ئاجرىشىش ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز ؟
تۇرمۇش قۇرۇش ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئائىلە تەشكىل قىلىپ، بىرلىكتە ياشاش، بىرلىكتە بالا ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆزئارا قۇرغان ئەھدۇ – ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، تالاق ۋە ئاجرىشىش ئۇشبۇ ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ئائىلە تەشكىل قىلىپ بىر جان – بىر تەن بولۇپ بىرلىكتە ياشاش ئۈچۈن بىرىنچى شەرت – ئائىلە قۇرۇۋاتقانلار ئارىسىدا بىرلىكنىڭ بولۇشىدۇر. چۈنكى تۇرمۇش قۇرۇش بىر – ئىككى كۈنلۈك سەپەر ئەمەس. بەلكى ئۆمۈر بويى بىر – بىرىگە يولداش بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. تەبىئىتىدە بىرلىك بولمىسا بىرگە ياشاش مۇمكىن ئەمەس. ئۆمۈر بويى بىر – بىرىگە گىنە – ھەسەت قىلىپ ياشاش ۋە بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ئىنسان بالىسىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەردە ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىدا بىرلىك بولمىسا، ئۇنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەر قانچە ھەرىكەت قىلسىمۇ ئۈمىد كۆرۈلمىسە، بىر – بىرىدىن ئاجراشماقلىرى ھەققىدە شەرىئەت تەرىپىدىن رۇخسەت بېرىلىدۇ. بىر – بىرىگە زىت بولغانلىقلىرىدىن كۈچلۈك ئازاپ ئىچىدە ياشىغاندىن كۆرە، شەرىئەت يولى بىلەن ئاجراشماق ۋە ھەر بىرى ئۆز بەختلىرىنى سىناپ كۆرمەكنىڭ مۇناسىپ ئىكەنلىكىگە شۈبھە يوقتۇر. تالاق ۋە ئاجرىشىش ئىنسانلار ئارىسىدىكى تەبئىي بىر ئىش بولۇپ، ھەر قانداق قوۋم، ھەر قانداق مىللەتتە مەۋجۇتتۇر.
بەزى ھاللاردا ئەر بىلەن ئايالدىن بىرى بۇزۇق يولغا كىرىپ بەتناملىق يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن ئادەملەر نەپرەتلىنىشكە باشلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن نەسلى – نەسەبى مەسخىرىدە قالىدۇ. بۇنداق بالالار يۈز بەرگەندە ئاجرىشىش يولى بىلەن ئىككىنچى تەرەپ ئۆزىنىڭ شاراپىتىنى ساقلايدۇ ۋە تالاقىن پايدىلىنىدۇ. لېكىن ئىسلام شەرىئىتى تالاققا رۇخسەت بەرسىمۇ، پەقەت زۆرۈرىيەتنى چىقىش قىلىپ بېرىدۇ. ئەمما، ئەدەپ – ئەخلاق جەھەتتىن قارىغاندا تالاق ئاللاغىمۇ خۇش كەلمەيدىغان بىر ئىشتۇر. چۈنكى تالاق بولغان ئايال ئەگەر بارىدىغان جايى، ئىنسابلىق بىرەر قېرىندىشى بولمىسا كوچا – كويدا قالىدۇ ياكى ھەر تۈرلۈك ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ قالىدۇ، ئاخىر بېرىپ مەئىشەتخانىدا كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇ ياخشى ئەمەس. شۇڭا، تالاق سەۋەبىدىن تىلەمچىلەر كۆپىيىپ، پاھىشىلەر ئاۋۇيدۇ. بۇلارنىڭ ھەر بىرى مىللىتىمىز ئۈچۈن زەھەرلىك مىكروبلار ئىكەنلىكى مەلۇم. تالاق بولغان ئايالدىن بالا تۇغۇلسا، ئىش يەنىمۇ مۆشكۈللىشىدۇ. چۈكى ئاجراشقان ئايالنىڭ بالىلىرى ئاتا – ئانىلىرى سالامەت بولغان ھالدىمۇ يېتىم بولۇپ ئۆمۈر كەچۈرىدۇ. كۆپ ھاللاردا ۋاپات بولغان ئايالدىن قالغان بالىلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلگەن ئانا مېھرىبانلىق بىلەن تەربىيە قىلسىمۇ، ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالنىڭ بالىلىرىغا دۆشمەنلىك قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇنداق بالىلار ھېچكىمدىن تەربىيە ئالماي، پەزىلەت ئۈگەنمەي، ئەخلاقسىز بولۇپ يېتىلىدۇ. بۇلار تالاقنىڭ زەرەرلىرىدۇر.
بەزىلەر ئاياللار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە شەرىئەت ھۆكمىگە كۆرە ئەرلەرنىڭ مەسئول بولمىغانلىقىنى، ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالىنى سۆيۈش ياكى دۈشمەن كۆرۈشتە، قىيناش ياكى ئاجرىشىشتا ئىختىيارلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلىشىدۇ. بۇلارغا نىسبەتەن ئايال ئەرنىڭ قولىدا مىسالى بىر جانسىز تاياق ئورنىدا بولارمىش. بۇنداق قاراش بىزنىڭ خەلقىمىز، ئاۋاملىرىمىز ئارىسىدا مەشھۇردۇر. لېكىن بۇ بۇزۇق ئېتىقادتۇر. بۇنداق بۇزۇق پىكىرلەر ۋە قۇرۇق سۆزلەرنىڭ تارقىلىشى خەلقنىڭ ئارىسىدا ئۆرپ – ئادەت، قائىدە، ئەھكاملارنى ئېنىق يەتكۈزگۈچىلەر، ئۇلارنىڭ زېھنىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئەخلاقلىرىنى ئىسلاھ قىلغۇچىلارنىڭ ئازلىقىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئائىلە ئەھۋالى ئېغىر ھالدا بۇزۇقتۇر.
بىر خوتۇننى ياخشى تەربىيلەپ ئاسراشقا كۈچى يەتمىگەن ئەھۋالدا، ئىككىنچى، ھەتتا ئۈچىنچى خوتۇن ئالغۇچى، پەرىشتە كەبى ئايال بولۇپ تۇرۇپ، پاھىشىلەر ئارىسىدا ئۆمۈر ئۆتكۈزگۈچى، كىچىك بالىسىنى ھارۋا بىلەن تارتىپ يۈرۈپ ئورما ئورۇغۇچى ئايالنى قىزىل قانغا پاتتۇرۇپ قىينىغۇچى، كەشىنىڭ بوغقۇچىنى يېشەلمىگىنىگە قىزىرىشىپ بالىلىرىنى ئانىسىدىن ئايرىۋەتكۈچى، پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان قېرىلارغا ياش قىزلارنى نىكاھلاپ بەرگۈچى، مىراس بۆلۈش ئۈچۈن تۇغقانلىرى بىلەن ئۆمۈرۋايەت دۈشمەن بولغۇچى كىشىلەر بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېسابسىزدۇر.
پۈتۈن قىشلاق، شەھەرلەردە يېتىم بالىلار، پەقىر تىلەمچىلەرنىڭ تولىلىقى ئائىلىلىرىمىزنىڭ بۇزۇقلۇقىدىندۇر.
ئىسلام شەرىئىتى قۇللارنى ئەپۇ قىلماق، مۆمىنلەر بىلەن قېرىنداش بولماق، ئومۇمەن ئادەم بالىلىرى بىلەن گۈزەل مۇئامىلى قىلماق، ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ رەھىمدىل بولماقنى بۇيرۇيدۇ. ئەمما، بىزدە ساپ كۆڭۈل، مەرھەمەتلىك ئاياللار ھەققىدە يىرتقۇچلارغا قىلىنمىغان مەرھەمەتسىزلىكلەر قىلىنماقتا. « ئايالىمنى ياخشى كۆرمەيمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تالاق قىلىمەن » دېگۈچىگە ھەزرىتى ئۆمەر « ئايالىڭنى سۆيمىسەڭ نىكاھقا ۋاپا، رىئايە قىلىش يوقمۇ؟ يوق بولسا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچى مۇھەببەت بىلەن تولغانمۇ؟ » دەپ تەنبىھ بەرگەنىدى.
ئاياللارغا ۋاپا قىلماق، ئۇلارغا شەپقەتلىك، مەرھەمەتلىك بولماق ھەققىدە ناھايتى كۆپ ھەدىسلەر بار…
مەنبە :
http://www.turmux.net/?p=2772