مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1160|ئىنكاس: 3

ئاياللار ۋە بوسوغا (ئابدۇقادىر جالالىدىن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86951
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2014-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 10:18:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىجارەت ، مائارىپ ، مەدەنىيەت ئىشلىرى مەھەللە ، رايون ۋە دۆلەت چېگرىلىرىدىن ھالقىپ دۇنياۋى مىقيادا گىرەلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە ،   بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيانىڭ داڭلىق مائارىپ ، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا باشلىدى . ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى چەتئەللەرنىڭ تۇرمۇشىنى قەلەمگە ئېلىپ ، ئانا ۋەتىنىدىكى يېڭىلىققا تەشنا خەلقنى تۈلۈك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى . تەسەۋۋۇر ۋە ئىنتىلىشلەر ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىلغان يات ئىقلىملار بارغانسېرى رېئال تۈس ئېلىشقا باشلىدى .
  بۈگۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيانى چۈشىنىش ، تەتقىق قىلىش ۋە قۇرۇپ چىقىشقا ئۆزلىرىنىڭمۇ نىسىۋېسى بارلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى . بۇنداقلار كۆپەيگەندە ، ئۆزىنىڭ ئانا خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى ھەقىقىي تونۇپ ، خەلقنىڭ قەدىر - قىممىتى ئۈچۈن كۆيۈپ يانىدىغان ئەقىدىلىك ياشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ  ، ئەلۋەتتە .
  شۇنداق ، يەر شارىدا بىزمۇ بار ، شۇنداق ئىكەن ، قەدىر - قىممەت ، شان - شەرەپ مۇنبەرلىرىدە بىزمۇ بولىشىمىز كېرەك . بىر قىسىم  ئەقىدىلىك ياشلارنىڭ دۇنيانى كۆرۈپ يازغان ساياھەتنامىلىرىدە مۇشۇنداق ئىستەك بار .
  بىزنى يېڭى بىر كىملىكنىڭ بايقىلىشى كۈتۈپ تۇرىدۇ . بىز ئۇنى تاپقاندا ، ھەقىقىي ئۆزىمىزگە ئايلىنالايمىز . ساياھەتنامىلەردىن قىز - ئاياللار يازغان بەزى ساياھەتنامىلەر كىشىلەرنى جەلپ قىلدى . ئاياللار ئايرىم تەرەپلەردە ئىنچىكە ھەم سەزگۈر كېلىدۇ ، شۇنداقلا خېلىلا رومانتىك كېلىدۇ . ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن سۇغىرىلغان يۇمران خاتىرىلەر قېلىپلىشىپ كەتكەن قاھشال ، بىمەززە گەپلەردىن تويۇپ كەتكەن قەلبلەرنى سۆيۈندۈرمەي قالامدۇ ؟ ئايال ئوقۇرمەنلەر بۇنداق ئەسەرلەرگە خېلىلا ھېرىسمەن كېلىدۇ .
  تېز سۈرئەتتە شەھەرلىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقىي قاراشلىرىنى شىددەت بىلەن ئۆزگەرتىۋاتىدۇ ، بازار ئىگىلىكى ئەمەلىي مەنپەئەتتىن باشقىنى نەزەرگە ئالمايدىغان قىلىۋەتتى . ئەنئەنىۋى ئىگىلىك شەكىللىرى خىرىسقا ئۇچراپ ، ئىگىلىك ئەھلىنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىدىكى نورمال تەرتىپنى بىتچىت قىلىۋەتتى . ئەرلەر ئىش ئىزدەپ ياقا - يۇرتلارغا چىقىپ كەتتى ، ئۆيدە ئولتۇرۇشقا تاقىتى قالمىغان ئاياللارمۇ سودا قىلىش ئۈچۈن بوسۇغىدىن چىقىشتى . ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئائىلە ھاياتىنىڭ بىرلىكىمۇ بىتچىت بولۇپ ، ئەر  ، ئايالنى باقىدىغان ، ئائىلە پەرزەنتلەرنى باقىدىغان قۇرۇلما لىڭشىپ قالدى . ئەرلەرنىڭ سۆلىتىمۇ بۇرۇنقىدەك ھەيۋەتلىك بولماي قالدى .  ئۇلارنىڭ نوپۇزى ساقال - بۇرۇتىنى پەش قىلاي دىسە ، ئۇنىڭمۇ تايىنى قالمىدى . چۈنكى ساقال بىلەن بۇرۇت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ بىلەن بىرلەشمىسە ، ئۇ پەقەت تۈكتىنلا ئىبارەت .
  ئاياللارنىڭ بوسۇغىدىن چىقىپ كېتىشى بىزگە نۇرغۇن ئاقىۋەتنى ئېلىپ كەلدى ، بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى باشقىلارنىڭ قولىغا قالدى . تەلىم - تەربىيە ئىشىنى بىر خىل ئەقىدە ئىشى دەپ قارىماي زىيادە تاۋارلاشتۇرىۋەتتۇق . مائارىپنى پەقەت ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئىشى دەپلا قالدۇق . بالىلىرىمىزمۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ مېھىر سۈيىگە تۈزۈك قانمايدىغان بولۇپ قالدى . ئۇلار خۇددى ئانىسىنى بىلماي چۇكۇلداپ يۈرۈشكەن توك چۈجىسىگە ئوخشاپ قالدى . ئائىلە تەربىيىسى دىگەنلەرنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ، ئانىلار خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە قالدى .
  " ئەرلەر ئۆينىڭ تۈۋرىكى !"  مېنىڭچە بۇ گەپ ناھايىتى توغرا ، ئەمما بۇ گەپنىڭ سەلتەنىتىگە دەز كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ يۈرىكىگىمۇ دەز كەتتى . چۈنكى ئاياللار مەزمۇت ئەرلەردىن مۇستەسنا ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىقىنى يوقىتىپ سەرسان بولۇپ كېتىدۇ ، ئۇلار قەيسەر ئەرلەنىڭ سايىسىدە ياشايدىغان سۇمبۇللار .
  بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بوسۇغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەت بىلەن بوسۇغىنىڭ تېشىدىكى قىممەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرمىسە يەرگە كەلدى . ئوقىغان ئاياللىرىمىزنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ، ئائىلە ئىنتايىن مۇھىم ، ئايالغا خاس تەكەممۇللۇقنىڭ كاپالىتى ئائىلىدە . ئۇلار بۇنى نەچچە يىللىق مۇساپىرلىقنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرىدا تونۇپ يەتكەن . بىراق بۇنداق سادالار تازا ئومۇملىشىپ كېتەلمىدى . سەۋەبى ، بىز ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلمىگەن خەلق ، ئۈزۈل - كېسىل چۈشكۈنلەشكەن خەلق .
  ئوقىۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى خوشال قىلىدۇ ، بىراق ئانىلىققا سەل قارىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ  . بىزدە ئانىلىقنىڭ ئىللىق ھەم تاتلىق مەۋسۈمىدىن خەۋەرسىز ھالدا سۇلۇپ كەتكەن گۈزەل  قىزلار ئاز ئەمەس . ئۇلارنىڭ لاتاپىتى چارچىغان يىگىتلەرنىڭ تەسەللىسىگە ئايلانسا ، ساغلام بالىلارنىڭ خۇش ھاۋالىق باغچىسىغا ئايلانسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى - ھە !
  تەدبىردىن خالى ھالدىكى ئارزۇ پەقەتلا بىر خىل ئاجىزلىق .
  ئەي گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى ، ئوقۇڭلار ، بىپايان جاھاننى چۈشىنىڭلار ، لېكىن ئۆزۈڭلارنڭ ئانا بولىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار !
  بۇرۇن بىر باتۇر يىگىت ئۆزىنڭ شىرمەتلىكى بىلەن بىر شەھەرنى قوغداپ قاپتۇ . ئۇ جەڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پادىشاھ ئۇنىڭغا : " مۇنداق ئۈچ نەرسىدىن بىرنى تاللىساڭ ، تەڭرى ئۇنى ساڭا ئىنئام قىلغۇسى : ئۇلار ئەقىل ، گۈزەللىك ، شەرم - ھايالاردۇر " دەپتۇ . باتۇر يىگىت ئازراق ئويلانغاندىن كېيىن : " ماڭا ئايال كېرەك "  دەپتۇ . پادىشاھ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ . يىگىت :" ماڭا سىلى ئېيتقان ئۈچ نەرسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ئايال كېرەك " دەپ سۆزىنى تولۇقلاپتۇ . پادىشاھ قايىل بوپتۇ .
  باتۇرلۇق ھەرگىزمۇ قارام كۈچ ئەمەس . بەلكى ئەقىل - پاراسەت بىلەن كۈچنىڭ بىرلىگى . ئەقىل ، گۈزەللىك ۋە شەرم - ھايانى ئۆزىگە جەم قىلغان ئايالنىڭ پۇشتىدىن يەنىلا باتۇر تۇغۇلىدۇ . ئۇ مەيلى قىز ياكى ئوغۇل تۈغسۇن ، بۇنداق ئانلاردىن قەيسەر ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ . بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇكەممەل ئاياللىق دۇنياسىغا كىممۇ سەل قارىيالىسۇن . ئاياللارنىڭ قۇرىتى دەل ئەنە شۇ يەردە .

ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ " يۈزىمىز ، ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز " تېمىسىدىكى كىتاۋىدىن ئېلىندى .
ئەسكەرتىش : " باغداش مۇنبىرى " دىن كۆچۈرۈلدى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
adil2052103 + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6667
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1935 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 11:40:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق نۇرغۇن ئانىلار قانائەتسىزلىك بىلەن بۇسۇغا ئاتلاپ سىرتلارغا چىقىپ نىمىگە ئىرىشتى؟ئىرىشكىنى كۆپمۇ يوقاتقىنىمۇ؟ئۇلار بەلكىم نۇرغۇن بايلىققا ئىرىشتى ،لىكلىن ئاياللىق قىممىتىنى يوقاتتى،نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدى لىكىن ئائىلە مىھرى،ئانىلىق بۇرچىدىن مەھرۇم قالدى........

كىيىشىمىز ئەرەپچە،ئوينىشىمىز غەرىپچە،يىيىشىمىز...چە،بىز ئۇيغۇرما،گۈمان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80027
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3237
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 02:26:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستىدىكى قىزچاق،سىز قانچىنچى يىللىققا ئوقۇيسىز ؟ئەگەر يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بولسىڭىز ،سىزگە ئېچىنىمەن،ئەگەر  باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ياكى ئۆتكۈزۈپ بولغان بولسىڭىز تېخىمۇ ئىچىنىمەن .
مەن بۇ ماقالىنى خېلى يىللار بۇرۇن ئوقۇغانغۇ دەيمەن  ،بەلكىم يىزىلغىنىغى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بولغاندۇ.ئۇيغۇرلارغا ھازىرقى زامان مائارىپى ئومۇملاشقىلى بەك ئۇزۇن بولمىدى ،شۇڭا دەسلەپكى ۋاقتلاردا بوسۇغىدىن سرتقا چىقىپ ،تار مۇھىتتىن قۇتۇلغان ئاياللاردا شۇنداق خاھىش كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن بۇ ئۇيغۇرلاردىلا ھەممە مىللەتتە كۆرۈلگەن ئەھۋال .لېكىن سىلەرگە ئىيتىپ قويايكى ،ئانىلىق ئۇ ئايالللاردىكى تەبىئي ئىقتىدار ئۇ ھەرگىز سۇسلىشىپ قالمايدۇ ،بۇ نۇقتىنى ئىسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار .
ھازىرقى شارائىتتا بۇنداق ماقالىلىلەر بەزىبىر كىشىلەرگە قىزلارنى ئوقۇتماسلىقنىڭ قازىنىنى ئېسىپ بېرىدۇ .ھازىر ئافغانىستان  ئاياللىرىنىڭ ئېچىنشىلىق تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن بىر كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن ،شۇڭا مەن ھازىر بىزنى شۇ بىچارە ئافغانىستانلىق ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا ئاپىرىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەرقانداق نەرسىگە مەن قارشى .
ئەمدى بۇنداق ماقالىلارنى يوللىماڭلار ،ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى رىئاللىقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ھەم ياخشى تەسىر ئېلىپ كەلمەيدۇ.  مائارىپ ئومۇملىشىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئەرلەردىنمۇ يۇقىرى بولغاچقا ،ئاياللار بىلىملىك بولسا نۇرغۇن ئەرلەر ئۆزىنىڭ فىئودال مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنى تەسرگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ قالغاندۇ.ئۇنچىۋالامۇ قىلىپ كەتمەڭلار ،ھەم ئالدىراپ ئاياللارنىڭ ئانىلىقى يوقالدى دېگەن گەپنى ئېغىزغا ئالماڭلار ئەرلەر  يىگىتلىكى يوقكەن دېگەن گەپنى قانچە ئېغىر ئالسا بۇمۇ ئاياللار ئۈچۈن شۇنچە ئېغىر گەپ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Aybike0998 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81966
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3469
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 05:43:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەي گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى ، ئوقۇڭلار ، بىپايان جاھاننى چۈشىنىڭلار ، لېكىن ئۆزۈڭلارنڭ ئانا بولىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار !
بۇ قاراشقا قوشۇلىمەن، چۈنكى قىزلار، ئاياللار ئوقۇشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس بەلكى كەلگۈسىدە بىر ئانا بولۇش، ئەرلەرگە ھەمدەمدە بولىدىغان ئايال بولۇش ئۈچۈن ئوقۇشىمىز كېرەك. دېمىسىمۇ نۇرغۇن ئاياللىرىمىز ئوقۇدى، ئوقۇۋاتىدۇ ئۇلارنىڭ ئىدىيسى ئۆزگەردى، يەنى قانداقتۇر بىر ئەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۆزگەردى. بىز ھەرگىز بىر ئەرنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھەقىقى ئايال، ھەقىقى ئانا بولۇش ئۈچۈن ئوقۇشىمىز كېرەك. سىز مەيلى قەيەردە ئوقۇڭ كەلگۈسىدە يەنىلا ئانا بولىسىز، بۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى.ئەگەر سىز شۇنداق ئوقۇغاننى پەش قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن دېگەن قاراشتا بولسىڭىز سىزدىن ئوقۇمىغان قىزلىرىمىز ئەۋزەلدۇر. مەيلى قىز ياكى ئايال بولايلى ئۆزىمىزنىڭ بۇرچىنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى،چۈنكى سىز بىلەن بىز يەنىلا قىز ھەم ئايال. بۇ ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش