچە قىلمىشقا قاراپ تۇرامۇ ؟؟
مەنبە : http://tech.sina.com.cn/it/2012-11-08/13507781489.shtml
مېنىڭ شەخسى قارىشىم :
ئەجىبا'' ياي بۇلۇڭلۇق تىك تۆت تەرەپلىك '' نىمۇ پاتنىت دىيىشكە بۇلامدۇ ؟؟ باشقا تېلىفۇن شىركەتلىرى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ، يۇمىلاق شەكىللىك ، پاراللېل تۆت تەرەپلىك ، سېلىندىر شەكىللىك ، كۇۋادىرا شەكىللىك قىلىپ تېلىفۇن ياسىشى كېرەكمۇ؟؟
بەزى نەرسىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس مۇقىم قۇرۇلمىسى ۋە شەكىلى بولىدۇ . تېلىفۇن بولغانكەن ئۇنىڭ شەكىلى چۇقۇم ئاساسى جەھەتتىن جىق پەرىقلەنمەيدۇ .
ئەينى ۋاقىتتا موتورولا شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى سىزىمچان ئېكرانىلق تېلىفۇننى ياساپ چىققاندىمۇ ھەرگىز پاتنىت تەلەپ قىلىپ باشقا شىركەتلەرنىڭ يۇلىنى تۇسىۋالغان ئەمەس .
ئالما شىركىتى پاتنىت ھۇقۇقىغا شۇنداق ئامراق بولسا '' ئېكرانى بار تېلىفۇن '' دېگەن پاتنىتىنى ئېلىۋېلىپ باشقا شىركەتلەرنى ئېكرانى يوق تېلىفۇن ئىشلەشكە قىستىسۇن !!!!!!!!
|
|
|
|
|
|